خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 53)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كىچىك ئامىل-مىكرو ئېلمىنتلاردۇر.مەيلى جانلىق ياكى جانسىز نەرسىلەر بولسۇن ھەممىسى مۇئەييەن ئىلمىنىتلارنىڭ بېرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ.
يۇرتىمىزدىن چىقىدىغان خوتەن قاشلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
خوتەن قاشلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق ئىلمىنت-تېرمولىتتۇر.ئاددەتتە خوتەن قۇيرۇق قاشلىرىدىكى تىرمولىت مىقدارى 99 % ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ماگىنىي،سىنىڭ،تۆمۈر...قاتارلىق ئىلمىنىتلار بولىدۇ.
ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرنىڭ رەڭگى قايسى ئىلمىنىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟
خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگىنى بەلگۈلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل-تۆمۈردۈر.
1.خوتەن ئاق قاش 和田玉白玉
تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىلمىنتى 0.7 % دىن تۆۋەن بولىدۇ.
2.خوتەن كۆكۈش قاش 和田玉青白玉
تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىلمىنتى 0.7 % دىن يۇقىراراق بولىدۇ.
3.خوتەن كۆك قاش 和田玉青玉
تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىلمىنىتى يۇقىراراق بولىدۇ.ئىلاستىكىلىقى ناھايىتى ياخشى.
4.خوتەن كۆك قاش 和田玉青玉中的-青翠色
كۆك قاشلاردا تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى بولغاندىن باشقا مۇئەييەن مىس تەركىبى بولىدۇ.
5.خوتەن قارا كۆك قاش 和田玉青玉中-黑青玉-
قارا كۆك قاشنىڭ تۆمۈر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
6.خوتەن قارا قاش 和田玉的墨玉
قارا قاشنىڭ رەڭگىنى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ئىلمىنىتى بەلگىلەيدۇ.كاربون مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا رەڭگى شۇنچە قېنىق بولىدۇ.
7.خوتەن شەربەت قاش 和田玉糖玉
شەربەت قاشنىڭ رەڭگى قاش تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن شەككىللىنىدۇ.
8.خوتەن سېرىق چاپان قاش 和田玉黄沁料
ئوكسىدلانغان تۆمۈر ماددىسىنىڭ قاشقا سېڭىپ كىرىشى ئارقىلىق شەككىللىنىدۇ.
9.خوتەن يېشىل قاش
يېشىل قاشنىڭ رەڭگىنى ئاساسەن 1 %-0.5 % كىچە بولغان خروم ئىلمىنتە تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى