خوتەن قاشلىرىنىڭ 2015-يىللىق باھا مۆلچەرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ،ئاۋامنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۈسىشىگە ئەگىشىپ قۇلىدىكى ئېشىندا مەبلەغ كۆپۈيۈپ بارىدۇ-دە،يىغىپ ساقلاشقا مەبلەغ سېلىش بىر تۈرلۈك ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خوتەن قاشلىرىنى يىغىپ ساقلاش كەسپىمۇ مۇناسىپ ھالدا جانلىنىدۇ.كىسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى ،خوتەن قاشلىرىنى سوغات قىلىش بازىرى كىچىكلەۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا ئىسىل خوتەن قاشلىرى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىدۇ.شۇڭا مۇشۇنداق بازار شارائىتىدا خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسۈش پۇرسىتى چىڭخەي ۋە روسىيە قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسىشىگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ.ئۇنداقتا 2015-يىلى خوتەن قاشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا باھاسى ئۈسەمدۇ؟
تۆۋەندە بۇ يىللىق باھا ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدە كونكىرىت توختىلىمىز :
1 . زىرە قاشلارنىڭ باھا مۆلچەرى
زىرە قاشلارنىڭ مەنبىيى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسى نەچچە ئون قېتىم تەكرار قېزىلىپ بولدى.بۇ قېزىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئېكولۇگىيەلىك مۇھىت ئېغىر دەرجىدە بۇزۇلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن زىرە قاشلارنىڭ مەنبىيى كۈنسايىن ئازايدى.ھازىرقى قاش كولىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇرۇنقىدەك بىرەر يىل قاش كولاپلا نەچچە مىليۇنلاپ پۇل تاپىدىغان تارىخ كەلمەسكە كەتكەن بولۇپ،بۇ كەسىپتە كىرىم چىقىمنى قامدىيالماسلىق ئەھۋالى ئېغىر .نۇرغۇنلىغان قاش كولىغۇچىلار گويا يىڭنە ئىزدىگەندەك ئاختۇرۇپمۇ ياخشىراق بىرەر پارچە قاشقا ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ.دىمەك بايلىق مەنبىيىنىڭ زىيادە قىس بولۇشى ،كولىغاندا قاش چىقىش نىسپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى-زىرە قاشلارنىڭ باھاسىنى توختاۋسىز ئۆستۈرىدىغان ئوبىكتىپ ئامىلدۇر.شۇڭا ھازىرقى بازار تەرەققىياتىدا 2015-يىلى زىرە قاشلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسۈش ئەھۋالى مۇنداق بولىدۇ:
<1>سەرخىل زىرە قاش ۋە يىغىپ ساقلايدىغان قاشلارنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۈسىدۇ.ھەممىمىزگە مەلۈمكى،ھازىرقى بازاردا يۇقارقىدەك ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەرخىل قاشلار كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ،بۇرۇنقىدەك كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ئىسىل گۈھەر قاشلارنى ئۇچۇرىتىش ھازىر قىيىنلىشىپ كەتى.شۇ سەۋەبتىن مۇنداق قاشلارنىڭ باھاسى توختاۋسىز ئۈسىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق ئۈسىدۇ.
<2>ئارا زىرە قاشلارنىڭ باھاسى 2014-يىلدىكى باھا كۆرسەتكۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئالاھىدە چوڭ باھا ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى كۈرۈلمەيدۇ.كۆك( چىڭيۈ)،كۆكۈش (چىڭبەييۈ)زىرە قاشلارنىڭ تەگلىك،مايلىق بولغانلىرىنىڭ باھاسى بىرئاز ئۆرلىشى مۈمكىن.
<3> تۆۋەن دەرجىلىك زىرە قاشلارغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ،باھاسى داۋاملىق چۈشىدۇ.
2 . زىرە قاش ئويمىلارنىڭ باھا مۆلچەرى
<1> سەرخىل ،يارام زىرە قاشلاردىن ئۇيۇلغان ئويمىلارنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.بولۇپمۇ داڭلىق ئويمىچىلار ئىسىل قاشلاردىن ئويغان ئويمىلار يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە زەردار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تاللاش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرانىڭ ئىستىمال دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.يىغىپ ساقلاش دەرىجىسىدىكى مۇنداق ئىسىل ئويمىلارنىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 3000يۈئەندىن باشلىنىپ نەچچە ئونمىڭ يۈئەنگىچە بولىدۇ.يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۈسىشىگە ئەگىشىپ بۇرۇنقىدەك ئويمىلارنىڭ ماتىريالىغىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان ھالەت ئاخىرلىشىپ،ئۇيمىلارنىڭ ھەم ماتىريالىغا ھەم ھۈنەر-سەنئىتىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان بازار ئىستىمالى شەكىللىنىدۇ.شۇڭا ماتىريالى ئىسىل بولسىمۇ ،ھۈنەر-تېخنىكىسى تۆۋەن ئويمىلار باھا ئۈسۈش سىزىقىنىڭ سىرىتىدا بولىدۇ.ئېغىرلىقى 5 گىرامدىن 15 گىرامغىچە بولغان ،سۈپەتلىك،كىچىك ،نەپىس زىرە قاش ئويمىلارغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ،ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 1000 يۈئەندىن 2000 يۈئەنگىچە بولىدۇ.
<2> ئوتتۇرا دەرجىلىك زىرە قاش ئويمىلارنىڭ باھاسىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ،ئاساسەن 2014-يىلدىكى ھالەتنى ساقلايدۇ.
<3> تۆۋەن دەرجىلىك زىرە قاش ئويمىلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ ئەسلىدىكى خام ماتىريالنىڭ باھاسىغىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋال كۈرۈلىدۇ.
3.كان قاش ۋە كان قاش ئويمىلارنىڭ باھا مۆلچەرى
ھازىرقى كان قاش بازىرىدا كورىيە كان قاشلىرى ئاساسىي ئۇرۇندا بولۇپ،چىڭخەي،روسىيە كان قاشلىرى مۇشۇ ماتىريالنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خاس بازارلاردىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.شىنجاڭ كان قاشلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسپىتى تۆۋەن.مۇشۇنداق شارائىتتا سۈپەتلىك كان قاشلارنىڭ باھاسى بىرئاز ئۈسىدۇ.بۇنىڭدا ئاساسلىقى روسىيەنىڭ يېشىل قېشى،دىيارىمىزنىڭ ئاققاش،تۇخۇم سېرىقى قاش،شەربەتلىك ئاق قاش قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ياخشىلىرىنىڭ باھاسى ئۈسىدۇ.قاش كانلىرىنىڭ كۆپۈيىشى،قېزىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈسۈشى بىلەن كان قاشلىرىنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرجىلىك كان قاشلىرىنىڭ باھاسى چۈشىدۇ.
كان قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان ئويمىلارنىڭ باھاسىمۇ خام ماتتىريالنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسىغا مۇناسىپ ئۆرلەش-چۈشۈش ھالىتىدە بولىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى تارىخى موزىيى ئۈندىدار سۇپىسى