• Photoshop CS5 Me نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى - [ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار]

    خەتكۈچ:

     

    مەن  Photoshop CS4 Me نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ياخشى باھالارنى ۋە بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. مەن شۇ ئاساستا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.

    ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me نى تارقاتقان ۋاقىتتا Windows7 چىقمىغان بولغاچقا Photoshop CS4 Meنى Windows7 دە ئىجرا قىلغاندا خاتالىق كۆرۈلەتتى.

    ئەمدى Photoshop CS5 Me چىقتى. بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈنمە يۈزى ئوڭدىن سولغا كۆرۈندۇ. بۇنداق بولغاندا ھەقىقى ئۇيغۇرچە بولۇپلا قالماستىن، ئېنگىلىزچە ھەرپ، سان بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىرلىكتە كەلگەندە كۆرۈلدىغان نۇرغۇن خاتالىقلار، ئاۋارچىلىقلار بولمايدۇ.

    Photoshop CS4 Me نىڭ بەزى يەرلىرى يۇنىكودنى تۇللۇق قوللىمايتى. مەسلەن: چىقىرىش (رەسمىنى تەگلىكتىن ئايرىپ چىقىرىش) ، سۇيۇلدۇرۇش قاتارلىق سۈزگۈچلەرنىڭ كۆزنەكلىرى يۇنىكودنى قوللىمىغاچقا مەن ئۇ يەرلىرىگە يۇنىكودسىز خەت نۇسخسى ئىشلەتكەن.

    ماۋۇ Photoshop CS5 Me نىڭ ھەممە يېرى يۇنىكودنى ناھايتى ياخشى قوللايدىكەن.

    مەن بۇرۇنقى سۆزلۈك ئامبىرى ئاساسىدا Photoshop CS5 Me نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدىم. پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا، تەجىربىلەرنى قوبۇل قىلىپ، پېئىللارنى ئىككىنچى شەخس تىلىدا ئالدىم. مەسلەن: كۆچۈرۈش->كۆچۈر، تاللاش->تاللا... دېگەندەك. يەنە بىزنىڭ لۇغەت تەركىبىمىزدە يوق بەزى سۆزلەرگە گوگىل تەرجىماندىن پايدىلىنىپ تۈركچىدىن مۇۋاپىق ئاتالغۇ قوبۇل قىلدىم.

     

     

     

     





    评论

  • ئەسسالام ، بولسا مۇشۇ دەرىسنىڭ داۋامى چىقسا بولىتتى ، بۇنى كۈتۈپ تاقىتىم تاق بولدى ، تورغا چىقىپ ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئشىم ئۇيغۇرىيە بىلوگىغا كىرىش ،خى خى .... ھارمىغايسىز !
  • بولىدۇ،ئەمسە ساقلاپ تۇرايلى.
    تەرجىمىسىنىڭ تېزراق پۈتۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    ئىشلسرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.
  • !
    نېمە ئۈچۈن سىز ترجىمە قىلغان نۇسخسىدا خەنزۇچە خەتلەر باشقا نۇسخسىدىن چوڭ كۆۈنىدۇ؟ئادەتتە Photoshop me نىڭ خەنزۇچە خەتلىرى بەك كىچىك ئىكەنتۇق.بۇنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرەرلەسىزمۇ؟
    ئۇيغۇرىيە回复zeper说:
    دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى شۇنداق ئاسان دەپ ئويلاپ قالغانما؟ ئۇ ئاددى ھالدىكى خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە خەتنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەيمىز.
    مەن قىلىۋاتقنى پۈتەي دېدى، پۈتكەندە بىراقلا ئەۋەتىپ بېرەي ھە
    2010-06-17 11:19:38
  • كەسىپچانلىق روھىڭلار بەك كۈچلۈككەن تىرىشىڭلار قۇلۇمىزدىن مۇشۇنچىلىك ئىشلارلا كىلىدىكەن يارداملىشەلمىسەكمۇ مەدەت بىرەلەيمىز . ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال بازىرىدا سىلەردەك ئىختىسادلىقلار كەم ئۇچىرايدۇ .
    ئۇيغۇرىيە回复پادىشاھ 说:
    رەھمەت. موشۇنداق مەدىتىڭلار ماڭا كۆپ ئىلھام بولىدۇ
    2010-06-10 09:52:12
  • بۇنىڭ تەرجىمسى پۈتەي دېدىمۇ ؟بۇ پەچەت ئۇيغۇرچە بىرلا تىللقمۇ؟ ياكى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق قىلدىڭىزمۇ؟
    ئۇيغۇرىيە回复Uyghur说:
    بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى قېتىملىق ئۇيغۇرچە فوتوشوپقا ئوخشىمايدىغان يېپيېڭى بىر قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەشكە تىرىشۋاتىمەن. شۇڭا كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىكەن، تېز ئارىدا پۈتىدۇ
    2010-06-10 09:45:22
  • ئەپەندى چچ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز
    ئۇيغۇرىيە回复ئىقبال说:
    QQ: 632997108
    2010-05-31 13:42:38
  • مۇمكىن بولسا خەت نۇسخىسىنى چوڭراق قىلىپ تەڭشەشكە بولارمۇ؟قارىسام بەكلا كىچىك كۆرىنىۋاتىدۇ
    ئۇيغۇرىيە回复تۇغچى说:
    ئۇنچىۋالا كىچىكمۇ ئەمەستى، رەسىدە شۇنداق كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ.
    چوڭ قىلىپ تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ
    2010-05-31 13:46:10