• چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(3) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:

    گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى
    ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى 1941-يىلىدا بېرىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ دۆلەتنى بىر قانچە دۆلەتلەرگە پارچىلىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىدى. مەزكۇر نۇقتا يالتا يىغىنىدا يەنە ئاساسىي مۇزاكىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى پارچىلاش قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش دائىرىلىرى بېكىتىلدى[ 5].
    يالتا يىغىنىدا يەنە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت مارشال تىتونىڭ دەرھال فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى قارار قىلدى[ 6]. يالتا يىغىنىدا يەنە باشقا مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىندى.
    ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە يەنە ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن گېرمانىيىدىن 20 مىليارت دوللار تۆلەم ئېلىش، بۇنىڭ يېرىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، موسكۋا پۇل ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن يەنە ئەمگەك كۈچى، سانائەت ئەسلىەەلىرى، پاراخود ۋە باشقىلارغا ئىگە بولۇش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى[ 8].
    يالتا يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەتىجىسى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ، ب د ت نىڭ تەسىس قىلىنىش يىغىنىنڭ 1945-يىلى 25-ئاپرېلدا ئامېرىكىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىشى بېكىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق ئىككى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنى ب د ت نىڭ ئەزاسى قىلىشنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا يەنە جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ب د ت تەسىس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىش قارار قىلىندى. بەزى بىر مەلۇماتلاردا جۇڭگونى ب ت د غا كىرگۈزۈشكە ستالىن قارشى چىققان ئىكەن[ 9].
    يالتا كېلىشىمى ئەينى ۋاقىتتا مەخپىي كېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭغا جۇڭگو رەھبىرى جاڭ كەيشى، فرانسىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىسى گېنېرال دېگول قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرى قوزغالغان. ئەمما دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ يەنىلا رۇزۋېلت، چېرچىل ۋە ستالىن قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ۋەزىيىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، زاتەن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەل تۆلەپ، دۇنيانىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئۈچ ئىتتىپاقچى دۆلەت رەھبەرلىرى پۈتۈشكىنىدەك ئورنىتىلىدۇ خالاس.
    يالتا كېلىشىمى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
    يالتا يىغىنىدا ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىنلار ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشقا يەنە ئاسىياغا جۈملىدىن سوۋېت- جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى ھەم ياپونىيىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. يالتا كېلىشىمىنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت قىسىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلىلار داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە ھەم تۈرلۈك ئانالىزلار ۋە كۆز قاراشلار مەيدانغا چىقماقتا. بىر قىسىم خەلقارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرىدىكى سىياسىي تەقدىرى مەزكۇر يالتا كېلىشىمى بىلەن مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا باغلىنىشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12- نويابىردا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئېلى  جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىنى ئەنە شۇ ستالىن، چېرچىل ۋە رۇزۋېلت قاتارلىق رەھبەرلەر ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يالتا كېلىشىمىنىڭ جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيىگە ئائىت ماددىلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشنىڭ رىيال ئاساسىي بار.
    ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جېمېس مىللىۋارد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ يالتا يىغىنىغا گەرچە جاڭ كەيشى قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگوغا ئائىت قارارلار قوبۇل قىلىندى. يىغىندىن كېيىن، 1945-يىلى 8-ئايدا ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى. نەتىجىدە، -1944 يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان " جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى"مۇ ئۇرۇش توختىتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ يالتا يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك[ 10 ].
    كۆپىنچە تارىخشۇناسلارنىڭ ۋە تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئورتاق يەكۈنىچە، "ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ" گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشىنى توختىتىپ، تىنچلىق بېتىم تۈزۈشى ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە ئىشلەتكەن بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ستالىن شۇ كېلىشىمدىن كېيىن، ئىلى مەسىلىسىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى تەرىقىسىدە ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدى[ 11 ].
     جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 2003-يىلى نويابىر ئېيىدا تېلېفون ئارقىلىق مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورىغا مۇنداق دېگەن ئىدى:
    "بېتىم دېگەننى بىز چىقارغان ئەمەس، ئۇنى ستالىن چىقارغان، بىز ئۇنىڭغا قارشى چىققان، شۇنچىۋالا غەلىبە قىلىۋاتقان بىز قانداقسىگە يېڭىلىۋاتقان دۈشمەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز؟ سۆھبەت قىلىمىز دېگەن بىز ئەمەس ئالدى بىلەن ئەشۇ جۇڭگو ھەم سوۋېت. ستالىن بىزگە بېسىم ئىشلەتتى، بىزنىڭ ئۇنى ئاڭلىماسللىققا نېمە ھەددىمىز؟ بىز ئەشۇ ستالىنغا ئىشەنگەن ئىدۇق، ئەشۇ گېنېراللارنىڭ  مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىدۇق، ھەربىي ھوقۇق شۇلارنىڭ قولىدا، پۈتۈن قوماندانلار شۇلاردىن تۇرسا، لېكىن ستالىن دېگەن بۇ بەدبەخنىڭ ئەسلى مەقسىدى بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ قېنى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇش ئىكەن"[ 12 ].
    ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاشكارىلانغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىرى قول تىققان بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ دەسلىۋىدىلا تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ھەم تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئەلىخان تۆرە ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ تەسىس قىلىنىشىغا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلللىرى داباشىن ۋە بورىسوپ قاتارلىقلار ئارىلاشقان.  جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن سوۋېت كونسۇللىرى (داباشىن ۋە بورىسوپ قاتارلىقلار) ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ خۇددى تاشقى موڭغۇلىيىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاغزاكى كېلىشىم بولغان[ 13 ]. غۇلجىنىڭ بىر قىسىمى ئازاد بولۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن موسكۋا ئەۋەتكەن گېنېرال ئېگناروۋ ۋە گېنېرال لانفاڭ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەكىللەر ئۆمىكى غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، 1-ۋە 2- نومۇرلۇق ئۆينى تەسىس قىلىپ،  جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا دېگۈدەك مەسلىھەتچىلىك قىلغاندىمۇ  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بىلەن ئەشۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سوۋېت ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[ 14 ]. سوۋېت ن ك ۋ د ئالاھىدە خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ئېگناروپ ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتىگە  مەسلىھەتچىلىك قىلغان بولۇپ، گېنېرال لانفاڭ ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. بۇلار ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ستالىن، مولوتوۋ ۋە بېرىياغا ئىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات يوللاپ تۇرغان[ 15 ]. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە پائالىيەتلىرى ستالىن قاتارلىقلارغا ئايدىڭ بولۇپ، ستالىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپلا قالماستىن بەلكى بېرىيا ۋە مولوتوۋلار ئارقىلىق ھەم بەلگىلىمە بېرىپ تۇرغان ئىدى.
    يالتا يىغىنىدا ستالىن ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى پاش قىلىپ، جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، تېخى جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈلمىگەنلىكى ھەمدە يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى رەسمى يوسۇندا كاپالەتكە ئىگە بولدى دەپ ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا تۇتقان پوزىتىسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتمىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيە تەسىس قىلىش ۋە مۇنتىزىم ھالدا داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە ھەمدە جەنۇبىي يۆلۈنۈشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ھەربىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىدى شۇنىڭدەك مۇستەقىللىق شۇئارىنىڭ كەڭ ئەۋجى ئېلىشىنى قوللاپ، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئېيتقاندەك  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خەلقنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى. يالتا يىغىنىدىن ۋە موسكۋانىڭ ئەسلى مەقسىتى ھەم سىياسىي ئىستراتېگىيىسىدىن خەۋەرسىز قالغان  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى پەقەت جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى رەسمى سۆھبەت باشلاپ، موسكۋادا ئىككى تەرەپ رەسمى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ستالىن جاڭ كەيشىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق بېتىمگە قىستىغاندىلا ئاندىن ستالىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ستالىن ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىنقىلابچىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى بېتىمگە قىستىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدا ستالىننىڭ يالتا كېلىشىمىدە قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئىمتىيازلىرىنىڭ جاڭ كەيشى تەرىپىدىن جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، ئەمدى بۇ ئىنقىلابنىڭ ستالىن ئۈچۈن كېرەك ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت خەلقارا سىياسىي ۋە دىپلوماتىيىلىك ئامىللاردىن ئەينى ۋاقىتتا  جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا ئەربابلارنىڭ قانچىلىك خەۋەر تاپقانلىقى نامەلۇم. چۈنكى، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ماتېرىياللاردا يالتا يىغىنى ۋە كېيىنكى سوۋېت-جۇڭگو شەرتنامىسىدىن ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى خەۋەر تاپقان ياكى تاپمىغانلىقى، تاپقان بولسىمۇ قانچىلىك دەرىجە ۋە سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
    يالتا يىغىنى جەريانىدا "ئىلى ھۆكۈمىتى" مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقى ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق پاكىت يوقلۇقىنى، ئەمما مەزكۇر  جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئەشۇ يالتا يىغىنىدىن كېيىن ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ئوتتۇرىسىدىكى سوۋېت- جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن رۇسىيىدىكى بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، ئىلى ئىنقىلابىغا ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلغان دوكتور ۋالېرىي بارمىن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئەنە شۇ يالتا يىغىندىن كېيىن ستالىن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، قوزغىلاڭچىلارغا قورال-ياراق بەرمەسلىككە ۋە ياردەم قىلماسلىققا قارار قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزىۋېلىشىنى خالىمايتتى، قىسقىسى " باشتا شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاخىرى ئۇنى قۇربان قىلىۋېتىشتەك ناھايىتى مەينەت بىر ئويۇننى ئوينىدى"[ 16 ]. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چۈشىنىشىچە، يالتا يىغىنىدا ستالىن بۇ  جۇمھۇرىيەتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ، يالتا يىغىنىدىكى كېلىشىملەرگە ئاساسەن جۇڭگو بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى  جۇمھۇرىيەت نامىنى ئىشلەتمەسلىككە قىستىغان.
    يالتا كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىغا جۈملىدىن غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئائىت ھېچقانداق ماددا يوق. بۇ نۇقتا كېلىشىم تەركىبىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتا دەل يالتا كېلىشىمىنىڭ سوۋېت-جۇڭگو-ياپونىيە ماددىلىرى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.
    ئامېرىكا ئالىمى يازغان "رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ناملىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىندا ستالىن موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش، مانجۇرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى مۇنقەرز قىلغان[ 17 ]. لېكىن،  جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى، مەرھۇم ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى "يالتىدا پۈتۈشۈلگەن كېلىشىم بويىچە ستالىن بۇ ھۆكۈمەتنى يوقاتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قۇربان قىلدى دېگەن پىكىرگە قوشۇلمايمەن. بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى پەقەت يالتا يىغىنىغا باغلاش ناتوغرا، مېنىڭچە بىزنىڭ تەقدىرىمىز ستالىننىڭ قولىدا ئاللىقاچان بەلگىلەنگەن بولۇپ، ستالىننىڭ ئەسلى نىيىتىدە بىزنى مۇستەقىل قىلىش يوق. ئۇ، ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بەرىبىر بىزنى قۇربان قىلار ئىدى. ئۇ، پەقەت ئۆز كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈنلا بىزنى قوللىغان ئىكەن. ستالىننىڭ نىيىتىدە ئادىمىلىك يوق، ئۇنىڭ بىزگە قىلغىنى، بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ مېيىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورىدى، ئاخىرىدا بىزنى ئالداپ، جۇڭگو كوممۇنستلىرىغا تۇتۇپ بەردى خالاس، مانا بۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغىنى" دەيدۇ[ 18 ] دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتىلىۋاتقان سۆز "ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ" ئۇيۇشتۇرۇلىشىدىن تارتىپ تاكى  جۇمھۇرىيەتنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىشىگىچە بولغان مەزگىلدە مەخسۇس دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ھەم پىلانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى  مەسلىھەتچىلىرى ۋە كونسوللىرى بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشلىرىغا ئاساسەن دېگۈدەك ئىشتىراك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.
    يالتا يىغىنىدا ستالىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدى؟
    تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا يالتا يىغىنى جەريانىدا 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ستالىن بىلەن ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ھەمدە بۇ ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى 11-فېۋرال كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ستالىن بۇنىڭ ئۈچۈن "تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاش، دالىيەننى سودا پورتى قىلىپ خەلقئارالاشتۇرۇش ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى لۈشۈن پورتىنى ھەربىي بازا قىلىپئىجارىگە ئېلىش. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى ئورتاق باشقۇرۇش شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىق ھوقۇقى ۋە جۇڭگونىڭ مانجۇرىيىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈش" قاتارلىق شەرتلەرنى قويۇپ، ئاخىرى رۇزۋېلت ۋە چېرچىلنىڭ قوشۇلۇشقا ئېرىشتى. نەتىجىدە، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار يالتا كېلىشىمىدىن ئورۇن ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1941-يىلى ياپونىيە بىلەن تۈزگەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلىپ، گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا ماقۇل بولدى. بۇ چاغ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشلىرى غەلىبىگە قاراپ مېڭىپ، ئۇرۇش لىنىيىسى ئاراللاردىن ئۆتۈپ، ياپونىيە زېمىنىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتاتتى، ئەگەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مانجۇرىيىدىكى ياپونىيىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلسا، بۇ پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تېزلىتىپلا قالماستىن بەلكى، ياپونىيىنىڭ تىنچ ئوكياندا تامامەن مەغلۇپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چىقىملىرىنى ئازلاتقىلى بولاتتى. ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگەندە، پۈتۈن دۇنيادا ئۇرۇش ئوتلىرىنى تولۇق ئۆچۈرۈپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. ئەلۋەتتە، شۇنى تەكىتلەش مۇمكىنكى، ئەگەردە تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىنىڭ تۆت يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ، تىنچ ئوكيان رايونىنى ئازاد قىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيىگە كىرىپ، ياپونىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ ياپونلار ئىشغالىيىتىدىن 1945-يىلى 8-ئايدا ئازاد بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەلكى، جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى يەنە قانچە يىللار داۋاملىشىشىنى پەرەز قىلىش تەس.
    يالتا يىغىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتىنىڭ بىرى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشسۇن، بەرىبىر ئاخىرقى ھېسابتا بۇ جۇڭگونىڭ چوڭ بىر دۆلەت بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. كېيىن، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ بولغاندىن كېيىن بەرىبىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەمدە ئىلگىرىكى چار رۇسىيىنىڭ ئازغىنا كەم بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت تىكلىگەن مانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى بىكار قىلىپ، بۇ جايدىن رۇس تەسىرىنى تازىلىۋەتتى خالاس!
    يالتا كېلىشىمىدىن كېيىنكى سوۋېت-جۇڭگو كۈرىشى
    ئەگەردە ئىلىدا قۇرۇلغان  جۇمھۇرىيەت مەسىلىسى يالتا يىغىنىدا مەخسۇس تۈردە مۇزاكىرە قىلىنمىدى دېگەندە، بۇنى ستالىننىڭ "مەزكۇر  جۇمھۇرىيەت مەسىلىسىنى" خەلقئارالاشتۇرماي، ئۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ يالتا كېلىشىمدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىلا ئىشلەتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەگەردە بۇ مەسىلە يالتا كېلىشىمىدە مۇزاكىرە قىلىنسا بەلكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆزلىگەن مەقسىتى ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىنى شۈبەىلەندۈرۈشى ھەتتا بۇ مەسىلىنىڭ خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن تونۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، چۈنكى، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقىنى، ھەتتا  جۇمھۇرىيەتنى ھەربىي-سىياسىي كادىرلار شۇنىڭدەك ھەربىي ئەسلىەەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەزەلدىنلا مەخپىي تۇتقانلىقى ئۈچۈن بەلكى بۇ مەسىلىنى مەزكۇر سورۇنغا ئېلىپ چىقماي، پەقەت ئۇنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىلا مۇزاكىرە قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب ۋە تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتنى ھەربىي ھەم سىياسىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى غەرب دىپلوماتلىرىغا بۇ ۋەقەنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئويناپ چىققان دەپ تەشۋىق قىلىشقا، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ھەمدە جۇڭگو مەركىزىي گېزىتلىرى بۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. چوڭچىڭدىكى غەرب دىپلوماتلىرى پەقەت جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارقىلىقلا "ئىلى ۋەقەسى" ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىلىرىمۇ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ئارقىلىق دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن "ئىلى ۋەقەسى" ھەققىدە قىسمەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇپ، ئۈرۈمچىگە كىرگۈزمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بەلكى، ئۈرۈمچىدە ئەشۇ غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ بارلىقى، ئەگەر ئىلى ئارمىيىسى ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېرىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى بولسا كېرەك.
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپتىلا كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاب قوزغاش پىلانىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان شۇنىڭدەك ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئەمەس، بەلكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن چېگرىسى بولمىغان، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم سوۋېت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى موڭغۇلىيە بىلەنلا چېگرىلىنىدىغان ئىلى، ئالتاي ۋادىسىدا قوزغىشى تەسادىپىي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى پەقەت ئالتاي ۋ تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقى دائىرىسىدىلا چەكلەپ، مەزكۇر جايغا جەنۇپ ۋە شىمال ياكى شەرقتىن ھېچقانداق غەيرى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرەلمەسلىكى ھەمدە ئۇچۇر ئىگىلىيەلمەسلىكىدەك ۋەزىيەت بەرپا قىلدى. بۇ خىل جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەم موسكۋانىڭ ئىنقىلابنى كېڭەيتىۋەتمەي، ئۆز قولىدا كونترول قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئەگەردە مۇتلەق كۆپ قىسىم نوپۇس ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان، تارىم ۋادىسى جۈملىدىن قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، ئىنقىلاب قوزغالسا ھەمدە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى غۇلجىنى ئەمەس بەلكى، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولغان بولسا، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر  جۇمھۇرىيەتنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ، ھەممە ئىشلارنى قامال قىلىشىنى:
    بىرىنچىدىن؛ قەشقەرىيە بىلەن قوشنا ئۇلۇغ بېرىتانىيىدىن ۋە باشقا مەملىكەتلەردىن يوشۇرالمايتتى. بۇ ئىش تېزدىنلا پۈتۈن دۇنياغا بىلىنىپ كېتەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشى بويىچە ئالغاندا بۇنىڭغا "ئىنگىلىزلار قول تىقىشى مۇمكىن ئىدى".
    ئىككىنچىدىن؛ بۇ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇنچە ئاسان يوق قىلالمايتتى شۇنىڭدەك بۇ ھۆكۈمەتنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالالمايتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىدىن قەشقەردە 1933-1937-يىللىرى موسكۋا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىدىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەسلىك ۋە قارشىلىق ئىدىيىلىرى مەۋجۇت.
    ئۈچىنچىدىن؛ بۇ جايدىكى مىللىي تەركىپ شىمالدىن پەرقلىق بولۇپ، قەشقەرىيە تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار% 90 تىن ئارتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا رۇسلارنىڭ بىۋاسىتە مەدەنىيەت ھەم سىياسىي تەسىرىگە ئۇچرىغان تاتارلار ھەم رۇس كۆچمەنلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئاز ساندىكى قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەر شۇنىڭدەك تۇڭگانلارنىڭ ئىنقىلابقا قاتنىشىشى ئەمما، مۇھىم سالماقنى ئىگىلىيەلمەسلىكى تەبىئىي ئىدى. بىراق، ئىلىدىكى  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي رەھبىرىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا سوۋېت تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىنقىلابنى كونترول قىلىشتا باشقا مىللىي تەركىپلەردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى.
    تۆتىنچىدىن؛ قەشقەرىيىدىكى ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولغاچقا بۇ جاي ئەزەلدىنلا ئىسلام دۇنياسى بىلەن مەنىۋى باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ كەلگەن. ئىسلام دىنىي ئېتىقادى ھەم مىللىي مەدەنىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولۇشتىن سىرت بۇ جايدا سوۋېت تەسىرىدىن باشقا يەنە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەسىرى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي تەسىرلىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئېدىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، كوممۇنىزمغا قارشى پىكىرلەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىسلامىي گۈللىنىش، تۈركچىلىك پىكىرلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرى مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، موسكۋا 1943-يىلى "شىنجاڭدا" شېڭ شىسەيگە قارشى ھەرىكەت قوزغاش ئىستراتېگىيىسىنى تۈزگەندە، شىمال بىلەن جەنۇبنى سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاخىرى ئىلى ۋادىسىنى بازا قىلىشنى تاللىۋالغان ئىدى[ 19 ].
    يالتا كېلىشىمىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوۋ جۇڭگو ۋە غەرب دىپلوماتلىرىغا ئىلى ۋەقەسىنىڭ " تېز ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى" كۆرسەتكەن بولسىمۇ[ 20 ]، لېكىن، موسكۋا بەرىبىر مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قوزغاپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب ستالىن بۇنى جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنى يالتا كېلىشىمىدىكى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ھەم باشقا بىر قاتار شەرتلەرگە ماقۇل كېلىشكە قىستاشتىكى بىر ۋاسىتە قىلغان بولۇپ، موسكۋا ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى چېكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەسلىدىنلا بېكىتىپ بولغان بولۇپ، پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى موسكۋانىڭ يالتا كېلىشىمىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان شەرتلىرىگە كۆندۈرۈشكىچە بولغان ئارىلىقنى چەك قىلغان ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىرىنچىدىن "شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى"نىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئىككىنچىدىن بۇ ھۆكۈمەتنى خەلقئارا جەمىيەتتىن خۇپىيانە تۇتۇپ، ئۇنىڭ خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇ ۋەجىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، دەرھال بارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ھەمدە ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەر تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋا  مەسلىھەتچىلىرى مەزكۇر  جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى قۇرۇشىنى قوللىمىغان.  جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت  مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارغا ھازىرچە بۇنداق مىنىسىتىرلىقنى قۇرۇشنىڭ تېخى ۋاقتى كەلمىگەنلىكىنى، كېيىن تولۇق غەلىبىدىن كېيىن ئۇنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، موسكۋاغا قاتتىق ئىشەنگەن  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بۇنىڭغا ماقۇل بولغان[ 21 ].

    ستالىن رازۋېتكىسى ئىنقىلابنى خەلقئارالاشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئىشلىدى
    تارىخىي پاكىتلار بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلانغان نەق ئارخىپ ماتېرىياللىرى كۆرسەتتىكى، موسكۋا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ھەمدە بۇ  جۇمھۇرىيەت دائىرىسىگە باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، ھەتتا  جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ھەمدە كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئارزۇسىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى قامال قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس رازۋېدكا خادىملىرىنى ئىشقا سالغان.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىلىرىدە ھەربىي- سىياسىي تەشكىللەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغانىدى سىرت يەنە تاشكەنت ۋە ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىشقا سېلىپ، “شەرق ھەقىقىتى” ۋە “قازاق ئېلى” قاتارلىق ژۇرناللارنى نەشر قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە باشقا رايونلارغا كىرگۈزگەن[ 22 ]. بۇ ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققە ئۈندەيدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ھالىتى ھەمدە تارىخىي ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ماقالىلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1943-1944-يىللىرىدا مەزكۇر ژۇرناللار ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىغا تارقالغان. مەزكۇر ژۇرناللارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە تەھرىرلىرى ھەم ئاپتورلىرى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا رۇزىباقىيېفنىڭ ئىنىسى ئابدۇمېجىت رۇزىباقىيېف، سىياسىي ئەرباب تۇرسۇن رەھىموف، ۋە ئاتاقلىق شائىر قادىر ھەسەنوپ ھەمدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئەرشىدىن ھىدايەتوف ۋە باشقىلار ئىدى[ 24 ]. شەرق ھەقىقىتى ژۇرنىلىنى ئالدى بىلەن ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر سىياسىيونى تۇرسۇن رەخىموپ باشقۇردى. 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا  جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن تۇرسۇن رەخىموپ موسكۋاغا چاقىرتىلىپ، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلى ئىنقىلابى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ھەتتا، بەزى ئېنىقسىز ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئادەم مەخپىي رەۋىشتە غۇلجىغا بىر قانچە قېتىم كېلىپ كەتكەن ئىكەن. تۇرسۇن رەخىموپتىن كېيىن بۇ ژۇرنالنى تارىخچى ئەرشىدىن ھىدايەتوپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف باشقۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مەخپىي كىرگەن مەزكۇر ژۇرناللاردىكى تارىخىي، سىياسىي ماقالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىدىن يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ۋە تۇرسۇن قاھارى قاتارلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جۇرناللارنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بىلىم ئالغانلىقى ۋە گومىنداڭغا قارشى ھېسسىياتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سەيدۇللا سەيفۇللايېفنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالمۇتا ئەتراپىدا فاتىخ باتۇر، سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ھەربىي-سىياسىي كۇرس ئېچىلىپ، تەييارلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدا 30-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىلەردىن ئىسەاقبەگ مۇنونوپ، رازاق مەۋلانوپ (مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق 300 نەچچە ئادەمنىڭ قاتىلى) قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقى ھەم قاتنىشىشى ئاستىدا "باتۇر"، "بۇيگى" ناملىق ئىككى مەخپىي قوراللىق ئەترەت قۇرۇلۇپ، ھەربىي-تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ گۇرۇپپىلار سوۋېت ك گ ب سى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى[25].
    ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنقىلاب قوزغاش ئىشى 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ستالىن، بېرىيا، مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان[ 26 ]. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسۇل رەھبىرى بېرىيا ئاساسلىق ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىدىن ئىلگىرىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلىرىدىكى كونسۇللىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى كەيپىياتلارنى كۆزەتكەن ھەمدە مەخسۇس ماتېرىيال توپلاپ ۋە يەرلىك ئىنقىلابىي پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارغا ئىلەام بېرىش ھەم تەشكىللەش ئېلىپ بارغان ئىدى.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلاب قوزغاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان، ئالتاي تەۋەسىدە ئوسمان باتۇر باشچىلىقىدا قازاقلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭلىرى ھېچ تىنچىمىغان ئىدى. ئىلى ۋادىسىدا غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا يەرلىك خەلقلەر بىلەن خەنزۇ ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەت يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، خەلقنىڭ گومىنداڭ ھەربىيلىرى ۋە بىيوكراتلىرىغا بولغان غەزىپى قايناپ تاشقان بولۇپ، شېڭ شىسەينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ۋە باستۇرۇشلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەممە مىللەتنىڭ خەنزۇ ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىگە بولغان نەپرىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. گومىنداڭ ھوقۇقنى قولغان ئالغاندىن كېيىن، ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق دېگۈدەك ھەربىي-مەمۇرىي ھوقۇقلار خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن دەسلەپكى چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆلكىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلاردىن خوجا نىياز ھاجىم مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن سىرت يۇنۇس بەگ، ئابدۇراخمان، تاھىربەگ، ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىق خېلى كۆپ بىر قىسىم كىشىلەرگە ، قازاقلاردىن شەرىپخان، تۇڭگانلاردىن ماشاۋۋۇ ، قىرغىزلاردىن ئىسھاق بەگ قاتارلىقلارغا نازىرلىق، قوماندانلىق، ۋالىيلىق ھەم ھاكىملىققا ئوخشاش تۈرلۈك رەھبىرى ۋەزىپىلەر بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدىكى زور يېڭىلىق ئىدى. ئەمما، 1937-1938-يىلللىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈردى شۇنىڭدەك ھەر قايسى رەھبەرلىك ئورۇنلىرىدىكى مىللىي باشلىقلار ۋە زىيالىيلار قوشۇنى تازىلاندى. نەتىجىدە، 1943-1944- يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. يازغۇچى زوردۇن سابىرى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ “ئانا يۇرت” رومانىدا ناھايىتى ئېنىق تەسۋىرلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شاھىدلاردىن مەرھۇم سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ[27]، زىيا سەمەدى[28] ۋە باشقىلارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تەپسىلى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ئەمگەكلىرى ۋە باشقا تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا 1943- 1944-يىللىرى، ئىنقىلاب پارتلاشنىڭ ھارپىسىدا غۇلجىدىكى مىللىي زىددىيەت شۇ دەرىجىدە ئەۋجىگە چىققانكى، گومىڭداڭ ئۇچقۇچى ئوفىتسېرلىرى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىز- ئاياللىرىغا خالىغانچە باسقۇنچلىلىق قىلىدىغان، خەنزۇ ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى يەرلىك خەلقلەرنى قىلچە كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق نارازىلىقلار ئىلى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق غەزىپىنى قوزغاپ، 1943-يىللىرىدىن باشلاپ غۇلجىدا مەخپىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئىشلىرى باشلانغان.
    ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ھەربىي نازارىتىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك ئوفىتسېرى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سېكرىتارى ماخمۇت پارماشېفنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئىلىدىكى جۈملىدىن غۇلجىدىكى ئىنقىلابنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قوزغىغان. 1943-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، 1944-يىلىنىڭ باشلىرىدا غۇلجا شەھىرىدىكى مەھەللىلەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ "چوغ"، "غۇنچە" ناملىق يەر ئاستى تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ بولغان[ 29 ]. دېمەك، "ئازادلىق" تەشكىلاتىنى قۇرۇش تەكلىپىنى سوۋەت رازۋېتچىكلىرى ئەنە شۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ تەييارلىنىپ قالغانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرە، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم، سالىەجان باي، ئابدۇكەرىم ئابباسوپ قاتارلىق كىشىلەرگە بەرگەن ئىكەن. مەزكۇر ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە غۇلجىدىكى سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا خادىمى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوپ ۋە يەنە بىر نەپەر پولات ئىسىملىك ئۆزبېك كىشى ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان[ 30 ].
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى ۋە تارباغاتايدا باشلىنىش ئالدىدىكى ئىنقىلابنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۇنى تەشكىللەش ۋە ئۇلغايتىش ئۈچۈن نىلقا ۋە غۇلجا قوزغىلاڭلىرىدىن ئىلگىرىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى( ن ك ۋ د، كېيىنكى ك گ ب) تەرىپىدىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە قورغاستا ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. ن ك ۋ د نىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، لېكىن مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە تارقالغان ئىدى[ 31 ]. ئۇيغۇر دىيارىدىكى سوۋېت ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ئېگناروپ بولۇپ[ 32 ]، بۇ ئادەم كېيىن ئەلىخان تۆرىگە  مەسلىھەتچىلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى بىر تەرەپتىن غۇلجىدىكى 1- ۋە 2- نومۇرلۇق ئۆينىڭ باش رەھبىرى بولغان.  جۇمھۇرىيەتكە ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن  مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان 1-2-نومۇرلۇق ئۆيلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى  جۇمھۇرىيەتنى رازۋېتكا قىلىش بولۇپ، گېنېرال ئېگناروۋ ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتىلغان پۈتۈن رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسۇل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىغا ئۆزلىرىنى تاتار دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زىچ ئارىلىشىپ كەتكەن پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى سوۋېت رازۋىتچىكلىرى (جاسۇسلىرى) باشقۇرت مىللىتىدىن بولغان ئەلى مەمەدوف، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ يەرلىك ئۇيغۇر، قىرغىز تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن رۇسلاردىن ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوپ ( ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىسكەندەر) ۋە پېتر ساۋىن ( زاكىر ئەپەندى) قاتارلىق ئۈچ كىشى ئەڭ داڭلىق رازۋېتچىكلاردىن ئىدى. ئۇلار 1933-1937- يىللاردىمۇ جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەلى مەمەدوپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەلى ئەپەندى دەپ تونۇلغان ئۇ بىر مەزگىل شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ  مەسلىھەتچىسى بولۇپ، پۈتۈن رازۋېتكا ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇ بىۋاسىتە گېنېرال ئېگناروپقا بويسۇناتتى. زاكىر ئەپەندى بولسا، ھەربىي رازۋېتكىنى كونترول قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىسسىق كۆل بويىدا تەشكىللەنگەن "باتۇر" ناملىق قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئىسھاق بەگ مۇنونوپ رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ تەركىبىدە 1937-يىلى قەشقەردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب ئوفىتسېرى راززاق مەۋلانوپ قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. زاكىر ئاقسۇغا چۈشكەن قوشۇننىڭ ھەربىي  مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان قوشۇننى كونترول قىلغان بولۇپ، بۇ غۇلجىدىكى ئىسكەندەر ۋە ئېگناروپلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ تۇراتتى. ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقىنىمۇ زاكىر بىلەن ئىسكەندەر يەتكۈزگەن[ 32 ]. ئەنە شۇ سوۋېت جاسۇسلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن ئەلىخان تۆرىنىڭ پودپولكوۋنىك سوپاخۇن قاتارلىق باشقا ئۇيغۇر رەھبىرى خادىملارغا ئىلىغا چېكىنمەي، داۋاملىق ئاقسۇدا جەڭ قىلىپ، ئۇرۇشنى جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىش ھەققىدىكى ئىككى پارچە مەخپىي خېتى غۇلجىدىكى 2- نومۇرلۇق ئۆينىڭ قوماندانى گېنېرال ئېگناروپنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ[ 33 ]. ئېگناروپ بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە موسكۋاغا ئۇچۇر يوللايدۇ. قىسقىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئاقسۇدىن چېكىنمەي، ئىنقىلاب ئوتىنى پۈتۈن جەنۇبقا تۇتاشتۇرۇپ، ستالىننىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇلۇپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. بۇ ھەقتە مىللىي قەھرىمان مەرھۇم سوپاخۇن ئاكا 90-يىللاردا مۇئەللىپكە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا زاكىرنىڭ كېيىن سوپاخۇن ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئۇنىڭ ئاجايىپ قەھرىمان ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىپ، ئۇنىڭ سوۋېتلىك  مەسلىھەتچىلەر (زاكىرنىڭ)نىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن[ 34 ].