A-A+

خوتەندىكى ئويمىچى بالىلىرىمىزغا نەزەر

2015-يىل 8-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,265 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

209

<<  قاشتېشىنى ئويمىسا گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ .>>

 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق قاش ئويمىچىلىرى بىرلىكتە خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىگە كېلىپ بۇ مەكتەپتە قاش ئويمىچىلىقىنى ئۆگىنىۋاتقان  ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆردى .

( ئوقۇغۇچىلار ئويغان خوتەن قاش ئويمىلار )

211

بالىلار ئويغان قاش ئويمىلارنى كۆرۈپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ باشلىقى گو لەنشىياڭ ھاياجان ئىلىكىدە ئۈرۈمچىدىكى دوستىغا تېلىفۇن قىلىپ  << بەكلا قالتىس ، بالىلار قاش ئويمىلارنى بىز ئويلىغاندىنمۇ سۈپەتلىك ، نەپىس ئۇيۇپتۇ  >> دەپ  ماختىدى .

( ئوقۇغۇچىلار ئىش ئۈستىدە)

210

بىر ئاي بۇرۇن جۇڭگۇدىكى داڭلىق قاش ئويمىچىلىرى مەزكۇر مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئويمىچىلىقنى ئۆگىتىشنى باشلىغان . 90 - يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوتتۇرچە يېشى 16 ياش بولغان بۇ بالىلارنىڭ  بىر ئايدىن بۇيان ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان .

خوتەن ناھىيە يېڭئېرىق يېزىسىدىن كەلگەن  مېھرىبان مۇخپىرغا مۇنداق دېدى : << ئۆتكەن يىلى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بىكار بولۇپ قالغان ئىدىم . بۇ يىل ناھىيە بازىرىدا قاش ئويمىچىلىقى سىنىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تىزىملاتقان . تەربىيلەش شۇنداق ياخشى بولدى ، ھازىر قاش ئىستاكان ، قاش تاغاق قاتارلىق ئاددىي ئويمىلارنى ئۇيالايمەن >>

مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان مېھرىگۈل مۇئەللىم مۇخپىرغا : <<  خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپى قۇرۇلغىلى 40 يىل بولدى . مەكتىپىمىزنىڭ نۇرغۇن كەسپ تۈرلىرى بولسىمۇ قاش ئويمىچىلىقىدىن ئىبارەت بىر تۈرلا كەم ئىدى .  گەرچە خوتەندىن قاش چىقسىمۇ بىراق قاش ئويمىچىلىقى جەھەتتە تەربىيلەش تېخىچە ئەمەلىلەشمىگەن . 2013 - يىلى بىر قېتىم قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپى ئېچىلغان . شۇ چاغدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقان  .  بىراق ئۈسكۈنە ۋە ئۇستاز بولمىغانلىق سەۋەبىدىن سىنىپ بىر ئايغا قالمايلا تاقىلىپ قالغان .>> <<  بۇ قېتىم داڭلىق ئويمىچىلار كېلىپ ھەقسىز ھۈنەر ئۆگەتتى ۋە قاش ئويمىچىلىق ئۈسكۈنلىرىنى سوۋغا قىلدى  . مەكتىپىمىزدە چۇقۇم بىر تۈركۈم ياش ، ئىقتىدارلىق خوتەن قاش ئويمىچىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز  ۋە خوتەن  قاش ئويمىچىلىق ھۈنەر  - سەنئىتىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلاتقا داۋاملاشتۈرىمىز >>

( جۇڭگۇغا داڭلىق قاش ئويمىچى جاۋمىن  ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە  ) 

20155114DDA374E381C4A3390492509BB4513A0

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ باشلىقى گولەنشىياڭ  بۇ تەربىيلەش سىنىپى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ : << بۇ سىنىپنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز خوتەن ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگۈزۈش . ئۇلار ھۈنەرنى ئۆگۈنۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئەتراپىغا تېخىمۇ  كۆپ ياشلارنى يىغىپ بىرلىكتە خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغۇسى . بۇ ئارقىلىق خوتەنمۇ << قېشى بار ئويمىچىلىقى يوق >> دىگەن نامدىن قۇتۇلغۇسى >> دېدى . 

( جۇڭگۇغا داڭلىق قاش ئويمىچى جاۋمىن  ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە ) 

201551117A793CADED64BDA83C477B0E544B23E

جۇڭگۇغا داڭلىق قاش ئويمىچى جاۋمىن  : << بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تېزلىكى مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى . ئۇلار مۇشۇ تېزلىك بويىچە ماڭسا ئۈچ ئايدىن كېيىن قاش كومزەك ، قاش چەينەك قاتارلىقلارنى  ئويۇپ چىققۇسى >> دېدى .

( ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ باشلىقى گو لەنشىياڭ )

xin_1433218538000037999001

خوتەن قاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ باشلىقى گولەنشىياڭ : << خوتەن  قاشلىرىنى قېزىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ، دەريادىكى قاشلار خوتەن قاشلىرىنىڭ 1000 دە بىر پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ . كاندىكى قاشلارنى قازساق 5000 يىلدىمۇ تۈگىمەيدۇ . كان قاشلىرنىڭ سۈپىتى زىرە قاشلاردىن قېلىشمايدۇ . بىراق كىشىلەرنىڭ كان قاشلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ياخشى بولمايۋاتىدۇ >> دېدى . ئۇ يەنە << خوتەن قاشلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ ، قەشقەردىن چاقىلىققىچە بولغان تاغ يولى بۆلىكىدە نۇرغۇن كان قاشلىرى بىزنىڭ قېزىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا >> دەيدۇ .

خوتەن ناھىيەلىك دۆلەت زىمىن بايلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياۋ ۋېنجوڭ مۇنداق دەيدۇ : 

<< خوتەن ناھىيەسىدە قاش كانلار ناھايىتى كۆپ ، ئاسانلىق كانلار تاغدا . بۇ يىل خوتەن ناھىيەسىگە قاش كانغا مەبلەغ سالغىلى تەخمىنەن توققۇز كارخانا كېلىشى مۇمكىن . بۇ كارخانىچىلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ، نەنجىڭ ، شەندوڭ ، جېجىياڭ قاتارلىق جايلاردىن كېلىدۇ. >> 

مۇخپىرنىڭ ئىگەللىشىچە بۇ سىنىپ خوتەن تەۋەلىكىدە تۇنجى رەت سېستىمىلىق ئېچىلغان قاش تەربىيلەش سىنىپى بولۇپ بۇ سىنىپنىڭ ئېچىلىشى خوتەن ناھىيەسنىڭ قاشگەرلىك كەسپىگە  ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن . 

مەنبە : 中国和田玉鉴赏网

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ