توختىماستىن ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
6 - باب 9 - پارگىراف
نامراتلار: ئادەم ھاياتلىقتا تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشى كېرەك، ئىشنى مەلۇم دەرىجىگە يەتكۈزسەكلا
يېتەرلىك بولىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەتلا ياخشىراقى بار، كىشىلىك ھايات بىر جەريان، ياشىغان ئىكەنمىز چوقۇم ياخشى ياشىشىمىز، ئۆزىمىزدىن غالب كېلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھاياتلىق توختىماستىن ئۆزىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلىش جەريانى! ئۆزىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلىش جەريانىدا، بىز ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىمىز.
ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەل ئۆزى، ئادەم توختىماستىن ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشى، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كېرەك. مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لىدىرى جۇ چېڭجيەن مۇنداق دېگەن: «ئەڭ چوڭ رىقابەتچى دەل ئۆزىمىز، ئادەم باشقىلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزى ئۈستىدىن غەلبە قىلىش كېرەك.» «نۇرغۇن ئىشلاردا باشقىلار بىزنى مەغلۇب قىلالمايدۇ، بىز پەقەت ئۆزىمىز تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالىمىز! چۈنكى ئادەم بولۇش ياكى كارخانا باشقۇرۇشتا بولسۇن، ئەڭ قىيىنى ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە
ئۆزىمىزدىن ھالقىش!» جېڭتەي گۇرۇھىدىكى نەن سۈنخۇيمۇ شۇنداق دېگەن. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھەربىر
قىيىنچىلىققا جاسارەت بىلەن يۈزلىنىش، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىش كېرەك، شۇندىلا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ.
كاناسۇكى ماتسۇشىتا مۇنداق دېگەن: «تىجارەت قىلىشتا ئۆسۈپ يېتىلمىگەندە ياكى تېخىمۇ يۈكسەك نىشاننى قوغلىشىپ ماڭمىغاندا تىجارەتنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.>>. كۆپ قىسىم ۋېنجۇلۇقلار كاناسۇكىنىڭ ھېكايىسىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما تىجارەت جەريانىدا بۇ قائىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
2000-يىلى ياۋخۇا گۇرۇھى خېفېي يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات زاۋۇتىنى قوشۇۋالىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 200 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىش كېرەك بولۇپ، بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىش ئادەتتىكى قوشۇۋېلىش ئەمەس، بەلكى زور تەۋەككۈلچىلىك ئىدى. زاۋۇت تېخى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەي تۇرۇپلا، قەرز سۈيلىگەن سادالار تەرەپ-تەرەپتىن ياڭراشقا باشلىغان، زاۋۇتنىڭ ئەسلىدىكى قەرز ئىگىلىرى توختىماستىن قەرز سۈيلەپ كەلگەن. بىراق ياۋخۇا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خې جيەنگو بۇنىڭدىن قىلچە ئاچچىقلانمىغان.
ئەنخۇيدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خېفېي يۇقىرى بېسىملىق
ئۈزچات زاۋۇتى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. خې جيەنگو ۋېنجۇنىڭ «قىلغان ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىش تۈزۈمى» نى كېڭەيتىپ زاۋۇتنى كۆلەملەشتۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرغان.
بىراق خې جيەنگو بۇ نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىغان.
2002-يىلى 5-ئايدا خې جيەنگو خېفېي يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات زاۋۇتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ياۋخۇا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جىڭ سۇڭشيەن باش لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە
ئالىدۇ.
جىڭ سۇڭشيەن زاۋۇتنىڭ مەھسۇلات سېتىش تۈزۈلمىسىنى «بىۋاستە سېتىش» تىن ۋېنجۇ ئۇسۇلى بويىچە «ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمى» گە ئۆزگەرتىدۇ، ئارقىدىن يەنە بىر نەچچە چوڭ سودىنى قىلىدۇ.
2003-يىلى 5-ئايدا، ياۋخۇا گۇرۇھى ئەنچىڭ بېسىم ئۆزگەرتىش ئەسلىھەلىرى چەكلىك شىركىتىنى قوشۇۋالىدۇ.
2003-يىلى 6-ئايدا، ياۋخۇي گۇرۇھى گۇاڭدې ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى چەكلىك شىركىتىنى قوشۇۋالىدۇ.
2003-يىلى 12-ئايدا، ياۋخۇا گۇرۇھى ئەنچىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى زاۋۇتىنى قوشۇۋالىدۇ.
ئارقىدىنلا ئەنخۇي ياۋخۇا پەن-تېخنىكا باغچىسى ئىش باشلاپ، ياۋخۇا پولات قۇرۇلما شىركىتى ۋە ئەنخۇي شەنيۈەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار چەكلىك شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلايدۇ.
قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ئىچىدە، ياۋخۇا گۇرۇھى توختىماستىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ياۋخۇا گۇرۇھىنىڭ ئەنخۇيدىكى سالغان مەبلىغىمۇ ناھايىتى ياخشى يۈرۈشىدۇ. ياۋخۇا گۇرۇھىنىڭ ئەنخۇيدىكى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، باش مۇدىر خې جيەنگو كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنخۇيدىكى كارخانا توپىمىز بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقت سەرپ قىلىپ سېتىش كىرىمىنى 150 مىليون يۈەنگە يەتكۈزىمىز.»
جېڭتەي گۇرۇھىدىكى نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. مەن كارخانا كىرىمىنى 10 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەن ۋاقتتا دائىم شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يىغىنلارغا قاتنىشاتتىم، مەن دائىم كۆڭلۈمدە ماڭا نېمىشقا سۆزلەش پۇرسىتى يوق دەپ ئويلايىتتىم، بىراق ھازىر كارخانا كىرىمى نەچچە 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا ماڭا سۆزلەش پۇرسىتى كەلمەسلىكىنى تىلەيمەن، چۈنكى كارخانا قانچە چوڭايغانسېرى ئېھتىيات قىلىش كېرەك ئىدى. ئادەم خۇددى مايمۇنغا ئوخشايدىغان بولۇپ، قانچە يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى قۇيرۇقى كۆرۈنۈپ قالاتتى. شۇڭا ھەر دائىم ھوشيار بولۇش، توختىماستىن ئۆزىدىن ھالقىش، ئەستايى
دىل ئادەم بولۇش، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي كارخانا
بەرپا قىلغىلى بولاتتى.»
تىجارەت قىلىش، كارخانا قۇرۇش جەريانى توختىماستىن ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزىدىن ھالقىش جەريانى. كارخانا قۇرۇش خۇددى تاغقا چىققانغا ئوخشايدۇ، يامىشىپ مەلۇم باسقۇچقا چىققاندا دائىم تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. قىيىن شارائىتتا تىك تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلبە ھېسابلىنىدۇ. كارخانا خوجايىنى
بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ ئۆزىمىزدىن ھالقىشمىز كېرەك، شۇندىلا ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشەلەيمىز. كارخانا چوقۇم ھەر دائىم ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئېشىش نۇقتىسىنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك، ھازىرقى ئەھۋالغا قانائەت قىلىپ قالغاندا شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ئۆتمۈشتىن قانائەت
لىنىپ قالماسلىق، ئۆزىدىن ھالقىش كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلار بايانى:
ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەل ئۆزى. كارخانا قۇرۇش ياكى ئادەم بولۇشتا بولسۇن، چوقۇم ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۆزىمىزدىن ھالقىشىمىز كېرەك!
-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي
ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەل ئۆزىمىز، باشقىلارنى مەغلۇب قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى مەغلۇب قىلىشىمىز
كېرەك.
-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لىدىر جۇ جيەنچېڭ
مەن بىر پەيلاسوپ ئېيىتقان بىر جۈملە سۆزگە ئىشىنىمەن: تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ئادەم مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ، مەن يەنە جەڭ ئېلان قىلىشقا ماھىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
-جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جىڭ يۈەنجۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى