A-A+

قىيىنچىلىقنىڭ ھەممە ئادەمنى تىز پۈكتۈرەلىشى ناتايىن

2015-يىل 9-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 307 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

ئون ئىككىنچى دەرس 3-پارىگىراپ

قىيىنچىلىقنىڭ ھەممە ئادەمنى تىز پۈكتۈرەلىشى ناتايىن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمىغان، ئاللىقاچان ئىگىلىك تىكلەپ بولغان كىشىلەرمۇ پۇشايمان قىلىپ، بۇنداق ئىقتىسادىي شارائىت ئاستىدا پەقەت ھالاكەتلا بار دەپ قارىغان.

ھالبۇكى سودا پەيلاسوپى پائۇل گېرىم مۇنداق دېگەن: «ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش دەۋرىدە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھېچقانداق يامىنى يوق. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز مېنىڭ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس. ئىش ناھايىتى ئاسان: ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھېچقانداق چوڭ مەسىلە ئەمەس.»

قىيىنچلىقنىڭ ھەممە ئادەمنى تىز پۈكتۈرەلىشى ناتايىن، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىمۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ چېكىنىش سەەۋبى بولالمايدۇ. گەرچە ئىقتىساد چېكىنگەنلىك سەۋەبلىك، بىز دائىم مەلۇم شىركەت تاقىلىپ قالدى دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلىساقمۇ، ئەمما بۇ سىزنىڭ تېخىمۇ تۆۋن تەننەرخ بىلەن تېخىمۇ كۆپ بايلىق مەنبەسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزدىن دىرەك بېرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز ۋە پىشقان ئويلىرىڭىز بولسا، ھەمدە خورىماس سەۋرچانلىق ۋە ئىرادىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزنىڭ توسالغۇسى قىلىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك؛ ئەگەر سىز ئاللىقاچان ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگەن بولسىڭىز، بۇنداق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەرگىزمۇ ئاغرىنىشقا بولمايدۇ، بەلكى قىيىنچىلىق كېلىۋاتقان پەيىتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ مەغلۇب بولۇشى ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ قابىلىيىتىگە باغلىق. مۇنداقچە ئېيىتقاندا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى «سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزدە،» ھەرگىزمۇ «سىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا قىلىدىغانلىقىڭىز» دا ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز بولسا، ئىقتىساد چېكىنىپ كەتكەن ۋاقىتتىمۇ يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىىز؛ ئەگەر سىز ئۇنداق بولمىسىڭىز، ئىقتىساد ھەر قانچە ياخشى بولغان تەغدىردىمۇ سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ.

2000-يىلى 1-ئايدا چاغاننىڭ ھارپىسىدا، ئالى بابامۇ بايرام خۇشاللىقىغا چۆمۈلگەن ئىدى. رۈەنيىن گۇرۇھىنىڭ 20 مىليون دوللار مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، گولدمان گۇرۇھىنىڭ ئالى باباغا 5 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقى قاتارلىقلار ئالى بابانى 25 مىليون دوللار مەبلەغكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغان ئىدى. ئارقىدىنلا ئالى بابا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىشكە باشلىغان: ياپونىيە، كورىيەدە ھەمكارلىق شىركەتلىرىنى قۇرغان، ئامېرىكىدا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ چىققان، ياۋروپادا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان، جۇڭگو شياڭگاڭدا باش شىتابىنى قۇرۇپ چىققان.

ئالى بابانىڭ بۇ قېتىملىق كېڭىيىشى 2000-يىلى 2-ئايدا باشلىنىپ 2001-يىلى 1-ئايدا ئاخىرلاشقان. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالى بابانىڭ ھەر ئايدا سەرپ قىلغان ئوتتۇرىچە چىقىمى 1 مىليون دوللارغا يېقىنلاشقان، ناسداك پاي بازىرى قالايمىقانچىلىققا چۆكۈپ، تەۋەككۇلغا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرى ئىنتېرنېت كەسپىگە نىسبەتەن «ھەمياننى چىڭ قىسىۋالغاندىلا،» ئالى بابا ئاندىن ئىنتېرنېت كاساتچىلىقىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان.

2000-يىلى 10-ئايدا، ئالدىراش كىشىلەر ئاخىرى دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىشقا چۈشكەن، ئەمما بۇ ۋاقىتتا مايۈن ئالى بابادىكى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا شىخۇ كۆلىدىكى شىزى مېھمانسارىيىدا بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىن ئېچىپ، شىركەتنىڭ ئىستىراتېگىيە ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىر قاتار تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ يىغىن كېيىن ئالى بابانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان «شىخۇ يىغىنى» دەپ ئاتالغان.

يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، خىرىس مەزگىلىدىكى شىركەتنىڭ تەغدىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش بەلگىلەنگەن. شىركەت باش شىتابنى شياڭگاڭدىن خاڭجۇغا قايتۇرۇپ كېلىشنى، شياڭگاڭنى جۇڭگو رايونى باش شىتابى قىلىشنى بەلگىلىگەن.

خادىملارنى قىسقارتىسمۇ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلاتتى. 2000-يىلىدىكى چەتئەللەرگە كېڭىيىشتە چەتئەلدىكى ئاپپاراتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى شىركەتنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى، بۇ چىقىملار ئاساسلىقى ئامېرىكا، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاپپاراتلارغا جۇغلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە خىراجەت قىلىناتتى. ئاخىرىدا ئالى بابا كەسكىن قارار چىقىرىپ، 30 نەچچىدىن كۆپرەك ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنى ئاساسى جەھەتتىن تاقىتىۋەتكەن، شياڭگاڭدىكى 30 نەچچە ئادەمدىن پەقەتلا يەتتىسى ئېشىپ قالغان.

شىركەت بايلىقىنى تېجەش پەقەتلا شىخۇ يىغىنىنىڭ مەخسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر مەخسىتى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئىدى. ئېنىقراق ئېيىتقاندا، ئالى بابانىڭ كەلگۈسىدىكى پايدا ئېلىش ئەندىزىسى ۋە مەھسۇلاتىنى بەلگىلەش ئىدى. بۇ ئالى بابانىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى ئىدى. ئەسىر ھارپىسىدىكى ئىنتېرنېت كاساتچىلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 2002-يىلى ئالى بابا «بىر يۈەنلىك كىرىم» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئىككىنچى يىلى شىركەتنىڭ كۈندىلىك كىرىمىنى بىر مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى، ئۈچىنچى يىلى كۈندىلىك پايدىنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈشنى، تۆتىنچى يىلى كۈندىلىك تاپشۇرىدىغان باجنى بىر مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى جاكارلىغان. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلا كىشىلەرگە مايۈننىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقى قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈنكى سىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ رىقابەتچىڭىزمۇ قىيىنچىلىقتا تۇرىۋاتقان بولىدۇ-دە، سىزگە بولغان سەزگۈرلۈك ۋە قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان جىددىيلىك تۇيغۇسى بېرىشىڭىز، تۈزۈلمە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەر بىر خىزمەتچىگە «ئالدىدا داغدام يول، ئارقىدا چوڭقۇر ھاڭ» ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشىڭىز، تەربىيە ئارقىلىق ھەر بىر خىزمەتچىگە «ئالدى تەرەپتە پۇل، ئارقا تەرەپتە دۈشمەن ساقلاپ تۇرىدۇ» ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشىڭىز، بۇ ئارقىلىق بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئالغا قاراشقا يېتەكلەپ، كارخانىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئورتاق كۆرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىشىڭىز كېرەك.

ئوخشاش ئىشنى ئوخشىمىغان ئادەملەر ئوخشىمىغان ۋاقىت ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا قىلسا ئۈنۈمى ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ.

قارات ئوينىغاندا ياخشى قارات ئېلىش ناھايىتى مۇھىم، بىراق تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ياخشى قاراتنى قانداق ۋاقىتتا چۈشۈش. چۈنكى سىز ياخشى قاراتنى ئالغان ۋاقىتتا، قارىشى تەرەپنىڭ قارتىنىڭ ناچار بولۇشى ناتايىن.

ياخشى ياكى يامان بولۇش نىسپىي بولىدۇ، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ، بارلىق ئارتۇقچىلىق ۋە ئاجىزلىقلار ئۆز-ئارا ئالمىشالايدۇ. پەقەت كەسپنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندە، ھەر دائىم ھوشىيار تۇرغاندا ئاندىن كەسپ تەرەققىياتىنىڭ ئالمىشىش نوقتىسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش نوقتىسىدىن پايدىلىنىپ

غالبىيەتچىگە ئايلانغىلى بولىدۇ.

*******************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ