A-A+

مەغلۇبىيەت-غەلبىگە باشلايدىغان يىتەكچى

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 322 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 6 - باب 7 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: تىجارەت قىلىشتا چوقۇم جاسارەت ۋە شىجائەت بولۇشى كېرەك، دائىم مەغلۇب بولۇش ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپ ھېچقانداق ئىشنى  قىلالماس قىلىپ قويىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت بولسا ئۆز-ئارا ئايلىنىدىغان جەريان، مەغلۇبىيەت غەلبىگە ئېلىپ بارىدىغان يول، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ يەنە بىر قەدەم يېقىنلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئورنىدىن تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان روھ بولغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت سىزگە  يېقىنلىشىپ كېلىدۇ.


   بىر پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن: «بىر مەغلۇبىيەتچىنىڭ غالبىيەتچىگە ئايلىنالىشى ناتايىن، ئەمما بىر غالبىيەتچى بۇرۇن چوقۇم مەغلۇبىيەتچى بولۇپ باققان.»

   ئەگەر سىز ھەربىر غالبىيەتچىنىڭ پەقەتلا غەلبە قىلغان سەرگۈزەشتىلىرى بار دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىسىز؛ ئەمەلىيەتتە غالبىيەتچىلەرنىڭ ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. غالبىيەتچى بىلەن مەغلۇبىيەتچىنىڭ پەرقى، ئالدىنقىسى مەغلۇبىيەتتىن تەجرىبە توپلىيالايدۇ، ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن قىممەتلىك ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ئاخىرىدا غەلبە قىلالايدۇ؛ مەغلۇبىيەتچىلەر مەغلۇبىيەتكە يولۇققان ھامان روھى چۈشۈپ ئازاب دېڭىزىدا چۈشكۈنلىشىدۇ، دائىم روھىنى كۆتۈرەلمەستىن ئاخىرىدا ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ.

   ۋېنجۇلۇق سودىگەر لىن لىرېن 14 ياش ۋاقتىدىلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ شاماللىرى ۋېنجۇغا يېتىپ كەلگەن. لىن لىرېن ياش ۋاقتلىرىدا بېلىق ساتاتتى. كېيىن دۆلەتنىڭ قىسقۇچپاقا قېپى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەپكەش كۆتۈرۈپ قىسقۇچپاقا قېپى يىغىۋالىدۇ، ھەمدە دۆلەتكە سېتىپ بېرىدۇ.

   «تولۇق ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمەستىنلا تىجارەت يولىنى تاللىدىم، بۇنىڭغا نىسبەتەن پۇشايمان قىلمايمەن. سودامنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كېيىن مەن بىلىمنىڭ ماڭا نىسبەتەن بارغانسېرى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.» دېدى لى لىنرېن.

   1985-يىلى 21 ياشلىق لى لىنرېن شېنجىنغا كېلىپ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «ئۇ ۋاقتتا شېنجىننىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا چاپلانغان <بەشكە ئەھمىيەت بېرىش، تۆتتە گۈزەل بولۇش، ئۈچنى سۆيۈش، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماڭ >دېگەن سۆزلەر يېزىلغان چاپلىمىلارنىڭ  ھەممىسى بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئىدى. پايدىمىزمۇ ياخشى بولۇپ، ساپ پايدا نىسبىتى %70 كە چىقاتتى.» ئۇ يەنە توقۇلما خالتا سودىسى قىلىپ تىجارىتىنى كېڭەيتكەن.

   «ئۇ ۋاقتتا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوغۇت زاۋۇتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، توقۇلما خالتىلارغا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى چوڭ ئىدى. مەن ئاستا-ئاستا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. 25-24 ياش ۋاقتلىرىمدىلا نامىم پۈتكۈل يېزا-قىشلاقلارغا تارقالدى، چۈنكى مەن زور مىقداردىكى توقۇلما خالتىلارنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە يۇرتداشلىرىمغا بۇ خىل خالتىلارنى ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ ئۇلارنى پۇل تاپىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلدىم. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ <ئالدىنقى  سەپتە سېتىش، ئارقا

سەپتە ئىشلەپچىقىرىش>ئەندىزىسى ناھايىتى ئاقتى، مەن دەل ئالدىنقى  سەپتىكى ساتقۇچى ئىدىم،

يۇرتداشلىرىم ئارقا سەپتە ئىشلەپچىقىراتتى، مەن خالتىلارنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىپ توختىماستىن مال تەمىنلەيىتتىم.»

   كېيىن «ۋېنجۇ گېزىتى» لى لىنرېننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن، لى لىنرېن بۇ سەۋەبلىك «جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش»، «ۋېنجۇ شەھىرىدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىلى» ۋە «باج تاپشۇرۇشتىكى ئاكتىپ شەخس» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.

 ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەستىن كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن. 1989-يىلى لى لىنرېن بىلەن خېنەندىكى بىر ئوغۇت شىركىتى 120 مىليون يۈەنلىك چوڭ توختام ئىمزالاپ توقۇلما خالتىلارنى مەزكۇر شىركەت قارمىقىدىكى نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلارغا سېتىپ بەرگەن. بۇنىڭ شەرتى مەزكۇر شىركەت ھەربىر توقۇلما خالتىدىن بەش مو قايتۇرما پايدا ئالىدىغان بولغان. ئۇ بۇ زاۋۇتلارنى10 مىليون دانە توقۇلما خالتا بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن قەرز ئېلىپ مەبلەغ دالغان مال پۇلىنى  قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگەنلىكىنى بايقاپ مال تەمىنلەشنى توختاتقان. «ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقتلىرىمدا يېنىمدا ھېچنىمە قالمىدى، مەن بۇ زاۋۇتتىن 1000 يۈەن تۇرمۇش راسخوتى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار بېرىشنى رەت قىلدى.» ئارقىدىن قەرزنى قايتۇرالمىغاچقا ئۇ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپ يۇرتىدىن يىراقتىكى شېنجىنغا قايتا كېلىدۇ.

لى لىنرېندا دىپلوم، تېخنىكا بولمىغاچقا خىزمەت تاپالمايدۇ. «1991-يىلى مەن موتوسىكىلىتقا ئولتۇ

رۇپ بادىڭ كوچىسى 2-نومۇرلۇق قوروغا باردىم .ئۇ دەل ياز ۋاقتى بولۇپ، مېنىڭ بىر دوستۇم ئۇ يەردە تۇرات

تى، ماڭا ئۇنىڭ ياتىقىدىن باش تىققۇدەك جاي چىققان بولۇپ، يەردىلا ئۇخلايىتتىم. ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان  ۋاقتلىرىمدا دادامنىڭ بىر پاراخوت ماللىرىنى بۇلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەن ۋاقتلىرىنى ئەسلەپ ئېيىتقان بىر جۈملە سۆزىنى ئەسكە ئالاتتىم : «ساڭا ياردەم قىلىدىغان ھىچكىم يوق، سەن قانداق قىلماقچى؟» دادامنىڭ كەسكىن روھى ماڭا تەسىر قىلغاچقا، ئاستا-ئاستا مەغلۇبىيەتنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقتىم. مەن قايتا ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم. ئەلۋەتتە مەن پەقەتلا خوجايىن بولۇشقا مۇناسىپ ئىدىم، ماڭا ئوخشاش ئوقۇش تارىخى، تېخنىكا قاتارلىقلارغا ئىگە بولالمىغان ئادەم خوجايىن بولۇشتىن باشقا، ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يارىمايىتتى.» شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىجارە ۋاستىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ، ئارقىدىن تىرىشىپ يۈرۈپ 700-600 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلايدۇ. كېيىن ئۇ ئۆي-مۈلۈكچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتتا يەنە بار

لىق مال-مۈلۈكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

   «گەرچە مېنىڭ پۇللىرىم تۈگىگەن بولسىمۇ ئىرادەم بوشاشمىدى، مەن يەنە قايتا ئورنۇمدىن تۇرىدىغان

پۇرسەت ئىزدەشكە تۇتۇش قىلدىم: «ئەينى ۋاقتتا مەن ۋېنجۇدىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ نومۇر تاختىيىنىڭ 60-50 مىڭ يۈەنگە ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم (ھازىر ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئون نەچچە مىڭ يۈەن)، ئەمما خۇيياڭدا ھايانكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋال يوق ئىدى، مەن ۋېنجۇدىكى ئەھۋالنىڭ ئۇزۇنغا قالماي خۇيياڭدىمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەملەپ، قەرز پۇلغا سىرتتىن يۈزدىن ئارتۇق ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت سېتىۋېلىپ كەلدىم، ھەمدە خۇيياڭدا نومۇر تاختىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولدۇم، كىم بىلسۇن، موتوسىكىلىت تېخى تەييار بولماستىلا مۇسادىرە قىلىندى. ئەينى ۋاقتتا مەن شېنجىندا بولۇپ، 100 مىڭ يۈەن تۆلەپ موتوسىكىلىتلارنى قايتۇرىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئەينى ۋاقتتا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى: موتوسىكىلىت تېخى تەييار بولماستىنلا مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى، ئەگەر بولمايدىغان يېرى بولسا موتوسىكىلىتلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتسەم بولاتتى، نېمىشقا ئۇلارنى مۇسادىرە قىلىپ يەنە مەندىن 100 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ قېتىمقى زەربە مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، ھازىرغىچە بۇ ئىشنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، مەن ھاياتىمدا بۇنىڭدەك ئېغىز زەربىگە ئۇچراپ باقمىغان. ئەينى ۋاقتتا مەن شۇنداق ئويلايىتتىم: تىجارەت قىلىش نېمىشقا شۇنچە تەس؟>>

   ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمىگەن لى لىنرېن 1995-يىلىدىن باشلاپ چاقىرغۇ سودىسى قىلىشقا كىرىشىدۇ

ھەم  قىسقىغىنا ئىككى يىل ۋاقت ئىچىدە 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپىدۇ. «گەرچە سودام ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، مەن روشەن ھالدا چاقىرغۇ تىجارىتىنىڭ قاراڭغۇ دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، چۈنكى يان تېلېفوننىڭ چاقىرغۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش يۈزلىنىشى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتاتتى، مەن چوقۇم باشقا يۆنىلىشكە قاراپ مەبلەغ سېلىشىم كېرەك ئىدى.» 1998-يىلى لى لىنرېن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئىقتىساد ئىلمى ۋە باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگىنىدۇ.

   2001-يىلى 2-ئايدا، لى لىنرېن B پېيىغا مەبلەغ سالغاندا پاي پۈتۈنلەي قاتلىنىپ مەبلەغ كېمىيىشى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەككە يېتىدۇ. «بۈگۈن ئەينى ۋاقتنى ئەسلەپ باقسام قارارىمنىڭ ئەقلگە مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم، تىجارەت قىلىدىغانلار مۇنداق بىر قائىدىنى بىلىدۇ: چۈشەنمىگەن كەسپنى قىلىشقا بولمايدۇ. باشقىلار قانچىلىك ياخشى قىلىپ، قانچىلىك كۆپ پۇل تېپىپ كەتسۇن، ئەگەر سىز قىلسىڭىز چوقۇم زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. B پاي بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن، مەن پاي بازىرىغا نىسبەتەن ھېچنىمىنى بىلمەيىتتىم. مەن B پاي بازىرىغا كىرگەندە بارلىق پايلار دېگۈدەك ئۆرلەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە B پاينىڭ تۇيۇقسىز ئېچىۋېتىلىشى شياڭگاڭ پۇلىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، مەن 1:1.2 نىسبەت بويىچە شياڭگاڭ پۇلى ئالماشتۇردۇم، بۇنىڭدىن ئەسلىدىنلا زىيان چىقاتتى.»

   گەرچە تىجارەت قىلىشتا ئارلىقتا توختاپ قېلىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭمۇ چېكى بار ئىدى. نەچچە يىل سودا قىلغاندىن كېيىنمۇ تىجارەت نەتىجەم ھېچقانچە ئاشمىغان بولۇپ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش كېرەك ئىدى: نېمىشقا بازارنى ئېچىش مۇمكىن ئەمەس؟ نېمىشقا كەسپنى كېڭەيتكىلى بولمايدۇ؟ ئەگەر بۇنىڭدىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ پايدىسىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە خۇلاسىگە ئېرىشسەم، ئۇنداقتا چوقۇم ۋاز كېچىش كېرەك ئىدى.

   «ئۈچ قېتىملىق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مەن ھوشۇمنى تاپتىم. چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق مەن ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنىڭ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلىقىمدىن كەلگەنلىكىنى، باشقىلار بايقىمىغان سودا پۇرسىتىنى بايقاپ ۋە بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغاچقا، مۇئەييەن تۇيۇقسىزلىق ۋە مەبلەغ پۇرسىتىنى تۇتۇۋالالىغان ئىدىم، ئەمما مەغلۇبىيەت دائىم ماكرو جەھەتتىكى كۈچ ئېلىشالماسلىق، يۆنىلىش مۇقىم بولماسلىق سەۋەبىدىن بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى كەمچىل بولۇپ تەۋرىنىشچان ئىدىم، بۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى مۇستەھكەملەش ۋە تېخىمۇ چوڭايتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان ئىدى. مەن سوغۇققانلىق بىلەن ئىشنى ئەستايىدىل قىلىشنى قارار قىلدىم، ئىلگىرىكىدەك بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز پۇرسەتكە تايىنىپ باي بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچتىم، ئىشنى ئاز-ئازدىن پۇختا قىلىش قارارىغا كەلدىم.»

   2002-يىلى دوستىنىڭ ياردىمىدە، لى لىنرېن ئاشقان مەبلىغىنى شىشياڭغا جايلاشقان فوبۇ رەقەملىك

مەھسۇلاتلار زاۋۇتىغا مەبلەغ قىلىپ سالىدۇ، بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. لى لىنرېن رەقەملىك مەھسۇلاتلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلىپ جيۇجيۇجيايى رەقەملىك ئاپپارات

سودىسىغا كىرىشىپ، ئاساسلىقى چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2004-يىلى ئالى بابا تورىنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى تىزىماتىدا جيۇجيۇجيايى شىركىتى بىرىن

چى ئورۇنغا ئۆتۈپ، لى لىنرېنمۇ تورداشلار تەرىپىدىن «تور سودىسىدىكى سەمىمىي ئادەم» دېگەن نامغا

ئېرىشىدۇ.

لى لىنرېن مۇنداق دېگەن: «20 يىل جەريانىدا، مەن ئۈچ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈردۈم، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمەن. مەغلۇبىيەت قورقۇنچلۇق ئەمەس، مېنىڭ بۇ يېشىمدا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋېنجۇلۇقلاردىن ئالدامچىلىققا ئۇچرىمىغان، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، ھېچنىمىسى قالماي ئۆيىگە قايتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان كىشىلەر بار، يەنە داق يەردە يېتىپ، ھەتتا كوچىلاردا ئۇخلىغانلارمۇ بار. ئەڭ مۇھىمى زەربە ئالدىدا ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، پەقەت مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق قوبۇل قىلىپ كۆرەش

قىلغانلارلا ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.»

تىجارەتتە دائىم مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، بۇلارنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ۋاڭ يۇڭچىڭ مۇنداق دېگەن: «ئىقتىساد ياخشى بولمغىغان ۋاقىت ئېھتىمال كارخانا مەبلىغى ۋە كېڭەيتىش پىلانىنى يۈرگۈزۈشتىكى ياخشى پۇرسەت. شۇنداق پۇرسەت بىردىنلا كەلمەيدۇ، ئۇ ئەگرى-توقايلىقلارغا تويۇنغان. ئەمما بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت بىر ئۆمۈرلۈك تەغدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كىشىلەر توختىماستىن تىرىشىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلىشىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىلگىرى مەغلۇب بولۇپ باقمىغان ئادەم مۇۋەپپەقىيەتكىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، مەغلۇبىيەتنى غالبىيەتنىڭ شوتىسى قاتارىدا كۆرۈش، مەغلۇبىيەت-غەلبىنىڭ ئانىسى دېگەنگە ئىشىنىش كېرەك.

بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئەڭ ياخشى ئىگىلىك توختىماستىن ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت. لىن لىرېن مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەت ماڭا توختىماستىن ئىگىلىك تىكلەيدىغان تەجرىبىلەرنى ئاتا قىل

دى، بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىم، مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم كېيىنكى نۆۋەتلىك تېخىمۇ يۈكسەك ئىگى

لىك تىكلەش باسقۇچىدا بولىدۇ.»

ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەنلەر كۈچلۈك بولالمايدۇ، كۈچلۈك بولالمىغان ئىكەن تېخىمۇ ئېغىر

زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەمنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچ يۇقىرى بولىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   مەن جەڭ ئېلان قىلىشنى ياختۇرىمەن، بولمىسا تۇرمۇشۇمدا يېڭىلىق بولمايدۇ.

-ئىسپانىيە ۋېنجۇ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى لى چىنشۇ

   مەن يۈكۈنمەيمەن، مەن يەنە ئالغا ئىلگىرىلەيمەن. مەن چەتئەللەردە تۇرمۇش كەچۈرگىدەكمۇ ئىقتىدارىم

نىڭ يوقلۇقىغا ئىشەنمەيمەن.

-ۋېنجۇ سودىگىرى خۇ جياجۇڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ