• مەن نۇرغۇن ۋىرۇسخورلارنى ئىشلىتىپ باقتىم، مەسلەن: 卡巴斯基,Nod32, 瑞星 دېگەندەك. ۋىرۇس بىلەن بەك تولا ھەپلىشىمەن. مۇشۇ جەرياندا بايقىغان ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ رەھىمسىز ۋىرۇسخور dr.web. بۇ ۋىرۇسخورنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومپىيۇتېرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.

    بەزى چوڭ تىپتىكى مۇلازىمېتېرلارمۇ مۇشۇ dr.webنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ۋىرۇسخور شۇنچىلىك سەزگۈركى توردىكى كىنونى كۆرىدىغان Qvod دېتالىنىمۇ نورمال ئىجرا قىلغىلى قويمايدۇ. چۈنكى Qvod كومپىيۇتېرىمىزنىڭ بىر ئېغىزنى سىرتقا ئېچىپ، بىز كۆرىۋاتقان كىنونى باشقىلارغا يوللاپ بېرىدۇ.