A-A+

كىرىزىسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك

2015-يىل 9-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 614 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

ئون ئىككىنچى دەرس6-پارگىراپ

كىرىزىسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك

دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ھەتتا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىنمۇ ئۆتەلمەي ئۈن-تىنسىز يوقىلىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسىم كارخانىلار ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىغا كىرسىمۇ، بىراق قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتتىن كېيىن يەنە قىيىنچىلىققا پېتىپ قالىدۇ؛ بەزىلىرى ھەتتا ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش، بىرلا يېنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ... بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمدىلا ئىش باشلىغان ياكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۇلارنىڭ گۆرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

ھالبۇكى مايۈن بۇ خىل ئىقتىسادىي كىرىزىس ئېقىمىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «كىرىزىس كەلگەن ۋاقىتتا مەن ناھايىتى خۇشال بولىمەن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ پۇرسىتىم كەلگەن بولىدۇ.»

2007-يىلى كىشىلەر كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، ئالى بابا چوڭ كۆلەمدە چەتئەللەرگە كېڭىيىش پىلانىنى ئېلان قىلغان. ئالى بابا B2B شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋېيجىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر شارى مىقياسىدا كېڭىيىش پىلانىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىلگىرىكىنىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان 30 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇ يەنە دۇنياغا داڭلىق ئوندىن ئارتۇق سودا تور بېكىتى ۋە چەتئەللەردىكى 20 دىن كۆپرەك ئۆز جايىدا نوپۇز تىكلىگەن تور بېكەت، 20 دىن ئارتۇق ئۆز جايىدا ئەڭ قارىشى ئېلىشقا ئېرىشكەن تېلېۋېزىيە تاراتقۇسى، يەر يۈزى تاراتقۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

1999-يىللىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى، ياۋرو ئاتىسى مېندىل پىروفېسسور مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنسە، ئېھتىمال ئامېرىكىلىقلار جۇڭگو ئارقىلىق ئاساسىي ئىستېمالىنى قامدىشى مۇمكىن.»

مايۈننىڭ قارىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قانچىلىك چېكىنىپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمالى ئازلىمايىتتى، ئەمما ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ئىستېمالى تۆۋەنلەپ كېتەتتى. ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمالىغا نىسبەتەن، ئاھالىلەر «جۇڭگودا ياسالغان» ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ مايىل بولاتتى. ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلغۇچى تەرەپلەرنىڭ تەننەرخىنى ئازايتاتتى، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەزران باھالىق بۇيۇملارغا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى.

شۇ سەۋەبتىن، ئالى بابا چەتئەللەرگە چوڭ كۆلەملىك كېڭىيىش پىلانىنى يۈرگۈزۈشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تېخىمۇ كۆپ ئىمپورت سودىگەرلىرىگە ئالى بابا ئارقىلىق سودا قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا تەننەرخنى ئازايتىپ، جۇڭگودىكى كارخانىلار بىلەن سودا قىلالايدىغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر ۋە كارخانىلار ئۈچۈن ئەرزان باھالىق مەھسۇلات ۋە ئەسلىھەلەرنى تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى. جۇڭگودىكى ئېكىسپورت كارخانىلىرىمۇ ئالى بابانىڭ چەتئەللەرگە چوڭ كۆلەمدە كېڭىيىشىدىن پايدا ئالاتتى، ھەمدە ئېكىسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن ئۆتۈۋالاتتى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، كىرىزىس نۇرغۇنلىغان كارخانىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىش سىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىڭىز، نەزەر دائىرىڭىز ۋە جاسارىتىڭىزگە، ھەمدە خىرىسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالىشىڭىزغا باغلىق.

كىرىزىس يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، كىرىزسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش-قىلالماسلىق ناھايىتى مۇھىم.

كىرىزىسنىڭ ئىنتايىن چوڭ زەربە بېرىش كۈچىگە ئىگە بولالىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلىقىدا. كارخانىدا كىرىزىس يۈز بەرگەندە، كارخانا پايدىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاتناشقۇچىلىرى-خېرىدار، خىزمەتچى، پايچېك، ھەمكارلاشقۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن زەربىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كارخانا كىرىزىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا كىرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش-ئىگىلىيەلمەسلىكى ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ كىرىزىسنىڭ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىراق قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئاشكارىلاش كېرەك، بۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغان قارار. چۈنكى كىشىلەر ھامان ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىدۇ، ھەمدە كېيىنكى نۆۋەتتىكى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى بىر سەمىمىي، مەسىلە ھەل قىلىدىغان پوزىتسىيەنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى كىرگۈزۈش، پاسسىپلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ كىرىزىسقا نىسبەتەن كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ كىرىزىسقا قارىتا ئۇچۇرلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدا. كىرىزىس ئۇچۇرىنىڭ كەمچىل بولۇشى خاتا ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى كارخانا پايدىسىغا مۇناسىۋەتلىك قاتناشقۇچىلار ۋە ئاۋامنىڭ قۇلقىغا يەتكۈزىدۇ، تېخىمۇ خەتەرلىك يېرى، كارخانا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشى ئۇنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلغۇچى ھەر دائىم ئاكتىپ ئالاقە ئېڭىنى ساقلىشى كېرەك. ئۇچۇرلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئاشكارىلاش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاندا، مۇمكىن بولغانغا قەدەر ئۇچۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشنى ئاشكارىلاش كېرەك. بىر تەرەپتىن، تېز سۈرئەتتە ھەمكارلىشىش خاھىشىدىكى پوزىتسىيەدە بولغاندا تاراتقۇلار ۋە ئاممىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرى كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىتتىن ئۇتۇپلا قالماستىن، يەنە تاراتقۇلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كىرىزىسنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشىگە، بىر تەرەپلىمە ھالدا ھادىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق.

ئەمەلىيەتتە پۇرسەتنى تۇتالايدىغان ئادەم ھەمىشە كىرىزىس ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بىراق ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز چوقۇم تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دېققەت قىلىشىمىز كېرەك:

ئاۋال، ئۆزىمىزنىڭ ئاساسى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن كارخانىنىڭ كېڭىيىش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك.

كارخانا كېڭىيىش جەريانىدا، كارخانا كېڭىيىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە سۈرئىتىنىڭ كونكېرىت بەلگىلىنىشى كارخانىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئاساسى ۋە شارائىتىغا باغلىق، بۇ كارخانىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، كارخانا ئىگە بولغان كاپىتالنىڭ تۈرلىرى ۋە سانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە، ئاساسلىقى كارخانىنىڭ يېڭى بازار پۇرسىتىنى بايقىشى ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى مەھسۇلات ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچى يېڭى بازار پۇرسىتىنى توغرا بايقىغاندا ۋە ۋاقتىدا تۇتۇۋالغاندا، ھەمدە توغرا مەھسۇلات ۋە بازار ئىتىراتېگىيەسىنى يۈرگۈزگەندە كارخانا ئېھتىمال تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.

ئاندىن، كارخانا كېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم.

كارخانىچى كارخانىنى ئۆسۈپ-يېتىلىشكە يېتەكلەيدىغان رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ساپاسى ۋە سەۋىيەسى كارخانىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بىر كارخانىنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپ كۆلىمى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، كارخانىچىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. شۇ سەۋەبتىن كارخانىچىنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى كارخانىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

ئۇنىڭدىن كېيىن، كارخانا كېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم كارخانىنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

بىر مۇنەۋۋەر كارخانىدا چوقۇم مۇنەۋۋەر باشقۇرۇش سىستېمىسى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، كارخانىنى باشقۇرۇشتا كۆپ ۋاقىتلاردا كارخانىچىنىڭ شەخسىي تەجرىبىسىگە، ئىلمىيلىكى كەمچىل بولغان نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللىرىغا تايىناتتى. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشسا، جەزمەن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان توسالغۇغا ئايلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار چوقۇم باشقۇرۇش ئىدىيەسى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى، ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى داۋاملىق تۈردە قوبۇل قىلىشى، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىلىق كارخانا باشقۇرۇشنى زامانۋىلاشتۇرۇشى، تۈزۈملەشتۈرۈشى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى چوقۇم كارخانىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشى، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ رولىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

باشقۇرۇش مەدەنىيەتنى ئۆزىگە تىرەك قىلغان. كارخانا مەدەنىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش رولى، ئىلھاملاندۇرۇش رولى، ماسلاشتۇرۇش رولى، چەكلەش رولى ۋە ئوبراز يارىتىش رولى ئارقىلىق ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كارخانا چوقۇم ئىلغار قىممەت قاراش ۋە تىجارەت ئىدىيەسى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

ئومۇمەن، كارخانىلارنىڭ «قىش پەسلى» يېقىنلاشقان ۋاقىتتا، بىز چوقۇم تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ «قەھرىتان سوغۇق» تىن تېزرەك ئۆتۈشىمىزنى ھىمايە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن كارخانا تەرەققىياتىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىشىمىز كېرەك

******************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 4-ئاي

جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

تۈگىدى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ