A-A+

بايلىق داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا موھتاج

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 490 قېتىم

 ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

6 - باب 11 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: پۇلدىن چوقۇم ياخشىراق ھوزۇرلىنىش كېرەك. بىر ئادەم ئۇنچە كۆپ پۇلنى تېپىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

   ۋېنجۇلۇقلار: پۇل بولغان ئىكەن، قانداق قىلغاندا پۇلنى تېخىمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ؟ پۇل تېپىش نەتىجىگە ئەمەس، بەلكى جەريانغا باغلىق. پۇلنى پەقەت دوملاتقاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. توختىماستىن پۇلنى قوغلىشىش ماھىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت، ئۇ بىزگە مۇۋاپىقەيەتنىڭ لەززىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.


   لوياڭ شەھىرى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى خۇاڭ جىنجۈن مۇنداق سۇئال سورىغان: «بازارنى كېڭەيتىپ تىجارەت قىلىشتا دەسمىي پۇل بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟» بۇ ۋاقتتا ۋېنجولۇقلار ئوبرازلىق قىلىپ «دۆلەت شېئىرى» نى ئوقۇش كېرەك دەيدۇ، بۇ جاۋاپنىڭ  ئىككى خىل مەنىسى بار، بىرى «دۈشمەننىڭ توپ-ئوقلىرى ( قىيىنچىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) دىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەش، يەنى بازارغا كىرىشكە ماھىر بولۇش ؛ ئىككىنچى ئالغا ئىلگىرىلەش، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.>>

خۇاڭ جىنجۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندىكى ۋېنجودا  ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 7-6 سى خوجايىن ياكى مىليونىر، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ بازارنى كېڭەيتكەن، تىرىشىپ تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەرەققىياتنى ھازىرمۇ توختاتقىنى يوق.

ۋېنجۇلۇقلار مەڭگۈ پۇل تاپىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئازراق پۇل تاپسىلا قانائەتلىنىپ قالمايدۇ. ۋېنجۇلۇقلار ھەمىشە ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، مەڭگۈ ھازىرقى بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندىن كېيىنمۇ  توختىماستىن يەنە پۇل تاپىدۇ، كىچىك مەھسۇلاتلاردىن چوڭ بازارلارنى ئاچىدۇ، تۈگمىدىن تارتىپ كىيىم-كېچەككىچە، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلاردىن تارتىپ ئەسلىھەلەرگىچە، تۇرمۇشتىكى كىچىك بۇيۇملاردىن تارتىپ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغىچە سودا قىلىدۇ، ھەتتا ئۆي-مۈلۈك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ سىڭىپ كىرىدۇ.

ۋېنجۇدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز كەڭ تارقالغان: «100 مىڭ يۈەن نامراتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، مىليون يۈەن ئەمدىلا باشلانغان بولىدۇ، 10 مىليون يۈەن ئەمدىلا بايلىققا قاراپ ماڭغان بولىدۇ.» ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، بايلىق قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.

«بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى، ئەگەر تۈر ياخشى بولسا مەبلەغ تەييارلايمەن.» دېدى ۋېنجۇلۇق سودىگەر جاڭ تاۋمېي : «بېل گەيتىس، لى جياچېڭ قاتارلىق دۇنيا بايلىرى پۇل تاپقاندىن كېيىنمۇ تىرىشىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىزنىڭ پۇلنى بانكىغا قويۇپ قويىدىغان ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.»

جاڭ تاۋمېي ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆيىدە بېكار تۇرماي، ئائىلىسىدە كىيىم-كېچەك تىكىدىغان ئىشخانا تەسىس قىلغان. جاڭ تاۋمېي مۇنداق دېگەن: «ھەر كۈنى سائەت 3-2 گىچە خىزمەت قىلىش ناھايىتى ئازابلىق، بۇنى سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر.»  1995-يىلى جاڭ تاۋمېي ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي مەبلەغ سېلىش تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. 10 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۆي-مۈلۈك، كىرا، كېمىسازلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ باققان. 2005-يىلى ئۇ 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ جياڭشى جيۇلۇڭدىن بىر كېمە سېتىۋېلىپ، ھەر ئايلىق پايدىنى 59 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن. بىراق يېرىم يىلدىن كېيىن كېمە كۆپىيىپ كەتكەچكە ئىجارە ھەققى بىردەمدىلا تۆۋەنلەپ كەتكەن . ئامالسىز قالغان جاڭ تاۋمېي توختىماستىن يېڭى تۈرلەرنى ئىزدەشكە كىرىشكەن.

بۈگۈنكى جاڭ تاۋمېي ھەمىشە باشقىلار بىلەن مەبلەغ سېلىشتىكى ھېس قىلغانلىرىنى پاراڭلىشىشنى، يېڭى تۈرلەرنى بايقاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ۋېنجۇ كەچلىك گېزىتى، ۋېنجۇ سودا گېزىتىنى كۆرىدۇ، بەزىدە يەنە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ زىيارەتتە بولىدۇ.

چېڭدۇدا بىر ۋېنجۇلۇق ئاچقان خۇرۇم مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش دۇكىنى بار. بۇ ۋېنجۇلۇق ۋېنجۇغا يېڭى كەلگەندە دۇكان كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، چېڭدۇلۇق بىر خوجايىن دائىم ئۇنىڭ دۇكىنىدىن مال كىرگۈزەتتى. دەسلەپتە بۇ خوجايىن ئۆزىنىڭ ۋېلسىپىتىنى مىنىپ كېلىپ مال ئالىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال ئالاتتى.

بىر يىلدىن كېيىن، بۇ ۋېنجۇلۇق كىشىنىڭ دۇكان كۆلىمى چوڭىيىدۇ، چېڭدۇلۇق خوجايىنمۇ مالغا كەلگەندە موتوسىكىلىت مىنىپ كېلىدىغان بولىدۇ، ئەمما يەنىلا نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال ئالىدۇ. يەنە ئىككى يىل ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن ۋېنجۇلۇق سودىگەرنىڭ دۇكىنى توپ تارقىتىش سودا مەيدانىغا ئايلىنىدۇ، چېڭدۇلۇق سودىگەرمۇ كىچىك ماشىنىدا كېلىپ مال ئالىدىغان بولىدۇ، ئەمما يەنىلا نەچچە مىڭ يۈەنلىكلا مال ئالىدۇ.

ۋېنجۇلۇق ئادەم بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ سورايدۇ: «نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، سىز نېمىشقا داۋاملىق نەچچە مىڭ يۈەنلىكلا مال كىرگۈزىسىز؟»

چېڭدۇلۇق خوجايىن ئوڭايسىزلىنىپ: «زاۋۇتۇمدا پەقەت مۇشۇنچىلىكلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ۋېنجۇلۇق سودىگەر چۈشىنەلمەستىن: «سىزنىڭ بۇ يىللاردا تاپقان پۇلىڭىز نەگە كەتتى؟» دەپ سورايدۇ. چېڭدۇلۇق خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «سىز مىنىڭ موتوسىكىلىت، ئاندىن ماشىنا ئالماشتۇرغانلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئالدىنقى ئايدا مەن يەنە ئۆي سېتىۋالدىم، پۇللىرىممۇ تۈگىدى. ئەمما سىزنىڭ سودىڭىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى، سىز پۇللىرىڭىزنى قانداق خەجلىدىڭىز؟»

ئىككى يىلدىن كېيىن چېڭدۇلۇق خوجايىن ئىشلەپچىقارغان ئادەتتىكى خۇرۇم ئاياغلار سېتىلماي، ئۇمۇ كەسپ ئالماشتۇرۇپ خۇرۇم ئاياغ ساتىدۇ. بىر قېتىم ئۇ ۋېنجۇغا بېرىپ مال كىرگۈزمەكچى بولىدۇ، بۇ سودىگەرنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئىتالىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئىگە بولغان بۇ ئادەم دەل ئەينى ۋاقتلاردا چېڭدۇدا خۇرۇم مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان ۋېنجۇلۇق ئىدى. ۋېنجۇلۇق ئادەم خۇشال ھالدا چېڭدۇلۇق كىشىنى باشلاپ زاۋۇتنى زىيارەت قىلدۇرىدۇ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا چېڭدۇلۇق خوجايىنغا دەيدۇ: «بۇرادەر، ئەينى ۋاقتتا سىز مەندىن پۇلنى نەگە خەجلىدىڭىز دەپ سورىغان، مەن پۇللىرىمنى مۇشۇلارغا خەجلىدىم؟»

ۋېنجۇلۇقلار پۇلنى چوقۇم مەبلەغ سېلىش، كۆلەمنى كېڭەيتىش ۋە سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئۇلار پۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىدۇ، بۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مەبلەغ سېلىش قارىشى.

مەلۇم جايدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋېنجۇلۇق سودىگەر مۇنداق دېگەن: «ئۇ يەردىكى كادىرلار ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن مائاش ئالاتتى، بىراق كۈندە ماجياڭ، قارتا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزەتتى. مەن ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يۈەن پۇلدىن نېمىشقا قانائەت ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي قالدىم.»

ۋېنجۇلۇقلار قولىدىكى پۇلدىن مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ، ئۇلار توختىماستىن پۇل تېپىشنى ياختۇرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق ساھەلەر ۋېنجۇلۇقلار مەبلەغ سېلىشنى ياختۇرىدىغان ساھەلەر ھېسابلىنىدۇ. كۈمۈر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋېنجۇلۇق سودىگەر خۇ يۈلىن مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت جېنىم تىنىمدىلا بولسا كەسپىمنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن.» ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىر ۋېنجۇلۇقلار ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنى يىراق ئوكيانلاردىكى ئامېرىكىغىچە كېڭەيتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئەقىللىق ۋېنجۇلۇقلار مەبلەغ سېلىش نەزىرىنى نېفىت ۋە توك كۈچى ساھەسىگە تىككەن. نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇنەن، گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر يىغىلغان. ئۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ

ۋە مەبلەغ سېلىپ، ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئەستايىدىل قىلماقتا.

«ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمدارلىقى ناھايىتى يۇقىرى، پۇلنى تۇتۇپ تۇرىۋالىدىغانلار ئاز.» دېدى يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋېنجۇ تارماق بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز بۆلۈمى مەسئۇلى جىڭ چياۋرۇڭ ۋېنجۇلۇقلارنى تەسۋىرلەپ. ۋېنجۇ بانكا نازارەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چېنيۈنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قولىدا 300 مىليارد يۈەن ئاقما مەبلەغ بولۇپ، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدەۋاتاتتى.

بىراق ئەقىللىق ۋېنجۇلۇقلار مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. ئۇلار بايلىقنى مەبلەغ سېلىش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ پۇرسەت ئوغرىلاش دېگەنلىك ئەمەس.

جاڭ لىچېڭ ئەسلىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، سوۋغات بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى، ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ قىممىتى نەچچە 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئېكىسپورت سوۋغات بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ باشلىقىغا ئايلانغان. باشقىلار بۇنى مۆجىزە دەپ قارىغان ۋاقتتا، جاڭ لىچېڭ ئالغا قاراپ ماڭغان قەدەملىرىنى توختىتىپ قويمىغان.

2006-يىلى 35 ياشلىق جاڭ لىچېڭ نەزىرىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كېمە قاتنىشىغا تىككەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن 50 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ ۋۇخەن لىجيا، چۇڭچىڭ لىجيا قاتارلىق ئۈچ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، زىيان تارتىشتىن پايدا ئېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، تىجارىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغان.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جاڭ لىچېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، جاڭ لىچېڭنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ناھايىتى ئاددى: مەبلەغ سېلىش پۇرسەت ئوغرىلاش ئەمەس. جاڭ لىچېڭ كېمە قاتنىشىغا مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن ئەستايىدىل ئويلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كېمە قاتنىشى ئۇ يات ساھە بولسىمۇ، بىراق ئۇ تىرىشىپ ئۆگەنسىلا چوقۇم قىلالايىتتى. بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، جاڭ لىچېڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرگە ئېرىشكەن: «نۆۋەتتە چاڭجىياڭ دەرياسى كېمە قاتنىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار كۆپ، پۇقراۋى كارخانىلار ناھايىتى ئاز ئىدى، بولۇپمۇ مەبلىغى نىسبەتەن كۆپ بولغانلىرى ئاز بولۇپ، بۇ پۇقراۋى مەبلەغنىڭ بۇ ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دۆلىتىمىز غەربى رايوننى ئېچىۋاتقان بولۇپ، چۇڭچىڭ غەربى رايوننى ئېچىشتىكى ئالدىنقى بازا ئىدى. چۇڭچىڭنىڭ پورتى كەڭرى بولۇپ، يۈننەن، سىچۈەن، گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ماددى ئەشيالار ئاساسەن چۇڭچىڭ

ئارقىلىق دېڭىزغا چىقاتتى. ۋۇخەنمۇ توققۇز ئۆلكىگە تۇتىشىدىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىز يولغا  قويغان ئوتتۇرا قىسىمنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ، ماددى ئەشيالارنى چاڭجياڭ دەرياسىدىن توشۇپ چىقىشقا قولايلىق شارائىت يارىتاتتى. ھازىر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شۇنچە ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئارانلا %30-%25 بولۇپ، بۇ ئالتۇن سۇ يولى رولىنى تېخى تولۇق جارى قىلدۇرمىغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، چاڭجياڭ كېمە قاتنىشىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئىدى.»

كېمە قاتنىشى سوغۇق ساھە بولغاچقا، جاڭ لىچېڭ باشقىلارنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: «مەبلەغ سېلىش پۇرسەت ئوغرىلاش ئەمەس، مەبلەغ سېلىشتا ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىنى كۆزلەيمىز، پۇرسەت ئوغرىلاشتا پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىسى ئەڭ مۇھىم.» شۇ سەۋەبتىن، جاڭ لىچېڭ تىجارەتتە مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ياراتماقچى بولغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، كېمە قاتنىشى كارخانىسى مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانا بولۇپ، پەقەت ئىدىيە جەھەتتىن خېرىدار ئۈچۈن ئويلىغاندا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولاتتى.

ۋېنجۇلۇق سودىگەر، ئامېرىكا كاڭلۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يې كاڭسۇڭ دۇنيا ۋېنجۇلۇقلار قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ ئەمەلدارلىقتىن ئىستېپا بېرىپ سودا دېڭىزىغا كىرگىنىمگە 17 يىل بولدى، ئامېرىكىغا كەلگىنىمگىمۇ 12 يىل بولۇپ قالدى، مەن مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. گەرچە ھازىر مەن 50 ياشتىن ھالقىغان بولساممۇ، ئون نەچچە يىللىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ناھايىتى جاپالىق بولغان بولسىمۇ، بىراق مىنىڭ قەلبىم يەنىلا ناھايىتى ياش. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ چېكى بولمايدۇ، مەن مەڭگۈ ھازىرقى نەتىجەمدىن قانائەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ۋېنجۇ خەلقىنىڭ بالىسى، مىنى ۋېنجۇ روھى تەربىيەلەپ چىققان. بولۇپمۇ بۇ قېتىم

لىق ۋېنجۇلۇقلار قۇرۇلتىيى مىنى تېخىمۇ روھلاندۇرۇپ يېڭى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، مۇندىن كېيىن مەن ئۆزۇمنىڭ  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئويلاپ كېلىۋاتقان ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۆرەش قىلىمەن: ئۇ بولسىمۇ بىر كارخانىچى،جامائەت ئەربابى ۋە ساخاۋەتچى بولۇشتىن ئىبارەت.»

ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئادەم ھەمىشە ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرۇپ قويۇشقا ئامراق كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، چۈنكى بۇ سىزنىڭ پۇت-قولىڭىزنى چۈشەپ قويىدۇ ! بۇنى ھەربىر ۋېنجۇلۇق سودىگەر چوڭقۇر ھېس قىلغان.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

      ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئادەم ھەمىشە ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرۇپ قويۇشقا ئامراق كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، چۈنكى بۇ سىزنىڭ پۇت-قولىڭىزنى چۈشەپ قويىدۇ !

-شاڭجيا شىڭچۈەنفۇ ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيالياڭ

   مەبلەغ سېلىش پۇرسەت ئوغرىلاش ئەمەس، مەبلەغ سېلىشتا ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىنى كۆزلەيمىز، پۇرسەت ئوغرىلاشتا پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىسى ئەڭ مۇھىم .

-چۇڭچىڭ لىجيا كېمە قاتنىشى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ