ۋەزىيەتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
6 - باب 5 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۈرى:
نامراتلار: تىجارەت قىلىشتا پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك، ھەممىدە ئوخشاش بولۇش، قانداق بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ گېپىنى قىلىشقا بولمايدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئادەم بولۇشتا ئەستايىدىل، ئىش قىلىشتا جانلىق بولۇش كېرەك. ئىش قىلىشتا پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك، ئەمما جانلىق پىرىنسىپنى ئاساس قىلىش كېرەك. تىجارەتتە ئامال ھەر دائىم قىيىنچىلىقتىن كۆپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاش، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.
رېنمىن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ يۈەنباۋ مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئاساسلىقى ئىككى خىل سەۋەب بار،
بىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى ياخشى سىياسىتى. ئۇلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك؛ يەنە بىرى ۋېنجۇلۇقلار دائىم بىرىنچى سەپكە بېرىپ نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ، بازارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ماھىر، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جەمەت كارخانىلىرى ناھايىتى جانلىق.»
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ناھايىتى جانلىق كېلىدۇ، كىشىلەر ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ھەققىدە گەپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ جانلىق، تەپەككۇرىنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.
بۇ خىل جانلىقلىق يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو ئىلگىرى خۇبېيغا بېرىپ ياغاچچىلىق قىلغان. بىر قېتىم ئۇ يەردىكى بىر دوستى ئۇنىڭغا ۋېنجۇغا قايتقاندا ئىككى دانە ئېلېكترونلۇق سائەت سېتىۋېلىپ كېلىشنى ھاۋالە قىلغان. چيەن جىنبو دەرھال ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا بىر دانە سائەتنىڭ پەقەتلا بەش يۈەن ئىكەنلىكىنى، چوقۇم ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
كىم بىلسۇن، چيەن جىنبو ۋېنجۇغا قايتقاندىن كېيىن ئېلېكترونلۇق سائەتنىڭ باھاسىنىڭ ئاللىقاچان 15 يۈەنگە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
چيەن جىنبو كۆڭلىدە دوستىغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن، ئەگەر باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سەۋەبلىك ئېلىپ بارمىسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ. بىراق ئۆزىنىڭ دوستىغا دېگەن باھاسى بەش يۈەن بولۇپ، ھازىرقى باھا ئاللىقاچان 15 يۈەن ئىدى، ئەگەر ئۇ قەستەنگە باھانى ئېيىتمىسا يەنە قاملاشمايىتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىرىدا ئىككى دانە سائەت سېتىۋېلىپ دوستىغا سوۋغات قىلىدۇ. چيەن جىنبو ئادەم بولۇشتا سەمىمىي بولۇش، يەنە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ مۇنداق دەيدۇ: «كارخانا قۇرۇشتا چوقۇم تەپەككۇر ئوچۇق بولۇش كېرەك. كارخانا قۇرغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرى چوقۇم جانلىق ۋە ئوچۇق بولۇشى كېرەك.»
ۋاڭ جېنداۋ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىلا ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ
ئۇششاق تىجارەت قىلىشقا باشلاپ، شال ئاقلاپ گۈرۈچ تەييارلاپ ساتىدۇ. ئەينى ۋاقتتا، باشقىلار 100 قاداق شالدا 80 قاداق گۈرۈچ چىقىراتتى، ئەمما ئۇ ھەمىشە 68 قاداق گۈرۈچ ئالاتتى. «بۇنداقتا ئاقلاپ چىققان گۈرۈچ پارقىراق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولاتتى؛ باشقىلارمۇ مىنىڭدىن سېتىۋېلىشقا ئامراق ئىدى. بۇ ھال ئەينى ۋاقتتا مىنى <كىچىك خوجايىن > غا ئايلاندۇردى.» دېدى ۋاڭ جېنداۋ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدىن قانائەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ.
2000-يىلى ئاۋكاڭ ئىتالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق جايلاردا تارماق شىركەت قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە سېدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئارقىلىق ئاۋكاڭنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىدۇ.
2003-يىلى ئاۋكاڭ ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ئاياغچىلىق كارخانىسى GEOX شىركىتى بىلەن
ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئامېرىكا بازىرىغا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتىنى سېتىش ۋە قوشۇمچە لايىھە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئىككى تەرەپ سېتىش تورى ۋە باشقا بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقتتا، ئاۋكاڭ يەنىلا ئۆز ماركىسىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئاۋكاڭ ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە GEOX شىركىتىنىڭ
يول ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىدۇ.
يازغۇچى يې يۇڭلى ئامېرىكا كاڭلۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى يې كاڭسۇڭنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ناھايىتى جانلىق ئىكەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «ئۇ بازارنى ئەتراپلىق تەكشۈرىدىغان بولۇپ ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر، قانداق مەھسۇلات ياخشى بولسا شۇنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇ مېۋىلىك باغ ئەھيا قىلغان، راك بېقىپ باققان، يەر قالپىقى تېرىپ باققان. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن يەر قالپىقى تېرىپ، چاقماق سودىسى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ باققان، كېيىن يەنە <جۇڭگودىن مال كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىپ سېتىش > دىن < ئامېرىكىنىڭ مېلىنى جۇڭگوغا ئاپىرىپ سېتىش> قىچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان، كېيىن ۋىسكونسىن شىتاتىنىڭ ئامېرىكا ئادەمگىياھىنى جۇڭگونىڭ ساغلاملىق بازىرىغا كىرگۈزگەن. ھازىر ئۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىپ، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيگەن. ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش، سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەتچىلىك، مەسلىھەتچىلىك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە قاراپ كېڭەيمەكتە.»
ياپونىيەدىكى «بايلىق ئىلاھى» دەپ نام ئالغان چيۇ يۇڭخەن مۇنداق دېگەن: «تىجارەت قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جانلىق ئاماللارنى قوللىنىش كېرەك، ئامالنى جانلىق قىلمىغاندا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. دائىم جانلىق ئۇسۇللار بىلەن ئامال قوللىنىش، مەسىلە ھەل قىلىدىغان ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىش كېرەك، شۇندىلا سودا يولىنى ئاچقىلى بولىدۇ.»
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
جاھاندا ماڭىدىغان تۈرلۈك يوللار بولىدۇ. كارخانا تىجارىتىدە جانلىق بولۇش، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ چارە-تەدبىر قوللىنىش ناھايىتى مۇھىم. ئاساسلىقى پىرىنسىپچانلىق بىلەن جانلىقلىقنىبىرگە قوللىنىش كېرەك.
-باۋ شىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى