A-A+

(1) قاشگەرلەرگە تەكلىپ

2015-يىل 11-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 170 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قاشگەر قېرىنداشلار:

قاش -تاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا مەلۇم بولغۇنىدەك يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە قاش سودىسى بۇرۇنقى يىللادىكىدەك ياخشى بولمايۋاتىدۇ.قاش سودىسى ياخشى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە سودىدا ھەدىسىلا ئالدامچىلارغا قۇيۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆپۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ ئىچكىرىنىڭ جېجىياڭ،جىياڭسۇ،بېيجىڭ،شاڭخەي...قاتارلىق شەھەرلەردە بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر.ئىچكىرە تاشچىلىق قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدامچىلارغا قۇيۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1.ئىچكىرى-ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان،سودا پائالىيەتلىرى مۇرەككەپ.(دىيارىمىزنىڭ سودا ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ).ئاساسەن نىسى سودا يوق.سودا ساپاسى ياخشى،مۇنەۋەر تىجارەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللىسىمۇ ،پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ،ئېتقاتسىز ئالدامچى تىجارەتچىلەرمۇ بار.شۇڭا ئىچكىرىدىكى قاش سودىسىدا ھۇشيارلىقنى،سالماقلىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىڭ.ئالدىراقسانلىقتىن،قاراملىقتىن ساقلىنىڭ.ھەر قانداق بىر رايۇنغا بارغاندا شۇ رايۇننىڭ قاش بازىرى ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىڭ.دىيارىمىزدىن چىقىپ قاش دۇكىنى ئېچىۋاتقانلاردىن ئەھۋال ئىگەللەڭ. ئىمكان بار قاشنى نىسىغا بەرمەڭ،ئەگەر بىرىشكە توغرا كەلسە قارشى تەرەپنىڭ قاش سودىسى قىلىدىغان كەسىپ ئەھلى ياكى غەيرى كەسىپ ئەھلى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.(قاش سودىسىغا يېڭى كىرگەن ياكى قاشگەرلىكتە ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ قاشگەر بولىۋالغان ئالدامچىلارغا قاشنى ھەرگىز بەرمەڭ )ئەگەر نىسى بەرمەكچى بولسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى كۆپەيتىۋېلىپ ھۆججەت يازدۇرۇشنى ئۇنتۇلماڭ.ھۆججەتكە كېپىل بولغۇچى ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ ئىمزاسى، سودا مۆھلىتى(پۇل بېرىدىغان ۋاقىت)،پۈتۇشكەن باھا،پۇلنى ۋاقتىدا بەرمىسە ياكى قاشنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە قايتۇرمىسا ئۈستىگە ئالىدىغان جازا سوممىسى،قايتۇرۇش ئۇسۇلى....قاتارلىقلارنى ئىنتايىن تەپسىلى يازدۇرۇڭ.

2.يېنىڭىزدا ھەر ۋاقىت بىرەر قوش تىللىق تەجىربىلىك قاشگەرنىڭ ۋە ئۆزىڭىز ياخشى تۇنۇيدىغان ئادۋۇكاتنىڭ تېلىفۇن نومۇرى بولسۇن.ئەگەر تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز تىل بىلىدىغان قاشگەرلەرنى ياكى ئادۋۇكاتلارنى ياردەمگە چاقىرىڭ.ھەرگىز تاپمىغان پۇلىڭىزنى ساناپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قاشنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭ.چۈنكى قاش قۇلىڭىزدىن چىقىپ كەتسىلا قۇلىڭىزغا قايتىپ كەلمىكى بىر مۇرەككەپ جەرياندۇر.قۇلىڭىزدا قاش بولسا ھامان ساتالايسىز.قارشى تەرەپ يازغان ھۆججەتنى تېلىفۇنىڭىزدا سۈرەتكە تارتىپ قاشگەر يېقىنىڭىز ياكى ئادۋۇكاتقا يوللاپ ھۆججەتنىڭ كەم-كۈتىسىزلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن تاشنى بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.بەرگەن قاشلىرىڭىزنىڭ سۈرىتى،ئېغىرلىقى،تۈرى...قاتارلىقلارنى تېلىفۇنىڭىزغا سىن ماتىريالى قىلىپ ساقلىۋېلىشنى ئۇنتۇلماڭ.

3.قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئىقتىسادىي تۆلەم قابىلىيىتىنى تەپسىلى ئويلىشىڭ.كىم-كىملەرنىڭدۇر سالاسىغا كېتىپ قالماڭ.خوتەن قاشلىرى يالۋۇرۇپ ساتىدىغان ياكى مىنىڭ خېرىدارىم بار دېگەنلىكى ئادەمگە تەكتىنى بىلمەي تۇرۇپ بېرىۋېتىدىغان ئۇنچىلىك خار بۇيۇم ئەمەس.يادىڭىزدا بولسۇنكى ئۇ دىيارىمىزنىڭ گۆھىرى.قاشنى ئامال بار قاش بازارلىرىدا ياكى شارائىتى سەل ياخشى،تېلكامىرا سەپلەنگەن ياتاقلاردا سېتىڭ.قاش كۆرسەتكەندە ياكى قاش كۆرسەتكىلى سىرتلارغا چىققاندا ئىشەنچىلىك ھەمرايىڭىز بىرگە بولسۇن.

4.قاشنى باشقىلار بىلەن مۆھلىتىنى دېيىشىپ  نىسى بەرگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپتىن  پارچە-پۇرات پۇل ئالماڭ.باشلىغان ئۇرۇنسىز مېھماندارچىلىقىغا بارماڭ.قالايمىقان نەرسىلىرىنى يېمەڭ،سوۋغاتلىرىنى ئالماڭ.يۇقارقىلار نورمال قاش سودىسىنىڭ قائىدىسى ئەمەس.قارشى تەرەپنىڭ پارچە پۇل بەرگىنى ياكى يۇقارقى قىلمىشلىرى سىزنى غەپلەت ئۇيقىسىغا باشلاپ، ئورىغا ئىتتىرىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.قانداق ئادەمگەرچىلىك بولسا سودا تۈگىگەندىن كېيىن بولغىنى مۇۋاپىق.

5.ئەگەر قاشنى بېرىپ دېيىشكەن مۆھلەت تۇشۇپ ،قارشى تەرەپنىڭ ۋەدىسى ئەمىلىلەشمىسە دەرھال ج خ تارماقلىرىغا ئالدامچىلىق دىلوسى 诈骗罪بويىچە دېلو مەلۇم قىلىڭ.تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنىڭ رايۇن نۇمۇرىنى بېسىپ كەينىگە 110 نى قوشسىڭىزلا بولىدۇ.مەسىلەن شاڭخەيدە بولسىڭىز شاڭخەينىڭ رايۇن نۇمۇرى 021 گە 110 نى قۇشۇپ 021110 گە( ج خ قوماندانلىق مەركىزى) تېلىفۇن قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىڭ.ھېسياتىڭىزغا بېرىلىپ ئادەم ئۇرىدىغان ياكى نەرسە-كېرەكلىرىنى يۆتكەپ كېتىدىغان، ئاتالمىش كىم-كىملەرنىڭ قۇرۇق ۋەدىسىگە گۆل بولىدىغان.... ئەخمىقانە ئىشلارنى ھەرگىز قىلماڭ.يادىڭىزدا بولسۇنكى،جوڭگۇ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرىلىۋاتقان دۆلەت.جۇڭگۇدا قانۇن مۇقەددەستۇر!

پەقەت قانۇنغا تايىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قانۇنلىق ھۇقۇق-مەنپەتىڭىزنى قوغداشلا ئەڭ ئۈنۈملۈك يولدۇر.

6.سىز دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچى تارماقلىرى ئەھۋال ئىگەللەپ،جەدۋەل توشقۇزغاندىن كېيىن سىزنى ئىمزا قويدۇرىدۇ ھەم سىزگە مۇئەييەن ۋاقىتتىن كېيىن كېلىشنى ئۇقتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ.سىز مۇشۇ ۋاقىتتا ساقچىلارغا يېقىن تۇرۇپ تۈرلۈك دەلىل پاكىتلارنى ھەقىقىسى بويىچە ساقچىلارغا تەمىنلەڭ.(ئىسپات-ماتىريالنى كۆپەيتىپ ئەسلى نۇسقىسىنى ئۆزىڭىز ئېلىپ قېلىپ ،كۆپەيتىلمىسىنى ساقچىلارغا بېرىڭ.) ھەم قولىڭىزغا ج خ ئورۇنلىرىنىڭ تامغا بېسىلغان دىلو تۇرغۇزغانلىق ئۇقتۇرۇش نامىسىنى  (立案告知单 )چۇقۇم ئېلىڭ. 

002511f6d8b610b971b612

 ئەگەر ساقچى ئىدارىسى قولىڭىزغا مۇشۇ ئۇقتۇرۇش نامىنى بەرمىگەن بولسا،سىز تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلاردا كەمتۈكلۈك بولۇپ،ئالدامچىلىق دىلوسى تۇرغۇزۇشقا قىيىنچىلىق بولىۋاتقانلىقىنى،تېخى سىزنىڭ ئىشىڭىزنىڭ رەسمىي دىلو قىلىپ تۇرغۇزىلمىغانلىقىنى  بىلدۈرىدۇ.بۇ ۋاقىتتا سىز چۇقۇم ساقچىلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ كام دەلىل-پاكىتلارنى تېزدىن تۇلۇقلاپ قولىڭىزغا چۇقۇم ئاشۇ ئىسپات نامىنى ئېلىڭ.بىرەر يېرىم ئادەمنىڭ ئاغزىڭىزغا سالغان قۇرۇق سوسكىسىنى ئېمىپ قالماڭ.پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ.ئەگەر ئەھۋالدا نورمالسىزلىقنى بايقىسىڭىز دەرھال تەجرىلىك قاشگەر يېقىنىڭىز ياكى ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سوراڭ.

 ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق ئاتا قىلسۇن!

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ