ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقتىن ھالقىپ ئۆتىدىغان تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون ئىككىنچى دەرس 2-پارىگىراپ
ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقتىن ھالقىپ ئۆتىدىغان تەييارلىق
ھالەتتە تۇرۇش كېرەك
قەدىمدە مۇنداق ئىبارىلەر بولغان: «تىنچ كۈنلەردە خىرىسنى ئۇنتۇماسلىق، ئەمىنىيەدە يىغىلىقنى ئۇنتۇماسلىق، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.» بۇ خىل ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى كارخانا باشقۇرۇشقىمۇ ماس كېلىدۇ.
مايۈننىڭ ئېيتىشىچە، كارخانىچىغا نىسبەتەن، كەلگۈسىدىكى پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسىدىكى خەتەرنىمۇ ئويلىشىش ناھايىتى مۇھىم. گەرچە ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلالايدىغان كارخانىلار ئاز بولمىسىمۇ، بىراق كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يوقىلىپ كېتىدىغانلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىش سودا مەيدانلىرىنىڭ ئاساسى قائىدىسىگە ئايلاندى. بىراق ياخشى بىلەن يامان يەنە ئۆز-ئارا ئالمىشالايدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە: كارخانىنى باشقۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خىرىس ئېڭىغا ئىگە بولغان ياكى بولمىغانلىقىدۇر. رەھبەردە خىرىس ئېڭى بولغان ئىكەن، ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، ھەر دائىم مۇداپىئە ۋە تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئەگەر ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان خەتەر يۈز بەرسىمۇ، تەييارلىق تولۇق بولغاچقا ئۇنىڭدىن ساقلىنىپ قالىدۇ-دە، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، خەتەر پەيتىدىن ئۆتۈپ، كارخانىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەكسىچە رەھبەرنىڭ خىرىس ئېڭى تۆۋەن بولسا، ئۇ يېتەكلىگەن قوشۇندىمۇ ئاسانلا شۇنداق ئەھۋال شەكىللىنىدۇ-دە، كارخانا ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالىدۇ، ھەتتا ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇمكىن، ئەگەر ھەقىقەتەن خەتەر يۈز بەرسە، ئۇلار ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئاخىرىدا كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالى بابانىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايۈننىڭ ئىنتېرنېت كاساتچىلىقىدىن ئۆتەلىشىدىكى، كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭدا ھەر دائىم خىرىس ئېڭىنىڭ بولغانلىقىدىدۇر. ئۇنىڭدا خەتەرنى ئالدىن سېزەلەيدىغان سەزگۈرلۈك بولغاچقا، خەتەر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن خىرىسلارنى ئەڭ چوڭ چەكتە يوقىتىۋېتەلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىر قوشۇن قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىزچىل خىرىس بىلەن كۆرەش قىلىدىغان جەريانغا كىرىپ بولغان بولىدۇ. سەزگۈر، كېيىنلىكنى كۆرەلەيدىغان، قىيىنچىلىققا خاتىمە بېرەلەيدىغان قوشۇن تەبئىيلا زورىيىدۇ.
بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئازراق نەتىجىگە ئېرىشىپلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ-دە، نەتىجىنىڭ ئالدىدا مەستخۇش بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشاش قۇدۇقنىڭ سىرتىنى كۆرەلمەيدۇ، سودا مەيدانلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە تولغانلىقىنى ۋە ئېھتىيات قىلمىسلا ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق كارخانىلار رەھىمسىز رىقابەت ئالدىدا چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ.
قەدىمكىلەر مۇنداق ئۈگۈتلەرنى قالدۇرغان: «ئالەم توختىماستىن ئۆزگىرىدۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلارلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.» قوشۇن رەھبىرى بولغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئازراق نەتىجىدىن مەغرۇرلانماسلىقى، ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىقى كېرەك. بىر كارخانىچى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بىز ئىزچىل ئۆزگىرىش ئىچىدە ياشاۋاتىمىز ۋە خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ھەر قانداق كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت ياكى رىقابەت جەريانىدىكى غەلبە بولسۇن پەقەت بەش مېنۇتلۇق خۇشاللىقتۇر، خالاس!»
شۇ سەۋەبتىن بىر كارخانا تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىكەن چوقۇم خىرىسقا تەييار تۇرۇشى، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى توختىماستىن تاۋلىشى، بازار ئېڭىنى ئۆزگەرتىشى، بازارنى قامداشتىن بازار كېڭەيتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى، تار مەنىدىكى بازاردىن كەڭ مەنىدىكى بازارغا قاراپ يۈكسىلىشى كېرەك. كارخانا تەرەققىياتىنىڭ چېگراسى بولمايدۇ، خىرسىمۇ ئىزچىل كارخانا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
2007-يىلىنىڭ بېشىدا، كىشىلەر پۈتكۈل ئىنتېرنېت بازىرىنىڭ كاساتچىلىق ئەھۋالى يېتىپ كېلىشكە باشلىدى دەپ گەپ تارقىتىشقا باشلىغان. مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپلەپ ۋاقتىنى كەلگۈسىدىكى بازار ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا، قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايىدىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالى بابانىڭ پېيى ئەمدىلا بازارغا سېلىغان ۋاقىتتا، مايۈن ئالى بابادىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىدا مەسىلە كۆرۈلۋاتقاچقا، بارلىق كارخانىلار بۇنىڭغا نىسبەتەن يېڭى خىرسىنى كۈتۈۋېلشقا تەييارلىنىشى كېرەك.» ئەلۋەتتە بۇ خەتتە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنى ئالى بابانىڭ قىيىنچىلىقى ياكى ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقى ئەمەس، بەلكى كىشىلەردە چوقۇم خىرىس ئېڭى بولۇشى لازىملىقى.
مايۈن خەتتە ھۆكۈم قىلىپ، ئالى بابانىڭ ئاساسلىق خېرىدارى بولغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ خىزمەتچىلەردىن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك: ئەگەر بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز يوقالسا، بىزمۇ كېيىنكى باھار قۇياشىنى كۆرەلمەيمىز!» ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە قىيىنچىلىقنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى، ئەمما قىيىنچىلىققا قارىتا تەييارلىقنىڭ بولماسلىقىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە، ئالى بابا شياڭگاڭدا پېيىنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇنلا مايۈن شۇنداق دېگەن: «ئالى بابانىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈندۇر.» پېيىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ نەق پۇل جۇغلانما زاپىسى 2 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 2007-يىلى 2-ئايدىكى ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ يىللىق يىغىنىدا مايۈن يەنە مۇنداق دېگەن: «2008-يىلى ئالى بابا قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك، ئالى بابا (ئورەكنى چوڭقۇر كولاپ قىشلىق ئاشلىق جۇغلىشى) لازىم.»
بىر كارخانا رەھبىرىدە چوقۇم يىراقنى كۆزلەيدىغان تەرەققىيات نەزىرى بولۇشى، ئىلگىرىلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان كۆرەش روھى بولۇشى كېرەك، پەقەت كارخانىنى ئىزچىل زورايىتقاندىلا ئاندىن بىزنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.
ماقال-تەمسىللەردە شۇنداق دېيىلگەن: «پۇرسەت ھەمىشە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇب. مەسئۇلىيەتچان، يىراقنى كۆرەر ۋە خىرىس ئېڭىغا ئىگە بىر رەھبەرنىڭ قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ يىراققا مېڭىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما مەسئۇلىيەتسىز، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، خىرىس ئېڭى بولمىغان باشقۇرغۇچىلار تىنچ مۇھىتتا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويالىشى مۇمكىن، بىراق خىرىسنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە كېرەك كەلمەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك: ئەگەر بوران-چاپقۇن يېقىنلاپ كەلسە، سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغدىيالايدىغىنى سىزنىڭ كۈنلۈكىڭىز، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى بۇلۇت ئەمەس!
***************************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى