• ئەڭ كۈچلۈك ۋىرۇسخور dr.web - [كومپىيۇتېر بىلىملىرى]

    خەتكۈچ:Dr.Web

    مەن نۇرغۇن ۋىرۇسخورلارنى ئىشلىتىپ باقتىم، مەسلەن: 卡巴斯基,Nod32, 瑞星 دېگەندەك. ۋىرۇس بىلەن بەك تولا ھەپلىشىمەن. مۇشۇ جەرياندا بايقىغان ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ رەھىمسىز ۋىرۇسخور dr.web. بۇ ۋىرۇسخورنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومپىيۇتېرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.

    بەزى چوڭ تىپتىكى مۇلازىمېتېرلارمۇ مۇشۇ dr.webنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ۋىرۇسخور شۇنچىلىك سەزگۈركى توردىكى كىنونى كۆرىدىغان Qvod دېتالىنىمۇ نورمال ئىجرا قىلغىلى قويمايدۇ. چۈنكى Qvod كومپىيۇتېرىمىزنىڭ بىر ئېغىزنى سىرتقا ئېچىپ، بىز كۆرىۋاتقان كىنونى باشقىلارغا يوللاپ بېرىدۇ.

    ئەڭ مۇھىمى بۇ دېتالنىڭ يېشىل نەشىرى بار بولۇپ، كومپىيۇتېرغا قاچىلىمايلا بىۋاستە ئىجرا قىلىپ ۋىرۇس ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. بارماق دېسكىدىن بىۋاستە قوزغىلدۇ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى6.00.1.03150 يېشىل نەشىرنى تۆۋەندىكى ئادىرستىن چۈشۈرۋېلىڭ.

    بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

     

    ئەسكەرتىش: بۇ ۋىرۇسخۇر بەك كۈچلۈك، بۇرۇن ۋىرۇس يوقۇپ قالغان بەزى ئىجرا ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋېتىشى ياكى ئىجرا بولماس قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىڭ. مۇشۇ سەۋەبلىك ھۆججەتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس.





    评论

  • مەن قاچىلىيالمىدىمغۇ؟ نومۇر دەپ تۇرىۋالدى
  • بەلەن ۋېروسخورمۇ نىەم مەن بىر ئىشلىتىپ باقاي