• جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى

    رۇسچە تور بەتلەردىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەركىزىي ئاسىياغا ئائىت ماتېرىياللارنى ئىزدىسىڭىز ، ئۇنىڭدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ رۇس تىلىدا يېزىپ ئېلان قىلغان خېلى كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بارلىقىنى كۆرۈشىڭىز ھەتتا ئۇنىڭ بەزىلىرىنى توردىن چۈشىرىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى تور بەتكە نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى موسكۋادا نەشىر قىلدۇرغان بىر پارچە ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى قويۇلغان ئىكەن.

  • رۇس ئالىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە بولغان. بۇ مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرىنى، ھەتتا ئۇلار كوممۇنىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر قوللىماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۆلكىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىزىل ئارمىيە ۋە چېگرا قوغىدىغۇچى قوشۇنلارنى ئەۋەتىپ بولسىمۇ ياردەم قىلىش قارار قىلىندى.

  • ئۇيغۇر قىسمەتلىرى بىلەن ئويناشقان سوۋېت جاسۇسلىرى
    ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي تارىخى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە سابىق چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق سىياسىتى جۈملىدىن جۇڭگو سىياسىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر.
    سابىق چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 20-ئەسىردىكى ئىككى  جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىق ھالدا باغلىنىشلىقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى.

  • مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرىدىكى سىياسىي تەقدىرى مەزكۇر يالتا كېلىشىمى بىلەن مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا باغلىنىشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12- نويابىردا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئېلى  جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىنى ئەنە شۇ ستالىن، چېرچىل ۋە رۇزۋېلت قاتارلىق رەھبەرلەر ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يالتا كېلىشىمىنىڭ جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيىگە ئائىت ماددىلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشنىڭ رىيال ئاساسىي بار.

  • ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردەك باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن يەنە باشقا مىللەت يوق دېسەكمۇ خاتالاشمىساق كېرەك؟! ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە دائىم باشقىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاسان ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى قۇدرىتىنى سەل چاغلىشى ھەمدە تارىخى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمۇ مەلۇم رول ئوينىدى.

  • ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۈشۈپ تۇرىدىغان تۈڭلۈكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كۆرۈش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چۆمۈپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئۆز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل مۇقەددەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئۆز ئانا تۇپرىقى  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئىكەنلىكىنى سېزىۋالغان ئىدى.

  • بۇنىڭدىن 60 نەچچە ئىلگىرى يەنى 1945-يىلى 4-فېۋرالدىن 11- فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئۇلۇغ برىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى يالتىغا توپلىنىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەشھۇر " يالتا يىغىنى" نى ئېچىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. دەسلەپتە مۇتلەق مەخپىيەتلىك تۈسى ئالغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن مەزكۇر يىغىن بۇنىڭدىن 60 نەچچە ئىلگىرىكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەشتىلا ئەمەس بەلكى، بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇ يالتا كېلىشىمى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە.

  • بۇ ۋاقىتتا  ئوسمان ۋە دەلىلقان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار  شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى ۋە  گومىنداڭ  ئارمىيىسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ،  دۈشمەننى   چىقىمدار قىلغان  بولسىمۇ، لېكىن  گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  ھەر قايسى جايلاردىن كۆپ ساندىكى تانكا-برونېۋىك، ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنى ئوسماننى موڭغۇلىيە چېگرىسىغىچە قوغلاپ كەلگەندە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال توختاشقا، بولمىسا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىدىغانلىقى  بىلەن ئاگاھلاندۇردى
  • ئۆز يېرىنىڭ  بايلىقىنى قوغدىغان قازاق باتۇرلىرى

                1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى دەسلەپكى قەدەمدە غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ،  1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىش، 1945-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىمۇ ئازاد قىلىنىپ،  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىش بىلەن تەڭ  باشلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ئازاد رايونلاردىكى كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللارنى قېزىش ھەرىكەتلىرى ئارشاڭ تەۋەسىدە نورمال داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالتاي تەۋەسىدە  بىر قاتار قارشىلىقلارغا  ئۇچرىدى 
  • تارىخ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن يازمىلىرنى تېزلىكتە تور يۈزىدە ئېلان قىلىش ۋە نادىر يازمىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس شەخسى تور خاتىرە قۇردى.
  • ھازىرچە، سوۋېت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارخىپ ھۆججەتلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي شەكىلدە ئېلىپ بارغان مەزكۇر كان قېزىشنىڭ ئەمەلىي  ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىمۇ تولۇق ئەمەس   
  •   4. ستالىننىڭ قىلىچى  -  ئەيتىنگون قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟

     سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ گېنېرالى، 40-يىللاردا  دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارلىقىنىڭ ( كېيىنكى ۋاقىتتىكى  ك گ ب )سوۋېت ئىتتىپاقى دۈشمەنلىرىنى تازىلاش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ، گېنېرال لېيتېنانت پاۋل سۇدپلاتوۋنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 1943-يىلى باھاردا ئۇنىڭ مۇئاۋىنى،  يوسىف ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال مايور  نائۇم  ئەيتىنگون  شىنجاڭغا مەخسۇس ئەۋەتىلگەن

  •      1.  ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى  قانداق تۇغۇلدى ؟
    2.  جاللاتلار ئارىسىدىكى 50 يىللىق كېلىشىم.
    3.   نەدە ئۇران بار؟
    4.  ستالىننىڭ قىلىچى-ئەيتىنگون  قانداق  ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟
    5.  كرېمىلدىن چىققان سادا:   شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك!
    6.  ناگاساكى ۋە غۇلجا
  •   داۋامى
    تۈركىستان باتالىيونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەربىي فورمىسى، مىللىي بايرىقى بولۇپ، ھەر بىر باتالىيون ۋە روتىلارغا ئىماملارنى بېكىتىلگەن .ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىچە رۇخسەت قىلىنغان. قوشۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرى گېرمانلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، 162-تۈركىستان دىۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى گېنېرال مايور ئۇنۋانىدىكى گېرمان ئوفىتسېرى ئۈستىگە ئالغان.
  • ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ

    ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ( ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ)
        
    5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-9-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ" ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ 9-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 63 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ
  • تارىخ پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئانا يۇرتى ئاقسۇ ئۈچتۇرپان
    نەبىجان تۇرسۇن 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ( 1992-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا-ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان.
    ئىلگىرى كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، موسكۋا شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا دەرس بەرگەن ھەمدە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىدىكى جونس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن غەرب دۇنياسى بويىچە تۇنجى ھەم ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەتقىقات قۇرۇلۇشى تەركىبىدە باشقا 17 نەپەر ئامېرىكا ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ، ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان تەتقىقات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقەيەتلىك ئورۇنلىغان. ئۇ  1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان سىياسىي تارىخ ۋە كونتروللۇق ئىستىراتېگىيىسى ۋە  20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە نۇقتىنەزەرلىرى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ناملىق مەخسۇس تەتقىقاتلىرىنى ئورۇنلىغان.

  • چىگرا ھالقىغان خىياللار
    (ئەدەبىي خاتىرە)
    نەبىجان تۇرسۇن
    -لېكىن، ئوخشىمايدۇ، - دېدى بوۋاي كەسكىن رەۋىشتە، - بىز ھازىر ۋەتەنسىز گىراژدانلارمىز. ھوقوقى يوق مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. ۋەتەن-ئازات، ئەركىن ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدۇر. قۇللۇق ئورنىغا قالغان، خارلانغان مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. روسىيە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن. نىمە بولسام شۇ يەردە بولاي. بىلەمسىز بۇرۇن بىزنىڭ روسلىرىمىز ئەنە شۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ئەشۇ قولىدىكى ئالا كالتەكتىن ناھايتى ياخشى پايدىلىناتتى. قىرغىزلار ئۆز ۋەتىنىدە گويا باشقا يەردىن ئېقىپ كەلگەن كەلگىندىلەردەك ھەممىلا يەردە قېقىلىپ، سوقۇلۇپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. پەلەكنىڭ چاقى ئايلىنىپ ئالا كالتەك قولدىن كەتتى. ئەمدى ھەسسىلەپ شىتىراف تۆلەيمىز....
  • يىللارنىڭ سوۋغىسى
    يىللار ئىنسانىيەتكە ھەممىنى سوۋغا قىلىدۇ ، ئىنسانىيەت يىللار بىلەن قېرىيدۇ ۋە ياشىرىدۇ . خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك : < يىللار سېخىي ، قۇرۇق كەلمەيدۇ ، ئەكىلىپ بېرىدۇ قىزلارغا قورۇق ، ئەرلەرگە ساقال ! >
    يىللا...
  • مەن تۋېرىسكىي كوچىسىدا كۆپ ماڭدىم ، ھەر قېتىم مۇشۇ كوچىدا ماڭغىنىمدا يېڭى - يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن ، ئۈچ - تۆت يىلنىڭ ئالدىدا كىشىگە بىر خىل تېنچلىق ، خاتىرجەملىك تۈيغۇسى بەخش ئېتىدىغان بۇ كوچا ھازىر تامامەن ئۆزگەرگەن ، ھازىر بۇ كوچىدا ئاۋات ، قاين...
  • يەنە بىر نەرسىنى ئېيتىش كېرەككى ، ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكا ۋە تىلغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ ، شۇڭا بىز دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز ، مەدەنىيەت س...