A-A+

ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش رىقابەتلىشىشتىكى مۇھىم نوقتا

2015-يىل 9-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 307 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

ئون بىرىنچى دەرس 6-پارىگىراپ

ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش

رىقابەتلىشىشتىكى مۇھىم نوقتا

   «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دا مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلگەندە جەڭلەردە مەغلۇب بولماس؛ ئۆزىنى بىلىپ، ئۆزگىنى بىلمىگەندە غەلبە قىلالماس؛ ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلمىگەندە چوقۇم مەغلۇب بولار.» بۇ سۆز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغان ۋاقىتتا ھەم ئۆزگىنى ھەم ئۆزىنى بىلگەندە ھەر قانداق جەڭدە غەلبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى؛ ئۆزىنى بىلىپ ئۆزگىنى بىلمىگەندە غالبىيەت ياكى مەغلۇبىيەت بولىدىغانلىقىنى؛ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلمىگەندە جەڭنىڭ پەقەتلا مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   بۇ خىل جەڭ ئىدىيەسى قەدىمقى ۋە ھازىرقى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەربىيلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپلىگەن سودا ساھەلىرىدە قوللىنىلماقتا. چۈنكى ھەربىيلەر جەڭ مەيدانىدا كۆرەش قىلىدۇ، كارخانا بولسا بازاردا تىركىشىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ. 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە، سودا جېڭىدە رىقابەتچىنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم رىقابەتچىمىزنى چۈشىنىشىمىز، ئۇنىڭ مەھسۇلاتى، بازىرى، ئىستېمالچىلىرى ۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك.

   مايۈننىڭ تاۋباۋ تور بېكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ eBay نى مەغلۇب قىلىشدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەب: ئۇ رىقابەتچىسىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، ئەمما رىقابەتچى ئۇنىڭغا سەل قارىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىلەن رىقابەتچىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى: بىز ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىراق ئۇلار بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ.»

   بۇ رىقابەت جېڭى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مايۈن ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ eBay نىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۈزەتكەن. مايۈن مۇنداق دېگەن: «eBay شىركىتىنىڭ بارلىق يۇقىرى قىممەتتىكى ماتېرىياللىرىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىجارەت ئۇسۇللىرى ۋە ئۇلار ماھىر بولغان ھەر تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋاستىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلارنى بىز تەھلىل ۋە تەتقىق قىلاتتۇق. eBay پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت بولۇپ ئالى باباغا ئوخشىمايىتتى، ختمەننىڭ تاۋباۋ تور بېكىتىگە بولغان چۈشەنچىسى مېنىڭ eBay غا بولغان چۈشەنچەمدەك چوڭقۇر ئەمەس ئىدى.»

   eBay بىلەن رىقابەتلىشىش جەريانىدا، مايۈن ئۆزگىنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىمۇ بىلەلىگەن، ئۇ eBay نىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى توغرا كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاۋباۋنىڭ ئەۋزەللىكىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ: «eBay چوڭ دېڭىزدىكى كىت، تاۋباۋ بولسا چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تىمساھ، كىت بىلەن چوڭ دېڭىزدا تۇتۇشۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىز بىلەلەيمىز، شۇڭا بىز ئۇنى چاڭجياڭ دەرياسىغا باشلاپ كېلىشىمىز لازىم. كىت بىلەن دېڭىزدا تۇتۇشساق بىز چوقۇم تۈگىشىمىز، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىدا ئېلىشساق ئۇتتۇرۇپ قويۇشىمىز ناتايىن.»

   رىقابەتچىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە ئۆزىگە بولغان بىلىشىگە تايىنىپ، مايۈن تاۋباۋ بىلەن eBay رىقابەتلىشىش ئويۇنىغا ناھايىتى پىلانلىق رەھبەرلىك قىلغان، ھەمدە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلماستىن ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان.

   ئەمەلىيەتتە، كەسكىن رىقابەت جەريانىدا ئاكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا ئۆزى بىلەن رىقابەتچىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە توغرا باھا بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلىش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ رىقابەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بىرىنچى قەدەم.

   ئەلۋەتتە، بۇلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك.

   ئاۋال، ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز كېرەك، يەنى ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئاجىزلىقىنى ئېنىق بىلىش كېرەك. ئەۋزەللىك ۋە ئاجىزلىق بولسا رىقابەت جەريانىدا ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت كونكېرىت رىقابەت جەريانىدىلا ئۇلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى، ئۆزىنى بىلىش ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدىلا ئاخىرلاشمايدۇ، ئۇ رىقابەت جەريانىدا بىزدىن توختىماستىن قوبۇل قىلىش ۋە تەڭشەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

   ئاندىن، ئۆزىنى بىلىش يېتەرلىك ئەمەس، چوقۇم ئۆزگىنىمۇ بىلىش كېرەك. مەسىلەن: بىز ئاۋال رىقابەتچىمىزنىڭ كىملىكىنى ۋە ماركىسىنىڭ بازاردىكى ئەھۋالى، قوشۇن سانى، ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز كۆپچىلىكنى شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى، بىز ئۆزىمىزگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان رىقابەتچىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىزگە يوشۇرۇن خىرىس قىلىدىغان رىقابەتچىلەرنى بايقاپ چىقىشىمىز كېرەك.

   بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پەقەت كۆز ئالدىدىكىنىلا كۆرىدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزلىرى بىلەن بىۋاستە رىقابەتلىشىۋاتقان رىقابەتچىنى كۆرۈپ، «تاغ تۈۋىدە يولۋاس كۈتۈپ ياتقان» يوشۇرۇن رىقابەتچىلەرنى كۆرەلمەيدۇ، بۇنداق رىقابەتچىلەر ئادەتتە تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى سىز باشقا رىقابەتچىلەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان چاغدا، ئۇلار توختىماستىن سىزنى كۈزىتىدۇ، پۇرسەت پىشىپ-يېتىلگەن ھامان سىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ-دە، سىز مۇداپىئەلىنىش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز. شۇڭا كەسپ رىقابىتى جەريانىدا، سىز ئۆزىڭىزگە بىۋاستە تەھدىت سالىدىغان رىقابەتچىڭىزنى چۈشىنىپلا قالماستىن، يەنە يوشۇرۇن رىقابەتچىلىرىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز، مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى قىلىشىڭىز، يوشۇرۇن رىقابەتچىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن زەربىسىگە ھەر ۋاقىت قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييار تۇرۇشىڭىز كېرەك.

   ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلگەندىن كېيىن، سىز ئوخشىمىغان رىقابەتچىلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز، بۇ ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە جارى قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيىتقاندا ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىش ئۇسۇلى زەبە بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت، بۇ دائىم تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ماھارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   بىرىنچى، ئۆزىنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش، ھەر تۈرلۈك رىقابەتچى كۈچلەرىنىڭ تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رىقابەت قۇرۇلمىسى مۇقىملاشقان ئەھۋال ئاستىدا، سىز ھەر تۈرلۈك رىقابەتچىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان مېخانىزم ئورناتسىڭىز ياكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەڭ ئاجىز نوقتىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ زەربە بەرسىڭىز، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ.

   ئىككىنچى، ھەر تۈرلۈك رىقابەتچىلىرىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىغا زەربە بېرىپ، رىقابەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئۆزگەرتىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئەۋزەل ئورۇندا تۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ھەر تۈرلۈك رىقابەت كۈچلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. رىقابەتلىشىشكە ئەگىشىپ، ھەر خىل رىقابەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. رىقابەتچى چوقۇم سەزگۈرلۈك بىلەن بۇ خىل ئۆزگىرىشنى بايقىشى، ھەمدە باشقا رىقابەتچىلەر بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تېخى ھېس قىلىپ بولالمىغان ۋاقىتتا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. بۇنداقتا سىز يېڭىچە رىقابەت مۇھىتىدىمۇ پايدىلىق ئورۇندا تۇرالايسىز، شۇندىلا ھەم زەربە بەرگىلى ۋە چېكىنگىلى بولىدۇ.

   ئومۇمەن ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلىش غەلبە قازىنىشنىڭ ئاساسى شەرتى، يەنە ئۈنۈملۈك رىقابەت ئىستىراتېگىيەسى تۈزۈشتىكى ئاچقۇچ. بىراق بىز يەنە بىر نوقتىغا دېققەت قىلىشىمىز كېرەك: يەنى رىقابەت جەريانىدا مۇمكىن قەدەر ئۆزىمىزنى مۇداپىئەگە ئېلىشىمىز، قارىشى تەرەپكە ئۆزىمىزنى ئاشكارلىماسلىقىمىز كېرەك.

   مايۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى شياڭگاڭدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەندىن قانداق پۇل تاپقانلىقىمنى سورىدى، مەن ئۇلارغا سىلەرگە نېمىشقا ئېيتىپ بېرىمەن دەپ جاۋاب بەردىم. ھەر قانداق ئادەم سىزدىن كىچىك بالىدىن نەچچە ياشقا كىردىڭ دېگەندەك سۇئاللارنى سورىسا، بۇ ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن ئۇ ۋاقىتتا مەن ئېيتىپ بەرمەيمەن، سىلەر مېنىڭ مەبلەغ سالغۇچۇمغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئېيتىپ بېرىمەن دەپ جاۋاب بەردىم. مېنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىم ماڭا ئەگىشىپ ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىن ئاندىن مېنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلىقىمنى چۈشىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ مەڭگۈ ئېيتىپ بەرمەيدىغانلىقىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ، بىزنىڭ پېيىمىز بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ھەممە ئىشلىرىمىز ئاشكارا بولىدۇ. ئالى بابانىڭ بۈگۈنكى ئەندىزىسى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەندىزىمىز ئەمەس، بىز باشقىلار بىلەن ئەندىزە ھەققىدە پاراڭلاشمايمىز، ئەمما بۇ بىزدە ئەندىزىنىڭ يوقلۇقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ، بىز سىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەندىزىسى ھەققىدە پاراڭلاشقاندا بىزنىڭ ئەندىزىمىز ئاللىقاچان تۈنۈگۈنكى ئىشقا ئايلانغان بولىدۇ، بۇ بىر سودىگەرنىڭ ئاساسى قائىدىسى. ئەگەر سىز باشقىلارغا سىزنىڭ تىجارەت ئەندىزىڭىزنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، بۇنىڭدىن چوقۇم بىر مەسىلە چىقىدۇ.»

   ئەمەلىيەتتە بازار رىقابىتىگە قاتناشقان بىر كارخانا يۇقارقىلارنى قىلالىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىككىلەنمەستىن زەربە بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىشكە ئۆتسە بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شارائىتمۇ ھازىرلانغان بولىدۇ.

************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ