-
WM يانفۇن ئۈچۈن ئۇيغۇرچە لۇغەت
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
Windows Mobile 6.5 سېستىمىلىق يانفۇنلار ئۈچۈن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە لۇغەت
ئاۋال ماۋۇ ئادېرستىن Mdict دېتالىنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يىشىپ يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىدىكى خالىغان بىر يەرگە كۆچۈرۈڭ. بۇ يېشىل دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز.
ئاندىن بۇ دېتالنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېقىڭ، نورمال ئىجرا بولدىمۇ يوق. ئىجرا بولمىسا كېيىنكى مەشغۇلاتنى قىلماڭكىم دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قىزىقىدۇ؟
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى دېگەن يازمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تورداشلار ناھايتى قىزىققان ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا ئۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى يېزىپ بولالمىغان ئىدىم. قىزىققۇچىلار ھەم مۇئەييەن بىلىمى بارلار بولسا مۇشۇ باھانىدە تەپسىلى ئۆگىتىپ قويىمەن.
مەن بۇ دېتالنىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سۆزلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن، تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك سۆز 2500 قۇر ئەتراپىدا. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە مەن تەكشۈرۈپ، قالغان تېخنىكىلىق يەرلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. ئاندىن ئۇ دېتالنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ھەقسىز تارقىتىمىز
ئۇيغۇرچە Edius
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
ئۇيغۇرچە Edius نىڭ ئالاھدىلىكىلىرى:
ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرى، تەڭشەيدىغان يەرلىرى ئىخچام، چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بارلىكى ئادەم ئىشلىتىشنى ناھايتى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.
قوللايدىغان ھۆججەت تۈرى كۆپ...ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار سىتاستىكىسى
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
كومپىيۇتېرىمىزغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسەك، ھاجىتىمىزدىن چىقالارمۇ دەپ ئويلانسام، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارمۇ خېلى كۆلەم ھاسىل قىلىپتۇ. مەن بىلدىغان دېتاللارنىڭ ئىسملىكىنى يېزىپ قويدۇم، مەن بىلمەيدىغان، ئېسىمگە كەلمىگەنلىرى بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويارسىلەر، ھېچبولمىسا بىرەرسى ئۇيغۇر تىلىدىكى قانداق يۇمشاق دېتاللىرىڭ بار دېسە، مانا دېگىلى لازىم بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە Edius دەرسلىكى
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
بۇ مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان Edius 5 نىڭ قاچىلاش، ئىشلىتىش تەپسىلى دەرسلىكى
بۇ دەرسلىكنى تەپسىلى كۆرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە ئېدىيۇسنى شۇ بويىچە ئىشلەتسە، قەتئى فىلىم كىرىشتۈرۈپ باقمىغان ئادەممۇ ئېسىل فىلىملەرنى ئىشلىيەلەيدۇ. قېنى دىققىتىڭلار دەرسلىكتە بولسۇن.
بۇنى Youku تورىغا يوللاش جەريانىدا سۈپەت جەھەتتە خوراش بولىدىكەن، شۇڭا بىۋاستە قويغاندا سەل سۇس بولۇپ قالدىكەن.
سۈزۈك نۇسخسى ئۇيغۇرچە ئېدىيۇسنى سېتىۋالغانلارغا ھەقسىز تەمىنلىندۇ.
دىققەت: بۇ دەرسلىكنى ھەر قانداق تور بەتكە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ..
مەن Photoshop CS4 Me نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ياخشى باھالارنى ۋە بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. مەن شۇ ئاساستا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me نى تارقاتقان ۋاقىتتا Windows7 چىقمىغان بولغاچقا Photoshop CS4 Meنى Windows7 دە ئىجرا قىلغاندا خاتالىق كۆرۈلەتتى.ئەمدى Photoshop CS5 Me چىقتى. بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈنمە يۈزى ئوڭدىن سولغا كۆرۈندۇ. بۇنداق بولغاندا ھەقىقى ئۇيغۇرچە بولۇپلا قالماستىن، ئېنگىلىزچە ھەرپ، سان بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىرلىكتە كەلگەندە كۆرۈلدىغان نۇرغۇن خاتالىقلار، ئاۋارچىلىقلار بولمايدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
1. بىرلا ھۆججەت. قاچىلاش، تىزىملاش، ئاكتىپلاش ھاجەتسىز، بىۋاسىتە ئىجرا قىلدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. بارماق دىسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە كۈچۈرۋېلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
2. پۈتكۈل كۆرۈنمە يۈزى، خاتالىق ئۇچۇرلىرى، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرىمۇ چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىنى بىلدىغانلا ئادەم فوتوشوپنى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىۋالالايدۇ3. ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
4. خەنزۇچە ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن ھەقلىق نۇسخسىدا (ھەقسىز نۇسخسى پەقەت ئۇيغۇرچە) خەنزۇچە تىلمۇ قوشۇلغان. بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
5. فوتوشوپنىڭ CS4 نەشىرىدە 3D ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىم ياساشقا، باشقا ئۈچ ئۆلچەملىك دېتاللاردا ئىشلىگەن رەسىمنى فوتوشوپتا ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما، توردا كەڭ تارقالغان Photoshop CS4 لارنى ھەقىقى ئاكتىپلىمىسا 3D ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇرچە فوتوشوپنىڭ ھەقلىق نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاپ قوشۇۋەتتىم، بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ. (ھەقسىز نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارى يوق)
6. ھەقلىق نۇسخسىدا چىقىرىش، Eye Candy 4000 ، KPT قاتارلىق قىستۇرمىلىرى قوشۇلغان.
Kmplayer ئۇيغۇرچە
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
Kmplayer داڭلىق ئۈن-سىن قويۇش دېتالى.
بۇنىڭ قويالايدىغان ھۆججەت تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز، ئەڭ مۇھىمى مەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ قويغان.دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
ئۇيغۇرچە Premiere
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
Premire Proبولسا ئادوبى شىركىتنىڭ يەنە بىر داڭلىق دېتالى. بۇ دېتال مۇكەممەل بولغان كەسپى فىلىم ئىشلەش بولۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.مەن ھازىر بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، تەرجىمىسى ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى، ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، سىناش باسقۇچلىرى قالدى..ئۇيغۇرچە Photoshop
تۈرى:ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار | خەتكۈچ:
Photoshop بولسا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دىتالىمەن بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، توردا ھەقسىز تارقاتقان ئىدىم، ئەمما شىنجاڭ ئونۋېرستىدىكى بىر قىسىم نومۇسسىزلار، مەن توردا ھەقسىز تارقاتقان دېتالنى چۈشۈرۋېلىپ، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا ئۆزىنىڭ نامىدا سېتىۋاتىدۇ.مەن ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدۇم.共1页 1共1页 1