• چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(4) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:

    ئەشۇ ئەلى مەمەدوپنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان ئەسلىمە خارەكتېرلىق كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت رازۋېتكىسى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى شۇنچىلىك قامال قىلغانكى، ھەتتا، مىللىي ئارمىيە سېپى ۋە ھۆكۈمەتتىكى "ئاق ئورۇس"لار دەپ ئاتالغان مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پولىنوپ، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى لېسكىن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ  مەسلىھەتچىسى گرىبكىن، پولكوۋنىك موگوتنوپ، قىرغىزلاردىن مەۋلانوپ، نوغايبايېف ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سىياسىي خادىملار سوۋېت رازۋېتكىسىغا باغلانغان ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە خادىملىرى بولغان ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرىدىكى مەسلىھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ن ك ۋ د سى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بولغان. مەزكۇر كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، گېنېرال ئېگناروپ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قورغاستا تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. ھەتتا، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، 1945-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورۇنلىرى بىر كىشىنى "ئافغانىستاندىن كەلگەن" دېگەن نام بىلەن غۇلجىغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۆزبېكچە، پارىسچە تىللارنى ياخشى سۆزلەيدىغان بۇ ئادەم ماشىنا ھەيدەش ۋە رېمونت قىلىش ، ھەربىي كوماندىرلىق، رەسساملىق ھەمدە خەلقارا سىياسىي ۋەزىيەت شۇنىڭدەك دىنىي ئىلىم قاتارلىق ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن تولىمۇ قابىلىيەتلىك كىشى ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئۇنىڭ ئىلىدا ئۇيغۇر ئېلى  جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ياردەمگە كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنى ئۆز يېنىدا قالدۇرغان. ئۇ ئەلىخان تورە بىلەن بىر مەزگىل بىرگە يۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ كانۋويلىرىغا ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگەتكەن. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئەسلى چەتئەل ئىشپىيونى ئىكەنلىكى پاش بولدى دەپ تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز دېرەكسىز يوقالغان. ئەسلىدە ئۇ، چەتئەل ئىشپىيونى ئەمەس بەلكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلىخان تۆرىنىڭ يېنىغا تاشلىغان جاسۇسى ئىكەن، ئۇ ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىچكى كۆز قاراشلىرى ھەمدە مەخسەتلىرىنى كۆزىتىشكە مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ئىكەن[ 36 ].
    ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپتىن مىللىي ئىنقىلابنى قوللىغان بىلەن ئۇنى تولۇق قامال قىلىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان. سوۋېت رازۋېتكىسى ستالىننىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى خەلقئارالاشتۇرماسلىقتا زور نەتىجە قازانغان بولۇپ، ھەتتا يالتا يىغىنى ۋە ستالىننىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىدىن شەرقي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى خەۋەرسىز بولۇپلا قالماستىن بەلكى، جۇڭگو رەھبىرى جاڭ كەيشىمۇ خەۋەرسىز قالغان ئىدى. ئۇ، پەقەت كېلىشىم تۈزۈلۈپ، بىر قانچە ئايلاردىن كېيىنلا ئەنە شۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. جۇڭگو دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ كۈچسىز ھەم پاسسىپ خەلقارالىق ئورنى بۇنىڭغا يول قويمىغان. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئامالسىز قالغان. ستالىن باشتىن ئاخىرى ئاكتىپ ئورۇندا تۇرغان، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسا پاسسىپ ھالەتتە قېلىۋەرگەن 1945-6- ئايدىن باشلانغان سوۋېت-جۇڭگو ئۇچرىشىشلىرىدا ستالىن ئەگەر جۇڭگو يالتا كېلىشىمىدىكى شەرتلەرگە كۆنسىلا جۇڭگونىڭ "شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى"غا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە، 1945-يىلى 8- ئىيۇن كۈنى جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن "ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، جۇڭگو كوممۇنستلىرى ۋە شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارنى داۋاملىق قوللىماسلىققا كاپالەتلىك قىلسىلا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ شۇنىڭدەك يەنە جۇڭگو دالىيەننىڭ ئەركىن پورت بولۇشى، شەرقىي شىمال تۆمۈر يولى ۋە لۈشۈن پورتىنى سوۋېت-جۇڭگو ئورتاق پايدىلىنىشقا ئەمما باشقۇرۇش ھوقۇقى جۇڭگونىڭ قولىدا بولۇشقا قوشۇلىدۇ"[ 39 ] دېگەندەك قارارغا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە رەسمى بىلدۈردى. جاڭ كەيشىمۇ "شىنجاڭ" بىلەن مانجۇرىيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولغان، ستالىنمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولغان، قىسقىسى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەسىلىسى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ستالىننىڭ قولىدىكى سىياسىي قەرتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

    سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ۋە ئىلى ھۆكۈمىتى
    1944-يىلى 8-ئايلاردا باشلانغان ئۇلاستاي تاغلىرىدىكى قوراللىق ھەرىكەت بارا-بارا كېڭىيىپ، ئاخىرى شۇ يىلى 10-ئايدا نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئازاد بولۇشى بىلەن زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئازادلىق تەشكىلاتىمۇ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدە قوزغىلاڭ تەييارلىقى ئېلىپ باردى ھەمدە 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ 1-ئوقىنى ئاتتى. بەش كۈنلۈك جەڭدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى مۇھىم جايلار ئىشغال قىلىندى. ئازادلىق تەشكىلاتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، "شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى" ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى يالتا يىغىنى ئېچىلغىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتى ئازاد قىلىنىپ، ئىلى گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن تەلتۆكۈس تازىلاندى. بۇ جەرياندا  جۇمھۇرىيەت ئۆزىنىڭ ھەممە ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەمدە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ باردى. زوردۇن سابىر، زىيا سەمىدى، سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، ئابدۇراخمان قاھار، تۇردى سامساق قاتارلىقلارنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەنگەنكى، "ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن"، "ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن"، " جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى شىڭشىڭشياغا قاداش" شۇئارى ئاستىدا ھەممە خەلق ئۆزلىرىنى ئىنقىلاب قوينىغا ئاتتى[ 40 ]. ئەنە شۇنداق روھ تۈپەيلىدىن  جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى ئەسكەر قوبۇل قىلىش مىزانىدىمۇ 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەر بولۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، 1945- يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنتىزىم مىللىي ئازادلىق ئارمىيە قۇرۇلۇپ، بۇرۇنقى تارقاق پارتىزانلىق ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى. بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق ئاستىدىكى مۇنتىزىم، ئىنتىزاملىق ھەربىي سىستېما بەرپا قىلىنىپ، ھەربىي مەشىقلەر كۈچەيتىلدى ھەمدە شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي يۆلۈنۈشتىن ئىبارەت ئۈچ فرونتتا جەڭ قىلىش ھەربىي پىلانى تۈزۈلدى. 1945-يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدىن ئېتىبارەن شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆلىنىشتىكى قوشۇنلار ھۇجۇملىرىنى باشلاپ، شەرقتە ئۈرۈمچىگە، شىمالدا تارباغاتاي ۋە ئالتايغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ يەردە شۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدىكى، نېمە ئۈچۈن ستالىن يالتا كونفېرېنسىيىسىنىڭ روھىغا بىنائەن بۇ يېڭى  جۇمھۇرىيەتكە ياردەم بېرىشنى دەرھال توختىتىپ قويماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنقىلابنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ۋە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئۈچ سەپ بويىچە جەڭ قىلىشىنى قوللايدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەقىقەتەن مىللىي ئارمىيىنىڭ چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى پەقەت يالتا يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 5-6-ئايلاردىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ۋە شىمالىي يۆلۈنۈش بويىچە شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ئارىسىدا دىپلوماتىيىلىك كۈرەشلەر ئەۋج ئېلىۋاتاتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ ئەشۇ يالتا يىغىنىدا چېرچىل ۋە رۇزۋېلتنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئەمما، جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىر قاتار شەرتلىرىدىن ئاستىرىتتىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما تېخى يالتا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن تولۇق خەۋەردار ئەمەس ئىدى[ 41 ]. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرگەن نۇقتا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى پەقەت نەزەرگە ئالمىغانلىقى، يەنى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان بۇ مۇھىم يىغىنغا جۇڭگونى قاتناشتۇرماستىن ئەكسىچە، ئۇنىڭ "مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىۋەتكەنلىكى" بولۇپ، جاڭ كەيشى بۇ كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئامال قانچە؟ جۇڭگونىڭ ياپونىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە يۇقىرىدىكى ئۈچ كۈچلۈك دۆلەتكە تايانماي، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنماي ئامال يوق ئىدى. جاڭ كەيشى 1937-يىلى ياپونىيە جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغاندىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، جۇڭگوغا ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، ستالىننى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىيىلىك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ستالىن جاڭ كەيشىنى دەپ ياپون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋېلىشنى خالىمىغان ئىدى[ 42 ]. ئەكسىچە ئۇ 1941- يىلى ياپونىيە بىلەن بىتەرەپلىك كېلىشىمى تۈزگەن ھەمدە جۇڭگوغا مەخپىي بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەملىرىنى توختاتقان ئىدى[ 43 ]. ستالىن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى باشلانغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي سەپتە ئۇرۇش قىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ياپونىيە بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، غەربتە گېرمانىيە، شەرقتە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قېلىپ، بىراقلا گۇمران بولۇشتىن ساقلاندى. ستالىن شەرقىي رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگىمۇ قوشۇلمىدى ۋە ئامېرىكا بىلەنمۇ ئاشكارا ھەمكارلاشمىدى. جۇڭگونىمۇ ئاشكارا قوللىماي، ياپونىيىنى بەش يىل ۋاقىت ئالداپ تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غەربىي سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىنى سوۋېت تۇپراقلىرىدىن غەلىبىلىك تازىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى.
    1945-يىلىنىڭ بېشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك كۈن تەرتىپكە قويغان ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ، بىر تەرەپتىن جۇڭگونى يالتا كېلىشىمىگە كۆندۈرۈشكە يەنە بىر تەرەپتىن ستالىننى تېزراق ياپونغا قارشى ئۇرۇش باشلاشقا ئۈندىدى[ 43 ]. ئىلىدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، جىددىي ھەربىي تەييارلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يەنى 1945-يىلى 4- ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلت ۋاپات بولدى. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان پرېزىدېنت ترۇمېن ستالىننىڭ يالتا كېلىشىمىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىقىنى بىلىش ئۈچۈن 5- ئايدا ھوپكىنسنى ستالىن بىلەن سۆزلىشىشكە موسكۋاغا ئەۋەتتى. ھوپكىنس ستالىندىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش- قاتناشماسلىقى مەسىلىسىنى سورىغاندا، ستالىن قەتىي رەۋىشتە بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇڭگونىڭ يالتا كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكى، پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[ 44 ]. ستالىن يەنە ھوپكىنسكە ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودىن زېمىن تەمەسى يوقلۇقى، بولۇپمۇ مانجۇرىيە، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەر قانداق مەنادا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە پەقەت ئامېرىكىنىڭلا ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى[ 45 ]. ستالىن ، ھوپكىنسكە يەنە 7-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوڭ زىۋېن بىلەن بىلەن موسكۋادا يالتا كېلىشىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى بويىچە سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترۇمېن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن 6-ئايدا جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوڭ زىۋېن بىلەن كۆرۈشۈپ، يالتا كېلىشىمىدىكى جۇڭگوغا ئائىت ماددىلار ھەققىدە سورىغاندا، سوڭ زىۋېن جۇڭگونىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ جۇڭگوغا ئائىت مادددىلىرىغا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىراق، ۋاشىڭتون رەھبىرى ئەگەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يالتا كېلىشىمىگە نىسبەتەن قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى[ 46 ]. 6- ئاينىڭ 14-كۈنى ترۇمېن سوڭ زىۋېنگە ستالىننىڭ ھوپكىنسكە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرىنى ئۇقتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يالتا كېلىشىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلدى.
    جۇڭگو رەھبەرلىرى يالتا كېلىشىمى مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتقاندا ئىلى مىللىي ئارمىيىسى جىڭ ۋە شىخو ھەم چۆچەك لىيىنىسىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. 6- ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭدىكى ئەلچىسى خېرلى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە رەسمى تۈردە يالتا كېلىشىمىنى مەلۇم قىلدى. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان جاڭ كەيشى ئاخىرى يالتا كېلىشىمى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى ھەمدە 6-ئاينىڭ 30-كۈنى موسكۋادا جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سۆھبەت باشلاندى. سۆھبەت باشلىنىش بىلەنلا جۇڭگو ۋەكىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىگە ئائىت تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە ستالىن سۆھبەتنى ئۈزۈۋەتتى. لېكىن، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ستالىن پوتسىدام يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمېننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ستالىن قەتئىي رەۋىشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخى كېلىشىم ھاسىل قىلمىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى[ 47 ]. سوڭ زىۋېن بىلەن ستالىن ئارىسىدا ئىلگىرى كېيىن بەش قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ستالىن ئۆز شەرتلىرىدىن يانمىدى. شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالدى ھەمدە سوڭ زىۋېننىڭ ئورنىغا ۋاڭ شىجيې موسكۋاغا كېلىپ، 8-ئاينىڭ 7- كۈنىدىن تاكى 14-كۈنىگىچە ستالىن بىلەن تۆت قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. درامماتىك نۇقتا شۇكى، سوڭ زىۋېن سۆھبەتنى تاشلاپ، جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ فاتىي لېسكىن باشچىلىقىدىكى شىمالىي فرونت قىسىملىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئىلگىرى كېيىن دۆربىلجىننى ۋە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۆچەكنى ئىشغال قىلىپ، پۈتۈن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوتتۇرا يۆلۈنىشتىكى قىسىملار جىڭ ۋە شىخو ئەتراپىدىكى گومىنداڭ مۇداپىئە نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، گومىنداڭ كۈچلىرىنى جىڭ ۋە شىخو شەھەرلىرىگە قاپسىۋالدى. قىسقىسى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرى تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئالدى. غۇلجىدىكى ستالىننىڭ بىۋاسىتە ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدىغان 2-نومۇرلۇق ئۆينىڭ باشلىقلىرى يەنى  جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي  مەسلىھەتچىلىرى گېنېرال مايور ئېگناروپ بىلەن گېنېرال لېيتىنانت لانفاڭ رەئىس جۇمھۇر ئېلىخان تۆرىنىڭ ياردەم تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بارلىق شوئارلىرىنى ۋە سىياسىي تەدبىرلىرىنى ھىمايە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى 1945- يىلى 6-ئايدا يىغىن چاقىرىپ، مىللى ئارمىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 500 نەپەر قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى، 2000 جەڭچى ئەۋەتىش ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقاردى[ 48 ]. بۇ قاراردىن كېيىن ئىچكى ئىشلار رەھبىرى بېرىيانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوپقا يوللىغان مەخسۇس مەلۇمات خېتىدە "شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيە سېپىدىن ئاجرىتىلغان ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەرنى ئەۋەتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن[ 49 ]. بۇ چاغدا يەنە زور مىقداردا ئېغىر-يېنىك قورال- ياراقلار ۋە ئوق دورىلار مىللىي ئارمىيىگە بېرىلگەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرىنىڭ 1945-يىلى ماي ئېيىدا موسكۋا رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدىكى ياردەم تەلەپلىرىگە جاۋابەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يۇقىرقىدەك ياردەملەرنى كۆرسەتكەن ئىدى[ 50 ].
    مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا  جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ جەلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئارخىپلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوزبېكىستان ئىتتىپاقداش  جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراخمانوپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرىيادىن ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مالىيە مىنىستىرلىقىغا يازغان مالىيە خامچوت ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇ ئىلتىماستا "ئوزبېكىستان ئىتتىپاقداش  جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1946-يىلىدىكى خامچوتىغا شىنجاڭدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىگە كېتىدىغان چىقىملار ئۈچۈن بەش مىليون رۇبلىي پۇل قوشۇپ بېرىش" تەلەپ قىلىنغان[ 51 ]. ئەلۋەتتە، تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتىگە بەرگەن ھەربىي ياردەملىرى ئۈچۈن مەزكۇر  جۇمھۇرىيەتتىن زور مىقتاردا تۆلەم ئالغان بولۇپ،  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئېغىر-يېنىك قوراللار ۋە ئوق دورىلار ۋە باشقا ئەسلىەەلەر ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەلۇم مىقداردا چارۋا مال، ئاشلىق ئۆتكۈزۈپ تۇرغان[ 52 ]. ئەمما، بۇ بەرىبىر چەكلىك بولۇپ، موسكۋانىڭ ھەربىي تېخنىكا، ھەربىي قوماندانلىق ۋە باشقا ماددىي ھەم مەنىۋى تەرەپلەردىكى ياردەملىرى يەنىلا مۇھىم رول ئوينىغان. تارىخىي ئارخىپلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھەتتا دۆربىلجىننىڭ ئېلىنىشىغا بىۋاسىتە موسكۋادىكى ئىچكى ئىشلار قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بۇيرۇق قىلغان. دېمەك، موسكۋا گەرچە يالتا كېلىشىمىدە ئۆزى كۆزلىگەن مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە ئېنىق كېلىشىم ھاسىل قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يالتا كېلىشىمىگە ئاسان كۆنمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇرۇشىنى جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدىكى ماددىلارغا تېزرەك ماقۇل بولۇشى ئۈچۈن پايدىلانغان خالاس. ستالىن 1945-يىلى 9-ئىيۇل كۈنىدىكى جۇڭگو ۋەكىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىلى ئىنقىلابى مەسىلىسىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن "شەخسىلەرنىڭ قورال ياراق توشۇشىنى توختىتىدىغانلىقى ھەمدە چېگرىنى قامال قىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرۈپ[ 53 ]، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن كۈتىدىغان باشقىچە نىيىتى يوقلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئەمما بۇ چاغدا، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تېخى كېلىشىم تۈزۈلمىگەن بولۇپ، پەقەت ئىككى تەرەپ قول قويغان كېلىشىملا ستالىننى خاتىرجەم قىلالايتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولاتتى. شۇڭا، تاكى كېلىشىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىققىچە ئىلى مىللىي ئارمىيىسى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جىڭ-شىخو لېنىيىلىرىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. شىمالىي فرونتتىكى قىسىملار بولسا، چۆچەك ۋە ئالتاي تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ شەرتلىرىگە قوشۇلۇشنى ئارقىغا سۈرگەنسىرى ۋە ياكى قارشىلىق بىلدۈرگەنسىرى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە "پۈتۈن شىنجاڭ قولدىن كېتىدىغان بولدى" دېگەندەك خەۋپسىرەشنى پەيدا قىلىپ، بۇ ئۇلارنىڭ ستالىن ئوتتۇرىغا قويغا تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش رولىنى ئويناتتى. ئەمما، مۇستەقىللىق دەپ جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى كرېمىل سارىيىدا ئولتۇرغان ستالىننىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئۈچۈن تۆكۈلىۋاتقانلىقىنى ھېچ سەزمىگەن ئىدى. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇنداق شىددەت بىلەن ئەۋج ئېلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە كېڭىيىۋاتقانلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەر قەدەمدە غەلىبە قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارقىسىدا قۇدرەتلىك دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەيۋە بىلەن تۇرغانلىقىنى سەزگەن جاڭ جيېشى ستالىننىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ يەردە ئۇنى ئەڭ بىئارام قىلغان مەسىلە يالتا كېلىشىمىدىكى "موڭغۇلىيىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاش" بولۇپ، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى دېگەنلىك ئىدى. ستالىن مانا بۇ مەسىلىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قەتىئي يول قويمىدى. 8-ئاينىڭ 8-كۇنلىرىدىن 15-كۈنىگىچە، باي، ئاقسۇ كونا شەھەر ئازاد بولدى. 8-ئاينىڭ بېشىدا تاشقورغان قوزغىلاڭچىلىرى ئۇ جايدىكى دۈشمەننى يوقىتىپ، تاشقورغان ۋالىي مەھكىمىسىنى قۇردى. ئارقىدىنلا ئالتاي ئازاد بولدى.
    نەتىجىدە، جاڭ كەيشى ستالىننىڭ شەرتلىرىگە ماقۇل بولۇشنى ئارقىغا سوزغانسىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بولىدىغانلىقى، بەلكى موڭغۇلىيەلا ئەمەس يەنە شىنجاڭدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش ئېەتىماللىقى بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ[ 54 ]، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا شەرتنامە ئىمزالاشقا رازى بولدى ھەمدە 1945-يىلى 14- ئاۋغۇست كۈنى موسكۋادا "سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى" رەسمى ئىمزالاندى. بۇ شەرتنامىگە ئائىت ئالماشتۇرۇلغان قوشۇمچە ھۆججەتلەردە گومىنداڭ تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بولسا، "شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنىڭ 5-ماددىسىدا ئېيتىلغاندەك جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىمىز يوقلىقىنى بىلدۈرىمىز" دەپ بىلدۈردى[ 55 ].
    لېكىن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھېچقاچان رەسمى رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرى مەخپىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقارا جەمىيەتتىن سىر تۇتۇلغان بولغاچقا، ھەر قانداق بىر خەلقارالىق سورۇندا موسكۋا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئىلى ئارمىيىسى "سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى" ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ جىڭ ۋە شىخوغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتماي، تاكى مەزكۇر شەرتنامە ئىمزالىنىپ، ئۈچ ھەپتە ئۆتكىچە يەنى مىللىي ئارمىيە 9-ئاينىڭ 6- ۋە 7-كۈنلىرى ئىلگىرى كېيىن جىڭ ھەم شىخونى ئازاد قىلىپ، ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەنگە قەدەر ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مىللىي ئىنقىلاپچىلار بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. 11-سېنتەبىر كۈنى ئۇرۈمچىدىكى جۇڭگو دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى يېۋسېيىپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ياراشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن[ 56 ]، موسكۋا رەسمى تۈردە ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئاشكارا مەيدانغا چۈشتى[ 57 ] ئومۇمەن، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئارقىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇرغانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا دائىرىلىرى ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئەمما، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى جۈملىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا دىپلوماتىيىلىك مەسىلە نۇقتىسىدىن قارىدى. جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىسىز ئىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى. ئىلى ئارمىيىسىنىڭ "سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى" ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ جىڭ ۋە شىخوغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغانلىقى شۇنىڭدەك ماناس دەرياسى بويىغا قىستاپ كېلىشى ھەمدە جەنۇبتا ئاقسۇ ئەتراپىدىكى ۋە تاشقورغان ئەتراپىدىكى جەڭلەرنىڭ داۋاملىشىۋېرىشى يەنىلا بىر تەرەپتىن موسكۋانىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىنقىلاپ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغىنى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن موسكۋا ئارىسىدا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان تۈگىمەيدىغانلىقىنى، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا يەنىلا ئۆز تەسىرىنى ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بولسا كېرەك. ئومۇمەن، يالتا كېلىشىمىدا ئالدىن بەلگىلەنگەن سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن كېيىن موسكۋا شىنجاڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاپ، مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسىدا بويىدا توختىتىپ قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستىدى. يالتا كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاش قارارى ئەمەلىيەتتە "شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى"نىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىپ، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بىتىم تۈزۈش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس بولدى.
    تىنچلىق بىتىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ستالىن ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا نىسبەتەن يەنە باشقىچە ئىستراتېگىيە قوللانغان بولۇپ، موسكۋا گەرچە ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى مەيدانغا چىقارغان ھەمدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كېيىنكى رەھبەرلىرىنى شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋنىڭ بايان قىلىشىچە، بىتىمدىن كېيىن  جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قېلىپ، "شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايىتى"، "شەرقىي تۈركىستان تارباغاتاي ۋىلايىتى"، ئالتاي ۋىلايىتى دېگەندەك ناملار ئىشلىتىلگەن. موسكۋا بەرىبىر ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يەنىلا بىر گەۋدە سۈپىتىدە مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىدى. ئەمما، موسكۋا يەنىلا ئۈچ ۋىلايەتكە بولغان كونتروللۇقنى قولدىن بەرمىگەن بولۇپ، سوۋېت رازۋېتكىسى مەخپىي رەۋىشتە پەقەت گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن ئولجا ئالغان قوراللار بىلەن قوراللانغان مىللىي ئارمىيىنى ۋە ھۆكۈمەتنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇردى. ئەلىخان تورىگە  مەسلىھەتچىلىك قىلغان 2- دوم باشلىقى گېنېرال ئېگناروپ تاكى 1949-يىلىنىڭ كۈز پەسلىگىچە قورغاستىكى سوۋېت رازۋېتكا ئورگىنىدا تۇرۇپ، ئىلىنىڭ ھەربىي-سىياسى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى[ 58 ]. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى ئىنقىلابچىلىرى خۇددىي ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گومىنداڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سورۇنلارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى پەقەت ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىلا سەزگىنىدەك ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرلىرىنىڭ ستالىن بىلەن ليۇ شاۋچى ئارىسىدىكى 1949-يىلى 7- 8-ئايلاردىكى سۆھبەتلەردە بېكىتىلگەنلىكىنى سەزمەي قالغان ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ قوللىشىسىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان كۆپلىگەن سىياسىي ئەربابلار ھەمدە ھەممىلا يەرگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاي يۇلتۇزلۇق  جۇمھۇرىيەت بايراقلىرى ۋە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن خەتلەر يېزىلغان ھەربىي بايراقلارنى كۆتۈرگەن مىللىي ئارمىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قاراپ ، يەنىلا ستالىندىن ئۈمىد كۈتكەن خەلق ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە موسكۋا سېەرىگەرلىرى تەرىپىدىن پىچىلىپ بولۇنغانلىقىنى ئوخشاشلا سەزمەي قالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى ئاللىقاچان بېكىتىپ بولغان بولۇپ، ستالىن 1949- يىلى 30-يانۋار كۈنى مىكوياننى مەخپىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن جۇڭگودا كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت جۈملىدىن سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا بىر قاتار سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى شىبەيپوغا ئەۋەتتى. 8- فېۋرالغىچە بولغان 8 كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىدا ئەلۋەتتە، شىنجاڭ مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. مىكويان ئۆزىنىڭ شىبەيپو زىيارىتى ھەققىدىكى ھېساۋات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان:
    "ماۋ زېدۇڭنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مەقسىتىمىزگە نىسبەتەن گۇمانى بولغان. ئۇ، شىنجاڭنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇرۈمچى ھۆكۈمىتىگە بويسۇنمايدىغان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مەۋجۇت ۋە ئۇ يەردە كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەۋجۇت  دېدى. ئۇ يەنە، 1945-يىلى چوڭچىڭدا بەي چوڭشى بىلەن ئۇچراشقاندا ئىلى ۋىلايىتىدىكى يەرلىك قوزغىلاڭچىلار سوۋېت ئايروپلانلىرى، تانكىلىرى ۋە زەمبىرەكلىرى بىلەن قوراللانغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن دېدى، مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ شىنجاڭ خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە شىنجاڭ زېمىنىگە نىسبەتەن ھېچقانداق زېمىن تەلىپىمىز يوقلىقىنى، بەلكى شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ تەركىبىگە كىرىشى لازىم دەپ ھېسابلايدىغانلىقىمىزنى قەتئىي ھالدا بىلدۈردۈم"[ 59 ].
    مىكويان يەنە ئۆزىنىڭ 1949-يىلى 4- فېۋرال كۈنى شىبەيپودىن ستالىنغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا ماۋزېدۇڭغا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى يەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ، مۇنداق دەپ يازغان.
    "مەن ماۋزېدۇڭغا بىزنىڭ مەركىزىي كومىتېتىمىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنستلىرىغا مىللىي مەسىلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھەددىدىن زىيادە مۇستەقىللىق بەرمەسلىكنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشىغا باغلىق جۇڭگو دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدىم. ماۋزېدوڭ بۇ جاۋابقا خوش بولۇپ كەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ ھېچ كىمگە مۇستەقىللىق بەرمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى"[ 60 ].
    مانا بۇ يالتا كېلىشىمى تۈزۈلگەن فېۋرال ئېيىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى فېۋرالدا ستالىننىڭ غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەردىن ۋە موسكۋاغا ئىشەنگەن ساددا خەلقتىن خۇپىيانە تۇتۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت ئۈزۈل- كېسىل قارار بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئەنە شۇ قارار ماۋزېدۇڭغا بىلدۈرۈلۈپ، تەخمىنەن سەككىز ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ستالىن باشلىق كرېمىل رەھبەرلىرى مەخسۇس تەمىنلىگەن ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ (بەلكى شۇنداقتۇ؟) سوۋېت ئىتتىپاقى تېرىتورىيىسىدىكى چىتا شەھىرى يېنىدا ھادىسىگە ئۇچرىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتى ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭ ئارىسىدا "سوۋېت- جۇڭگو دوستلۇق، ئۆزارا ھەمكارلىق شەرتنامىسى" تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاتارلىقلار غۇلجىدىن كېتىپ تەخمىنەن 6 ئايدىن كېيىن ماۋزېدۇڭ بىلەن بىرگە موسكۋادىكى دىپلوماتىيە سورۇنىغا ئىشتىراك قىلغان سەيفىددىن ئەزىز تەرىپىدىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سەيفىددىن، دېڭ لىچۈن ۋە 1944-يىلىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭىغا باشتىن ئاخىرى قول تىققان، كېيىن ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلى داباشىن قاتارلىق ئۈچ كىشىلىك ھەيئەتنىڭ رەھبەرلىكىدە دەپنە قىلىندى. مانا بۇ چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئاجايىپ قىسمەتلەرنىڭ داۋامى ئىدى.

    ئۇيغۇر قىسمەتلىرى بىلەن ئويناشقان سوۋېت جاسۇسلىرى

    ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي تارىخى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە سابىق چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق سىياسىتى جۈملىدىن جۇڭگو سىياسىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر.
    سابىق چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 20-ئەسىردىكى ئىككى  جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىق ھالدا باغلىنىشلىقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. موسكۋانىڭ ئاتىشى بويىچە ئالغاندا "رازۋېتچىكلار"، ئۇيغۇرلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەقىپلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە "سوۋېت جاسۇسلىرى" ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىر سىياسىي تەقدىرى بىلەن بىۋاسىتە ئويناشقان بولۇپ، كرېمىل رەھبەرلىرى باشتىن ئاخىرى ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭ سادىق ئالاھىدە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە توپلىغان تۈرلۈك ھەم قىممەتلىك ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك تەكلىپ-پىكىرلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى يەشكەن ئىدى.
    قولۇمدا موسكۋانىڭ يېنىدىكى مەلۇم بىر كىچىك يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق باشقۇرۇت مىللىتىدىن بولغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ قىزىل تاشلىق رۇسچە كىتاب تۇرۇپتۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورى 30-يىللاردا ئالدى بىلەن قەشقەرگە، كېيىنرەك بولسا ئاقسۇغا تاشلىنىپ، "ئىستامبۇللۇق تىجارەتچى ئەلى ئەپەندى" دېگەن نام بىلەن سودا ماگىزىنى قۇرۇپ، مەخسۇس جاسۇسلۇق قىلغان باشقۇرۇت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان غابىت مۇزىپوفتۇر. ئۇ، 1937- 40-يىللىرىدا ئاقسۇ شەھىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلار ھەم باشقىلار ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى. ئىسلام دىنىدىن تولۇق خەۋىرى بار، كىچىكىدىن دىنىي تەربىيە كۆرگەن ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ، گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچارغىچە بولغان جايلارنى ئازاد قىلغان ئابدۇنىياز بەگنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئىگىلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى.
    ئەسلىدە، باشقۇرتىستاندا باي دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە دادىسى ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كومسوموللار تەركىبىگە قېتىلىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى سۈپىتىدە قىرغىزىستاندا "باسمىچىلار" دەپ ئاتالغان "مۇستەقىلچىلەر"نى تازىلاشقا قاتناشقان ھەمدە تاكى 1937-يىلىغىچە قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قاراقول شەھىرىدىكى چېگرا قوغداش پونكىتىدا خىزمەت قىلىپ، مەخسۇس ئىچكى رازۋېتكا ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان غابىت مۇزىپوف -1937 يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ئىسمىنى ئەلى ئەپەندىگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى "ئەلى ئەپەندى" دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن. ئەلى ئەپەندى 1944-يىلى ئىلى ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىنى قۇرغان، ئارقىدىنلا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە  مەسلىھەتچى بولۇپ،  جۇمھۇرىيەتنىڭ پۈتۈن رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسۇل بولغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە  جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىگە  مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەنگەن ھەم ئۇنى ئوغۇرلاپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىگە ئىشتىراك قىلغان. ئۇ، 1946-يىلىدىن تاكى 1949- يىلىغىچە ئالتايدا رازۋېتكا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن 1949-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ كېتىلىپ ، ئۆمرىنى ئوش شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك 80-يىللاردا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. قىزىق يېرى شۇكى،  جۇمھۇرىيەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەم ئەلىخان تۆرىنىڭ  مەسلىھەتچىسى بولغان ئەلى مەمەتوپ دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەزكۇر ئەرباب 1946-يىلى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قوشقان زور تۆھپىسى ئۈچۈن تەقدىرنامە ھەم بىر ئالتۇن يالىتىلغان ماۋزېر بىلەن مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئەلى مەمەتوپ پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئەلىخان تۆرە بەرگەن مەزكۇر  جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي ئوردېنلىرىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۈرگەن ئىكەن. ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايدىغان، كەم سۆز، ئويچان بۇ كىشى كېيىنكى 30 يىللىق ھاياتىنى ئوش شەھىرىدىكى كىچىك ئۆيىدە يىگانە ھالدا، كىتابلار دۆۋىسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30-40- يىللاردىكى تارىخى، سىرلىق ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ماتېرىياللارنى توپلاپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس خاتىرىلەرنى تۇرغۇزغان ھەم كىتابلار يازغان. لېكىن، ئۇ ك گ ب نىڭ قاتتىق قاماللىقىدا بولۇپ، ك گ ب دائىرىلىرى ئۇنىڭ ك گ ب نىڭ پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققانلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ مەخپىي سىرلارنى پاش قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر كۈنمۇ نازارەت قىلماي قالمىغان ئىكەن. ئەلى ئەپەندىنىڭ ئوش شەھىرىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى 1937-يىلى قەشقەر تۈرمىسىگە ئوت قويۇپ، مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، جاللاتلىقتا داڭ چىقارغان، 1944-يىلى ئىلىغا كېلىپ، ھەرەمباغ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان شۇنىڭدەك تېكەس ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان راززاق ماۋلانوپ ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ، قىلغان ئىشلىرىغا توۋا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك ئوش شەھىرىدىكى مەسچىتتە ئىماملىق قىلغان ماۋلانوپ، تېخىمۇ كەم سۆز بولۇپ، ئۇ كونا سەپدېشى ئەلى ئەپەندى بىلەنلا پاراڭلىشىدىكەن. سابىق سوۋېت جاسۇسى ماۋلانوپ ئەلى ئەپەندىنىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا خەتمەقۇرئان قىلغان شۇنىڭدەك ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتمەي تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان.