بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
6 - باب 4 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: تىجارەت قىلىشتا پۇرسەتنى تۇتۇش مۇھىم، پەقەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتساقلا بولدى.
ۋېنجۇلۇقلار: تىجارەت قىلىشتا مەبلەغ سېلىش، ھەرگىزمۇ پۇرسەت ئوغرىلىماسلىق
كېرەك. نىشان يىراق مۇساپىلىك بولۇشى، بىر قەدەم-بىرقەدەمدىن پۇختا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ھەربىر قەدەمدىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋېنجۇلۇقلار پايچەك ئوينىمايدۇ، ئۇلار ئەمەلىي نەرسىلەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆي، نىفىت، ئالتۇن قاتارلىق ماتېرىياللار ۋېنجۇلۇقلار مەبلەغ سېلىشنى ئەڭ ياختۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش
تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەمىشە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ بايلىقىنى كۆپەيتىدۇ.
ۋېنجۇدا مەخسۇس ئالتۇن بىلەن ھەپىلىشىدىغان يې لياڭ ئىسىملىك بىر ئادەم بار.
يې لياڭ دەسلەپتە ۋېنجۇدىكى تۇنجى ئالتۇن ۋەكالەتچىلىكى كەسپ شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ جۇڭگو ئالتۇنچىلىق باش شىركىتىنىڭ سېتىشقا رۇخسەت قىلغان
ئون سودىگىرىنىڭ بىرى. يې لياڭنىڭ سودىسى ئاساسلىقى ئولىمپىك ئالتۇن مىداللىرى، مۆچەل مىدال ۋە ئولىمپىك قۇت بەلگىسى ئالتۇن مىدالى قاتارلىقلارنى سېتىشتىن كېلىدۇ، بۇ خىل سودا ۋېنجۇ خەلقنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يې لياڭنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ئېقىپ كەتكەن.
«بۇ كەسپنى قىلىشىم ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ئۇنچىۋالا سىرلىق ئەمەس. بىز ساتقان ئالتۇنلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت بۇيۇمى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ئالتۇننى ياختۇرۇشۇمدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا.» ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سودىسىنىڭ بۇنداق ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قان-تەر ئاققۇزغانلىقىدا.
1996-يىلى يې لياڭ ئالتۇننىڭ ساقلاش قىممىتى ۋە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئەمەلىي نەرسىلەرگە مەبلەغ سالىدىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، فۇچيەن كوچىسىدا يىن شياڭ ئالتۇن دۇكىنىنى ئېچىپ، مەخسۇس جۇڭگونىڭ ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان خاتىرە پۇللىرى سودىسى قىلغان.
1997-يىلىغا كەلگەندە شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ ئىشلەنگەن خاتىرە پۇللار يې لياڭنىڭ تىجارىتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. يې لياڭ مۇنداق دېگەن: «بۇ كەسپ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان مۇھىم ۋەقەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.»
سودىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن يې لياڭ نۇرغۇنلىغان ئەجىر سىڭدۈرگەن.
2001-يىلى جىننيۇ شىركىتى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقارغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان ئاي توقاچ يې لياڭنىڭ دۇكىنىدا سېتىش رېكورتىنى ياراتقان. «ئۇىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ شىركىتىمىزمۇ نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ئەمما بۇنداق سېتىش رېكورتى تېخى تۇنجى قېتىم. بۇ بىزگە يېڭى مەھسۇلاتلارغا يوشۇرۇنغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆرسىتىپ بەردى.» دېدى يې لياڭ خۇشال ھالدا.
ئارقىدىن يې لياڭ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى يۈرۈش ياغاچ ئاسما كالېندارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئويما تامغا قاتارلىق قىممەتلىك مېتال سوۋغاتلىق بۇيۇملار مەيدانغا كەلگەن.
يې لياڭ ئىلگىرى-كېيىن جۇڭگو خەلق بانكىسى بېيجىڭ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى كاڭيىن پۇل بېزەكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئالتۇن پۇل باش شىركىتى قاتارلىق چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان.
2008-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يې لياڭنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغان.
2004-يىلى يې لياڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى چوڭ يولدا مەخسۇس ئالتۇن پۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى قۇرۇپ چىققان. يىل ئاخىرىدا ئولىمپىك خاتىرىلەنگەن چوكا ئالتۇنلار ۋېنجۇدا بازارغا سېلىنىپ، يې لياڭنىڭ دۇكىنىدا سېتىلغان ئالتۇنلار مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەن.
2005-يىلى 6-ئايدا، يې لياڭنىڭ جىننيۇ شىركىتى جۇڭگو ئالتۇن-پۇل باش شىركىتى ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەن 10 چوڭ پارچە سېتىش سودىگىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىردىنبىر پارچە سېتىش سودىگىرىگە ئايلانغان.
مەيلى قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كېلىش، ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش زۆرۈر. ئەگەر سىز بىر قەدەم بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، بۇ مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، يەنە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئەخمەقلىق سانىلىدۇ.
جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشى نەن سۈنخۇينىڭ ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل روھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە
بىر ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى چەكلىك بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بولسىلا كۆپ تەرەپلىمىلىك مەبلەغ سالسا بولىدۇ. ماڭا ئوخشاش بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئاساسىي كەسپنى چىڭ تۇتۇپ قىلسا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. سەكسەنپۇتنىڭ نۇرغۇن پۇتى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ماڭىدۇ،شۇڭا ئالدىراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى ياشلار ئىگىلىك تىكلىگەندە بۇ خىل ئەھۋالدىن قورقۇش كېرەك، ئۇلار قايسى كەسپتە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولسا شۇنىڭغا ئېسىلىدۇ، نەزىرى ئۈستۈن، ئەمەلىيەتچانلىقى يوق. بولۇپمۇ سانائەت كارخانىلىرى چوقۇم بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.»
ئەينى ۋاقتتا گۇرۇھ قۇرغان ۋاقتلىرىنى ئەسلىگەندە، نەن سۈنخۇي مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت
ئىزچىل مىنىڭ شىركەتنى گۇرۇھلاشتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلدى، مەن قىلىشنى خالىمىدىم، چۈن
كى مەن بۇنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى ھېس قىلالمىدىم. ئىككى يىلدىن كېيىن بىر چەتئەل كارخانىسى بىر قېتىمدىلا 100 خىلدىن ئارتۇق تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەسى سېتىۋالماقچى بولدى، ئەمما مەن پەقەت بىر نەچچە خىلنىلا ئىشلەپچىقىرالايىتتىم. مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ خېرىدار تېپىشنى، ئاندىن بىرلىكتە ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشنى ئويلىدىم، نەتىجىدە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەر چوقۇم گۇرۇھ بولغاندا ئاندىن قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى، مەن شۇ ۋاقتتىلا گۇرۇھ قۇرۇپ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.»
ئىلگىرى بىر ئادەم توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋېنجۇلۇقلار بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: بەزىلەر ۋېنجۇلۇقلار پەقەتلا پۇل تاپالايدۇ، سىياسەتنى چۈشەنمەيدۇ دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ سىياسەتكە تۇتىدىغان ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، خالاس. ۋېنجۇلۇقلار بېيجىڭلىقلارغا ئوخشاش
سىياسەتنى ئاساس قىلىپ مەبلەغ ھەققىدە پاراڭلاشمايدۇ، ئۇلار يەنە لۇ شۈن ئەپەندىم تەنقىدلىگەندەك «بۈگۈن پۇلنى كېڭەش قىلىپ، ئەتە سۈرەتكە چۈشىدۇ، ئۆگۈنى قاتناشنىڭ گېپىنى قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەڭرىنى ئېسىگە ئالىدۇ» غان ئىشلارنى قىلمايدۇ. پەقەتلا گەپ قىلىش سالاھىيىتى كەلگەندە ئاندىن سۆزلەيدۇ، ۋېنجۇلۇقلار پەقەت ئەمەلىيەتچىل بولۇش بويىچە باي بولۇش ئۈچۈنلا سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ۋېنجۇدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %60 تىجارەتچى ئىلگىرى «مەلۇم سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى كۆرسەتمىسى سەۋەبلىك مەلۇم تۈرگە مەب
لەغ سېلىش ياكى مەلۇم تىجارەتنى قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ياكى قىلىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان»، %17 تىجارەتچى «سىياسەتنىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلانغان». ۋېنجۇلۇقلار دۆلەتنىڭ ۋېنجۇغا قانچىلىك مەبلەغ سالغانلىقى بىلەن كارى يوق، پەقەتلا دۆلەتنىڭ ۋېنجۇغا قاراتقان سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاپتورنىڭ خۇلاسىسى بولسا: «سىياسەتكە نىسبەتەن ئۇلار كۈچلۈك پايدىلىنىشچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىق پىرىنپىسىدا تۇرىدۇ، ۋېنجۇلۇقلار <سىياسەتكە نۇرغۇن بايلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ > دەپ قارايدۇ.»
ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل ئادەم، ئۇ قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ قارىغۇلارچە كېڭىيىشنى تەكىتلىشىگە قارىشى.
گۇرۇھنىڭ بىر قېتىملىق پەسللىك خىزمەت خۇلاسىسى يىغىنىدا، ئاۋكاڭ كەسپ بۆلۈمىنىڭ بىر مەسئۇلى ئۇنىڭغا ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقىنى دوكلات قىلغاندا ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتكەن.
ئەسلىدە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ بىر پەسىللىك دۇكان ئېچىش ۋەزىپىسى 70 بولۇپ، ئۇلار 100 نى ئېچىپ ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان ئىدى. شۇڭا بۇ مەسئۇل خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، ۋاڭ جېنداۋنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى.
كىم بىلسۇن، ۋاڭ جېنداۋ ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەنقىدلەپ: «بۇ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش، ئىنتايىن ناچار خىزمەت ئادىتى. ئويلاپ باق، سەن ۋەزىپىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋەتسەڭ، سىنىڭچە باشقۇرۇش، ئوبوروت ۋە ئادەم كۈچى جەھەتلەردە يېتىشكىلى بولامدۇ؟ ئەگەر سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمىغاندا، ئۈنۈملۈك بازار كۆلىمى شەكللەندۈرەلمەيلا قالماس
تىن، ئەكسىچە ئەسلىدە بار بولغان تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى قارىغۇلارچە ئاچقاندا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ-دە، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.»
ۋاڭ جېنداۋ ئارقىدىنلا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئەسلىدە بىر
لا بالىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، نەتىجىدە ئۈچكېزەك تۇغقانغا ئوخشايدۇ. بۇ ئۇلارغا نىسبە
تەن ئېيىتقاندا ئېچىنىشلىق ئىش، ئائىلىدە بىراقلا ئۈچ ئادەم كۆپەيسە ياخشى ئىش،
ئەمما بېقىش قىيىندە!»
ئاخىرى ۋاڭ جېنداۋ ۋەزىنلىك قىلىپ كۆپچىلىككە مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىڭلاردا بولسۇن، مۇۋاپىق بولغاندا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كېلىشلا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.»
دەل ۋاڭ جېنداۋنىڭ بۇ خىل ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى ئاۋكاڭ ئاياغلىرىنى رىقابەت دېڭىزىدا راۋان ئېلىپ مېڭىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرگەن، ھەمدە ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ماڭغان قەدەملىرىنى تېخىمۇ مەزمۇت، پۇختا قىلغان.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
مۇۋاپىق بولغاندا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كېلىشلا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
-ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ
بىزنىڭ نىشانىمىز يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ماركا يارىتىش، بۇنى بىر ئاز-بىر ئازدىن قىلىش كېرەك، بىردىنلا قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. كارخانا قۇرۇش ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ، چوقۇم ئاساسىنى پۇختا ئېلىپ مېڭىش، مۇستەھكەملەش كېرەك!
-فاپەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى-پېڭ شىڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى