A-A+

باي بولۇش تەربىيەسى ناھايىتى مۇھىم

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 1,071 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 6 - باب 12 - پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: بىر ئۆمۈر جاپا تارتساقمۇ مەيلى،بالىلارغا ئانچە-مۇنچە  مال-دۇنيا  قالدۇرۇشىمىز  كېرەك.

   ۋېنجۇلۇقلار: پۇلنى مەڭگۈ تاپسىمۇ كۆپلۈك قىلمايدۇ، بالىلارغا قانچىلىك كۆپ پۇل قالدۇرغان تەغدىردىمۇ ھامان خەجلەپ تۈگىتىۋېتىدۇ. بالىلارغا پۇل قالدۇرۇش ئۇلارغا قانداق پۇل خەجلەشنى ئۆگەتكەنگە يەتمەيدۇ، شۇڭا بالىلارغا باي بولۇش تەربىيەسى بېرىش كېرەك.


   ۋېنجۇلۇقلار كىچىكىدىن تارتىپلا تىجارەت قىلىشقا ماھىر، فاڭ دېخۇا كىچىكىدىن باشلاپلا تىجارەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئىپادىلىگەن. بەش ياش ۋاقتلىرىدا، فاڭ دېخۇا سودىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىگە باھا چاپلاپ خوشنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا سېتىپ بېرەتتى. باھاسىنى بېكىتىش ئامالى بولمىغان نەرسىلەرگە تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن باھا چاپلايتى. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە غەلىتە شەكىللىك بىر پارچە تاشنى قولغا چۈشكەندە ، 10000 يۈەن باھا چاپلايدۇ. ئاچىسى ئۇنىڭدىن <بۇ بىر تال تېشىڭ قانداقمۇ بۇنچە كۆپ پۇلغا يارىسۇن ؟>دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋابەن : «باشقىلاردا بۇنچە چىرايلىق تاش بولمىسا، مەن قانچە پۇلغا ساتقۇم كەلسە شۇنچە پۇلغا ساتىمەن.» دەيدۇ.

  مۇنداق ۋېنجۇلۇقلار ناھايىتى كۆپ، بۇ ئۇلارنىڭ بالىلارغا كىچىكىدىنلا باي بولۇش تەربىيەسى بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ پۇل تېپىپ بالىلىرىغا بايلىق قالدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەندە، ئەقللىق ۋېنجۇلۇقلار بالىلىرىغا باي بولۇش تەربىيەسى بېرىشكە باشلايدۇ، بالىلىرىغا قانداق پۇل تېپىش، قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىدۇ.

   تىڭيۈ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى فەن پېيسۇڭنىڭ ئىككى قىزى بار. گەرچە ئۇنىڭ بايلىقى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇ ناھايىتى بۇرۇنلا بالىلىرىغا باي بولۇش تەربىيەسى بېرىشنى باشلاپ، ئۇلاردا توغرا بولغان بايلىق قارىشى تىكلىگەن. پەن پېيسوڭ مۇنداق دەيدۇ:«ئۈچىنچى ئەۋلادقا بىر نەرسە دېمەك تەس، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانامنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىيىنچىلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئۇلارنىڭ تارتقان مۇشەققىتىنى بىلىمەن، ئۆزۈممۇ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى ھېس قىلغان، ئەمدى بۇ ئېغىر ۋەزىپىسىنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرسەم، سىز ئاسانلىقچە بەل قويۇۋەتسىڭىز بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن سىز ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلىگەن ئاتا-ئانىڭىزغا يۈز كېلەلمەيسىز. ھازىر قىزلىرىمنىڭ پۇلغا قارىتا ھېچقانداق ئېھتىياجى  يوق.»

   ئۇنىڭ ئىككى قىزى ناھايىتى كىچىك ۋاقتتىلا باشقىلارنىڭ بالىلىرىدا پىئانىنو بارلىقىنى كۆرگەن، ھەمدە ناھايىتى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئانىسىنىڭمۇ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق فەن پېيسۇڭ ئۇلارغا دەرھال ئېلىپ بەرمىگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەرھال قاندۇرماستىن مۇنداق دېدىم: پىئانىنو ناھايىتى قىممەت، چوقۇم نۇرغۇن پۇل بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپاڭلار بىر يىل خىزمەت قىلىشى كېرەك، شۇ بىر يىللىق ئىش ھەققى يىغىلغاندىلا ئاندىن سىلەرگە ئېلىپ بەرسەم بولىدۇ.»

  بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ قىزلىرى يەنە ئاپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كونا گەپنى تەكرارلايدۇ، بۇ ۋاقتتا فەن پېيسۇڭ قەستەن ئۇلارنى خىجىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كەچۈرۈڭ، پىئانىنو ناھايىتى قىمممەت، ئاپاڭلار بۇ يىل يىغقان پۇلمۇ يەتمىدى، شۇڭا يەنە بىر يىل تىرىشسام ئاندىن بولغۇدەك.» ئۈچىنچى يىلى قىزلىرىنىڭ پىئانىنوغا بولغان ئىنتىزارلىقى ئاپىسىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن فەن پېيسۇڭ ئۇلارغا پىئانىنو ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ ، بانكىغا بېرىپ 30 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئالىدۇ، ھەمدە ئاتايىتەن خىزمەتچى خادىملارنى بۇيرۇپ بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئون يۈئەنلىك  پۇللارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئارقىدىن ئۇ بىر دۆۋە پۇللارنى قىزلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ  مۇنداق دەيدۇ: «ئاپاڭلار ئەتە سىلەرگە پىئانىنو ئېلىپ بېرىدۇ، بىراق سىلەر چوقۇم ئاپاڭلارنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلنى تاپقۇچە كۆپ جاپا تارتقانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك، شۇڭا سىلەر پىئانىنونى ئاسىرىشىڭلار، ياخشىراق ئۆگىنىشىڭلار كېرەك، بىلدىڭلارمۇ؟»

   ئەمەلىيەتتە 30 مىڭ يۈەن فەن پېيسۇڭغا نىسبەتەن ئۇنچە كۆپ پۇل ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ قىزلىرىغا پۇل تېپىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ھەربىر ئادەمنىڭ پۇل تېپىشى لازىملىقىنى ۋە تاپقان پۇلنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى ئىدى. «ھازىر مىنىڭ قىزلىرىم پىئانىنونى ناھايىتى ئەستايىدىل مەشىق قىلىدۇ، چۈنكى ئاسان قولغا كەلمىگەن نەرسىلەرلا قەدىرلىنىدۇ. مەن يەنە دائىم ئۇلارنى باشلاپ يېزىلاردىكى نامرات بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرگىلى بارىمەن، ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيەلەيمەن. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل ماھارەت.»

   ۋېنجۇلۇقلار بالىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا نۇرغۇن پۇل بەرگەندىن كۆرە ئۇلاردا «ئۆزى تاپقان پۇلنى خەجلىگەنگە يەتمەيدۇ» دېگەن قاراشنى شەكللەندۈرگەنگەن ياخشى .چۈنكى  پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغاندىلا بىر ئۆمۈر نامراتلىقنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

   شاڭخەي يالۇڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شاڭخەي جىنسەنگو قوش تىللىق مەكتىپىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېنرۇڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا « ئۆزى تاپقان پۇلنى خەجلەش» قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.

   ئۇ يىلى جاڭ ۋېنرۇڭ ئەمدىلا تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققان بولۇپ، ياز ۋاقىتلىرى باشقىلارنىڭ چوكامۇز يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بوۋىسىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئېلىپ بېرىشىنى ئېيتىپ چىرماشلىق قىلغان. بىراق بوۋىسى ئۇنىڭغا پۇل بەرمەستىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرگەن.

   ئىككىنچى كۈنى بوۋىسى ئۇنىڭغا بىر ياغاچ ساندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «چوكا مۇز يېمەكچى بولساڭ ئۆزۈڭ پۇل تېپىپ يە!» . شۇنداق قىلىپ جاڭ ۋېنرۇڭ پۇل تېپىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.

   بىر كۈندىن كېيىن ئۇ تاپقان پۇلى بىلەن توپتوغرا بىر ھەپتە تاماق يەيدۇ، جاڭ ۋېنرۇڭنىڭ خۇشاللىقىغا گەپ كەتمەيتى.

   ھازىر جاڭ ۋېنرۇڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغان ۋاقتىدا ھەمىشە ئىپتىخارلىنىدۇ. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ «ئۆزى پۇل تېپىپ خەجلەش»، «ئۆزىگە تايىنىپ جان بېقىش» تەربىيەسى ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزى پۇل تېپىشنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

   باشقىلارغا تەييار  بېلىق بېرىش ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا  بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەنگە يەتمەيدۇ، بۇ تەربىيەدىكى بىر خىل پىرىنسىپ، ئەقللىق ۋېنجۇلۇقلار بۇ قائىدىنى بالدۇرلا ھېس قىلغان.

1992-يىلى ۋېنجۇلۇق جاڭ لى ئامېرىكا نيويورك شەھىرى خانىش رايونىدىكى فاراسىنغا يېتىپ كېلىدۇ. دەسلەپتە ئۇ يول بويىدا ئۇششاق يايما ئاچىدۇ، يەنە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا توشۇغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.   1995-يىلى جاڭ لى ئاخىرى فاراسىننىڭ ئاۋات شەھەر رايونىدا بىر جۇڭگۇچە يېمەكلىك دۇكىنى ئاچىدۇ.

   دۇكان ئېچىلىپلا سودىسى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. جاڭ لى مۇنداق دەيدۇ: «بىز كىچىكىمىزدىن پۇل تېپىش ۋە خەجلەشنى بىلىمىز، بۇ بىز ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى.»

   نەچچە يىل بۇرۇن «باي دادام، نامرات دادام» ناملىق كىتاب پۈتۈن جۇڭگوغا تارقالغان، بىراق ۋېنجۇلۇقلار ئۇكىتابتىكى قائىدىلەرنى بۇرۇنلا ئۆز ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغان.

   «16 ياشتىن باشلاپ ئاپام ماڭا پارچە پۇل بەرمەيتى، ھەتتا ئوقۇش پۇلۇمنىمۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقتتىن باشلاپ مەن پۇل تېپىشقا باشلىدىم ، ئۆيدىكىلەردىن بىر سىنت پۇل ئېلىپ باقمىدىم» ، دەيدۇ نوڭجۇ . 2006-يىلى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن نوڭ جۇ 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ كىيىم-كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرىدۇ، بۇ پۇللارنى ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپ تاپقان ئىدى.

   نوڭ جۇ كىيىم-كېچەك لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان ئىدى. «16 يېشىمدىن باشلاپ مەندە پارچە پۇل كەملەپ باقمىغان.» شياڭگاڭ زامانىۋى كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ئىنىستىتۇتىدىكى ۋاقتتا، نۇڭ جۇ دائىم بىر نەچچە خىل خىزمەتنى تەڭ قىلاتتى، مەسىلەن: مەكتەپتە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، ئاشخانىغا بېرىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق. بىر ئاز پۇل تاپقاندىن كېيىن، نۇڭ جۇ رۈيئەندىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدىن كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ رەسىم كارىدورى تەسىس قىلغان، ھەمدە ئادەم ياللاپ ئىشلەتكەن. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئۇ يەنە گۈزەل-سەنئەت كۇرسى ئاچقان .

   كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش مەشىقى قىلغان نوڭ جۇ ئاللىبۇرۇن تىجارەت قارىشىغا ئىگە بولغان ئىدى. باشقا ياشلار موتوسىكىلىت بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ نەزىرى ئاللىقاچان موتوسىكىلىتنىڭ لايىھەسىگە چۈشەتتى ؛ بەدەنگە گۈل چېكىش ياشلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان چاغدا، نوڭ جۇ يەنە ئۇنىڭ لايىھەسىنى قىلىپ باققان.

   ئۇ ۋاقتتا نوڭ جۇنىڭ ئايلىق كىرىمى خېلىلا ياخشى ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ  ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان. ئۇ باشقىلارنىڭ تىجارەت دېڭىزىدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا قالىدۇ.

   نۇڭ جۇ شياڭگاڭ، شېنجىن قاتارلىق جايلاردا كىيىم-كېچەك لايىھەلەش شىركەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى ، ئەمما ۋېنجۇدا بۇنداق شىركەتلەر يوق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى لايىھەلەش ئىشخانىسىئېچىشنى ئويلايدۇ.   2001-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، نۇڭ جۇنىڭ لايىھەلەش ئىشخانىسى رەسمىي ئىش باشلايدۇ. ئەينى ۋاقتتا بۇ ساھە تېخى بوش بولغاچقا رىقابەتچى يوق ئىدى، نۇڭ جۇنىڭ لايىھەلەش ئىشخانىسى ئېچىلغاندىن كېيىن سودىسى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. «ئۇ ۋاقتتا بىر پارچە لايىھەنىڭ باھاسى 100 مىڭ يۈەن ئىدى، بىر قېتىمدا ئون پارچىدىن كۆپرەك ساتقىلى بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلىسى نەق بولۇپ، قىز دوستۇم كۈندە ماڭا ياردەملىشىپ پۇل ساناپ بېرەتتى.» ئەينى ۋاقتتا نۇڭ جۇ ئاساسلىقى داڭقى چىقمىغان، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغان كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى. لايىھەلەش ئىشخانىسى رەسىم قەغىزى سېتىش، پەسىللىك كۆتۈرە ئېلىش، توختاملىشىپ كۆتۈرە ئېلىش قاتارلىق شەكللەر ئارقىلىق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشاتتى.

   نۇڭ جۇ تۇنجى زاكازنى لېچىڭدىكى بىر كارخانىدىن قوبۇل قىلغان، مۇددىتى بىر پەسىللىك بولۇپ، 30 مىڭ يۈەن ھەق ئالاتتى. ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبىگە تەڭ. ئارقىدىن نۇڭ جۇ بىلەن ھەمكارلاشقان كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئوخشاش ۋاقتتا 12 كارخانا بىلەن ھەمكارلاشقان. ئەمەلىي كۈچىنى توختىماستىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇڭ جۇ ئۆگىنىش تەربىيەلىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ دائىم شاڭخەي، شياڭگاڭ، مىلان قاتارلىق جايلارغا بىلىم ئاشۇرغىلى  باراتتى. دەل بۇ خىل «ئۆزى پۇل تېپىپ خەجلەش» تەربىيەسى نۇڭ جۇغا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھاياتىي كۈچ بەخىش ئەتكەن، ھەمدە ئاخىرىدا غەلبە قىلغان.

   «كارخانا قۇرۇش ناھايىتى تەس، ئۆزىمىز ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز، باشقىلارغا تاپشۇرساقمۇ خاتىرجەم بولالمايمىز. كەلگۈسىدە بالىلار بىر نەرسىلەرنى بىلگۈدەك بولغاندىمۇ كارخانا قۇرماسلىقى كېرەك.» بۇ ۋېنجۇلۇق بىر خوجايىننىڭ كىلاسسىك تەسىراتى، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تەپەككۇر ئادىتى بەزىدە غەلىتە بولۇپ، بىرىنچى ئەۋلاد ۋېنجۇلۇقلار كارخانا قۇرۇشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى يېتەرلىك ھېس قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆزى ماڭغان يولدا ماڭماسلىقىنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئىككىنچى ئەۋلاد بالىلار يەنىلا ئاتىسىنىڭ يولىنى بويلاپ ماڭىدۇ-دە، كارخانىنى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى قاتارىدا كۆرىدۇ.

   ۋېنجۇلۇق بالىلار ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدۇ. ۋېنجۇدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تور دۇكىنى ئېچىش شەكلى بويىچە تىجارەت تەجرىبىسى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. توردا دۇكان ئاچقاندا پەقەت تورغا چىقالايدىغان بىر كومپيۇتېر، بىر توپ ئۇششاق مال ياكى ئىككىنچى قول ماللار بولسىلا، تور بەتكە چىقىپ تىزىملىتىپ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى يوللىسىلا ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا ئىگە بولالايدىغان بولۇپ، «ئۆيدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقىش، پۇل توردىن كېلىش» شەكلى ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولاتتى.

   «ئوقۇغۇچىلار ئاچقان تور دۇكانلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىمىمۇ 800 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى.» ۋېنجۇ تىببىي ئىنىستىتۇتى ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى توردا كۆچمە تېلېفون نومۇرلىرىنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپقان.    ۋېنجۇلۇق ياشلار باشقىلارغا ئوخشاش دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ياكى مەمۇرىي ئورگانلاردا ئىشلەشنى خالىمايدۇ، كۆپلىگەن ۋېنجۇلۇق ياشلار ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلەشنى، تىجارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تەجرىبىسى يېتەرسىز ۋېنجۇلۇقلار دائىم پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىپ كۆزىنى پىشۇرۇشنى، ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئىش باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   ۋاڭ چۈنگۇاڭ مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇلۇقلار مائارىپ تەربىيە ۋە ئادىمىيلىك تەربىيىسىگە تەڭ  ئېتىبار بېرىدۇ. ۋېنجۇلۇق ياشلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھى، جاپاغا چىداش روھى، بازاردىكى كۆرەش روھى ۋە ساپاسىنى ئىزچىل يۈكسەلدۈرۈش روھىغا ۋارسلىق قىلالىسا، ۋېنجۇنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق.» ۋېنجۇلۇقلار بالىلىرىغا توغرا بولغان پۇل قارىشى تەربىيەسى بېرىش ئارقىلىق، ھەربىر ۋېنجۇلۇقنىڭ قېنىغا ئىگىلىك تىكلەپ باي بولۇش روھىنى سىڭدۈرىۋەتكەن.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ۋېنجۇلۇقلار كىچىكىدىن پۇل تېپىش، تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارنى بىلىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋىئادىتىمىز.

-ۋېنجۇلۇق سودىگەر جاڭ لى

   بىزنىڭ ھازىرقى ئەمگىكىمىز  پۇل ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش  ئۈچۈن دۇر . تاپقان پۇل مۇئەييەن چەككە يەتكەندە ، گاھىدا ئادەم ئۈچۈن بىر  مىليون بىلەن 10 مىليوننىڭ جىق پەرقى يوق.

-ئاۋكاڭ گۇرۇھى باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

كىتابنىڭ تەرجىمىسى ۋەسسالام

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ