• چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر(5) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:

    دېمەكچى بولغۇنۇم شۇكى، قولۇمدىكى قىزىل تاشلىق كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللار پاجىئەسىنىڭ شاھىدى بولغان كەسپىي "رازۋېتچىك" ئەلى ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى پۈتۈن ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇپ، دادىسىنىڭ كىتابىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ئاخىرى ئۇنى بەش توم قىلىپ چىقىرىشنى باشلىغان. كونا جاسۇسنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلغان مەزكۇر كىتاب موسكۋانىڭ 30-40- يىللاردىكى سىياسىي ئويۇنلىرىنى، بولۇپمۇ سوۋېت ن ك ۋ د ( كېيىنكى نامى ك گ ب) ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك كىملەرنىڭ سوۋېت رازۋېتكىسىغا تەۋە ۋە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە مۇھىم ۋە ئىشەنچىلىك يىپ-ئۇچى تەمىنلەيدۇ
    ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىمۇ جاۋاب بەرمەكتە
    سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى 70 يىللىق ئىدېئولوگىيىلىك بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تارىخىغىلا ئەمەس بەلكى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغىمۇ قايتىدىن باھا بېرىشكە، سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ۋە غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۆز ئەتراپىدىكى ۋە ئىچىدىكى مىللەتلەرگە ھەم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قانداق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان ماتېرىيال مەنبەلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرى تولۇق مەخپىي دەپ بېكىتىۋېتىلگەن ئارخىپلىرى بولۇپ، 1992- يىلىدىن ئېتىبارەن موسكۋا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى سىرتقا ئاچقان ئىدى. بىر قىسىم رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەسىلىلەرگە باشقىدىن باھا بېرىشىنى ھەم چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە ئالىملىرى دىققەت قىلغان بىر نۇقتا 20-ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئالاھىدە ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت.
    ئارخىپلارنىڭ سىرى  موسكۋا مۇستەقىل دۆلەتكە يول قويمىغان
    پېشقەدەم رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ يازمىلىرىدىن باشقا يەنە رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېكىس يېقىندا "ن ك ۋ د نىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ھەرىكەتلىرى" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ماقالىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئورۇن بولغانلىقى، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى توساق رايونىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇنداق ئالاھىدە توساق رايونلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىشىدا بىر قانچە سەۋەبلەر مەۋجۇت.
    "بىرىنچىدىن" دەپ يازىدۇ رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېكىس "بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بولۇپ، بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە ، شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، غەربىي سىبىرىيە ۋە ئۇرال بويلىرىغىچە بولغان ئەڭ ئىچكى رايونلىرىغا قىسقا يول بىلەن بارغىلى بولىدۇ. ئەگەردە غەربىي جۇڭگودا دۈشمەن ئارمىيىسى ئورۇنلاشسا، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىخەتەر نۇقتىلارنى قويماسلىقى مۇمكىن." ئىككىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى% 60 تىن يۇقىرى ئىدى. بۇ جايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولۇشى.
    ئاپتور بۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرىنىڭ بۇ ئۆلكىنىڭ ئىشلىرىغا ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئاكتىپ ئارىلاشقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. "ئەنە شۇنداق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئوتتۇرىدىكى بىر دۆلەتنى قۇرۇشىغا ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاقلارنىڭ ھەم باسمىچىلارنىڭ ھۇجۇم قوزغاپ، چېگرىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىقنى قارار قىلدى."
    رۇس ئالىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە بولغان. بۇ مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرىنى، ھەتتا ئۇلار كوممۇنىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر قوللىماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۆلكىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىزىل ئارمىيە ۋە چېگرا قوغىدىغۇچى قوشۇنلارنى ئەۋەتىپ بولسىمۇ ياردەم قىلىش قارار قىلىندى.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە ۋە رازۋېتكا خادىملىرىنى ئىشقا سالدى
    ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئۆزلىرىنى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى دەپ جار سېلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەم كوممۇنىزمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى بۇ ئىدىيە ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا دەۋەت قىلغان لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى تۇنجى قېتىم 1921-يىلى مەزكۇر قارار بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ھەربىي قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىغا 50 مىڭدىن ئارتۇق چار پادىشاھ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى، قاچاقلار قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئاقلارنىڭ دۇتوپ، ئاننېنكوپ، باكىچ، نوۋىكوپ ۋە شىشكىنا قاتارلىقلارنىڭ قوشۇنلىرى گېنېرال باكىچنىڭ قوماندانلىقىدا جۇڭگو ھاكىمىيىتىگە بوي سۇنمىدى.
    ئاقلارنىڭ بۇ قوشۇنى ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ سوۋېت رۇسىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولدى. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىگەن ئۆلكىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان ياڭ زېڭشىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىدى. نەتىجىدە، 1921-يىلى 17- مايدا " تۈركىستان فرونتى قوماندانلىق شىتابى بىلەن شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا باكىچ ۋە نوۋىكوپ قوماندانلىقىدىكى ئاقلارنىڭ قاچاق ئارمىيىسىنى بىرلىكتە يوقىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تېررىتورىيىسىگە قىزىل ئارمىيىنى كىرگۈزۈش ھەققىدىكى كېلىشىم" دەپ ئاتالغان بىر توختام تۈزۈلدى. ئەنە شۇ كېلىشىمگە ئاساسەن 1921-يىلى 5-6-ئايلار ۋە كۈز مەزگىلىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى ھەمدە گېنېرال باكىچنى يوقاتتى.
    تۇنجى سوۋېت ئۇيغۇر رازۋېتچىكىنىڭ پاجىئەسى
    رۇس مۇتەخەسسىسلىرىدىن بارمىن ۋە باشقىلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كەلگەن سوۋېت رۇسىيىسىگە، كوممۇنىزىمغا قارشى تۇرغان ئاقلار سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇدىكى ھەمدە غەربىي سىبىرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىد سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى ۋاقتى كەلسە، ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچ توپلاپ ۋە ھەربىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىپ، قايتىدىن يەتتە سۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە غەربىي سىبىرىيىگە بېسىپ كىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاش ئىدى. ئۇلار بۇ پىلانى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئوزبېك قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە كۆپ ھەرىكەت قىلغان. بۇ ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى رازۋېتكا ئورگانلىرى ئاق ئارمىيە قوماندانلىرىدىن دۇتوپنى يوقىتىش ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، تاتارلاردىن پايدىلانغان. يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ماخمۇت غوجامياروپ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، كوممۇنىستلارغا قارشى ئارمىيىنىڭ قوماندانى دۇتوپنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئادەم ئاتامان دۇتوپنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ھەتتا سوۋېت رۇسىيىسى "ك گ ب سىنىڭ ئاتىسى" دەپ ھېسابلانغان درجىنسكىينىڭ سائەت ۋە تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن.
    ماخمۇت غوجامياروپ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان تۇنجى رازۋېتكا خادىملىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىكلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، گراجدانلار ئۇرۇشى دەۋرىنىڭ قەھرىمانلىرى قاتارىدا سانالغان ئىدى. ئەگەردە، دۇتوپ ئۇيغۇر جاسۇسىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا، ئۇ ئىلى، ئالتاي ۋە موڭغۇلىيە ئەتراپىغا قېچىپ كەلگەن كوممۇنىستلارغا قارشى قوشۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يەتتە سۇغا ھەم ئورتا ئاسىياغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، قىزىللارنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە ياكى بولمىسا، سىبىرىيە رايونىدىن قىزىللارنى تازىلاپ، قايتىدىن رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولار ئىدى. ئاتامان دۇتوپ قاتارلىق "ئاقلار" سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتچىلىرى، قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇ يەتتە سۇدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوللىشىغا سازاۋەر بولغان. ماخمۇت غوجامياروپنىڭ دۇتوپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇۋېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى ئۇيغۇر دەپ كۆرسەتكەنلىكى شۇنىڭدەك يەنە دۇتوپ بىلەن ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تاتار بايلىرىدىن چانىشېپنىڭ مەخسۇس ئالاقىچىسى دەپ كۆرسەتكەنلىكىدۇر. ماخمۇت غوجامياروپ، ئاتامان دۇتوپغا چانىشېپنىڭ "بىز تەييارلىنىپ بولدۇق، ئەمدى سىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى كۈتىۋاتىمىز" دېگەن يالغان مەزمۇنلار يېزىلغان خېتىنى تاپشۇرۇپ، ئۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى تىرىك تۇتۇپ كەتمەكچى بولغان. بىراق، دەل شۇ پەيتتە دۇتوپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۆيگە كىرىپ قالغان، ئامالسىز قالغان ماخمۇت دۇتوپنى ۋە قوغدىغۇچىنى ئېتىپ تاشلىغان.
    30-يىللاردا ئاتامان دۇتوپنىڭ ئادەملىرى ماخمۇت غوجامياروپتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، بىر كېچىدە ئۇنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن بارلىقىنى ۋە ئائىلىسىنى قۇربان قىلغان بۇ ئۇيغۇر رازۋېتچىكى 1937-يىلى ئۆزى خىزمەت قىلغان سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "خەلق دۈشمىنى" دەپ قولغا ئېلىنىپ، يەنە شۇ سوۋېت ن ك ۋ د دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سوۋېت – گېرمان ئۇرۇش مەيدانى ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، لېنىن ۋە درجىنېسكىيلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان تۇنجى سوۋېت ئۇيغۇر جاسۇسى ماخمۇت غوجامياروپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەم پەرزەنتلىرى ئىنسانىيەتنى ئىككى لاگېرغا ئايرىپ، ئۆزارا قىرغىن قىلىشقا باشلاپ كەلگەن ئەشۇ 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاتامان دۇتوپنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى رۇسىيىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلگەن مىللەتپەرۋەرلەر تەرىقىسىدە مەدھىيلىگىنىدە، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر ماخمۇت غوجامياروپقا نەپرەتلىنىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. مانا بۇ تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمىتى، چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنىڭ ئاددىي بىر پارچىسى خالاس!
    سوۋېت كونسۇلخانىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى . ياڭ زېڭشىڭ ۋە جىن شۇرېن قاتارلىق مىلىتارىستلارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان " نادان قالدۇرۇش " " تاشقى دۇنيادىن قامال قىلىش " سىياسىي تاكتىكىلىرى ئاخىرى بازار تاپالماي قالدى.
    يەتتە مىڭغا يەتمەيدىغان ئەپيۈنكەش، مايماق-سويماق ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى 17 يىل مىدىراتماي ئىدارە قىلغان ياڭ زېڭشىڭ رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەيداندا ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى ۋە ئۇنىڭ ئايالىمۇ بار بولۇپ، بۇ قانلىق ۋەقەدە ھېچقانداق خەيىم-خەتەرگە يولۇقمىغان سوۋېت كونسۇلى خاتىرجەم ھالدا ئۇرۇمچى ھاكىمىيىتىنىڭ پەن ياۋنەن ئەمەس بەلكى، جىن شۇرېننىڭ قولىغا ئۆتۈشىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. سوۋېت كونسۇلى مىلىتارىست جىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى قوللاپ، موسكۋانىڭ جىن شۇرېن بىلەن بىر قاتار ھەربىي قورال- ياراق ۋە سودا-ئىقتىسادىي كېلىشىملارنىڭ ئىمزالىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 17 يىلدىن بېرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سىڭىپ كىرىشىنى، بۇ يەردە كوممۇنىستىك ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئەپچىللىك بىلەن توسۇپ كەلگەن ياڭ زېڭشىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشماي، مەزكۇر ئۆلكىنى قولىدا مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن جىن شۇرېن دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆپ سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بارا-بارا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرەپكە مايىل بولۇش بىلەن ئۆلكىدىكى سوۋېت تەسىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە شۇنىڭدەك تار مىللەتچىلىكنى ئەۋجى ئالدۇرۇپ، رۇسلارنىڭ مەنپەئەتىگە تەتۈر تاناسىپ پەيدا قىلىشقا باشلىدى. سوۋېت رۇسىيىسى 20-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە مىللىتارست خىتايلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق بۇ رايوننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئالاھىدە جايغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۈزلۈكسىز تۈردە مەخسۇس ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، رايوننىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋەزىيىتىنى بولۇپمۇ ئۇنىڭ تاشقى كۈچلەر يەنى ئەنگىلىيە، ياپونىيە ھەم ئىچكىرىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى، موسكۋانى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنىڭ ئەنگىلىيە تەۋەسىدىكى ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، موسكۋا بۇ رايوندا ئېنگلىز تەسىرىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا تەھدىد پەيدا بولۇشىنى خالىمايتتى.
    20-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مىللىتارستلارنىڭ بىرلىكتە قۇرغان سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتى يەنى " سوۋ-سىن تورگ " شىركىتى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى چەت ئەل تەسىرىنى رازۋېتكا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . " سوۋ-سىن تورگ " شىركىتىنىڭ سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاسۇسلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىۋاسىتە موسكۋاغا دوكلات يوللايتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاپ، مۇستەقىل سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر  جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش موسكۋا ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلىرى بۇنىڭغا قارشى تەكلىپلەرنى بەرگەن. نەتىجىدە موسكۋا دائىرىلىرى دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرماي، ئەكسىچە خەنزۇ مىللىتارستلىرىنى قوللاش تەرەپدارلىرى ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى . ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەش كونسۇلخانىسى مەۋجۇت بولۇپ، رازۋېتكا كەسپى بۇ كونسۇلخانىلارنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن ھېسابلىناتتى.
    تارىخىي سىرلار پاش قىلدىكى، 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلارغا قەشقەر، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي ۋە ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىلىرى ئاكتىپ ئارىلاشقان بولۇپ، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام  جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان  جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنى مەزكۇر كونسۇلخانىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
    دېمەك، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى جىن شۇرېننىڭ موسكۋا ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقاندا 1931-يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلاڭلىرىنى باشلاش بىلەن مەزكۇر قوزغىلاڭنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، پەقەت ئۇرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. مانا مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىش ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايتتى. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن موسكۋا دائىرىلىرى قايتىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىنى ئىشقا سالدى.
    قەشقەردە قۇرۇلغان ئىسلام  جۇمھۇرىيىتى موسكۋانى ئەندىشىگە سالدى
    20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە ئۇرۈمچىدىكى مىللىتارىستلارىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردىن باشقا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. 30-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەربىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئۈچ خىل كۈچ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار خوجا نىياز ھاجىمنى بايراق ۋە قوماندان دەپ تونۇغان قۇمۇل-تۇرپان ھەم تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىنى كونترول قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى، ما جۇڭيىڭنىڭ باشلامچىلىقىدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى ۋە جاڭ پېييۈەن باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى شېڭ شىسەيگە قارشى ھەربىي كۈچلەر بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل كۈچ جىن شۇرېننى ئاغدۇرۇپ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان شېڭ شىسەيگە قاتتىق تەھدىت سالغان ئىدى.
    مەزكۇر ئۈچ كۈچنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئايرىم بولۇپ، جاڭ پېييۈەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھەربىيلىرى پەقەت ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆلكىنى جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇشنى ئارزۇ قىلسا، تۇڭگان ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن دەپ جار سالسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز قوشۇنلىرى جۇڭگو گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تەۋە 36-دىۋىزىيە دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل  جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىغا قارشى تۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن قىسمەن قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدا 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدە ئىسلام  جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلغان ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇر ئېلى  جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى چىقىرىلدى. ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى ۋوروشىلوۋ پىچقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان كرېمىل رەھبەرلىرى 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋورشىلوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە "مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش كومىسسىيەسى" قۇردى. شۇ يىلى 7-ئايدا سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەزكۇر كومىسسىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. 1933-يىلى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللاپ، خىزمەت يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەپ بەردى. بۇ قاراردا موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئۆلكىدە جۇڭگو ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قەتىي يول قويماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن ئىدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋ . ف . نېكىسنىڭ "سوۋېت ن ك ۋ د سىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرى" ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1931-1934-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنى بالانس قىلدى. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋورشىلوۋ باشچىلىقىدىكى ئالاھىدە كومىسسىيەسى ئۇرۈمچى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، ئۆلكىنى جۇڭگوتەركىبىدە قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. 1933-يىلى نويابىردا ئۆلكىگە سوۋېت قوشۇنلىرى كىرگۈزۈلدى، سوۋېت قوشۇنلىرى ئۆلكە ئارمىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتىسىيىسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ يېڭى سىياسىتى قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلاپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر ھۆكۈمەت تەرىپىگە ئۆتتى.
    ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1933-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈلگەن "تارباغاتايسكىي" ۋە "ئالتايسكىي" نامىدىكى ھەمدە 1937-يىلى كىرگۈزۈلگەن سوۋېت قوشۇنلىرى مۇنتىزىم قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىدىن باشقا يەنە سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدىغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى ھەم ن ك ۋ د ئەترەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەزگىللەردە سوۋېت رازۋېتكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
    موسكۋانىڭ قارارىدا سوۋېت جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپى ئاساس بولغان
    رۇسىيە تارىخچىسى بورىس ئانوتولىيېۋىچ بارمىننىڭ " 1918- 1941-يىلىدىكى سوۋېت – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە شىنجاڭ" ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۆز خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلغان. ھەتتا، 1921-يىلى 4- ئىيۇن كۈنى، قەشقەرىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈلگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن تەييارلانغان " قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە  جۇمھۇرىيىتى" نى قۇرۇش لايىەىسى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان. رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ باشلىقى ھەم ئۇچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىرىدىن رۇدزۇكتاك ئىنقىلاب قوزغاپ، قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە  جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لېنىن، چىچېرىن قاتارلىق سوۋېت كومپارتىيە رەھبەرلىرى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلە يېپىلغان.
    لېكىن، 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم سوۋېت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ ھېسابلاپ قايتىدىن موسكۋاغا تەكلىپ بەرگەن. مەسىلەن، رۇس ئالىمى بارمىننىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسىنىڭ باشلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىغا رازۋېتكىغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئاخباراتچىلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن سوۋېتكە قارشى ئادەملەرنىڭ قەشقەرگە توپلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىش خەۋپى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوۋېت رازۋېتكا خادىملىرى يەنە قەشقەرىيىدە ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، گەرچە ھازىر ئىنقىلابنى قوللىغان بىلەن كېيىن بەلكى ئومۇمىي يۈزلۈك سوۋېتكە قارشى كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئۇنى كونترول قىلىشنىڭ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
    ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قوللاش تەرەپدارلىرى ئاساسلىقى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مەخپىي ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بولغان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار موسكۋاغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى قوللاش تەكلىپلىرىنى بەرگەن. ئەمما، ستالىن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىسلام  جۇمھۇرىيىتىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 1937-يىلىدىكى ئابدۇنىيازبەگ ھەم ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ۋەقەلەردە سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن رۇسلاردىن رېبالكىن، ئوبۇخوپ، پالىنوپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلاردىن قادىر ھاجى، مەنسۇر ئەپەندى، مەۋلانوپ ۋە باشقا ئونلىغان ئادەملەر مۇھىم رول ئوينىدى. شېڭ شىسەينىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان ھەم ئىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە موسكۋا ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەخپىي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ ھەر خىل سالاھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

    ــــــــــــــــــــــــــــ
    ئىزاھاتلار:
    {1} مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ئەنقەرە،-1998 يىلى نەشرى. 466-بەت.
    {2} زىبىگنېۋ بىرىزېنسكىي » چوڭ شاھمات تاختىسى « ئىنتېرنېتكە قويۇلغان رۇسچە تەرجىمىسى.
    {3} دۇبروكۋسكايا د » شىنجاڭنىڭ تەقدىرى 1997«-يىلى، موسكۋا (رۇسچە) داۋۇت ئىسىيېۋ » يەتتە شەھەر دۆلىتى 1990 «-يىلى ئالمۇتا (ئۇيغۇرچە)
    {4}»  رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى تاشقى سىياسەت تارىخى 1999 «-يىلى موسكۋا 166-بەت (رۇسچە)
    {5} شۇ كىتاب 167-بەت
    {6} شۇ كىتاب 167-بەت
    {7} Qurban Ali Khalidi. An Islamic Biographicla Dictionary of the Eastern Kazakh Steppe 1770-1912.. Brill Leiden-Boston2005. 37-38-betler
    {8} مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 342-343-بەتلەر
    {9} شۇ كىتاب. 346-بەت
    {10} دۇبروۋسكايا، شۇ كىتاب، موسكۋا نەشرى (رۇسچە)
    {11} James Millward. Beyond The Pass Economoy,Ethnicity, and Empire in Qing Central Asia,1759-1864.Stanford University Press.1998
    {12} غوجائەخمەت سەيدىۋاقاسوپ تاللانما ئەسەرلىرى، 2001-يىلى، ئالمۇتا، 55-بەت (رۇسچە)
    {13} غوجائەخمەت سەيدىۋاقاسوپ تاللانما ئەسەرلىرى، 2001-يىلى، ئالمۇتا، 55-بەت (رۇسچە)
    {14} شۇ كىتاب، 55-بەت، ۋە چوقان ۋەلىخانوۋ تاللانما ئەسەرلىرى،-1986 يىلى، 190-بەت(رۇسچە)
    {15} . كىروپاتكىن » قەشقەرىيە « سانكىتپېتىربۇرگ 121-122-بەتلەر رۇسچە نەشرى
    {16} بارمىن ئا. ب . » سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1943-1949-يىللىرىدا «. بارنائۇل، 1998-يىلى نەشرى (رۇسچە). شۇنىڭدەك سابىق شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت. 2002-يىلى، نويابىر.
    {17} ئازىزا تۇردۇيېۋا. قىتاي قىرغىزدارىنىن تارىخىنان ئالاتاۋ ژۇرنىلى. بىشكەپاشىنىڭ-يىلى، 23-بەت (قىرغىزچە)
    {18} بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرىياللار بار. مۇسا ئەپەندى »تۈركىستان پاجىئەسى « ئىستانبۇل. ھەمدۇللا تارىم »تۈركىستان تارىخى «ئىستانبۇل. (بۇلار قول يازما شەكىلدىكى نەشىرلەر) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خېۋىر تۆمۈر، باي ئەزىز ۋە باشقىلارنىڭ ماقالىلىرىغا قارالسۇن.
    {19} بۇ ھەقتە سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ خادىمى تۇرسۇن سادىقوۋ بىلەن 1993-يىلى، موسكۋادا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت .بۇ كىشى 1995-يىلى، موسكۋادا ۋاپات بولغان.
    {20} سىرىيوشكىن. ك » خىتايدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ رېئاللىقى ۋە ئويدۇرمىلىقى شۇنىڭدەك مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى-2003 « يىلى ئالماتا " Daik-Press " نەشرىياتى. 437-439-بەتلەر (رۇسچە)
    {21} Gavin Hamb ly. Central Asia. Dell PublishingCo.Inc.New York.1969
    {22} شۇ كىتاب. 254-257-بەتلەر
    {23} مىرسەئىد سۇلتان غالىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى . بولشېۋىزم، ئىسلام ۋە مىللىي مەسىلىلەر.
    {24} ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي. تۈركىستان قايغۇسى. 2003-يىلى، شەرق نەشرىيات مەتبەئە. تاشكەنت. 66-86-بەتلەر (ئۆزبېكچە)
    {25} قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى. 24-باپ، قازاقىستان پۇقرالارنىڭ قارشىلىق باسقۇچىدا. ئىنتېرنېتكە قويۇلغان نۇسخىسى.
    {26} بارمىن . ۋ. ئا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1918-1941-يىللىرى. بارنائۇل، 1998-يىلى، 85-87-بەتلەر (رۇسچە)
    {27} ئا.روزىباقىيېۋ « بۇرھان قاسىمۇۋ. ئالمۇتا، 1992-يىلى، 19-18-بەتلەر "پەرۋاز" مەجمۇئەسى. 1994-يىلى، ئالمۇتا، جازۇشى نەشرىياتى. 3-17-بەتلەر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى. 1989-يىلى، ئالما-ئاتا، نائۇكا نەشرىياتى. 42-45-بەتلەر (رۇسچە)
    {28} 1945-يىلى "شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى" بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سۆھبەتتە نەنجىڭ ۋەكىلى بولغان جاڭ جىجوڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە بۇ ئىككى گۇرۇھنى شۇنداق ئاتايدۇ ھەمدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    {29} جاڭ جىجوڭ » ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر « ئۈرۈمچى. 459-، 464-469-بەتلەر





    评论

  • بۇنىڭ ئاخىرىچۇ؟
    بۇنداقلا تۇگىگىنى نىمىسى...