خىرىستىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون ئىككىنچى دەرس 5-پارىگىراپ
خىرىستىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
پۇرسەت توغرۇلۇق گەپ بولۇنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا گۈزەل كەلگۈسى كېلىدۇ-دە، ۋۇجۇدى كۈچكە تولىدۇ؛ خىرىس تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ھەمىشە قورقىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھالبۇكى دۇنيا ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، مۇتلەق پۇرسەتمۇ بولمايدۇ، مۇتلەق خىرىسمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇۋەپپەقىيەتكە بارىدىغان يولدا خىرىس ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. بۇ خىرىسلار ئېھتىمال سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىن كەلگەن بولۇشىمۇ، يەنە ئېھتىمال سىز تۇرىۋاتقان مۇھىتتىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەممە ئۇ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ. مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا، خرىس سىزنىڭ پۇرسىتىڭىزگە ئايلىنىشى مۇمكىن، خۇددى «يوقالغان ئات ئىككى بولۇپ كەپتۇ» دېگەندەك پۇرسەت ۋە خىرىس ئۆز-ئارا ئايلىنالايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى پەيت كەلمەي تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە خىرىسقا تەن بەرمەسلىك، زېھنىمىزنى قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشقا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك، بۇنداقتا خىرىس چوقۇم سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز ۋە جاسارىتىڭىز تەرىپىدىن يوقىلىدۇ.
2008-يىلىدىكى يەنە بىر قېتىملىق قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، مايۈن ئەكسىچە بۇنى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ياخشى پۇرسىتى، ئالى بابا ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرى ئۈچۈن ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ قىممەت ۋە بايلىق يارىتىدىغان سەھنە تەمىنلىدى، ئامېرىكىدىن نەچچە مىڭلىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەنمۇ ئوخشاشلا بۇنداق پۇرسەتنى بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبتىن 2007-يىلى 7-ئايدا شىركەت خادىملىرىغا خەت يېزىپ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مايۈن يەنە ئالى بابانىڭ ئىستىراتېگىيەسى ۋە مەھسۇلاتىنى تەڭشەپ، 30 مىليون دوللار پۇلنى خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشكە سەرپ قىلغان، بۇ مەبلەغنىڭ كۆپ قىسىمى ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا سېلىنغان.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىز ئالى بابانىڭ ئامېرىكىدىكى كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىمىز، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىمىز، بىز كىرىمىنىي جىلغىسىدا كۆپلىگەن ئىنژېنېر ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇردۇق.»
گەرچە ئىرادە بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئېكىسپورتنى يېتەكچى قىلغان جۇڭگو بازىرىغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئالى بابانىڭ ئەڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى خەلقئارالىق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئىدى، كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زاكاس مىقدارى نۆلگە چۈشۈپ قالغان كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئالى بابامۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
مايۈن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى خۇشال پوزىتسىيەدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىدىن ئەنسىرەپ باقمىدىم. ئۇلار ئەزەلدىن بانكىدىن قەرز ئالمايدۇ، يەنە قەرزگە تايىنىپ كۆلىمىنى كېڭەيتمەيدۇ. ئىلگىرىكى 20 يىلدا، بۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقل-پاراسىتى، ئىرادىسى ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ بۈگۈنگىچە كەلگەن، باشقىلار يېتەكلىمىسىمۇ ئۇلار ئىنتېرنېتقا يۈرۈش قىلدى، ھەمدە توختىماستىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ سودا قىلدى. نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق مەزگىلدە، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ئىقتىسادنى قوزغىتىشتىكى مۇھىم نوقتا، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار كۆپ مىقداردا ىىزمەت پۇرسىتى تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ ئۇلارنى خەلقئارالىق ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ كارخانىلار ئەزەلدىن مەغلۇبىيەتتىن ئېغىز ئاچمايدۇ.»
ئىقتىسادىي كىرىزىس شارائىتى ئاستىدا، ئېلېكترونلۇق سودا ئۈنۈملۈك ھالدا كارخانا ۋە سودىگەرلەرنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈش ۋە تىجارىتىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەرگەن، ئۇ يەنە «بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش ۋە تېجەش» تەلپىگە ئۇيغۇن بولغاچقا، كەلگۈسىدە غەلبە قىلىشى مۇقەررەر ئىدى. مەسىلەن: ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى قۇتقۇزىدىغان ۋە ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاستە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئورتاق قاراش تىكلەندى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ مېيجىن يەنە «ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنتېرنېت بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى تەكلىپى» نى تاپشۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق سودا ئىقتىسادىي كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستە، پەقەت ئىنتېرنېت بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىدى. ئالى بابا بۇ نوقتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى سېلىنمىنى كۈچەيتكەن ۋە ئىنتېرنېت سودىسىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ئالى بابا گۇرۇھىلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كارخانا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۆزىگە خاس تەدبىرى بولىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەرگىزمۇ ئۆلۈمىنى كۈتمەسلىكى كېرەك، بولۇپمۇ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بارلىق پايدىسىز تۈزۈلمە ۋە سىستېمىلارنى ئۆزگەرتىشى، خىرىستىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇنىڭغا نىسبەتەن، بىز تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك:
بىرىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش. خىرىس بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساپاسىز، خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەن خىزمەتچىلەرنى شاللىۋېتىش، خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىپادىسى ياخشى، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئىختىساسلىق خادىملار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە كۆرەشچانلىقىنى قوزغىتىدىغان تۈزۈلمە ۋە سىستېمىلارنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
ئىككىنچى، ئىچكى قىسىمدا تاۋلىنىش كېرەك. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تاۋلىنىش كۈچەيتىش، قوشۇننىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق كارخانا ماركىسىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، تىجارەت چىقىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىش لازىم. بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن پايدا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك، مەسىلەن: ئەمەلىي دۇكانلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھاسى مۇۋاپىق بولغان مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا قاتلام ئىستېمالچىلىرىنى جەلپ قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، كاپىتالنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىستېمال گۈللىنىۋاتقان ئىلگىرىكى نەچچە يىلدا، نۇرغۇنلىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن بىر قىسىم ياخشى كاپىتال (تېخنىكا، يەر) لار ئۇچراپ قالسىمۇ تەلەپ قىلىشقا بولمايىتتى. ھالبۇكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ زەربىسى ئاستىدا، كاپىتالنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. ھازىر بىر ئېھتىمال ئىلگىرىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغان بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئاز ئۇچرايدىغان بايلىقلارغا ئىگە بولالىشىمىز مۇمكىن، بۇنداق سودا قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، پەقەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان بايلىقلارغا ئېرىشكەندىلا، قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا بىزنىڭ پايدا بوشلۇقىمىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. قىيىنچىلىق ۋاقىتتىكى تاللاش ئېھتىمال قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سىزنىڭ غەلبىڭىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىشى مۇمكىن!
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۈگۈنكى سودا مەيدانلىرىدا، پۇرسەت دائىم ئۆزىگە خىرىسنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ، خىرىسقا پۇرسەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كارخانىچى كارخانىنى ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىدىكەن، ئۆزىدىكى قورقۇنچ ۋە ئاجىزلىقنى دەرھال چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك. سىز پەقەت جاسارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، پۇرسەت تېپىشقا ماھىر بولسىڭىز، ھاياتىي كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرسىڭىزلا، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
******************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى