خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش سەۋەبى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
1.خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ سانى تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولۇپ،ناھايىتى قىس.مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا زىرە قاشلار ئاساسەن تۈگەش ھالىتىدە تۇرماقتا.
2.زىرە قاشلارنى قېزىش ئىنتايىن قىيىن.قېزىش تەنەرخى يۇقىرى.قاش كانلارنى نەچچە مىڭ يىللىق قېزىش نەتىجىسىدە قاشتېشى قېزىش قىيىن بولغان كانلارلا ئېشىپ قالغان.(ئاساسەن نەچچە مىڭ مېتىرلىق ئېگىزلىكتە تاغ چوققىلىرىدا بولغاچقا يول يوق،خەتەرلىك)
3.خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىشلىنىش دائىرىسى ئۈزلىكسىز كۆپەيمەكتە.بۇرۇن پادىشاھ جەمەتى ،بايلار ئىشلەتكەن بولسا ھازىر ئاۋام خەلق ئىشلتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
4.خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان سەنئەت بۇيۇملىرى ئىنتايىن جەزبىدار بولغاچقا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ.
5.خوتەن قاشلىرى تېپىلغۇسىز گۆھەر بولۇپ ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق.خوتەن قاشلىرى قاشتېشى ئائىلىسىنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ.
6.خوتەن قاشلىرىدا مەدەنىيەت قاتلىمى ناھايىتى چوڭقۇر.نەچچە مىڭ يىللىق ئىشلىتىلىش جەريانىدا ناھايىتى كۈچلۈك قاشتېشى مەدەنىيەت چۆكمىسى شەكىللەنگەن.
7.كۈچلۈك ھۇزۇرلۇنۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ھۈنەر-كەسپ،سەنئەت يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشكەن،گۈزەللىك تۇيغۇسى كۈچلۈك.
8.ساقلاشقا قۇلايلىق.خوتەن قاشلىرىنىڭ ھەجىمى كىچىك.ساقلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىمايدۇ،بۇزۇلمايدۇ.تېمپۇراتىرىنىڭ ،تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.كونىراپ قالمايدۇ.
9.سوۋغات قىلىشقا قۇلاي.ناھايىتى يۈز-ئابرۇيلۇق سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.ئېسىل سۈپەت بولۇپ مەدەنىيەتكە ،يۈز ئابرۇيغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
10.پەرق ئېتىش ئاسان.يىغىپ ساقلاشقا قۇلاي.مەبلەغ سېلىش خىيىم-خەتىرى يوق.ئۆزىڭىز بىلمىسىڭىز مەخسۇس قاشتېشى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق ھەق تۆلەپ سۈپىتىنى تەكشۈرتسىڭىزلا بولىدۇ.
11.قولدىن چىقىرىش ئاسان.بانكىغا رەنىگە قۇيۇپ قەرز ئېلىشقا بولىدۇ.ئۈرۈمچىدە ھازىر ئىككى بانكا مەزكۇر كەسىپنى يولغا قويدى.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم بازار باھاسىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.
12.كۈچلۈك يىغىپ-ساقلاش قۇشۇنى شەكىللەنگەن.زور مەبلەغ بىلەن يىغىپ ساقلاۋاتقانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.چۈنكى خوتەن قاشلىرى قايتا پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولغان ،پەقەت دىيارىمىزىدىنلا چىقىدىغان ئىنتايىن تېز قىممىتى ئېشىۋاتقان بىباھا گۆھەر.مۇناسىۋەتلىك ئورينلارنىڭ ئىستاستىكىسىغا قارىغاندا 80-يىلىدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى بىر مىڭ ئىككى يۈز ھەسسە ئۆرلىگەن ھەم ھازىرمۇ ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىماقتا.