جۇڭگۇ گۈل بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 17)
جۇڭگۇ گۈل بازىرى ___________ شىياۋشەن گۈل بازىرى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شىياۋشەن رايۇنىغا جايلاشقان ______ << جۇڭگۇ گۈل بازىرى >> جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ گۈل بازىرى بولۇپ ، 2002-يىلى 5-ئايدا شىياڭگاڭ چىيەنجىياڭ شىركىتى ۋە جېجىياڭ چىيەنجىياڭ گۈلچىلىك شىركىتى 140 مىليون مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ، 400 مو چوڭلۇقتىكى كەسىپلەشكەن گۈل بازىرى . بازار خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىياۋشەن رايۇنىدا بولغاچقا << شىياۋشەن گۈلچىلىك بازىرى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ بازاردا گۈلنىڭ ھەر قانداق تۈرى تېپىلىدىغان بولۇپ ، يىللىق سودا سوممىسى 800 مىليوندىن بىر مىلياردقىچە بولىدۇ . بۇ بازارنىڭ << خاڭجۇنىڭ مەنزىرلىك ساياھەت نۇقتىسى >> ، << جېجىياڭ ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانا >> ، << جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ 4 يۇلتۇز دەرىجىلىك بازىرى >> ... قاتارلىق شەرەپلىك ناملىرى بار .
بۇ بازاردا گۈل ، گۈلنىڭ ئۇرىقى ، گۈل توپىسى ، تەشتەك ، گۈل نوتىسى ....... قاتارلىق گۈلگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ماتىريال تېپىلىدۇ.
بۇ بازار ھەر يىلى 3-ئايدا << شىياۋشەن گۈل بايرىمى >> ئۆتكۈزىدۇ.
TEL : 0571-82850050