A-A+

خوتەن قاشلىرىدىكى ئۆيەنلەرنىڭ ئويمىچىلىققا بولغان تەسىرى

2015-يىل 16-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 760 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى

خوتەن قاشلىردىكى تۇمۇر ،چېچەك، يېرىقچە ۋە دۇغ قاتارلىق ئۆيەنلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيۇلغان ئويما بۇيۇملارغا  قارىتا مۇئەييەن تەسىرى بار. تۆۋەندە خوتەن قاشلىرىدىكى بۇ تۆت تۈرلۈك ئۆيەن (كەمتۈكلۈك) ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز:

1.خوتەن قاشلىرىدىكى تۇمۇرلار: 

SHUI XIAN  水线

猎豹截图20150916130241

ئومۇمەن ئېيتقاندا، تومۇرلار خوتەن قاشلىرىنىڭ  ئىچكى قىسىمىدىكى يېرىم سۈزۈك ياسىمان نەرسە بولۇپ ، كۆپ قىسىمى تۈز سىزىق ياكى ئەگرى سىزىق  شەكلى بويىچە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

ئەگەر ئادەتتىكى زىرە قاشلاردىكى تومۇرنىڭ ئورنى قاشنىڭ بۇرجەكلىرىگە توغرا كېلىپ،ئادەتتىكى كۆز بىلەن بايقاش تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنىڭ خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىگە بولغان تەسىرى بىر ئاز كىچىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تومۇر بولغان قاش ماتېرىياللىرىنىڭ زىچلىقى يۇقۇرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا قىممىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم خوتەن قاشلىرىدىكى تومۇرلار روشەن بولسىمۇ، ئەمما خام ماتىريالنىڭ زىچلىقى يۇقۇرى ؛ مايلىقلىق، پاكىزلىق دەرىجىسى  بىر قەدەر ياخشى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيۇش جەرياندا تومۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى ئويمىنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىغا ناھايتى ماس كەلگەن

بولسا  مۇنداق ئەھۋالدا ئەكسىچە ئويمىلار تېخىمۇ ئۆزگىچە تۈسكە كىرىپ،تومۇرنىڭ  ئويما  باھاسىغا بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر خوتەن قاشلىرىدىكى تومۇرلاردىن  ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلسا، ئۇ خام ماتىريالدىكى ئۆيەن بولماستىن،ئەكسىچە ئۆزگىچىلىك بولىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن، ئويمىچىلىقتا تومۇرلارنىڭ خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەسىرى نىسپي بولۇپ، مۇتلەق بولمايدۇ، كونكېرت ئەھۋال ئەمەلىيەتكە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.

2.خوتەن قاشلىرىدىكى چېچەكلەر:

 YU MIAN  玉棉

20140103111858274

بىر قىسىم قاش ماتېرىياللىرىنىڭ سىرىتقى يۈزىدە ناھايتى روشەن چېچەك بولىدۇ.  ھەجىمى چوڭ بولغان قاش ماتېرىيالىنىڭمۇ سىرىتقى يۈزى ياكى ئىچكى قىسىمىدا چېچەك  بولىدۇ. قاشلاردىكى چېچەكلەرنى دانىچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ۋە ھالىتىگە ئاساسەن تۇمانسىمان، گۈلسىمان دىگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. تىلغا ئېلىشقا  ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئەگەر قاشلاردىكى چېچەكلەر ناھايتى روشەن ۋە چوڭ بولسا  بۇنداق قاش ماتېرىيالىنى ئويمىچىلىققا ئىشلىتىش ئۈچۈن تاللاشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۆيەنلەر ئويمىلارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ باھاسىنى چۈشۈرۋېتىدۇ.قىسمەن ھاللاردا ئويمىلاردا ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغان مەنزىرە ۋە مەزمۇن ئېھتىياجى بىلەن يەنە مۇنداق خام ماتتىرياللارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن:  «قارلىق كېچىدە ئۆيىگە قايتىش» ناملىق بىر قاش ئويما بولۇپ، ئۇنىڭ قاش ماتېرىيالىدا نۇرغۇن چېچەكلەر(پاختىسىمان تەنچىلەر ) بار ئىدى. لايىھەلىگۈچى بۇ چېچەكلەردىن پايدىلىنىپ قار يېغىۋاتقان مەنزىرىنى  ئىپادىلىگەن . بۇنىڭ بىلەن بۇ ئويمىدا ئەكىس ئەتتۈرمەكچى  بولغان مەزمۇن تېخىمۇ  يارقىن نامايەن قىلىنغان. قاش ماتتىرياللىرىدىكى چېچەكلەرنى قار گۈللىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئائىت يەنە نۇرغۇن تېمىلار بار، مەسىلەن: << شىۋىرغاندىكى بېلىقچى بوۋاي >> قاتارلىقلار.

3.خوتەن قاشلىرىدىكى يېرىقچىلار :

LIE WEN 裂纹

猎豹截图20150916131137

كەسپ ئەھلىلىرى < ئون قاشنىڭ توققۇزىدا يېرىقچە بار > دېيىشىدۇ، ئادەتتە ھەممە قاشنىڭ دېگۈدەك يېرىقچىلىرى بولىدۇ، ئۇنداقتا يېرىقچىنى  قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ چارىسى - ئويمىنى لايىھەلىگەندە ئامال قىلىپ شۇ يېرىقچىلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش، پايدىلانغىلى بولمىسا ئۇيۇش جەريانىدا يوقۇتىۋېتىشتىن ئىبارەت.

ئەمما ئادەملەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان قاش ئويمىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ

يۈزىدە ئازراقمۇ يېرىقچە بولسا بولمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم قاشتىن ئۇيۇلغان ئادەمنىڭ يۈزىدە يېرىقچە بولۇشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئويمىچىلىقتا ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قاش ماتېرىيالغا بولغان تەلپىمۇ بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ.

4.خوتەن قاشلىرىدىكى دۇغلار:

JIANG 僵

猎豹截图20150916131330

ئاينىڭمۇ دېغى بولغاندەك يەنە نۇرغۇنلىغان خوتەن قاشلىرىدا دۇغ  بولىدۇ ھەم بۇخىل دۇغلار ئىككىگە بۆلىنىدۇ.بىرى،قاشنىڭ سىرىتقى يۈزىدىكى نىپىز بىر قەۋەت دۇغ بولۇپ،مۇنداق دۇغلار ئادەتتە قاشنىڭ ئىچكى سۈپىتىگە ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.ئەگەر ئويمىچىلىقتا دۇغلارنىڭ رەڭگى ،شەكلى،ھەجىمىنى ئەسەر مەزمۇنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولسا ئۇ چاغدا بۇ دۇغلار ئۆيەن ئەمەس،ئەۋزەللىك ھىساپلىنىدۇ.يەنە بىرى ،قاشلارنىڭ ئىچكى قىسىمىغىچە كىرىپ كەتكەن قېلىن دۇغ بولۇپ، بۇ خىلدىكى قاش ماتتىيالىنى ئويمىچىلىققا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.يىغىپ ساقلاش قىممىتىمۇ يوقدىيەرلىك بولىدۇ.

تەبىئەتنىڭ تەسىر كۈچى سەۋەبلىك خوتەن قاشلىرىدا يىللاردىن بۇيان ھەرخىل ئىزلار شەكللىنىپ ئۇنى ھەرخىل شەكىل،رەڭ ۋە جۇلاغا ئىگە قىلغان. كىشىلەر مۇكەممەل قاشتېشىنى قوغلىشىدۇ، ئەمما ئۆيەن-نوقسانسىز قاشلار ناھايتى ئاز بولىدۇ. بىراق يۇقارقىدەك ئۆيەنلىرى  بار قاشلار سەنئەتكارلارنىڭ ئىش قوشۇشى ئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر خىل گۈزەللىكنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ، بۇ دەل خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب بولۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئادەم گويا ئۆيەن -نوقسانلىرى بار خوتەن قاشلىرىغا ئوخشايدۇ.ئۆيەنلىرى بار خوتەن قاشلىرى ماھىر سەنئەتكارلارنىڭ قۇلىدا ئۆز گۈزەللىكىنى ،قىممىتىنى نامايەن قىلسا ؛ ئەيىپ-نوقسانى بار ئىنسانلار  تارىخنىڭ بوران -چاپقۇنلىرى ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىپ تاۋلىنىدۇ-دە، ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

مەنبە : 阿克达和田玉市场  سالونى

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ