بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئىش قىلغاندا چوقۇم نەتىجە چىقىدۇ
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
6 - باب 3 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: گەرچە بەزىدە ياخشى تۈرلەر بولسىمۇ، بىراق كەسپنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ۋاز كېچىمىز، بۇنىڭغا ئامال يوق، چۈشەنمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك!
ۋېنجۇلۇقلار: تىجارەتتە تونۇشلۇق بولمىغان ساھەلەرنى قىلمايمىز، ئەمما تونۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەك.
بىز دائىم مۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز، بىز مەلۇم بىر كەسپنى ئىستىقباللىق
دەپ قارايمىز، ئەمما بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى بىلمىگەچكە قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز.
ئاۋال تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاندىن بۇ كەسپنى قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن قىلىش كېرەكمۇ؟
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالدىنقىسىنى تاللايدۇ، ئەمما زىرەك ۋېنجۇلۇقلار كېيىنكىسىنى تاللايدۇ. ئىگىلىك تىكلەش پۇرسەتكە ئېھتىياجلىق، ئەگەر ھەممە ئىشنىڭ تەل بولۇشىنى ساقلاپ تۇرساق پۇرسەت قالمايدۇ.
جېجياڭ ئاۋبېننى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ چېنئەي كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرغاندا، كىيىم-كېچەك ساھەسىنى چۈشىنىپ كەتمەيىتتى. بىراق ئەينى ۋاقتتا شېكەر، تاماكا، ھاراق شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان جېڭ چېنئەي سەنپەيفاڭدا تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىنلا يەردە مياۋگۇسى، باجياۋجىڭ قاتارلىق كىيىم-كېچەك بازارلىرى بولۇپ، كىيىم-كېچەك بازىرىنىڭ گۈللىنىشى نەزىرى ئۆتكۈر جېڭ چېنئەينى كىيىم-كېچەك بازىرىغا جەلپ قىلغان.
ئەينى ۋاقتتىكى ۋېنجۇدا غەربچە كىيىملەر مودا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، جېڭ چېنئەي تېلېۋېزور ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ يەنىلا كونا ئۇسلۇبتىكى كىيىملەرنى كىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەربچە كىيىملەرنىڭ بازار
بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھېس قىلغان.
شۇنداق قىلىپ ئۇ دەرھال خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن، ھەمدە 7 دانە تىكىش ماشىنىسى
سېتىۋېلىپ غەربچە كىيىم تىكىشنى باشلىغان. بىرىنچى يىلى، جېڭ چېنئەي پايدا تاپقان. جېڭ چېنئەي دېيىشىچە، ئۇنىڭ غەربچە كىيىم-كېچەك بازىرىنى تاللىشدىكى يەنە بىر سەۋەپ ئۇنىڭ كەسپ سىرتىدىكى ئادەم بولغانلىقىدا ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربچە كىيىملەرنىڭ پاسونى ناھايىتى ئاز ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئەسلىھە جەھەتتە كۆپرەك كۈچىسىلا بولاتتى، ئىگىلىك تىكلەشمۇ بىر قەدەر ئاسان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، جېڭ چېنئەينىڭ كەسپتىن سىرتقى ئادەمدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىچە بولغان جەريانغا توختىماستىن ئۆگىنىش
روھى سىڭگەن. ئۇ كىيىم-كېچەك كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بۇ ساھەنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان.
ئالى بابا گۇرۇھىدىكى مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر نۇرغۇنلىغان ۋاقتتا چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانمايدۇ، ئەگەر سىز چۈشىنىپ قالسىڭىز ئىگىلىك تىكلەشنى تېخىمۇ خالىمايسىز. كىتابنى كۆپ ئوقۇمىغاننىڭ ھېچقىسى يوق، ئەمما جەمئىيەتتە ئۆگەنمەسلىكتىن قورقۇش كېرەك.»
جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ يۈەنجۇڭنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى كارخانىسى كىيىم-كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانمايىتتى، جىڭيى ئۈزچات زاۋۇتىنى قۇرغاندىن باشلاپ جىڭيى گۇرۇھىنى قۇرغىچە ئۇنىڭ يولى راۋان بولغان. بىراق چيا شى كومىتېت باشلىقى ئۇنىڭ شىركىتىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەينى ۋاقتتا كارخانام مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولغان بولۇپ، كومىتېت باشلىقى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە مەندىن قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىمنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇ ئېشىۋاتقان مۇقىم مۈلۈكنى كىرگۈزگەن-كىرگۈزمىگەنلىكىمنى سوراپ <ئۇمۇ تېپىشقا تېگىشلىك پۇل ،كارخانىچىنىڭ تاپقان پۇلى قانچە كۆپ بولسا جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان بىلىملەر بار دىدى>. مېنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈزۈم قىزاردى.ئەينى ۋاقتتا مەن تېخى تولۇقسىز 2-يىللىق سەۋىيەسىدىكى ئادەم ئىدىم، جەمئىيەتكە چوقۇم چوڭراق تۆھپە قوشۇش كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىرقى ھالىتىمدە ماغدۇرۇم يەتمەيىتتى، مەن شۇ ۋاقتتىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلدىم.»
1992-يىلى جىڭيى گۇرۇھى تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاقتتا، 40 ياشلىق جىڭ يۈەنجۇڭ 500
مىڭ يۈەنلىك يىللىق مائاش چىقىدىغان باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ %30 پېيىنى ساقلاپ قالىدۇ، ھەمدە ۋېنجۇ ئۇنىۋېرىستېتىغا بېرىپ ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۇ يەنە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇيدۇ.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشتىن ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ. جىڭ يۈەنجۇڭ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدىم، كارخانىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ باش مۇدىردىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ خىزمىتىمگە مەسئۇل قىلدىم،ئۇنىڭ يىللىق مائاشى
500 مىڭ يۈەن ئىدى. ئىككى يىل ئوقۇش جەريانىدا باش مۇدىرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئىشلەتكەن پۇللا بىر مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئىدى. ئۇ ۋاقتتا مەن ئاللىقاچان 40 تىن ھالقىغان ئىدىم، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم پۇل خەجلەش ياكى دىپلوم ئۈچۈن ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە ئەستايىدىل ئوقۇغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئىدى. مەن ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا تۇردۇم، تېلېفونۇمنى ئېتىپ قويۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش قىلدىم، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۈچ يىلدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەرسلەرنى مەن ئىككى يىلدا ئىگىلىۋالدىم-دە، ئاخىرى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇم. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ تىجارەت يولىغا قايتا قەدەم باشلىغاندىكى ھېسىيات پۈتۈنلەي ئوخشىمايىتتى، ئويلايدىغانلىرىم ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ئىدى، مەن بۇ پۇلنى بېكارغا خەجلىمىگەن ئىدىم.»
1993-يىلى جىڭ يۈەنجۇڭ جۇاڭجى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، جىڭ يۈەنجۇڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە تەپەككۇر قىلىش، سودا پۇرسىتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
1998-يىلى 5-ئايدا، ۋېنجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى بولغان جۇڭ يۈەنجۇڭ ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى شەخسلەشتۈرۈش، ھەمدە چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باھاسىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىى بېرىدۇ. «مەن ئۆزۈم ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى سېتىۋالىمەن.» جىڭ يۈەنجۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تاراتقۇلار سايراپ كېتىشكەن. جىڭ يۈەنجۇڭ يەنە مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇ
ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتلىرىمدا، مەن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى بايقىغان، ھەمدە ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆزگەرتىش ئويى شەكللەنگەن... كېيىن ۋېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئېيتتى، ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر تۈزۈلمە ئۆزگەرتكەندىن
كېيىنكى يۇقىرى تەلەپكە ماسلىشالمايىتتى، سىرتلاردىن پىروفېسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ كەلسەك، بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىگە ئايلىناتتى-دە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنداق ئېغىر بېسىمنى كۆتۈرەلمەيىتتى، مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، ئاندىن ئارقامغا بىر قەدەم چېكىندىم، كەلگۈسىدە ۋېنجۇ ئۇنىۋېرىستېتىنى سېتىۋالسام كىيىم-كېچەك ئىنىستىتۇتى قۇرۇپ چىقىمەن. نۆۋەتتە بىز 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدۇق، مېنىڭچە كىيىم-كېچەك ئىنىستىتۇتىمىز كۆپ ۋاقت ئۆتمەستىن مەملىكىتىمىزدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.»
جىڭ يۈەنجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «30 ياشقا كىرىپ 20 ياشتا قىلغان ئىشلىرىمىزغا قارىساق ھېچنىمە قىلمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز؛ 40 ياشقا كىرىپ 30 ياشتا قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆرسەك پەخرلەنگۈدەك ھېچ ئىش يوقلۇقىنى بىلىمىز؛ ھازىر 50 ياشقا كىردىم، 40 ياش ۋاقتلىرىمنى ئويلىسام يەنىلا پىشىپ يېتىلمىگەندەك ھېس قىلىمەن، ئادەم ھاياتىدا چوقۇم قېرىپ ئۆلگىچە ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن.»
<<بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش بىر تەرەپتىن قىلىش، بىر تەرەپتىن قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش كېرەك >>. ۋېنجۇلۇقلار نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ماھىرلىرى. دەل مۇشۇنداق روھ بولغاچقا، ۋېنجۇلۇقلار بايلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بايلىق ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەن، «يالاڭئاياغ» سودىگەرلەر بارغانسېرى ئۆزگەرگەن.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ھەر قانداق ئىشنى چۈشەنمەسلىكىمدىن قورقمايمەن، پەقەتلا قىلالماي قىلىشىمدىن قورقىمەن، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن قىلغاندا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش لىدېرى جۇ چېڭجيەن
بىز بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كىردۇق، بىز بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك، بىز
يەنە ئىقتىسادنى بىلىم بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
-شاڭخەي جىنلىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ياڭ جيېشېڭ
«30 ياشقا كىرىپ 20 ياشتا قىلغان ئىشلىرىمىزغا قارىساق ھېچنىمە قىلمىغانلىقىمىزنى
بايقايمىز؛ 40 ياشقا كىرىپ 30 ياشتا قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆرسەك پەخرلەنگۈدەك ھېچ
ئىش يوقلۇقىنى بىلىمىز؛ ھازىر 50 ياشقا كىردىم، 40 ياش ۋاقتلىرىمنى ئويلىسام يەنىلا پىشىپ يېتىلمىگەندەك ھېس قىلىمەن، ئادەم ھاياتىدا چوقۇم قېرىپ ئۆلگىچە ئۆگىنىش كېرەك
ئىكەن.
-جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ يۈەنجۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى