-
كۇرتلار ۋادىسىنىڭ ئويۇنى GTA Kurtlar Vadisi - [IT ئۇچۇرلىرى]
تۈركىيە كۆپ قىسىملىق فىلىمى كۇرتلار ۋادىسى رايۇنىمىزدا ناھايتى ئالقىشقا ئېرىشتى. مەنمۇ ماختاشلارنى تولا ئاڭلاپ 97 قىسىملىق بىرىنچى بۆلۈمىنى تور ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتلاردا كۆرۈپ تۈگەتتىم، ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك فىلىمكەن. ئۇنىڭدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، دوستقا سادىقلىق، مۇھەببەت يەنە بىزگە ئوخشايدىغان قاراملىق، بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان بەزى ئادەتلىرى، تىلدىكى يېقىنلىق ئادەمنى ھەقىقەتەن جەلىپ قىلىدىكەن.
بۈگۈن تۈركىيە تور بەتلىرىدىن شۇ كىنوغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەۋېتىپ قارىسام بۇنىڭ ئويۇنى باركەن. چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم. ماشنا ئوغىرسى ئويۇنىنىڭ تۈركلەشكەن نەشىرى ئىكەن.
ماشنا ئوغىرسى ئويۇنى G r a n d T h e f t A u t o : V i c e C i t y نى كۆپۈنچىڭلار ئويناپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ماۋۇ كۇرتلار ۋادىسى مودېلىنى ئاشۇ ئويۇن بار يەرگە قاچىلاپ ئىجرا قىلدۇرسا ئويۇننىڭ ھەممە خەتلىرى تۈركچە بولىدىكەن، ئويۇن ئوينىغاچ ئانچە-مۇنچە تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس. ھەم ئويۇندا ماشنىغا چىقسا كۇرتلار ۋادىسنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى چىقىدىكەن. ئويۇن باشلىنىشىغا 10 مىليون دوللار پۇل بىلەن چىقىدىكەنسىز، ۋەزىپىسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىكەن، كۇرتلار ۋادىسىدىكى ۋەقەلىككە ئوخشايدىغان ئوخشايدۇ.
ماۋۇ رەسىملەر مەن ئويۇننى قاچىلاپ، ئېكراندىن تۇتىۋالغان رەسىملەر. قىزىققۇچىلار توردىن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ، تاپالمىساڭلار مۇشۇ يەرگە ئىنكاس ئارقىلىق خەت ساندۇقۇڭلارنى قالدۇرۇڭلار، مەن ئەۋەتىپ بېرىمەن.
评论
مۇشۇ ئادرىسقا يوللاپ بىرىڭا
مەن بۇ ئويۇننى ئويناشقا تەققەززا بولۇپ كەتكەن
madris@126.com
گخەت سان دۇقۇم : owchi99@sina.com
ikashgar @ qq.com
بۇ ئويۇننى ماڭىمۇ ئىۋەرتىپ بىرەمسىز؟
سۇئال:بۇ ئويۇننىڭ قانچىنچى نەشىرىنى قاچىلايمىز ؟
چچ نۇمۇرۇم :641567638
ئىلخەت ئادرىسىم:burkut001@qq.com
مۇشۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتى
بولمىسا ئاۋال شۇ ئويۇننى قاچىلاپ تەييار قىلىڭ