-
ئانا تىلنى خارلىدى تورچى - [ئانا تىل]
ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەر بىر ئوت يۈرەككە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
ئانا تىلنى خارلىدى تورچى
ئاپتورى: سەزگۈر
نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
توربەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.
«مىللەت ئۈچۈن» دېيىشتى لېكىن،
ئىناۋىتىڭ قالدى دالدىدا.«ئاق» ئىدىڭغۇ « ئاھ» دەپ ئاتالدىڭ،
«ئۇيان» چىلار « ئۇيۇن» غا ماڭدى.
« غەزىنە» لەر « گەزىنە» بولۇپ،
« يۇل» لاردىكى « قۇيۇن» دا قالدى.« يېڭىسار»ىم «يىگىسار» بولۇپ،
« قۇمۇل» ئەمدى « قومۇل» ئاتالدى.
« بۆشۈك» لىرىم«بۇشۇك» ،« بۈشۈك» بوپ،
«چوغلۇق» لىقىڭ «چوگلۇق» تا قالدى.« كۇرىۋال» دىم « ئۇززار» ، « لولەن» نى،
«ئىلقۇت» لاردا « ئاھ كەپتەر» بېقىپ.
«ئۇيغۇر» بولدى مانا « ئۇي- كالا» ،
«باخۋەن» بىزنى « ش ج » ،« فان » قىلىپ.ۋاراقلاشنى بىلمەمدۇ تورچى،
«دىۋان» لاردىن « بىلىگ » ئىزدەشنى.
مۇشتلىغاندەك سەن ئۈچۈن يۈرەك،
بىر ئاقچىنى ئارتۇق خەجلەشنى !قوينۇڭ تىلغا بايتىغۇ شۇنچە ،
ئۇزلىقى ھەم موللىقى بىلەن .
يۈزلىرىڭگە سۈرۈلدى قارا،
پىخسىق تورچى ئۆتكۈزۈپ سەۋەن.
شۇ ئېلانچى- تورچى ئالدىدا ،
ئاھ، ئانا تىل كەتتى سولىشىپ.
ئانا تىلنىڭ قىسمەت- قەدرىنى،
قويارمىدۇ بىر كۈن ئويلىشىپ.2010-07-02
ئىزاھات:
«» غا ئېلىنغانلىرى خاتا ئىپادىلەنگەن تور بەت نامىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىنتىل سەيناسى sezgurboy غا مەنسۇپ.
评论
تىنىم جۇغغىدە قىپ قالدى شۇ دەمدە