A-A+

ئىنسان ئۆمۈر بويى كۆرەش قىلىش كېرەك

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 328 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 6 - باب 6 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: ھاياتتا تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنتايىن تەس، نېمىشقا ئۆزىمىزنى ئايىمايمىز؟

   ۋېنجۇلۇقلار: ئادەم ياشىغان ئىكەن چوقۇم ئارزۇسى بولۇشى كېرەك، غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىشبىر خىل ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، يەنە كېلىپ بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول.


ۋېنجۇدىكى بىر داڭلىق كارخانىچىنىڭ تىرىشىپ كۆرەش قىلىشقا نىسبەتەن ئۆزگىچە چۈشەنچىسى بار: كۆرەش قىلىش-تىرىشىشقا تايىنىپ دۆلەت، خەلق ۋە شەخسنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىگىلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈشتۇر.

ئادەم ياشىغان ئىكەن چوقۇم ئارزۇسى بولۇشى كېرەك، غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىر خىل ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، يەنە كېلىپ بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول. بىر ئادەمنىڭ ئىگىلىك يارىتالىشىدىكى ئاچقۇچ سىزنىڭ بوش ۋاقتلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدە. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىشقا چىققاندا تىرىشىپ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئىقتىدار جەھەتتىمۇ كۆپ پەرق چىقمايدۇ. ھالبۇكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بوش ۋاقتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماسلىق ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پەرق پەيدا قىلىدۇ.

بېيجىڭ ۋۇفۇ چاي مەدەنىيىتى  سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى، بېيجىڭ فۇلىتې جۇڭگو چاي شەھەرچىسىنىڭ باش مەسئۇلى دۇەن يۈنسۇڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«1989-يىلى مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم، ئاتا-ئاناممۇ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى، ئاپام دائىم مەندىن <سەن ئەتە نېمە ئىش قىلىسەن؟> دەپ سورايىتتى، بۇ ماڭا ناھايىتى ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئادەمنىڭ ھاياتىدا چوقۇم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يۇلى ۋە قىلىدىغان ئىشى بولۇشى كېرەك ئىدى، پەقەت كۆكتات سېتىپ، كاۋاپ پىشۇرقا تايىنىپلا  ياخشى كۈن كەچۈرگىلى بولمايىتتى، شۇنىڭ بىلەن

مەن خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن ۋاڭفۇجىڭ تاماقخانىسىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ يۈك-تاق توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلىدىم، بۇنىڭغا يەنە ئانچە-مۇنچە ئۇششاق كىرىملەر قوشۇلۇپ ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلالايىتتىم، ئەينى ۋاقتتا بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى. ئەمما بۇ خىزمەتنى بىر يىل قىلغاندىن كېيىن ئىستىپا بەردىم. بۇ مەلۇم ئىشنىڭ ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىدىن ئىدى. بىر قېتىم لى جياچېڭ ۋاڭفۇجىڭ تاماقخانىسىغا كەلدى، تاماقخانا باش مەسئۇلى، مۇئاۋىن مەسئۇلى قاتارلىق بىر توپ ئادەم ئىشىك تۈۋىدە ئۇنى ساقلاۋاتاتتى، مەن يۈك-تاق توشۇغۇچى بولغاچقا، ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن  ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئالغىلى باراتتىم. ئەينى ۋاقتتا ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن خوجايىنىمىز ئۇنى باشلاپ بىۋاستە 13-قەۋەتتىكى پىرىزىدېنت خانىسىغا باشلىدى. مەن دەسلەپتە يۈك-تاقلارنى ئالغاندا يېتىشىپ ماڭالىغانتىم، ئەمما كېيىن ئۇلار بارغانسېرى ئۇزاپ كەتتى، ھېچكىممۇ مەندەك ئېغىر يۈك-تاقلارنى كۆتۈرگەن ئادەمگە پەرۋا قىلىپ قويمىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى ئورىۋالغانلىقىغا قاراپ مەن كۆڭلۈمدە ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭدەك بولۇشقا بەل باغلىدىم.»

تىجارەت خىيىم-خەتەرگە تولغان، خۇددى كېچىدە ماڭغان كېمىنىڭ ئالدىدا زۇلمەت بولغاندەك قەدىمىمىزنىڭ ئاستىدىلا نۇرغۇنلىغان خەتەرلەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ  ھال

ئادەمنىڭئىرادىسىنى تاۋلايدۇ،  ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

ئامېرىكا ۋېيتۇڭ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ ۋېيجيا مۇنداق دېگەن: «مەن ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى كۈچىنى نەقەدەر قوزغىتىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ھېچكىممۇ ئىگىلىك تىكلىگەندە ئىقتىدارىم تېخى جارى قىلدۇرۇلمىدى دېمەيدۇ، سىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى

ئىقتىدارىڭىز جارى قىلدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ سىز يېتەرلىك ئەمەستەك ھېس قىلىسىز، شۇڭا سىز ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.كارخانا تەرەققىياتى قانچە تېز، چوڭ بولغانسېرى، سىزدە بۇ خىل ھېسىيات كۈچىيىپ بارىدۇ.»

1984-يىلى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ۋېنجۇ لېچىڭلىق چيەن جىننەي 300 يۈەن پۇلنى ئېلىپ شىنجاڭغا تىجارەت قىلغىلى كېلىدۇ. ئون يىلدىن ئارتۇق تىرىشىپ كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ شىركەت قۇرىدۇ.

1995-يىلى ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۈرۈمچى كابىل زاۋۇتىنى قۇرىدۇ. چيەن جىننەي چوڭ ئىش قىلىشنى پىلانلاپ يۈرگەندە، پېيى بازارغا سېلىنغان بىر شىركەت شىنجاڭ كابىل زاۋۇتىنى سېتىۋالىدۇ، ھەمدە ئۈرۈمچى كابىل زاۋۇتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىگە ئايلىنىدۇ.

ئامالسىز ئەھۋالدا، چيەن جىننەي پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى جاپا تارتىپ قۇرغان زاۋۇتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خىل قارار ئالدىدا، چيەن جىننەي يىغلاپ كەتكەن، بەزىلەر ئۇنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى ھېسىياتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «بۇ بىر خىل مۇرەككەپلىككە تويۇنغان كۆز يېشى بولۇپ، ئامالسىزلىق ئالدىدىكى ئازاب، مۇرەككەپ ھېسىيات، زۇلمەت ۋە يەنە ئېغىر مەسئۇلىيەت بار ئىدى.»

گەرچە ئۆزىنىڭ قان-تەرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، چيەن جىننەي قەددىنى تىك تۇتۇپ

تۇرغان. ئۇ ھاياتنىڭ كۆرەشكە تويۇنغانلىقىنى بىلەتتى، مەغلۇبىيەت پەقەتلا تىرىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، چيەن جىننەي يەنە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئىككى يىل ئۆگىنىشنى قارار قىلىدۇ.

ئارقىدىن چيەن جىننەي ئۆزىنىڭ ئۈچ شىركىتىنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ يىتۇڭ گۇرۇھى شىركىتىنى قۇرۇپ يىتۇڭ گۇرۇھى ۋېنجۇ چوڭ مېھمانخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. يىتۇڭ گۇرۇھىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چيەن جىننەي ئاكتىپ ھالدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئۇ دېلىشى گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بىرلەشمەكچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دېلىشى %50 پاينى، يىتۇڭ %44 پاينى كونترول قىلغان ئاساستا، 2001-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ دېخۇي ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 320 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق چيەن جىننەينىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئاۋال، دېخۇي گۇرۇھى ئۈرۈمچى مېھمانخانىسى ۋە ئۈرۈمچى تاماقخانىسىنى بىرىكتۈرىدۇ؛ ئارقىدىن 380 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ئۈرۈمچىدە كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتر بولغان دېخۇي خەلقئارالىق سودا مەيدانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ 2000-يىلىنىڭ بېشىدا شۇاڭئەن سودا شەھەرچىسىنى بىرىكتۈرۈپ دېلىشى شىنجاڭ شۇاڭئەن سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چيەن جىنبو

مەملىكەتلىك 50 مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىلى، شىنجاڭدىكى 10 مۇنەۋۋەر ياش ۋە ۋېنجۇدىكى  سىرتتا ئىگىلىك تىكلىگەن ئون مۇنەۋۋەر ياش بولۇپ باھالىنىدۇ، ھەمدە ئۈرۈمچى ۋېنجۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ.

مايكول لېيىف «يۇقىرى ئۈنۈم» ناملىق ئەسىرىدە ئادەمنى ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر ئابزاسنى يازىدۇ: «سۈبھى كۆتۈرۈلگەندە، ئافرىقىدىكى ئاھۇلار سەگەكلىشىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ

تېز يۈگۈرەيدىغان شىردىنمۇ تېزرەك يۈگۈرۈشى لازىملىقىنى بىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاستا يۈگۈرەيدىغان ئاھۇغا يېتىشىۋېلىشى لازىملىقىنى بىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. سىز شىر ياكى ئاھۇ بولۇڭ، قۇياش كۆتۈرۈلگەن ھامان يۈگۈرەشنى باشلىشىڭىز كېرەك.»

ئادەمنىڭ ھاياتى قىسقا بولىدۇ، ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن كۆرەش قىلىشى زۆرۈر، تىجارەت ۋە

باشقا ئىشلاردا بولسۇن، چوقۇم بىر ئۆمۈر  كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك.»

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن كۆرەش قىلىشى لازىم، غايە ئۈچۈن ھاياتىدىن كېچىشكىمۇ

ئەرزىيدۇ.

-جۇاڭجى گۇرۇھى باش دىرېكتورى جىڭ يۈەنجۇڭ

   ئادەمنىڭ ھاياتى قىسقا بولىدۇ، مەن چەكلىك ۋاقت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىشىم كېرەك، مەندە بىلىم بولغاندىلا بايلىق بولىدۇ.

-شاڭخەي ئەنشىن تاختايچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ ۋېيگۇاڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ