باشقىلارغا تايىنىش ئۆزىگە تايىنىشقا يەتمەيدۇ
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
6 - باب 2 -پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: بايلار ھەمىشە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، ئەمما مېنىڭ دادامنىڭ ھوقۇقى يوق، دوستلىرىممۇ بايلاردىن ئەمەس، ھېچكىممۇ ماڭا ياردەم قىلمايدۇ، مېنىڭ نامراتلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلالماسلىقىم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
بايلار: باشقىلار ئەزەلدىن سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ، تاغقا يۆلىنىۋەرسىڭىز تاغمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ؛ باشقىلارغا تايانسىڭىز ئۇلارمۇ كېتىپ قالىدۇ؛ پەقەت ئۆزىمىزگە تايىنىش كېرەك، ئۆزىمىزگە تايانغاندىلا ئۆز تەغدىرىمىزگە خوجايىن بولغىلى بولىدۇ.
«دۇنيادا ئەزەلدىن قۇتقۇزغۇچى يوق، باشقىلارغا تايىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشتا پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.» بۇ ئېنتىرناتسىئونال ناخشىسىنىڭ تېكىستى، ھەمدە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەرىكەت مىزانى.
شېنياڭ شەھىرى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى خۇاڭ جىنجۈن مۇنداق دەيدۇ: «ۋېنجۇلۇقلاردا <ئىگىلىك تىكلىگەندە ئېنتىرناتسىئونال ناخشىسىنى ئېيتىش كېرەك، بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بار، بىرى باشقىلارغا تايانماسلىق، پەقەتلا
ئۆزىگە تايىنىش؛ ئىككىنچىسى بازار ئارىماسلىق، نەدە بازار بولسا شۇ يەرگە بېرىپ قىلىش كېرەك.> دەيدىغان سۆزلەر بار.»
ۋېنجۇلۇقلاردا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزلۈك ئېڭى بار، ئۇلار ھەمىشە «مەن قىلىشىم كېرەك!» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە ئەزەلدىن «بوشىشىپ قېلىش» دەيدىغان سۆز يوق، ئۇلار «ئورنىدىن تۇرۇش» قا ماھىر، ئەسلىدىكى ئورۇندىن تۇرۇپ يېڭى جايلاردىن باشلىيالايدۇ.
مەيلى قانداقلا مەسىلىگە يولۇقسۇن، ۋېنجۇلۇقلار ئۆزلىرى ئامال تېپىپ ھەل قىلىدۇ، پەقەت ئۆزى ھەل قىلالايدىغان مەسىلە بولسىلا ئۇلار ئاسانلىقچە ھۆكۈمەتنى ئىزدىمەيدۇ. ۋېنجۇلۇقلار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ھۆكۈمەتنى ئاۋارە قىلىپ نېمە قىلىمىز؟ ئەمەلدارنى ئىزدەش بازارنى ئىزدىگەنگە يەتمەيدۇ.»
1998-يىلى ۋېنجۇلۇق جاڭ مەي نەنجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋال يۇرتى ۋېنجۇدىكى بىر مەمۇرىي ئورگاندا مەمۇر بولۇپ ئىشلەيدۇ، بىراق ۋېنجۇلۇقلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش روھى ئۇنى غىدىقلاپ ئارام تاپقۇزمايدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئۇ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سودا دېڭىزىغا شۇڭغۇيدۇ.
كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە خوجايىن بولۇش ئىستىكىگە تايانغان جاڭ مەي كىيىم-كېچەك سودىسىنى باشلايدۇ. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقتتا، ئۇ ۋە تۇغقانلىرى بىرلىكتە تاڭچياۋ بازىرىدا كىيىم-كېچەك شىركىتى قۇرۇپ، غەربچە كىيىم، ئازادە كىيىم ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەمدە 20 دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلىدۇ. باش دىرېكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە سېتىش ئۈچۈن قاترىمىسا بولمايىتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئولتۇرۇپ غەلبەمدىن ھوزۇرلىنىدىغان ۋاقتىم يوق ئىدى.»
جاڭ مەي جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بىرىنچى قەدەمنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان. ئۇ دائىم قاچىلىق تەييار تاماق يەپ ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان. گەرچە ئۇ ئۆي سېتىۋالغان بولسىمۇ بېزىمىگەن،سەۋەبى ئۆي بېزەشكە ۋاقتى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى ئىگىلىك تىكلەشكە قارىتىشنى ئويلىغان.
مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تەپەككۇر شەكلى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىزانى، دەل بۇ خىل ئۆزىگە تايىنىدىغان روھ ۋېنجۇلۇقلارنى بايلىق پەلەمپىيىگە ئېلىپ چىقتى.
لۈ ۋېيگۇاڭ دۇكان ئېچىپ تۆتىنچى يىلى شىركەتنى شاڭخەيگە يۆتكىگەن، تەرەققىياتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. بىراق 1998-يىلى دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆججەت چىقىرىپ ئورمانلارنى كېسىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭ بىلەن لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ تىت-تىت بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي خام ئەشيا ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقاندا پۇرسەت كەلگەن.
بىر قېتىم لۈ ۋېيگۇاڭ تەيۋەن سودىگەرلىرىنىڭ قېشىغا ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى
نى تەكشۈرگىلى بارغاندا، ئورالما پىلاستىر ئۈستىگە يېزىلغان بىرازىليەنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بىرازىليە ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ چەتئەلدىن كىرگۈزىدىغان ماتېرىياللىرى پۈتۈنلەي بىرازىليەدىن كېلەتتى. بىراق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى تەيۋەنلىك سودىگەرلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، سودا مەخپىيەتلىكى بولۇپ ھېسابلىناتتى.
3237370-041، بۇ نومۇر لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇتقازغۇچى بولۇپ قالغان! ئۇ بۇ نومۇرنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرىۋالغان.
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لۈ ۋېيگۇاڭ ئۇ نومۇرغا تېلېفون قىلغان.
«Hello,I am chinese.Iwant to buy woods.»
(مەن جۇڭگولۇق، ياغاچ سېتىۋالماقچىتىم.)
«Que?Quefalareo»
(پورتوگال تىلى: نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟)
ئۇ يىلى 7-ئايدا لۈ ۋېيگۇاڭ 1000 يۈەندىن كۆپرەك تېلېفون پۇلى خەجلەيدۇ. گەرچە بىرازىليەلىك سودىگەر ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاخىرى لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىدۇ. بىرازىليەنىڭ ياغاچچىلىق سودا ساھەسىدىكىلەرمۇ بىر «جۇڭگولۇق ساراڭ» نىڭ ياغاچ سېتىۋالماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.
ئوتتۇرىدىكى ۋاستىچىلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويغاندىن كېيىن، لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ ئىشلىرىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ ئەستايىدىل، سۈپەتنى چىڭ تۇتىدىغان ۋە سەمىمىي بولغاچقا ناھايىتى تېزلا پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. «ئامېرىكا ۋە ياپونىيەلىكلەر بىزنىڭ مېلىمىزنى ئىشلىتىدۇ، تەيۋەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق سودىگەرلىرىمۇ بىزدىن مال سېتىۋالىدۇ.» دېدى ئۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا.
ئۆزىنىڭ يولىدا ئىشەنچ بىلەن مېڭىش، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك؛ ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىش، باشقىلارغا ئۈمىد باغلىماسلىق كېرەك.»
جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ۋۇ باڭدۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دائىم ئۆزۈمگە تىرىشىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىمەن. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەن ئاي نۇرى ئاستىدىكى كېچىلەردىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدىم، كەڭرى دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ ئايلىنىپ باقمىدىم، ماڭا پەقەت قاراڭغۇ كېچىلەرلا ھەمراھ بولدى.»
ۋۇ باڭدۇڭ نامرات دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، ئۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپىدىن ۋاز كېچىپ جاپالىق تۇرمۇشقا يۈزلىنىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن ئارقىغا چېكىنمەيدۇ، ئۆزىگە تايىنىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئۇ ۋاقتلاردا ۋېنجۇلۇقلار «ۋېنجۇ روھى» نى «تۆت مۇستەقىل» گە يىغىنچاقلايدۇ، يەنى «مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش، مۇستەقىل خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش، مۇستەقىل قۇدىرەت تېپىش، مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش.» ئۇلار ئەزەلدىن مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدۇ، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ساقلىمايدۇ.
بەزىلەر ۋېنجۇلۇقلارنىڭ «يۈزى قېلىن» دەپ قارايدۇ. ۋېنجۇلۇقلار رەت قىلىنىشتىن قورقمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە يۈز بەرمەسلىكىدىنمۇ ئەنسىرىمەيدۇ، ئۇلاردا پەقەت بىر خىل قاراش بار: سەن ماڭا قانداق قارىشىڭدىن قەتئىينەزەر، مەن سېنىڭ پۇلۇڭنى تېپىشىم كېرەك! ئۇلار تەبەسسۇمى، تاتلىق ئېغىزى ۋە يۈگۈرۈك پۇتلىرىغا تايىنىپ مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر
قايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدۇ، يەنە ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلەرنى ۋېنجۇغا جەلپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ۋېنجۇلۇقلار «پۇل تاپالايدۇ، پۇل تېپىشقا پېتىنالايدۇ، جاپاغا ھەم چىدايدۇ»، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ كۆرەش قىلىدۇ. ۋېنجۇلۇقلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزىگە تايىنىپ يول تاپىدۇ، ھۆكۈمەتنى ئىزدەپ بارمايدۇ، بۇ يول دەل تىجارەت يولى بولۇپ، ئۇلار قانچىلىك پۇل تاپالىشىدىن قەتئىينەزەر سىناپ باقىدۇ.
قەدىمدە مۇنداق دېيىلگەن: «تاغقا يۆلىنىۋەرسەڭ تاغمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ؛ باشقىلارغا يۆلەنسەڭ كېتىپ قالىدۇ؛ ئۆزىگە يۆلىنىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.» غەرب ھېكىمەتلىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تەڭرى پەقەت ئۆزىگە ياردەم قىلالىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.»
مەيلى غەلبە قازىنىش، خۇشاللىق، بەخت بولسۇن، ھەممىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، پەقەت ئۆزىمىزلا ئەڭ ياخشى يۆلەنچۈك. قىيىنچىلىقنى يېڭىشتا چوقۇم ئۆزىگە تايىنىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىمۇ ئۆزىگە تايىنىش كېرەك. پەقەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىرادىسى بار كىشىلەرلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرلا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مېۋىسىدىن ھەقىقىي بەھرلىنەلەيدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
نامراتلىق مەغلۇبىيەتكە باراۋەر ئەمەس، جاپا-مۇشەققەتكە چىدىغاندىلا ئېرىشكىلى
بولىدۇ.
-جۈنياۋ گۇرۇھىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ جۈنياۋ
مەن دائىم ئۆزۈمگە تىرىشىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىمەن. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەن ئاي نۇرى ئاستىدىكى كېچىلەردىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدىم، كەڭرى دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ ئايلىنىپ باقمىدىم، ماڭا پەقەت قاراڭغۇ كېچىلەرلا ھەمراھ بولدى.
-جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ۋۇ باڭدۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى