-
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(1) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى)
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۈشۈپ تۇرىدىغان تۈڭلۈكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كۆرۈش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چۆمۈپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئۆز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل مۇقەددەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئۆز ئانا تۇپرىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئىكەنلىكىنى سېزىۋالغان ئىدى. ئۇ، مىللىتىنىڭ تەقدىرىنىڭ پاجىئەلىك بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە يەنىلا بالدۇرراق چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ئەرباپ بولۇش سۈپىتى بىلەن تەلەيسىزلىكلەرنى ئالدى بىلەن جۇغراپىيىۋى مۇھىتتىن كېلىپ چىقىدىغان جۇغراپىيىۋى سىياسەت بىلەن باغلاپ مۇنداق خۇلاسىلايدۇ:
” ئۇ ئېگىز ئېلىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىگىز تاغلىرى بىلەن ۋە ئەڭ يامان چۆللىرى بىلەن ئورالغانلىقى ھەم ھېچ بىر تەرىپى دېڭىزغا يېقىن ئەمەسلىكى، قۇرۇغلۇقتىمۇ مەدەنىي مەملىكەتلەردىن بەك يىراقتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكلىكى ۋە كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئاچكۆز ۋە تاماخور ئاغزىغا بەك يېقىن بولغانلىقى يۇقىرىقى كۆز قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ“ .{1}
ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىستراتېگىيىسىچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر ئاساسىنى ياراتقۇچى ۋە كۈچەيتكۈچى زبىگنېۋ برىزېنسىكىي ئۆزىنىڭ »چوڭ شاھمات تاختىسى «ناملىق مەشھۇر كىتابىدىكى دۇنياۋى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان توچكىلار قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ تىزغان يەنى ئۇ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ چوڭ ئويۇنلار ئوينىلىدىغان شاھمات تاختىسىدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى .{2}
ئۇيغۇرلارنىڭ 19-20-ئەسىرلەردىكى مىللىي ئىستىقلال قوزغىلاڭلىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولدى. ئۆز ئازادلىقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر خەلقنىڭ سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىساد ۋە باشقا ھەممە ساھەلەر بويىچە جاھالەت زەنجىرلىرى بىلەن كىشەنلىنىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش ھەتتا تارىخ سەھىپىسىدىنئۆچۈرىلىش تەھدىدىگە دۇچ كېلىشى مۇقەررەر. ئۇيغۇر سىياسىي پاجىئەسىنىڭ تارىخىي تەسۋىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەم ساۋاقلىرىنى يورۇتۇش ناھايىتى زور ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي خىزمەت بولۇشىغا قارىماي، دەسلەپكى ئابستراكىتلاشتۇرۇلغان تەپەككۈرلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە تاشلىدىم.
1. قەشقەرىيىنىڭ يىقىلىشى پاجىئەنىڭ باشلىنىشى
ئۇيغۇر دىيارى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسمى – جىسمىغا لايىق چوڭ شاھمات تاختىسى بولغان ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ جەنۇبىي قوشنىلىرى ئۇلۇغ بېرىتانىيىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن بولسا، غەربىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدە چار رۇسىيىنىڭ كازاك سولداتلىرىنىڭ ئارغىماقلىرى كىشنەپ، رۇسلار ئىلى ۋادىلىرىغا قەدەمزېمىنغا ئىدى. بۇلاردىن ئىلگخانىدانلىقىكۇر زېمىنگە يېتىپ كەلگەن مانجۇ خاندانلىقى شەرقنىڭ "كېسەل كۆرپىسى" سۈپىتىدە مەزكۇر چوڭ ئويۇنغا ئىشتىراك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا پاسسىپ رول ئوينىدى. گەرچە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىشىپ، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە سەلتەنەتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مەزكۇر چوڭ ئويۇندىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. ئۆز بىۋاسىتەشلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىشتىن مەھرۇم قالغان ۋە ياكى بۇنىڭغا ئىنتىلمىگەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلىرى ياقۇپ بەگ بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، رەقىپلىرى بېرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشتىن ئېەتىيات قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزلىرىدىن ئۈمىد كۈتكەن ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن قەشقەرىيە دۆلىتىنى يەنىلا ھامىلىق ئاستىغا ئالدى. ياقۇپ بەگ دادىللىق بىلەن ئۆزىنى سۇلتان ئابدۇل ئەزىزگە تەۋە دەپ ئېلان قىلىش بىلەن ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ پۇل قۇيدى.
گەرچە، بۇ جايدىكى مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىلىرى ئاستىدا گۇمران بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە-بېرىتانىيە دىپلوماتىك ئويۇنلىرى ئوسمانلىلارنى بىر چەتكە قايرىۋېتىپ، "خۇددى ساڭىمۇ يوق ، ماڭىمۇ يوق" دېگەندەك ئاخىرقى ھېسابتا بۇ تۇپراقلارغا مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن باشلاپ كەلدى. بەلكى، ئاسىيانىڭ خەستىلەنگەن مەزكۇر يۈرىكى شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى ئەسىرلەردە ھېچكىممۇ ساۋاتسىز ياقۇپ بەگدەك ماھىرلىق بىلەن دىپلوماتىك ئويۇن ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. سۇلەىگە ماھىر بەدۆلەت ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇلۇغ بېرىتانىيە، چار رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىلىرى بىلەن بىر مەيدان دىپلوماتىك سېەىرگەرلىك ئويۇنى ئويناپ باقتى. ئۇ، بىر تەرەپتىن ئۆز ئەلچىلىرىنى سانكىتپېتېربۇرگقا ماڭدۇرۇپ، رۇس ئىمپېراتورى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزلارغىمۇ ئوخشاش خىلدىكى ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈش يولى بىلەن غەيرى رەسمى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىنگىلىز ، رۇس رازۋېتچىكلىرى قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرىدا بىر-بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى. بەدۆلەت يەنە مەنچىڭ بىلەنمۇ ئۇرۇشقاندىن كۆرە سۇلەى تۈزۈپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى چەكلىمەكچى بولۇپ، ئادەملىرىنى ئەۋەتتى.
چوڭ ئويۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئىچىدە بېرىتانىيە بىراز ئادىلراق يول تۇتقان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قەشقەرىيىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، سانكىت پېتېربۇرگقا قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرلىكتە تونۇش ھەققىدە تەكلىپ قويدى. لېكىن، بۇ تەكلىپ رەت قىلىندى. ئاخىرقى قېتىم 1877-يىلى زوزوڭتاڭ ئۇرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، داۋانچىڭدىن ئۆتكەندە لوندون يەنە بىر قېتىم قەشقەرىيىنى چار رۇسىيە، بېرىتانىيە ۋە مەنچىڭ ئارىسىدىكى بىتەرەپ دۆلەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە سانكىت پېتىربۇرگقا قايتا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ قەتئىي رەت قىلىندى .{3}
ئەسلىدە 1865-يىلى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلى ۋە يەتتە شەھەردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ياردەملىشىشنى سورىغان بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى دەسلىۋىدە بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان. ئەمما، كېيىن قەشقەرىيە خانى ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز چېگرىسى يېنىدا مۇنداق دۈشمەنلىك خاراكتېرىدىكى بىر مۇسۇلمان ھۆكۈمرانىنىڭ بولۇشىنى خالىمىدى ۋە ئاخىرىدا رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىلى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى غۇلجىنى ئىشغال قىلدى {4}. ئىنگىلىزلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەكلىپلىرى چار پادىشاھ تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنگىلىزلار ئاخىرى ئامالسىز قېلىپ، زوزوڭتاڭنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى قەشقەرىيىگە قويۇۋەتتى. بۇ يەردە رۇسلار نېمە ئۈچۈن لوندوننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-سەۋەب: بۇ چاغدا رۇس ئىستراتېگىيىچىلىرى ئارىسىدا "ئوتتۇرا ئاسىيا پەقەت رۇسلارغىلا تەۋە بولۇش كېرەك، ئەگەر مۇستەقىل قەشقەرىيە شەكىللەنسە، بۇ "كۈن پاتماس ئىمپېرىيىنىڭ" كاسپىي بويىغىچە كېڭىيىپ، رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدىن سىقىپ چىقىرىشى، مۇستەقىل قەشقەرىيە بېرىتانىيىنىڭ يىراق ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشى ۋە ياكى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن" دېگەندەك نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئىدى.
2- سەۋەب ئىقتىسادى نۇقتىغا قارىتىلغان بولۇپ رۇسىيە 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، چار روسىيە ئۆزىنىڭ شەرق ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شەرقتىكى ئاجىز ۋە قالاق مەملىكەتلەرنى سودا- ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن مونوپول قىلىشقا ئۇرۇندى. بىراق، بۇ ۋاقىتلاردا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار تۈپەيلىدىن سانكىتپېتېربۇرگ ئۆزىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلدى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان رۇسىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن مەنچىڭ بىلەن بولغان سودىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى .{5}
بۇرۇندىنلا مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىق قىيناپ كەلگەن روسىيە بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ بېرىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى رازى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ھەمدە مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى رۇسىيىگە زور سودا ئىمتىيازلىرىنى بېرىشكە قىستاش سىياسىتىنى بەلگىلىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 1879-يىلى تۈزۈلگەن لىۋادىن شەرتنامىسىدە ئىلىنى قايتۇرۇش بەدىلىگە مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى بەش مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلەشكە ماقۇرەسمىيتۈرگەن بولسا، 1881-يىلى بۇ شەرتنامە رەسمى ئىمزالانغاندا تۆلەمنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ توققۇز مىليون رۇبلىيغا بېكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇس سودىگەرلىرى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيىدە باج تۆلىمەي سودا قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن {6}. مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى رۇسىيىنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەشكە ۋە دۆلەت نومۇسىنى سېتىشقا رازى بولغان.
3-سەۋەب؛ ياقۇپ بەگنىڭ تاكتىكىدىكى ئاجىزلىقى ۋە ئېھتىياتسىزلىقى بولۇپ، ئۇ، سانكىتپېتېربۇرگقا ئۆز ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، چار پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سودا ۋە چېگرا كېلىشىملىرىنى تۈزۈشنى ياۋاشلىق بىلەن تەكلىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ قوقان خانى خۇدايارخانغا يازغان خېتى يەنى قوقان بىلەن قەشقەرىيىنىڭ بىرلىشىپ، چار رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى مەخپىي مەكتۇبى تۈركىستان گۇبېرناتورى كوئۇفماننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن گېنېرال كوئۇفمان چار پادىشاھنى ياقۇپ بەگگە ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلدى. نەتىجىدە، رۇسلارنىڭ قەشقەرىيىنى يوقىتىش ۋە ياكى ئۇنى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالماسلىق پىكرى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قەشقەرىيىگە مەخسۇس تەكشۈرۈشكە كەلگەن رۇسىيە خانلىق جۇغراپىيە جەمىيىتىنىڭ جاسۇسلىرى ۋە تاشكەنت سودىگەرلەر جەمىيىتىنىڭ ئاتالمىش سودىگەرلىرى ئاق پادىشاھنى قەشقەرىيە ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ياقۇپ بەگنىڭ تۈپ مۇددىئاسىنىڭ رۇسىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتسالاھىيىتىگەۇقتا ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمانىلىق سالاھىتىگە ئېرىشىۋالغان كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىدىن زامان بەگ (بەلكى تاتارلاردىن بولۇشى مۇمكىن ئاپتور) ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە يەتكۈزۈلۈپ تۇرغانلىق ئېھتىماللىقى تاتار ئالىمى قۇربان ئەلى خالىدىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرۈلىدۇ. قۇربان خالىدىنىڭ زامان بەگ ھەققىدە بايان قىلىشىچە، ياقۇپ بەگ ئۆلگەندىن كېيىن، زامان بەگ تۈركىستان گۇبېرناتورى كوئۇفمان تەرىپىدىن ئۆز يېنىدا قالدۇرىلىدۇ ھەمدە ئۇ "زامان بەگ بىزنىڭ ئادىمىمىز ئىدى" دەيدۇ شۇنىڭدەك ئۇنى كابۇلغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرى ھوقۇق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق، كوئۇفمان ئۆلگەندىن كېيىن، زامان بەگ قۇرۇق قول قالىدۇ. ئەمما، يېڭى تۈركىستان گۇبېرناتورى ئۇنى ئالمۇتىنىڭ گۇبېرناتورى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كېيىن ئۇ يەنە تۈركىستان گۇبېرناتورى تەرىپىدىن بۇخارا ئەمىرىكىگە ئەۋەتىلىپ، ئەمىرنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ . {7} قۇربان خالىدىنىڭ ئەسىرىدە پاش بولغان مەزكۇر سىرلاردىن زامان بەگ ئىسىملىك كىشىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ بىر مەھەل رۇسىيە، بېرىتانىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تەرىپىدىن "يېرىم پادىشاھ" دەپ ئاتالغان تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى كوئۇفماننىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان ئادىمى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىش مۇمكىن بولسا كېرەك. (گەرچە قولىمىزدا باشقا دەلىللەر يېتەرلىك بولمىسىمۇ). نەتىجىدە، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رۇس ئەلچىسى ۋە رازۋېتچىكى ئا. ن. كروپاتكىننىڭ باھاسى بويىچە ئالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارمىيە كۈچىگە ئىگە ( 40 مىڭ ۋە ياكى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار بار ئاپتور) قەشقەرىيە دۆلىتى دىپلوماتىيىلىك ئويۇنلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلشىغا ئىشەنچىسى يەتمەي، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ،پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان زو زوڭتاڭغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. كىم بىلىدۇ؟ بەلكى ياقۇپبەگ دۈشمەن بىلەن سۈلەى يولىنى تۇتماي، پاسسىپ مۇداپىئەدىن ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسى قوللانغان بولسا، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى شىڭ شىڭشادىن كىرگۈزىۋەتكەن بولار ئىدى. بەلكى، خائىنلار ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن بولسا، قەشقەرىيىنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولار ئىدى؟
قەشقەرىيە ۋە ياكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ 14 يىللىق قىسقا ئۆمرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى خائىنلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ، مەنسەپپەرەس، ھەسەتخور ئۇيغۇر بەگلىرى زو زوڭتاڭنى قەشقەرىيىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ياقۇپ بەگنى زەھەرلىدى. شۇنىڭدەك زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىنى يەتتە شەھەرگە باشلاپ كېلىپ، سانسىزلىغان ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىغا نەزەر سالغاندا ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكلىرى ۋە پاجىئەلىرىگە ئۆزلىرى سەۋەب بولغاندەكمۇ كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ، بۇ خەلقتە قەھرىمانلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، پۇرسەتپەرەس ۋە مەنسەپپەرەس خائىنلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى شەخسىي ئاداۋەت، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەن-مەنچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە باغلاش مۇمكىن. شەخسىي ئاداۋەت ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ئادەملەر ھەمىشە ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۈچىنچى بىر دۈشمەننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتداش رەقىبىگە زەربە بېرىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەملەر دائىم دېگۈدەك ئۆز خەلقى ئارىسىدىكى قارشىلىقلارنى دۇشمەننىڭ كۈچى بىلەن يوق قىلىشقا ئۆگەنگەن. مىسال كەلتۈرۈش توغرا كەلسە، ئۇيغۇر تارىخىدىن بۇنىڭغا تالاي پاكىتلارنى تېپىش مۇمكىن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىقلار دائىم ئۇنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىپ، مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەرنىڭ چۈشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
ئومۇمەن، 1877-يىلى قەشقەرىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۈمىد قىلغان رۇسلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىپ زو زوڭتاڭنىڭ ئاچارچىلىق گىرداۋىغا بېرىپ قالغان چېرىكلىرىگە ئاشلىق ۋە يەم – خەشەك يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ قوشۇنىغا جان كىرگەنلىكى سىر بولمىسا كېرەك؟ مېنىڭچە قەشقەرىيىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك بەش ئاساسى ئامىل مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن .
1-ئامىل، ئۆز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ناچار ئىللەتلەر، مەنمەنچىلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھاكىملارنىڭ مۇستەبىتلىكى ھەم باشقا شەخسىيەتچىلىكلەر.
ئەلۋەتتە، مۇنداق ئىللەتلەر ھەممە ئىنسانلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە ئەركىن مىللەتلەر تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆز ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ۋە مىللەت ئىستىقبالىغا زىيانلىق ھەر قانداق خائىش ۋە ئىللەتلەرگە كەسكىن چەك قويالىغان ئىدى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تەپرىقىچىلىقلىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار كۈرىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك جەھەتتىكى ئارىلىشىلار نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مىللىي پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر-تۈركىي ئېتنىك تەركىبىنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھۇن ئىمپېراتورلۇقى، ئۇيغۇر ئورخۇن ئىپېرىيىسى ۋە قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئولتۇراق ۋە كۆچمەن ئۇيغۇر-تۈركىي خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئۇيۇشقاق ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ھەمدە ئۇرۇق-قەبىلە ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز بوي سۇنىدىغان جەڭگىۋار مىللىي خاراكتېر سۇسلىشىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق كۈرىشىدىن ئالدى بىلەن جۇڭغارلار پايدىلانغان بولسا، ئارقىدىن مەنچىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، قەشقەرىيىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان ئىدى.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىللەتلىرى ھېچقاچان بۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان ھەر قانداق ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن خالاس!
2-ئامىل، ئەنجانلىقلار (غەربىي تۈركىستانلىقلار) بىلەن قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچىسىزلىكلەر.
ياقۇب بەگ ئاساسىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ئۆز ئادەملىرىگە ۋە غەربىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەرگە بېرىپ، يەرلىكلەردىن پەقەت نىياز بەگ، ھوشۇر بەگ قاتارلىق بىر قانچىلا ئۆزىگە شەرتسىز بويسۇنغان ئادەملەرگە مەلۇم ئىمتىياز بەردى. ئەمما، ئىچكى جەھەتتىن ئىتتىپاقلىشالمىغان ۋە چىقىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتتىن كەلگەن دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلەيدىغان، مۇستەقىللىقلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان جاسارەتلىك باشقا پۈتۈن مىللىي ئىنقىلابچىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ يوقاتتى {8}. كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داھىسى راشىدىن غوجا، ئىسەاقخان شۇنىڭدەك خوتەن ۋە يەركەنت قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر.
3-ئامىل، تاشقى جەھەتتە، چوڭ ئىمپېرىيىلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق شەرھىلەيمىز.
4-ئامىل، ياقۇپ بەگنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسى تاكتىكىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر.
ياقۇپ بەگ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غەرب قوراللىرىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنگەن ھەمدە ئاز تولا بولسىمۇ غەرب ئۇسلۇبىدا (بەلكى تۈرك ۋە ئافغان ئۇسلۇبىدا) ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنى يەنىلا پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ باشقۇردى. ئۇ، ئوسمانلى ۋە بېرىتانىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك مەملىكەتلەر بىلەن دىپلوماتىك پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنمىدى. ئەكسىچە، ئۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا تېگىشلىك پۈتۈن سىياسەت، پىكىر ۋە تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بەلگىلەپ چىقاتتى. مۇھىم ئىشلاردا كېڭەش ۋە مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرمايتتى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ناھايىتى ياخشى ماڭغان دۆلەت ئىشلىرى، باياشات ھايات ئاستا-ئاستا خاراپلىشىشقا، بەگلەر چىرىكلىشىشكە باشلىغان ئەمما، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ زۇلىمىنى يەتكىچە تارتقان ۋە ئەركىنلىككە مۇھتاج بولغان ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قەدىرلەپ، ئۇنى جان تىكىپ قوغدىغان ئىدى. ئەگەر ياقۇپ بەگ ئاخىرغىچە توغرا ۋە ياخشى باشقۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزغان بولسا، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ تۇپراققا قايتىپ كېلەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
5-ئامىل، ياقۇپ بەگنىڭ دۈشمەن بىلەن سۈلھى قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ۋە قەتئىي زەربە بەرمەسلىك ھەم باشقىلاردۇر.
ياقۇپ بەگ سۈلھىچىلىك يولىغا مېڭىپ، دۈشمەن بىلەن قەتئىي سوقۇشۇش تەرەپدارى بولغان ئوغلى بەگقۇلىبەگ ۋە باشقا قوماندانلىرىنى ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرىۋېلىپ {9}، رەقىپلىرىنڭ ئۆز ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشىغا ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىدە ئشەنچ پەيدا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەسلىدە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ زوزوڭتاڭ تەرەپدارلىرى قەشقەرىيە دۆلىتىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ئالدىراپ جۈرئەت قىلالمىغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ياقۇپ بەگنىڭ كۈچىگە ئەندىشە بىلەن قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇشقا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىلىشىپ، "يەتتە شەھەر دۆلىتى"گە ياردەم بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش باشلىماقچى بولغان ئىدى {10}. ياقۇپ بەگنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ئەينى ۋاقىتتا مەنچىڭ ئوردىسىنى خېلى ساراسىمگە سالغان بولۇپ، لى خوڭجاڭ گۇرۇھى بىلەن زو زوڭتاڭ گۇرۇھىنىڭ يەتتە شەھەر مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدا لى خوڭجاڭ گۇرۇھى باشتىن ئاخىرى قەشقەرىيىنى تاشلىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، زو زوڭتاڭ بولسا، ئەگەر ئۇنىڭغا يول قويغاندا ياقۇپ بەگنىڭ ھامان بىر كۈنى سەددىچىننىڭ ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نېمە سەۋەبتىن مەنچىڭ ئوردىسىدا مۇنداق تالاش-تارتىشلار يۈز بەردى؟ بۇ دەل ئەنە شۇ قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى خالاس. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياقۇپ بەگ بىرىنچى ھۇجۇمدىلا رەقىپلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تامامەن باشقىچە يېزىلغان بولار ئىدى. قىسقىسى ياقۇپ بەگ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ، ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن پاسسىپ مۇداپىئەگە، ئاخىرىدا بېرىپ چېكىنىشكە ھەمدە يوقىلىشقا يۈزلەندى.
ئاقىۋەتتە، تۆت ئەتراپى ئىگىز تاغلار بىلەن ئورالغان تارىم ۋادىسىنى ئاشكارا بېرىۋېتىش ۋە ياكى ئۇ جايدا مۇستەقىل ئۇيغۇردۆلىتىنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى خالىمىغان بەلكى، خالىسىمۇ ئۆزئارا پايدىسىز دەپ قارىغان بېرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئۆزلىرىدىن ئاجىز مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە خۇددى بۇ "چوڭ ئويۇن"دا ئۇتتۇرغاندەك كۆرۈنۈش بىلەن بۇ رايوندا ئەبەدىي ئۆز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ساقلاپ قېلىپ، بارا-بارا سىڭىپ كىرىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىدى. ئۇلۇغ بېرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بۇنداق قارارغا كېلىشىگە يەنىلا ئالدى بىلەن ياقۇپ بەگنىڭ ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ۋە مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالماسلىقى بىر سەۋەب بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا ئالمى جامېس مىلۋاردنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە ، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ھەقىقى ئىمپېرىيالىزملىق ھۆكۈمرانلىق بولۇپ، زو زوڭتاڭنىڭ ئۆلكىنى قايتا ئىشغال قىلىشى بىلەن 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇنلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پۈتۈنلەي مانجۇرلار ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا خىتايلار ئالمىشىپ، ئاساسىي ھوقۇق زو زوڭتاڭ قاتارلىق خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتتى ھەمدە ئۇيغۇر ھاكىمبەگلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە چەك قويۇلدى {11}. شۇنىڭدىن كېيىن، زو زوڭتاڭ – ليۇ جىنتاڭ گۇرۇھى خىتايلارنىڭ ئىمتىيازىنى تىكلەپ ۋە قوغداپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئاساس سالدى. زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئۆچ ئېلىشلىرىغا دۈچ كەلگەن شۇنىڭدەك ئىلگىرىمۇ ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش زەرداپلىرىنى چەككەن خەلق، قاتمۇ-قات زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشلەرگە نىسبەتەن 50 نەچچە يىل تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
قىسقىسى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسى بويىچە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنىڭ غەلىبىسى مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ بۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى پاچاقلاپ تاشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى راشىدىن غوجا باشچىلىقىدىكى كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئازاد قىلغان تېررىتورىيىسىنىڭ كەڭلىكى، قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۇچارنى مەركەز قىلغان قوزغىلاڭچىلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ كۈچ شىددەت بىلەن شەرقتە ئۇرۈمچىگە، جەنۇپتا قەشقەر تەرەپلەرگە قاراپ كېڭىيىۋاتقاندا قەشقەر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىنى زىممىسىگە ئالغان ياقۇپبەگ بىلەن ھەمكارلاشتى. ياقۇپبەگ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ھەر قايسى جايلاردىكى ھاكىمىيەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، مۇستەقىل قەشقەرىيە دۆلىتىنى بەرپا قىلدى. ئەگەردە ئۇ بۇ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قالالىغان بولسا، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىستىقلال دۆلىتىنىڭ 140 يىللىق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولار ئىدى. ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىلىرى تەرەققى قىلىپ ۋە تاكاممۇللىشىپ، زامانىۋى ۋە ئىلغار قىياپەت بىلەن 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىنى بەلگىلەش ئىشلىرىغا ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇررەككەپ ئىستراتېگىيىلىك ئويۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرغان بولار ئىدى. ئەپسۇسكى، ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يىقىلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتسىز بولۇشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ پۇرسەت ئىدى خالاس. بىراق، قەشقەرىيەنىڭ يىقىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدىكى بىر ئۇنتۇلماس پاجىئە بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرىيە دۆلىتىدىن ئىبارەت مەزكۇر يېقىنقى زامان ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك تارىخىدىكى خېلى سىستېمىلاشقان، زامانىۋىلاشقان ئارمىيىگە ئىگە، رۇس دىپلوماتى كروپاتكىننىڭ باھاسى بويىچە ئالغاندا مەركىزىي ئاسىيادىكى كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش ئېھتىماللىق زور بولغان ھاكىمىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرى ۋە مىللىي دۆلەت غايىلىرىگە مەنىۋى روھ ئاتا قىلدى. 20-ئەسىردىكى ئىككى "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ 19-ئەسىردىكى قەشقەرىيە دۆلىتى جۈملىدىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئىستىقلال كۈرەشلىرىدىن تۇغۇلغان ھەم تېخىمۇ كۈچەتگەن مىللىي ۋە دىنىي روھنىڭ ھامىسى ۋە مىراسخورى ئىدى.
بىراق، تارىخ 20-ئەسىر قوينىغا كىرىش بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، بۇ شاھمات تاختىسىدا تېخىمۇ زور ۋە مۇرەككەپ ھەم كەسكىن ئويۇنلار ئوينالدى. بۇ ئويۇنلاردا لېنىن رۇسىيىسى غالىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-پەريادلىرى قىزىل خىشلق كرېمىل تېمىنىڭ ئىچىگە ئاڭلانمىدى خالاس !
2. جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى
ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستىلەنگەن يۈرىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەستىلىك ۋە ئازابلىق تارىخى ئەركسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەمدە ئەركسىزلىكنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدىكى يوقىتىش ۋە تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان قەلبلەر بىلەن كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزىگە خاس تەرەپلەرگە ئىگە. بەلكى، ئۇنىڭ خەستىلىك تارىخىنىڭ ۋاراقلىرى كۆپرەك بولسا كېرەك؟!
تارىخىي رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ خۇددى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئېيتقاندەك جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى، مېنىڭچە يەنە ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەلەيسىزلىكلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن بىۋاستە تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۇزۇن يىللار كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن سانكىت پېتېربۇرگ ۋە موسكۋا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، ياۋرو ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۈرىكى شەرقىي تۇركىستان ئۆزىنىڭ يەنە بىر پارچىسى غەربىي تۈركىستان بىلەن تارىخىي تەقدىرداشلىققا ئىگە بولغان بولسا، كېيىنكى ئەسىرلەردە بۇ رايونغا كىرگەن موسكۋا دائىم ئۆز مەقسەدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋاستە قىلغان. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن ھەممە كۈچلەر ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەزكۇر خەستەلەنگەن يۈرىكىنى غەربىي تۈركىستان ئارقىلىق ئازابلاش تاكتىكىسىنى تاللىۋالدى ھەمدە تاللىۋالماقتا.
ئۇنداقتا تارىختىكى كونا-يېڭى رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۈرىكى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىغا تۇتقان سىياسىتىنى قانداق تەسۋىرلەش لازىم؟
رۇسىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى مەيلى چار پادىشاھ دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى 1917-يىلىدىن كېيىنكى سوۋېت روسىيىسى مەزگىلى بولسۇن ھەممىسىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلاردىن ئىبارەت مەزكۇر رايوننىڭ ئىچكى سىياسىي ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن {12}. چۈنكى، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ھەر قېتىملىق قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يالغۇز جۇڭگو ھاكىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن، رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېتنىك، دىن، تىل ھەتتا ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھايات شەكلى قاتارلىق تۈرلۈك تەرەپلەردىن بىردەكلىككە ۋە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغانلىقى. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن غەربىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن تاغ-دەريالىرى، ئېتىز-ئېرىقلىرى ۋە يايلاقلىرىنىڭ تۇتۇشۇپ كېتىپ، ئورتاق بىر جۇغراپىيىلىك گەۋدىنى شەكىللەندۈرىشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بىردەكلىك ھەمدە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت رۇس ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىلىرى تەرىپىدىن سۇنئىي ئۇسۇلدا جىسمانىي جەھەتتىن ئايرىۋېتىلسىمۇ لېكىن، بەرىبىر مەنىۋى جەھەتتىن ئايرىۋېتىلمىدى.
ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئامىل تۈپەيلىدىن چېگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئۆتۈپ ياشاشنى ۋە ھەر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئۆزئارا قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىش ۋە قايتىدىن كۈچ توپلاپ، ئۆز ئېلىدىكى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئادەتلەندى. غەربىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى بۇلار ئۈچۈن ئارقا سەپلىك ھەم بازىلىق رول ئوينىدى.
مەسىلەن، 1759-يىلىدىكى بۇرھانىدىن غوجا ۋە خان غوجا باشچىلىقىدىكى قەشقەرىيە خەلقىنىڭ جاۋخۇي باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى كۈرەشلىرى، جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، 1830-، 1847-، 1856-، 1877-، 1881-يىللىرىدىكى ۋەقەلەردە شۇنىڭدەك 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتەسۇ رايونىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلاندى. چوقان ۋەلىخانوپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندا قوقان، شەھرىخان قاتارلىق جايلارغا 70 مىڭ ئۇيغۇر كۆچۈپ چىققان. 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بولسا 15 مىڭ ئۇيغۇر كۆچۈپ چىققان. شەھرىخان بىلەن قاراسۇ ئارىسىدىكى جايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دولان دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىسىدىن 9 مىڭ ئادەم كۆچۈپ چىققان بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدا جەمىي 324 مىڭ ئۇيغۇر بولغان {13}. بۇ قازاق ئالىمى يەنە ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى شەھەر مەھەللىسىدە قەشقەرلىكلەر (ئۇيغۇرلار) نىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، شەھرىخان، ئەندىجان شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنىڭ قەشقەرلىكلەر، قاراسۇنىڭمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ {14}. ئا. ن. كروپاتكىنمۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قوقان خانلىقى تەۋەلىكىدە 250 مىڭ قەشقەرلىكلەر (ئۇيغۇرلارنىڭ) بارلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ .{15}
ئەلۋەتتە، بۇنداق كۆچۈش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشقان. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەممە قوزغىلاڭلاردا مەزكۇر پاناھلانغان مۇساپىرلار بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىدى. مەسىلەن جاھانگىر غوجا، يۈسۈپ غوجا ۋە باشقا غوجىلارنىڭ قوزغىغان قوراللىق ھەرىكەتلىرىدە پەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ بارغان قەشقەرىيىلىكلەر ئاۋانگارت قوشۇن بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا جەڭ بىلەن قايتىپ كەلگەن شۇنىڭدەك كۈرەشلەردە مۇھىم تايانچىلىق رولىنى ئوينىغان. ئەڭ يېقىنقى مەزگىلگە تەۋە مىساللارنىڭ بىرى شۇكى، 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلار سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتىدىن تەشكىللىنىپ، مەخسۇس گۇرۇپپىلار بولۇپ، نىلقا قوزغىلىڭى، غۇلجا قوزغىلىڭى، ھەرەمباغ ئۇرۇشى ۋە باشقا جەڭلەردىكى مۇھىم ھەربىي تايانچلىق رولىنى ئوينىدى {16}. ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا دائىم ۋە ئىزچىل ھالدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلەرگە قول تىقتى ۋە ياكى ئۇنى كونترول قىلدى.
تۈركىستاننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ تەقدىرداشلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئوخشاشلا چار رۇسىيە ۋە سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى جەڭ قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىدېئولىگىيىلىك جەھەتتىنچىقىشالمىغان كۆپلىگەن قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا يەرلەشكەن رۇسلار ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلاندى. مەسىلەن، ئىلى سۇلتانلىقىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان قازاق باتۇرى تازانبېك ۋە باشقىلار رەھبەرلىكىدىكى قازاقلار مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئىلى سۇلتانى ئەلاخان مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق تۈپەيلىدىن تازانبېكنى چار پادىشاھقا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىش بەدىلىگە ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقاتتى. 1916-يىلى، يەنە چار پادىشاھنىڭ ئەسكەر ئېلىشىغا قارشى تۇرۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەغلۇپ بولغان قازاق، قىرغىزلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇپ-شىمالىغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشتى. قىرغىز تارىخچىسى بېلەك سۇلتاناينىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كەلگەن قىرغىزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان. باشقا مەلۇماتلاردا 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپمۇ يېزىلىدۇ {17}. ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان بۇ قىرغىز قاچقۇنلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن ھەم ئۇلارنى ماكانلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، رۇس كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن" باسمىچىلار" دەپ ئاتالغان ئەنۋەر پاشانىڭ، ئىرگەش باتۇرنىڭ ئوزبېك، قىرغىز ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى قەشقەر ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى. 1930-يىللاردىكى قەشقەردە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش قوزغىلاڭلىرىغا ئىشتىراك قىلغان قىرغىزلاردىن جانىبەك قازى، چىپاق قازى، ئۆزبېكلەردىن يۈسۈپجان ۋە سېتىۋالدىجان ھەم ئۇلارنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئەگەشكۈچىلىرى ۋە باشقىلار بۇنىڭ مىسالى بولسا كېرەك .{18}
ئومۇمەن، چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىگە قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان قېرىنداش خەلقلەر بىر-بىرىنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ، ئۆز پاناھىغا ئېلىشتى ( ئەلۋەتتەكۆپ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت بەزى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا). دېمەك، چار پادىشاھ ۋە كېيىنكى سوۋېت رۇسىيىسى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئالغان ھەمدە سىياسەتلەرنى تۈزگەن ئىدى. بولۇپمۇ، سوۋېت رۇسىيىسى چار رۇسىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم كۈچەيتىش چارىسىنى قوللاندى. رۇسىيە تاشقى سىياسىتى جۈملىدىن ئۇنىڭ مەركىزىي ۋە شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنى تەھلىل قىلغاندا شۇنداق يەكۈن چىقىش مۇمكىنكى، كونا رۇسىيە ۋە قىزىل لېنىن رۇسىيىسى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىللەرنىڭ ھەممىسىدە كرېمىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جۇڭگو سىياسىتىدە ئۈچ خىل ئېقىم زىددىيەتلىشىپ كەلگەن. بۇنى مۇنداق يەكۈنلەش مۇمكىن:历史上的今天:
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(5) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(4) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(3) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(2) 2009/02/06
评论
قانداق قىلىش ئۆزىمىزگە باغلىق