-
كىم دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قىزىقىدۇ؟ - [ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار]
.يۇنىكودنى قوللايدىغان بىر دېتال بارتى، مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇراي دېسەم، فوتوشوپنىڭ ئىشى بىلەن ۋاقتىم چىقمىغۇدەك
دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى دېگەن يازمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تورداشلار ناھايتى قىزىققان ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا ئۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى يېزىپ بولالمىغان ئىدىم. قىزىققۇچىلار ھەم مۇئەييەن بىلىمى بارلار بولسا مۇشۇ باھانىدە تەپسىلى ئۆگىتىپ قويىمەن.
مەن بۇ دېتالنىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سۆزلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن، تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك سۆز 2500 قۇر ئەتراپىدا. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە مەن تەكشۈرۈپ، قالغان تېخنىكىلىق يەرلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. ئاندىن ئۇ دېتالنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ھەقسىز تارقىتىمىز
لېكىن ئالدىنقى شەرت، ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز، يۇمشاق دېتال ۋە خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن تەجىربىڭىز بولۇشى كېرەك.
قانداق قىلغۇڭىز بارمۇ؟ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
评论
بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com
http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
http://www.bilimlar.com/ud/viewthread.php?tid=119
مىنىڭ قىزىقىشىمغا گەپ كەتمەيدۇ.خالىسىڭىز،ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز. بىنىڭ بەكلا ئۆگەنگىم بار ئىدى.ھەم بىر نەچچە كىچىك دىتالنى تەرجىمە قىلىپ باققان.
NazarY#qq.com ئارقىلىق ئالاقىلىشىلى .
كىلەر ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىمتىھانىم يۈگەپ سەل ئارسال بولىمەن.