-
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(2) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
1-شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە يول قويماي، ئەكسىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ، بۇ جاينى رۇس تەسىرى ئاستىدىكى رايون قىلىش يەنى تېررىتورىيىلىك ھوقۇق جەھەتتىن جۇڭگونىڭ قولىدا قالدۇرۇش، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇتۇش، ئۈچىنچى بىر دۆلەت كۈچىنى بۇ يەرگە كىرگۈزمەسلىك .
2-بۇ رايوندا مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى بەرپا قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى موڭغۇلىيە ھەم باشقىلارغا ئوخشاش كرېمىلنىڭ تەسىرى ۋە ھىمايىسى ئاستىدىكى بىر قورچاق دۆلەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن كرېمىلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسى ۋە باشقا كېرەكلىك نۇقتىلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش.
3-بۇ رايوننى قوراللىق يول بىلەن ئاشكارا بېسىۋېلىپ، رۇسىيىنىڭ بىر گۇبېرنىيىسى ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قىلىش.
مەزكۇر ئۈچ خىل نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىرى ئارىسىدىكى كۈرەشمۇ ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، بۇنڭ ئىچىدىكى 3- نۇقتا چار پادىشاھ دەۋرىدىلا ئاساسىي جەھەتتىن سەپتىن قېلىپ، يۇقۇرىدىكى ئىككى نۇقتىئىنەزەر دائىملىق تالىشىش مەركىزى بولۇپ كەلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەرھۇم تۇرسۇن سادىقوپنىڭ ئېيتىشىچە: رۇسىيىنىڭ ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى بەلگىلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزكۇر ئىككى نۇقتا ئارىسىدا بىرىنچى خىل نۇقتىئىنەزەر دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، دۆلەت سىياسىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى {19}. ئۇيغۇر مەسىلىسى باشتىن-ئاخىرى سوۋېت – جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشتەك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، 1924-يىلى سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا تۇنجى كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، موسكۋا تۈركىستان تەۋەسىدىكى جۇڭگوغا قارشى كەيپىياتتىكى ھەرقانداق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلىدى ھەتتا سوۋېت كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى "شىنجاڭ"دا تەشكىلاتچىلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، "شىنجاڭنى ياكى بۇنىڭ مەلۇم قىسىمىنى جۇڭگودىن ئايرىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە تەشۋىقاتنى پۈتۈنلەي زىيانلىق دەپ قاراش"نى قارار قىلدى {20}
3. تەقدىردىكى ئوخشاشلىقلار
1917-يىلىدىكى رۇسىيىنىڭ فېۋرال ئىنقىلابىدا پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بولشېۋىكلەر بىلەن بۇرژۇئا دېموكراتلىرى ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلەشتى. چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشى بۇ كونا ئىمپېرىيىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنى تالىشىدىغان تۈرلۈك سىياسىي ئېقىملار ۋە پارتىيىلەرنى مەيدانغان كەلتۈردى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئىدىل (ۋولگا)-ئۇرال بويلىرىدىن تارتىپ، تاكى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان بىپايان زېمىندىكى رۇس مۇستەملىكىسىنىڭ ئازابىنى تارتقان خەلقلەر مۇستەقىللىق يولىنى تۇتۇپ، ئىلگىرى-كېيىن تۈرلۈك پارتىيە ۋە سىياسىي گۇرۇھلارنى شەكىللەندۈردى.
ئالدى بىلەن قىرىملىق ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ مەدەنىيەت گۈللىنىش ۋە جەدىدچىلىك ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان "بالقاندىن جۇڭگوغىچە" بولغان بىپايان زېمىندىكى تۈركىي خەلقلەرنى بىر ئورتاق سىياسىي ۋە ئورتاق تىل شارائىتىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈش ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان قىرىملىق تاتار زىيالىيلىرى "ياش تاتار پارتىيىسى" ناملىق سىياسىي تەشكىلات ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، پەقەت مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتىن ئويغۇنۇشنىڭلا بىر مىللەت ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مىلەەقىقىيبۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن قىلغاندىلا ھەقىقى مەنىدىكى قۇتۇلۇش ۋە گۈللىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەم كاپالىتى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. ياش تاتار پارتىيىسى 1917-يىلى 2-ئايدا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنج بولۇپ، "مىللىي پىرقە"پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالماقچى بولدى. بۇ پارتىيە 1917-يىلى 5- ئايدا يەنە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قىرىم تاتار ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە ئاساسىي قانۇننى بەلگىلىدى. لېكىن، 1920-يىلى سوۋېت رۇسىيىسى قىرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، تاتار مىللەتچىلىرى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدىكى قىرىم سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى ھەمدە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، تاتار مىللەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك جازالىدى. قىرىم تاتارلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، ھەتتا 1944-يىلىغاكەلگەندە ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاندى خالاس . {21}
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە قازاننى ئاساس قىلغان ۋولگا( ئىدىل)-ئۇرال بويىدىمۇ تاتارلار ۋە باشقىرىتلارنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەم سىياسىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈش ھەرىكىتى جانلانغان بولسىمۇ، لېكىن تاتار-باشقىرت مىللەتچىلىرى ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىرى "سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش" بولۇپ ئۇلارنىڭ تەرەپداپلىرى بىرلىككە كەلگەن بۇرژۇئازىيە ۋەكىللىكىدىكى رۇسىيە تەۋەسىدە قېلىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇختارىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بىر گۇرۇپپا فېدېراتسىيىچىلىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ۋولگا-ئۇرال دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى زېمىن جەھەتتىن مۇستەقىل قىلىش ئەمما، رۇسىيە بىلەن يەنىلا فېدېراتسىيىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى {22}. بۇ گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كۆپلىگەن مىللەتچىلەر كېيىن بولشېۋىكلەر پارتىيىسىگە كىرىپ، بولشېۋىكلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ياردەملىشىشى نەتىجىسىدە 1920-يىلى 27-مايدا تاتارىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئەمما، بۇ بىر قىسىم تاتار زىيالىيلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولغان بىلەن ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ، ئۇلار موسكۋانىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۆلەتچىلىكىنى قايتىدىن تۈزۈش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشلارنى قانات يايدۇردى. مىرسەيىد سۇلتان غالىيېۋ رەھبەرلىكىدىكى تاتار مىللەتچىلىرى ئىدىل – ئۇرال، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تۈركىي-مۇسۇلمانلار جايلاشقان رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۇران دۆلىتى قۇرۇشنى شۇنىڭدەك يەنە بۇ رايوندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆز ئالدىغا "مۇسۇلمان كوممۇنىستلار پارتىيىسىنى" قۇرۇپ {23}، سوتسىيالىزىم دۇنياسىنى تۈركىي-مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسىدىن مۇستەسنا بىر ئايرىم پارتىيە بولۇش سالاھىيىتىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى، 1928-يىلى ھاكىمىيەتنى تولۇق مۇستەھكەملىۋالغان موسكۋا سۇلتان غالىيېۋ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر مىللەتچى كوممۇنىستلارنى بىراقلا تازىلاپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ئۆلۈمگە، سۈرگۈنگە ۋە تۈرمىگە مەھكۇم قىلدى. سۇلتان غالىيېۋ ئىجاد قىلغان "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى پارتىيىسى" دېگەن بۇ غەيرى سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك سىياسىي ئاتالغۇلار لۇغىتىدىن غايىپ بولدى. چۈنكى، تاكى 1924-يىلىغىچە موسكۋا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى" دېگەنئاتالغۇلارنى كەڭ ئىشلەتكەن ئىدى.
قىسقىسى، ئىدىل-ئۇرال بويىدىكى موسكۋا بىلەن ئوخشاشلىققا ۋە ياكى قىسمەن پەرقلەرگە ئىگە بولغان تاتار-باشقرىت مىللەتچىلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل ئۇسۇلدىكى شۇنىڭدەك ھەر خىل پىكىر ئېقىمىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىنىپ زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولدى . شۇنىڭغا ئوخشاشلا، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى غەربىي تۈركىستانغىمۇ ئازادلىق ئىشەنچىسىنى ئېلىپ كەلدى. ياش تۈركلەر پارتىيىسىنىڭ تەسىرىنى ئالغان شۇنىڭدەك روسىيىنىڭ 1905-يىلىدىكى مۇنارخىزىمغا قارشى دېكابىرچىلار ھەرىكىتى ھەمدە رۇسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشىدا رۇسىيىنىڭ يېڭىلىشىدەك بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان تۈركىستانلىقلار ئىلگىرى كېيىن ئاشكارا ھەم مەخپىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، مىللىي ئويغىنىش تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇردى ھەمدە "ياش بۇخارالىقلار پارتىيىسى"، "ياش خىۋەلىكلەر پارتىيىسى"نى قۇردى. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1917-يىلى 5- ئايدا ئۇلار تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، تۇنجى مۇستەقىل ھۆكۈمەت مىللىي مەجلىسنى تەسىس قىلدى. 1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ مەجلىس ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن قوقاندا تۈركىستان مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلدى. "قوقان ئاپتونومىيىسى "دەپ ئاتالغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ، ئۇ 1919-يىلى تاشكەنتتىكى سوۋېتلەر ئەۋەتكەن قوراللىق كۈچ تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلدى ۋە قوقان ئىنقىلابچىلىرى دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى {24}
يەتتە سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاق-قىرغىز رايونلىرىدىمۇ چار رۇسىيىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، 1916-يىلى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. چار پادىشاھ يىقىلغاندىن كېيىن بولسا، قازاق زىيالىيلىرى "ئالاش ئوردا" ناملىق ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پارتىيە قۇرۇپ، ئورىنبۇرگ، ئۇرال ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىدا ھەركەت قىلدى. بۇ پارتىيە دەسلىۋىدە قىزىللارغا قارشى كازاكلار بىلەن بىرلىشىپ، بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغان بولسا، 1919-يىلىدىن كېيىن بولشېۋىكلارنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلار تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزدى. بولشېۋىكلار قازاقلارغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشكە رازى بولدى ھەمدە شۇ يىلى رۇسىيە تەۋەسىدە قازاق سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، رۇس كوممۇنىستلىرى ئالاش ئوردىچىلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا قازاق تۇپراقلىرىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، قازاق-قىرغىز مىللەتچىلىرىنى بىر-بىرلەپ تازىلىدى خالاس {25} بۇ مەزگىلدە يەنە خارەزىم رايونىدا خىۋە خانلىقى، بۇخارا رايونىدا بۇخارا ئەمىرلىكى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چار رۇسىيىنىڭ ھامىلىقى ئاستىدا ئىدى. 1919-يىلى ۋولگا بويىدا جەڭ قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى لېنىننىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، ئىلگىرى كېيىن خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقلىرىنى يوقاتتى. بۇ خانلىقلار ئىلگىرى-ئاخىر خارەزىم خەلق جۇمھۇرىيىتى( 1919-يىلى )، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ( 1920-يىلى)گە ئۆزگەرتىلدى. گەرچە، سوۋېت روسىيىسى زور غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيە قاتارلىق تۈركىي-مۇسۇلمانلار رايونىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئىچكى ھەم تاشقى تەھدىدلەردىن خالى بولالمىدى. گەرچە، ياش بۇخارالىقلار، ياش خىۋەلىكلەر ھەم باشقا مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ بىر قىسىمى بولشېۋىكلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىستاندىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىدە يۇقىرى لاۋازىمەتلىك ئورۇنلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار لېنىننىڭ ئىنقىلاب غەلبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان "چار رۇسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خالىسا فېدېراتسىيىلىك ھاكىمىيەتتىن چىقىپ كېتىپ، ئۆز مىللىي مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بار" دېگەن شوئارىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا يېنىۋالغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭدىن سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى سېزىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە پەرغانە ۋادىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئىسلامىي غازات شۇئارىدىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى پارتلاپ، پارتىزانلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىش بىلەن بەزى شەھەرلەر، قىشلاقلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. موسكۋا ھۆكۈمىتى بۇ كۈچنى يوقىتىش ئۈچۈن فرۇنزېنىڭ باشچىلىقىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئىشقا سالدى. دېمەك، ئاتالمىش "باسمىچىلار ھەرىكىتى" ھەمدە ئىدىل-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچۈيۈۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغان لېنىن رۇسىيىسى 1919-يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۈركچىلىك پىكىرىدىكىلەرنى قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى. ئاخىرىدا ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك مىللەت رەھبەرلىرى ۋە زىيالىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن تۈركىستاننى پارچىلاپ، 1924-يىلىدىن باشلاپ، تاكى 1936-يىلىغىچە ئوزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇنى "ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي چېگرىلارنى ئايرىش ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش سىياسىتى" دەپ ئاتىدى، شۇنىڭدەك "تۈركىستان" ئىبارىسىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتالغۇسىنى ئومۇملاشتۇردى ھەمدە ئومۇمىي يۈزلۈك پانتۈركىزمغا قارشى ھەركەت باشلىدى.
لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى پۈتۈن سابىق چار پادىشاھ مۇستەملىكىلىرىنى تولۇق ئىدارە ئاستىغا ئېلىپ، بۇ جايلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي سىياسىي ھوقۇقلىرى ئېتىراپ قىلىنغاندەك ھالەتنى بىلدۈرىدىغان تۈرلۈك ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇپ، ھوقۇقنى موسكۋاغا مەركەزلەشتۈرۇش بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە "پرولېتارىيات ئىنقىلابى شوئارى"، "ئېزىلگەن خەلقلەرنى ئازاد قىلىش" شۇئارى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. بىراق، دەسلىۋىدە بۇ جايدا ئىنقىلاب قوزغاشنى مۇۋاپىق تاپقان سوۋېت رۇسىيىسى ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىيونالنىڭ باشلىقى رۇگزۇكتاكنىڭ "قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش" لايىھىسىنى 1921-يىلى مەخسۇس كومىسسىيە تەشكىللەپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلىپ، بۇ پىلاندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى. بۇ قارارغا لېنىن بىۋاستە ئارىلاشقان ئىدى {26}. ئومۇمەن، 1917-يىلىدىن ئېتىبارەن يەتتە سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەر پەيدا بولدى ۋە كۈنسايىن كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن دۇنيا تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا مىقياسىدا داۋاملاشقان بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئازادلىق كۇرەشلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىزدىدى.
ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ھەم خارابلاشقان تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئىدېئولوگىيىلىرى مەسىلەن: "كوممۇنىزىم"، "تۈركچىلىك"، "ئىسلامىي گۈللىنىش"، "مىللىي ئازادلىق" ۋە "جەدىدچىلىك" ھەم باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەر خىل سەۋىيىدە ئۆز تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرىپ، بۇلارنى مىللىي ھۆرلۈك كۈرەشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. گەرچە، بۇ ئىدىيىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئۆزئارا ئورنىنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزئارا كۈرەشلەرگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە سەۋەب بولدى. ھەر قايسى ئىدىيىلەرنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئۆزلىرى ئىشەنگەن يول بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىدىيىلىرىگە سادىق بولدى. بۇنداق مەپكۈرىۋى توقۇنۇشلار دەسلەپتە بۇخارا، ئىستامبۇل، قازان قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللا، مەسئۇد سەبىرى، قۇتلۇق شەۋقى، جىرجىس ھاجى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تاشقى دۇنيانى كۆرگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېۋلار ۋە مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىق ئۇيغۇر بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئۆزارا بىرلىشىپ، ئۆز ۋەتىنىدە يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئېچىپ، يېڭى مەدەنىيەت-مائارىپ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئۆمەرباي قاتارلىق جاھىللار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رەۋىشتە ئىپادىلەندى. ياڭ زېڭشىڭ قاتارلىق مىللىتارىستلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بۇ يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئاڭنىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن جاھىللار گۇرۇھى ئارىسىدىكى كۈرەشتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلاندى ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى. ياڭ زېڭشىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ سانى يەتتە مىڭغا يەتمەيدىغان ئەپيۇنكەش ئەسكەرلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ھىلە-نەيرەڭلىك سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە "نادانلاشتۇرۇش"، "دۆتلەشتۈرۈش" شۇنىڭدەك ياتلارنى ياتلارنىڭ قولى ئارقىلىق باشقۇرۇش" ۋە باشقا بىر قاتار سىياسىي تاكتىكىلىرى بىلەن 17 يىل ئىدارە قىلدى. نادانلىق، جاھالەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۆز خەلقى ئىچىدىن چىققان ئاڭلىق، كۆزى ئېچىلغان زاتلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەمەس، بەلكى ياڭ زېڭشىڭنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، يۇرتنىڭ ئاق ساقىلى بولۇۋالغان بىر قىسىم، شەخسىيەتچى جاھىل بايلار ھەمدە دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان نادان خۇراپىي ئۇنسۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرىدى. ئابدۇقادىر داموللامدەك ھەقىقى تەرەققىيپەرۋەر ئىسلام ئالىملىرى بولسا چەتكە قېقىلدى ھەتتا ئۆلتۈرۈلدى. بۇ جاھىللار گۇرۇھى ياڭ زېڭشىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى كەڭ تەرغىپ قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، يۇرتنى ئىدارە قىلىپ، ئۆز خەلقىنى قۇللۇققا مەھكۇم قىلدى. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان شۇنچىلىك پاجىئەلىك قىسمەت شۇكى، ئەنە شۇ گۇرۇھلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ياڭ زېڭشىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ناھىيىلەرنى 17 يىل تىنچ ۋە قارشىلىقسىز ئىدارە قىلالىدى. ئادەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھاكىم ۋە ساقچى باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە خەنزۇ پۇقرادىن باشقا كۈچلۈك ھەربىي ۋە ساقچى قوشۇنى بولمىغان ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىغا نەچچە يۈز مىڭ نوپۇسلۇق ئۇيغۇر خەلقى شەرتسىز بويسۇنۇشقا، ھەتتا خىتاي ئەمەلدارى كوچىغا چىقسا، كوچىدىكى ئادەملەر توپ-توپى بىلەن يۈكۈنۈپ تازىم قىلىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. قىسقىسى پۈتۈن بىر ناھىيىنى پەقەت بىر خىتاي ھاكىم ئۆزى تەنەا باشقۇراتتى ھەمدە يانچۇقى پۇلغا تولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىرسى كېلەتتى. ئەگەر كىمكى، سەل ئويغۇنۇپ، بۇنىڭغا قارشى چىقسا يۇرت ئاقساقاللىرى بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى تۇتۇپ، خىتاي ئەمەلدارىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، كاللىسىنى ئالغۇزاتتى. بۇ ھەقتە -20 ئەسىرنىڭ 10-20-يىللىرىدا قەشقەرگە كەلگەن تۈركىيىلىك مائارىپچى ئەخمەت كامال ئىلقۇل ۋە شىۋىتسىيىلىك دىپلومات گۇننار يارىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بايانلىرىغا قاراش مۇمكىن.
قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن چار روسىيىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئەتمەكچى بولغان "تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى"نىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيىسى ھۈسەيىن تارانوپ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بولشېۋىكلارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى تىكلەشنى غايە قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېۋچىلار بىر مەيدان كۈرەشنى باشلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، يەتتە سۇ ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قانچە يىل تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى يەنى بۇ ئىككى شىۋىنىڭ قايسىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى قىلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تارانچىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەتكە تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە داۋاملاشتى. {27} 1934-يىلى بولسا بۇ جىدەلدىن شېڭ شىسەي پايدىلىنىپ، تارانچىلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ چىقىپ، باشقا مىللەت قىلىپ بېكىتتى.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل-ئۇرال بويىدىكى تۈركىي قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يوللىرى جەريانىدا دۇچار بولغان ئوخشاش تەقدىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئۇلارنىڭ مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يول ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى بىلەن بىر قانچە قارىمۇ-قارشى گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئۆز رەقىپلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن بەلكى، دائىم ئۆزلىرى قارشى تۇرغان ھۆكۈمرانلار بىلەن بىرلىشىشتەك، سۈلەىچىلىك يولىنى تۇتقان گۇرۇپپىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پاجىئەلىك بولۇشىدۇر. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك رۇسىيە بولشېۋىكلىرى ئوزبېك، قىرغىز، قازاق، تاتار ۋە » باشقۇرت ھەم ئازەرى قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئىچىدىكى سۈلەىچىلىك پىكىردىكى گۇرۇھلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق باشقا قەتئىيلىك تەرەپدارلىرىغا زەربە بەردى. ئەمما، ھاكىمىيەتنى تولۇق ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىرمۇ-بىر جازالىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ 1912-يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپىدىن باشلانغان 20- ئەسىر ئىنقىلابلىرىمۇ دەل شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، 30- يىللاردىكى خوجا نىياز ھاجىم، 40-يىللاردىكى ئەخمەتجان قاسىمى، مەسۇد سەبىرى قاتارلىق "ئۈچ ئەپەندىلەر" ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. ھەر قايسى ئېقىمغا مەنسۇپ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى تاكى 1949- يىلىغىچە ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە ئېتىقاد قىلغان يوللارنى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا بىر-بىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەيلى تۈركچىلىك ئىدىيىسىنى ئاساسىي قورال قىلغان جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مۇختارىيىتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئۈچ ئەپەندى باشلىق "كونسېرىۋاتىپلار" بولسۇن ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رۇسلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان "رادىكاللار" {28} بولسۇن ۋە ياكى بۇ ئىككى ئىدىيىنىڭ ھېچ قايسىسىغا قوشۇلماي ئوتتۇرا يولنى تاللىغان ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇم قاتارلىقلار بولسۇن بەرىبىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس ئىدى، بەلكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىنتىلىش، خەلقارا سىياسىي ئېقىملارنى ۋە ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن چىقارغان خۇلاسىلىرى ئىدى. ئۆزئارا مۇنداق پىكىر ئېقىملىرىغا بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا كۈرەش قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردىكىدەك شەكىلدە ھەم مەۋقەدە مەۋجۇت بولسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولار ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پىكىر ئېقىملىرىنى ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاللىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزارا زىددىيەتلىشىپ ھەتتا بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىشىگە، ئۇيغۇرلارنى ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ تۈلكىسى دەپ ئاتالغان ئاتاقلىق دىپلومات جاڭ جىجۇڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ شۇنىڭدەك مەيلى كونسېرىۋاتىپلار بولسۇن ۋە ياكى رادىكاللار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ يەنىلا مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .{29}
قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، 20-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە ياۋرو-ئاسىيادا يۈز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر ھەم ئىدېئولىگىيىلىك توقۇنۇشلاردا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ۋە غايىسىنى دۇنياغا بىلدۈردى. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ئۆزلىرى ئىشەنگەن سىياسىي ئىدىيە ۋە ئېقىملار شۇنىڭدەك كۈرەش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاخىرقى ئورتاق مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇرۇندى ۋە بۇ ئورتاق غايە ھەم مەقسەتلىرى ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىدى.
خۇلاسە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك سىياسى تارىخىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرەشلىرىدە رەقىبلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە جىسمانىي جەھەتتىن يېڭىلگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ رەقىبلىرىنىڭ غالىپ چىقىشى كۆپىنچە ھالدا بۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاشقى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى قامال قىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئخچكى نىزالار، رايونلار ئارىسىدىكى مىللىي پىسخىكىلىق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى شۇنىڭدەك ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىنىڭ بەختسىزلىكلەرگە يولۇقىشىدىكى ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىندۇ. چۈنكى، ئىچكى ئامىل بىرىنچى دېگەندەك . ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزئارا شەخسىي مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىش، ئۆزارا بىرلىك ۋە ئۇيۇشقاقلىقنى قەدىرلەش روھىنىڭ كەمچىللىكى ھۆرلۈككە مۇھتاجلىقى بار، ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش ئەنئەنىسى ئىگە ھەمدە بۇ يولدا ھەددىدىن زىيادە كۆپ قۇربان بەرگەن ئۇيغۇردەك مىللەت ئۈچۈن زور پاجىئە ھېسابلىناتتى.
قىسقىسى، ياۋرو-ئاسىيانىڭ يۈرىكى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ۋەتىنى -19 20-ئەسىر سىياسى تارىخىدا ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى سۈپىتىدە ئەتراپىدىكى قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلار كەبى ئوينىلىش ۋە قۇربان قىلىۋېتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىپ خەستىلەندى! ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئويۇن قەرتىگە ئايلىنىپ، دىپلوماتىك سورۇنلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردەك باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن يەنە باشقا مىللەت يوق دېسەكمۇ خاتالاشمىساق كېرەك؟! ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە دائىم باشقىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاسان ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى قۇدرىتىنى سەل چاغلىشى ھەمدە تارىخى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمۇ مەلۇم رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، كۆپىنچە ھاللاردا ئاجىز مىللەتلەردە ئەنە شۇنداق ئاق كۆڭۈللۈك يەنى باشقىلاردىن ياخشىلىق كۈتۈش ۋە ئۈمىد باغلاش پسىخىكىسى بولىدۇ. مەركىزىي ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى تۈركىي تىللىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ 20-ئەسىردە بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي مۇساپىلىرى ۋە دۇچ كەلگەن سىياسىي قىسمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇيغۇرلار دىنىي جەھەتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ، جۇغراپىيە جەھەتتە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيانىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ئۈچ چوڭ گەۋدىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان. شۇنداق ئىكەن، دېمەك ئۇيغۇرسىز بىر پۈتۈن تۈركىي تىللار گەۋدىسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرسىز بىر پۈتۈن گۈللەنگەن ئىسلام دۇنياسى، ئۇيغۇرسىز بىر پۈتۈن، تىنچ ۋە مۇقىم مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا سىياسى ھاياتى بولمايدۇ خالاس!
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر، 19-20-ئەسىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئىزتىراپلارنى چەككەن، ھەددى-ھېسابسىز قۇربانلارنى بەرگەن ئازابلىق بەتلەر بىلەن پۈتۈلگەن بولسا، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىغە ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى، پىداكارلىقلارنى شۇنىڭدەك قۇدرەتلىك ۋە شەرەپلىك ئۆتمۈشكە چوقۇنۇش بىلەن پارلاق كېلەچەككە نىسبەتەن ئۈمىد ئۈزمەسلىك روھىنى ئاتا قىلغان ئەسىر بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلغان بولسا، مەغلۇبىيەتلىرىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارغا ئۈمىدۋارلىق، بوشاشماسلىق روھىنى تەقدىم قىلدى. ئۆز ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلقلەر تارىخىدا بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆز ھۆرلۈكىنى ئەڭ كۆپ قېتىم قولغا ئالغان شۇنىڭدەك ئەڭ كۆپ قېتىم يوقاتقان، ئەمما ھېچقاچان ئۈمىدسىزلەنمەي، ئاخىرقى نىشانى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى داۋاملاشتۇرغان بىردىن-بىر مىللەت بولسا كېرەك. قىسقىسى، ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى كۈنسايىن ئۈمىدسىزلىنىش ۋە زەئىپلىشىش ئەمەس بەلكى، تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىش ۋە تاكامۇللىشىش ھۈجەيرىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھېچ قاچان تارىخ قۇرلىرىدىن ئۆچمەس ۋە يوقالماسلىقىغا كاپالەت تۇرغۇزدى.
يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇيغۇرلار
بۇنىڭدىن 60 نەچچە ئىلگىرى يەنى 1945-يىلى 4-فېۋرالدىن -11 فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئۇلۇغ بېرىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى يالتاغا توپلىنىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەشھۇر "يالتا يىغىنى" نى ئېچىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. دەسلەپتە مۇتلەق مەخپىيەتلىك تۈسى ئالغان، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن مەزكۇر يىغىن بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرىكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەشتىلا ئەمەس بەلكى، بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر، مەسىلەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇ يالتا كېلىشىمى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە. تارىختىكى بەزى كېلىشىملارنىڭ يىلى كونىرىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ئۇنچە ئاسان تۈگىمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر، پولشا، فىنلاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئارىسىدا ھەتتا 1939-يىلى -23 ئاۋغۇستتىكى سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوۋ بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىببېنتروپ قول قويغان "سوۋېت-گېرمان ئۆزارا ئۇرۇش تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى" ۋە باشقا شەرتنامە ھەم كېلىشىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەسىلىلەر يەنىلا تالاش تارتىش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، پولشا ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تۈردە موسكۋا دائىرىلىرىدىن 1939-1940-يىللىرىدا گېرمانىيە پولشىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كىرگەن پولشا ئارمىيىسىنىڭ جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشا چېگرىسى يېنىغا نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكەپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، پولشا ئارمىيىسىگە ئارقىدىن زەربە بەرگەنلىك قىلمىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئارخىپلارنى پولشا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشنى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلماقتا.[1] دېمەككى، تارىخ ھېچقاچان قېرىمايدۇ ۋە ئۆز رولىنى يوقاتمايدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قەد كۆتىرىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆتۈپ كەتكەن تارىخنى بىراقلا بولدى قىلىۋەتمىدى. تارىخ بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ ئەينىكى بولۇپلا قالماستىن بەلكى كېلەچىكىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەينىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولغان مىللەت ئالدى بىلەن ئەنە شۇ تارىخنى مىللىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە يەكۈنلەشكە ۋە تىكلەشكە شۇنىڭدەك ئۆز پۇقرالىرى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مېنىڭچە ئاڭلىق مىللەت ھېچقاچان ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمايدۇ ۋە تارىختىن ساۋاق ئېلىشنى ھەر قاچان ئۆزىگە ئادەت قىلىدۇ. پولشالىقلار 65 يىللار ئىلگىرى كاتىن ئورمانلىقىغا ستالىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كۆمۈۋېتىلگەن پولشا جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ سىرلارنى بىلىشنى زۆرۈر دەپ بىلگەندەك[2]، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تارىخىدىكى نۇرغۇن پاجىئەلىك سىرلارنى سوراش ۋە بىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەم ئۇنى مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىشكە تامامەن ھەقلىق بولسا كېرەك. ئۆز تارىخىنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىدىن پەخىرلىنىش بىلەن نومۇسلۇق بەتلىرىدىن نەپرەتلىنىش شۇنىڭدەك بىچارە قىسمەتلىرىدىن تەئەججۈپلىنىش ھەم ئىبرەت ئېلىش روھنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىگە ئۆز ئورنىنى سىزالىغانلاردۇر.
ئۇيغۇرلامۇ ئۆزلىرىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى مۇھىم پېچكىلىق رولىنى ئۆتىگەن خەستىلىك تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرى يېقىنقى دەۋىرلەرگە خاس كۆپلىگەن خەلقئارالىق كېلىشىملەر ۋە شەرتنامىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 19-ئەسىردىكى رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى، 20-ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يېڭى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا تۈزۈلگەن شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ كۆپلىگەن تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى بىلەن باغلاش تامامەن مۇمكىن. چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەرنىڭ بۇ قىسىمىدا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەلقارالىق شەرتنامىلەر ۋە كېلىشىملەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، ئالدى بىلەن 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئالاھىدە قىزىقىدىغان يالتا كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق ھېسابلىدىم.
يالتا يىغىنىنىڭ دەۋر شارائىتى
يالتا يىغىنى ئېچىلغان دەۋر گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا، ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچىلارنىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى ياپونىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشىئۇرۇشىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق ۋەزىيەت يارىتىش ھەمدە يېڭى دۇنياۋى تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي بىر يۈزلىنىش ھەم ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان چاغ ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىتتىپاقچى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ھەم ياپونىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مۇددىئاسى بىر بولسىمۇ لېكىن، ئۇلار ئارىسىدا خەلقئارا سىياسىي شۇنىڭدەك ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردە مۇئەييەن پەرقلەر ۋە توقۇنۇشلار مەۋجۇت ئىدى.
يالتا يىغىنىغا ئائىت يېزىلغان ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە؛ ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ نەزىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە قايىل قىلىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، بۇ خىل يادرو قورالىنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرىرەك سوۋېتنىڭ قولىدا بولۇشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارايتتى[ 3]. يىغىندا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەل قىلىندى ھەم ياۋروپا-ئاسىيادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.
پولشا مەسىلىسى
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىلنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىسى ياۋروپا فاشىزىمدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى ۋە پولشا مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ پولشا مۇستەقىل يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇردى. لېكىن، ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلماي، پولشا مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 30 يىل ئىچىدە پولشانىڭ ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ كارىدورى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋانىڭ مۇنداق باشقىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا كارىدور بولىدىغان جاينى توسۇۋېتىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. چېرچىل 150 مىڭدىن ئارتۇق پولشا پىداكارلىرىنىڭ ئىتتىپاقچىلار تەرىپىدە تۇرۇپ، گېرمانىيىگە قارشى جەڭ قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئادالەتكە بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى[ 4]. ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت بولسا، ئۇكرائىنىيە تەۋەسىدىكى لىۋوفنى پولشاغا قوشۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئەمما، ئاخىرى تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق بۇ ئىتتىپاقداشلار پولشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش قارارىغا كەلدى. ئەسلى ستالىننىڭ ئىدىيىسى بويىچە پولشا مۇستەقىل دولەت سۇپىتىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى.历史上的今天:
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(5) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(4) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(3) 2009/02/06چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(1) 2009/02/06