A-A+

كۈچلۈك ئىرادە يېتىلدۈرۈش، كۆرەش قىلىشتىن قورقماسلىق كېرەك

2015-يىل 9-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 354 قېتىم

 مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى 

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

11-دەرس 5-پارىگىراپ

كۈچلۈك ئىرادە يېتىلدۈرۈش، كۆرەش قىلىشتىن 

قورقماسلىق كېرەك

نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، سۇمباتلىق روھى ھالىتىنى نامايەن قىلىدۇ، ئەمما مەلۇم كۈچلۈك رىقابەتچىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىنلا ۋاز كېچىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆزلىرى پەقەت ئاجىز پىشكا بو

لۇپ، ئۆزىنى مۆلچەرلىمەستىن رىقابەتچى بىلەن كۈچ سىناشقاندا چوقۇم ئېچىنىشلىق مەغ

لۇب بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىرادىسى روھى ھالىتىنىڭ زەئىپلىكىدە كۆرۈلگەچكە، ئۇلار ھەقىقىي رىقابەتلىشىشكە باشلىغان تەغدىردىمۇ غەلبە قىلالىشى ناتايىن.

«نۇرلۇق شەمشەر» دىكى باش قەھرىمان لى يۈنلۇڭنىڭ نۇرغۇنلىغان رەقبلىرىنى يېڭەلىشى

دىكى سەۋەب، ئۇنىڭ رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، جاسارەتلىك روھىنىڭ بولغانلىقىدا. تىياتىردىكى لى يۈنلۇڭ ھەربىي مەكتەپتە ئىلمىي ماقالە ئوقۇغاندا مۇنداق دېگەن: «بىر

ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزگىنىمۇ بىلىش ۋە كۆرەش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ روھى! چەۋەندازلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلەردە تەسۋىرلەن

گەن سەرۋازلارغا ئوخشاش، ئېلىشىشتا قول سالىدىغان ۋاقىتتا كۈتۈپ تۇرماسلىققا بەل باغ

لاش كېرەك.» بۇ لى يۈنلۇڭنىڭ ئات ئۈستىدە ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى،

شۇنداقلا يەنە بىر جۇڭگولۇق ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن «كۆرەش قىلىشتىن قورقمايدى

غان» روھىنىڭ يارقىن نامايەندىسى.

سودا مەيدانلىرى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ، گەرچە ھەقىقىي جەڭ قىلغاندەك ھايات-ماماتلىق

كۆرەشلەر بولمىسىمۇ، بىراق سودا مەيدانلىرىدىمۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئىش.

بۈگۈنكى سودا مەيدانلىرىدا، مايۈن جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى باشلامچى شەخس بو

لۇش سۈپىتى بىلەن، رىقابەتلىشىش جەھەتتە ئۇمۇ لى يۈنلۇڭغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. «ئىنتېرنېت كەسپىدە (يالاڭ ئاياغ مەڭگۈ سۇدىن قورقمايدۇ).» بۇ مايۈننىڭ كىلاسسىك جۈملىلىرىنىڭ بىرى. بۇ سۆز گەرچە لى يۈنلۇڭ ئېيىتقاندەك ئوبرازلىق بولمىسىمۇ، بىراق ئوخشاشلا بىر

قائىدىنى ئىپادىلىگەن.

مايۈن رىقابەت جەريانىدا لى يۈنلۇڭغا ئوخشاشلا سۇمباتى ۋە جاسارىتى بار ئادەم، ئۇ «يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ» دېگەن ئىدىيىنى  روھى كۈچ قىلىپ تۇرۇپ، رىقابەتكە تەييار تۇرىدۇ، ھەم

دە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن ئېلىشىدۇ. eBay دەك بۇنداق كۈچلۈك رىقابەتچىگە يولۇق

قاندا ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن «شەمشىرىنى چىقىرىپ» تاۋباۋ تور بېكىتىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا

جەڭ ئېلان قىلغان. قائىدە بويىچە ئېيىتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا مايۈنگە قارىغاندا eBay غا

جەڭ ئېلان قىلىشقا تېخىمۇ سالاھىيىتى ۋە ئەمەلىي كۈچى بولغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ

ئىدى، بىراق ئۇلار پەقەت كۈزىتىپ تۇرۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ رىقابەتلىشىشنى ئويلى

مىغان ئىدى. چۈنكى ھەممەيلەن eBay نىڭ دۆلەت ئىچى تور سودىسى بازىرىدىكى سەردار

ئىكەنلىكىنى، يېنىكلىك قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈچ ئېلىشقاندا، ئاقىۋىتىنىڭ ناھايىتى

ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ئەمما مايۈن بۇ سەۋەبلىك قورقۇپ قالمىغان، ئۇ كۈچلۈك رىقابەتچىسىگە قارىتا يەنىلا سوغۇققانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. رىقابەت جەريانىدا، ئۇ ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاۋباۋدىن ئىبارەت بۇ «چىش چىقمىغان بوۋاق» نىڭ eBay دەك كەسپ سەردارى

نى مەغلۇب قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ ئىككى نوقتىدىن قارىغاندا، مايۈننى «سودا ساھەسىدىكى لى يۈنلۇڭ» دېيىشكە بولىدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ۋاز كەچكەنلىكىدە. بۇ ئادەملەر مەغلۇب بولغاندىن كېيىن دائىم ئۆزىگە باھانە تېپىپ، رىقابەتچى ناھايى

تى كۈچلۈك، ئەۋزەللىكى كۆپ دېيىشىدۇ؛ ياكى ئۆزىنى شۇم پېشانە، دەۋر ئۆزىگە غەلبە پۇرسىتى بەرمىدى دەپ قارايدۇ؛ ھەتتا بىر قاتار مىساللارنى كۆرسىتىپ، مەلۇم كىشى مېنىڭ تەدبىر

بەلگىلىشىمگە تەسىر كۆرسەتتى، مەلۇم كىشى ئىشلىرىمغا ئارلاشتى دەيدۇ.

ھالبۇكى كۈچلۈك خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەر جەڭ مەيدانلىرىدا زەبەردەس ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ، گەرچە مەغۇب بولغان تەغدىردىمۇ ھەرگىز ئۆز مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار جاسارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدۇ-دە، پۇرسەت تاپقان ھامان نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ.

«نۇرلۇق شەمشەر» دە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: قەدىمقى سەرۋازلار بىلەن چەۋەندازلار تۇتىشىپ قالسا، گەرچە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئالەمدىكى بىرىنچى سەرۋاز بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاخىرىغىچە تۇتىشىدۇ، مەغلۇب بولسىمۇ شەرەپ بىلەن مەغلۇب بولىدۇ.

رىقابەتچى بىلەن رىقابەتلەشكەندە چوقۇم كۈچلۈك ئىرادە بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە سوغۇققان بولۇش كېرەك. مەغلۇب بولغان تەغدىردىمۇ چوقۇم قايتا ئورنىمىزدىن تۇرۇشىمىز كېرەك؛ رىقابەتچىمىزنى مەغلۇب قىلغان تەغدىردىمۇ، ھەرگىز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىز پىسخىكىسى تەرىپىدىن مەغ

لۇب بولماسلىقىمىز كېرەك. پەقەت باشتىن-ئاخىرغىچە كۈچلۈك ئىرادىمىزنى ساقلىساقلا

ھامانبىر كۈنى ھەقىقىي كۈچلۈكلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىمىز.

*************

 مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

 2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ