ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون ئىككىنچى دەرس 4-پارىگىراپ
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئالى بابا دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلانغاچقا، ھەمدە پېيىنى شياڭگاڭدا بازارغا سالغاچقا، ئۇنىڭ كەسپ دۇنياسىدىكى ئورنى تېخىمۇ مۇقىملاشقان.
ھالبۇكى كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان نوقتا شۇكى، مايۈن 2007-يىللىق جۇڭگو كارخانىلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئالى بابانىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشتىكى مۇھىم سەۋەب: قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت.»
ئەمەلىيەتتە ئالى بابانىڭ پېيى تېخى بازارغا سېلىنمىغان ۋاقىتتا، مايۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورت كارخانىلىرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىش، خام ئەشيالارنىڭ باھاسى ئۆرلەش، ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى ئۆرلەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈزلەنمەكتە، بۇنىڭ بىلەن ئالى بابانىڭ نۇرغۇنلىغان خېرىدارلىرى تەسىرگە ئۇچرىدى.»
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بىز ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق، بىز ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە خېرىدارلىرىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار، پۈتۈن دۇنيا ئىشەنگەن ئالى بابانىڭ نەچچە مىڭلىغان خېرىدارلىرى زىيان تارتسا بولمايدۇ!»
مايۈننىڭ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىككى تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىرىنچى، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشكە بولغان ئىشەنچ ۋە تەييارلىق بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم قىلىش كېرەك.
ئۇ ئىزچىل شۇنداق قارايدۇ: بۈگۈنكى قىيىنچىلىق ئېغىر بولىدۇ، ئەتىكى قىيىنچىلىق تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئۆگۈنلۈككە قۇياش پارلاپ چىقىدۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئەتە كەچتىلا جان تەسلىم قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ھازىر 60 ياشتا بولغان بولسا، مەن ئېھتىمال ئۆزگىرىشتىن قورقۇشۇم مۇمكىن، ئەمما مەن ھازىر ئەمدىلا 40 ياش، مېنىڭ يەنە ئارزۇيۇم، ئۆزگەرتەلەيدىغان كۈچۈم ۋە ئىقتىدارىم بار.» مايۈننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى خىرىس ھەرگىزمۇ قىيىنچىلىق بولماي، ئەكسىچە يەر شارىلىشىشنىڭ سىنىقى ئىدى.
ئالى بابانىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئۇنىڭ پاي قىممىتى 13.3 شياڭگاڭ پۇلىدىن 40 شياڭگاڭ پۇلىغا ئۆرلىگەن، كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە، پاي قىممىتى 40 شياڭگاڭ پۇلىدىن 3 شياڭگاڭ پۇلىغا چۈشۈپ قالغان. مايۈن بۇنىڭغا ناھايىتى سوغۇققان پوزىتسىيەدە تۇرغان، ئۇ ئالى بابادىن مەسىلە چىقمىغان، ئەكسىچە بازار شۇنداق دەپ قارىغان.
2008-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى «مەبۇد» لىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىرىسقا بولغان ھۆكۈمى ۋە تەسىراتىنى چۈشىنىش مەخسىتىدە، مايۈن ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئەترىتى ئامېرىكىنىڭ سېئاتىل شەھىرىگە بېرىپ ياخۇ، گۇگىل، ئالما، مىكروسوفت، سىنباك ۋە GE قاتارلىق داڭلىق چېگرا ھالقىغان شىركەتلەردە يېرىم ئايدىن كۆپرەك زىيارەتتە بولغان.
مايۈن بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىنى كوللىكتىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى پۇرسەت، بۇنىڭدىن كېيىن «يۈز يىلدا بىر كېلىدىغان» بۇنداق پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئۇچراش پۇرسىتى بولمايدۇ دەپ قارىغان. مايۈن تۆۋەندە ئولتۇرغان ئامېرىكىلىق ئاڭلىغۇچىلارغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىلگىرىكى ئون نەچچە يىللىق ئىگىلىك تىكلەش سەرگۈزەشتەمدىن قارىغاندا، ھەممە ئىشلار شۇنچىلىك راۋان بولۇپ، ئازراق ئارام ئېلىۋالسام بولىدىغۇ دېگەندە چوقۇم چوڭ ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ؛ ئەمما ئەھۋال ناھايىتى يامانلاشقان ۋاقىتتا توساتتىن بەخت قۇياشى ماڭا قاراپ پارلايدۇ-ئون بەش يىلدىن بۇيان شۇنداق بولىۋاتىدۇ!» ئوخشاشلا، بۇ قېتىملىق كىرىزىسمۇ مايۈن تەرىپىدىن پۇرسەتنىڭ كېلىش ھارپىسى دەپ قارالغان.
قىيىنچىلىق ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ، پۈتكۈل كارخانىلار ئاساسەن دېگۈدەك قىيىنچىلىققا پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرۈنەتتى، ئەمما قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا نۇرغۇنلىغان لاياقەتسىز كارخانىلار شاللىنىپ كېتىپ، سوغۇققانلىقىنى ساقلىغان، ئىچكى قىسىمىدا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان كارخانىلار بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا داڭق چىقىرىپ، كەسپنىڭ يېڭى باشلامچىلىرىغا ئايلىناتتى. بۇ «زىمىستان قىشتا قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن» كارخانىلارنىڭ ھەقىقىي كارتېنىسى ئىدى.
ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ قەرەللىك زەربىسىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللىقاچان 80 ياشقا كىرگەن لى جياچېڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان كىرىزىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن. لى جياچېڭنىڭ بايلىق ھېكايىسى ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بىراق ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا ئۇنىڭ ھەمىشە ئىقتىسادىي كىرىزىس ياكى ئىقتىساد چېكىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان «بايلىق توپلاش» ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇرۇن، شياڭگاڭ خېڭشېڭ كۆرسەتكۈچى (شياڭگاڭ پاي بازىرىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ) 1995-يىلىنىڭ بېشىدىكى 6967 نوقتىدىن 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 13203 نوقتىغا ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى %89.5 بولغان. 1995-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىن باشلاپ، شياڭگاڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ، ئۆي باھاسى كۈندە دېگۈدەك يېڭى نوقتىغا كۆتۈرۈلگەن، جۇڭيۈەن ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتكۈچى 1996-يىلى 7-ئايدىكى 66 نوقتىدىن 1997-يىلى 7-ئايدىكى 100 نوقتىغا كۆتۈرۈلۈپ، 12 ئاي ئىچىدە %50 يۇقىرىلىغان.
پاي باھاسى ۋە ئۆي باھاسى ئۆرلەۋاتقان شارائىت ئاستىدا، لى جياچېڭ رەھبەرلىكىدىكى چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى 1996-يىلى توققۇز يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق پاي مەبلىغى ئۇيۇشتۇرۇش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ، 5 مىليارد 154 مىليون شياڭگاڭ پۇلى مەبلەغ توپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى يەنە شۆبە شىركەتلىرىدىكى ئاز سانلىق پايچېكلىرىنىڭ زور مىقداردا پاي تارقىتىشى ئارقىلىق4 مىليارد 178 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىغان. مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى 1996-يىلى مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئېقىپ چىقىپ كەتكەن نەق پۇل 8 مىليارد 888 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن، ئۇ ئاساسلىقى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نەق پۇل سېلىنمىسىنى مەنپىي ساندىن مۇسبەت سانغا ئۆزگەرتكەن. بۇ چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتىلاپ بازار ناھايىتى قىسىلغاندىن كېيىنمۇ، يەنە تاللاش خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.
2007-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنە بىر قېتىملىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى كېلىپ چىققان، تارقاقلىشىپ كەتكەن سېلىنما كېيىنكى مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، لى جياچېڭ خېخۇاڭ گۇرۇھىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھەر قايسى تۈرلەرنى پارچىلاش خاراكتېرلىك بازار ئىسىتراتېگىيەسى يۈرگۈزۈپ، ھەر قايسى تۈرلەرنى ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خېخۇاڭنىڭ پاي باھاسىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغان. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، خېخۇاڭ گۇرۇھىنىڭ نەق پۇل ۋە ئوبوروت مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 182 مىليارد 289 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن.
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىكى شەخسىي مەبلەغ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، لى جياچېڭ تۆۋەن باھادا ئېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىش، خىيىم-خەتەرنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارغا ماھىر، مەبلەغ سالغان تۈرنىڭ قىممىتى ۋە باھا ئىگىلەش ئەھۋالىنىڭ توغرىلىقىغا تايىنىپ، لى جياچېڭ زور مىقداردىكى قەرەلسىز پايدىنى قولغا كەلتۈرگەن. شياڭگاڭ پاي بازىرىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاي قىممىتىنى ئاشۇرغان. ئەلۋەتتە لى جياچېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشكە باغلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ مەبلەغ يۈزلىنىشىگە بولغان ھۆكۈمى، پەيتنى تۇتۇشقا ماھىرلىقى قاتارلىق بىلىملىرىگە باغلىق.
نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ تىجارىتى تېخى ياخشى بولماستىلا پېيىنى بازارغا سېلىش ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئېھتىياجى ياكى پۇل جۇغلاش مەخسىتىدىن بولىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلاردىكى كارخانىچىلار بۇ خىلدىكى «بازار قىزغىنلىقى» نى بايقىغان ھامان، ئەڭ ياخشىسى كارخانىنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
********************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى