ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن خەۋپسىرەش كەيپىياتى كۈچەيمەكتە. مۇنبەرلەردە مۇشۇ ھەقتە سۆز بولۇپ قالسا خېلى قايناپ قويىمىز.
قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنى ئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
مەن فوتوشوپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقاندا، بەزىلەر ئۇيغۇرچە فوتوشوپ خەنزۇچىدىن ئاستا قوزغىلدىكەن، ئېغىر ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. يەنە بەزىلەر خەنزۇچىغا كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇيغۇرچىسنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن دېدى.
كومپىيۇتېرنىڭ پىرىنسىپىدىن خەۋىرى بارلار بىلىدۇ، بىر خەنزۇچە خەتنىڭ سىغىمى ئىككى بايىت (byte) ، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرچە ھەرپمۇ ئىككى بايىت. شۇنداق ئىكەن، ئوخشاش بىر دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئىجرا بولۇش تېزلىكىدە پەرق بولمايدۇ.
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك. (مىنكاۋ خەن بولسىڭىز بولمايدۇ)
2. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
3. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
4. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
5. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)
بۇلار سىزدە ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمايلا قويۇڭ.
بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئارقا ئىشىك قويۇپ قويىدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ini بولىدىكەن. مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Kmplayer

Photoshop نىڭ تىل ھۆججىتى بىر تال Dat ھۆججىتىدە. ئۇنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. (ئەمما، فوتوشوپنىڭ Dat ھۆججىتنى تەرجىمە قىلىپ قويسىلا بولمايدىكەن، يەنە بەزى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەر بار، ئۇ يەرلەرنى تەڭشىمىسە بەزى كۆزنەكلەردە ئۇيغۇرچە خەت ؟؟؟؟ بەلگىسى ھالتىدە چىقىۋالدۇ)


ئىككىنچى تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئايرىم تىل ھۆججىتى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجرا بولدىغان ئاساسى ھۆججىتنى(EXE, DLL ھۆججەتلىرىنى) ئېچىپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەھرىرلەش دېتاللىرى خېلى كۆپ، يۇنىكودنى قوللايدىغان، نىسبەتەن ئومۇملاشقان دېتال PASSOLO.
PASSOLO دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىنتىل مۇنبىرىدىكى مۇڭلان دىگەن يىگىت خېلى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ دەرسلىك ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنى چۈشەندۈرمەيمەن.
دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن ھەپلىشىپ باققانلىرىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى PASSOLO ئارقىلىق ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئىجرا بولمايدۇ.
شۇڭا، مەن PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان، تىل تۈرىگە ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلغان (PASSOLO دا ئۇيغۇر تىلى يوق. ئەرەپچە دېگەن تۈر ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز) Sisulizer دېگەن يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ماۋۇ رەسىمدىكىدەك Premiere Pro نى دەل مۇشۇ Sisulizer ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان.

Sisulizer نى ئىشلىتىش تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار بۇ ماقالىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.
评论
ماۋۇ فوتوشوپنىڭ ئۆزى يۇنىكودنى قوللايدۇ، بىراق سىرتتىن قوشۇلدىغان قىستۇرما دېتاللىرى يۇنىكودنى قوللىمايدىكەن. مەن بەزى كۆپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلارنى قوشۇۋەتكەن، ئۇلارنىمۇ ئۇيغۇچىلاشتۇرۇپ، يۇنكودنى قوللىمايدىغان قىسىمىغا 宋体 خەت نۇسخسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان. شۇنى دېمەكچى
تىل ھۆججىتى بولسا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا چوقۇم ھۆججەتنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يەنى پەش، چېكىت، قوش چېكىت، بوشلۇق، تەڭلىك بەلگىسى دېگەندەكلەر ئەسلىدە قانداق بولسا، تەرجىمە قىلغاندا شۇنداق بولسۇن، قەتئى ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن، بىر چېكىتنى ئارتۇق ياكى كام قويۇپ قويسىڭىزمۇ خاتالىق چىقىدۇ
مەن بىر دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەۋەسكارى.ئېغىر كۆرمەي دەرسلىكنىڭ ئاخىرىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن...بەك لازىم بوپ كىتىۋاتىدۇ...
مەنمۇ مۇشۇ دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا خىلى قىزىقىمەن ھەم بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باققۇم بار.
ھازىر بىر دېتالنى جىددى ئىشلەۋاتىمەن. پات ئارىدا تارقىتىمەن.
http://yehkzan.blogbus.com
ئادىرسى: http://orxun.blogbus.com/
تېخنىكىلىق ئىشلىرنى مەن قىلىشىپ بەرگەن
سىزنىڭ تەرجىمە دىتاللىرىغا قوشقان توھپىڭىزگە مەن بەكلا قايىل مەن ھازىرغىچە بارلىق ئۇيغۇرچە سىستىمىلارنى يىغىپ ساقلاۋاتىمەن ۋە سۆيۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن. سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىر بەرگەي!
بولسا قېرىندىشىم مۇشۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش جەريانىنى بىر دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز،ھېلىمۇ كۆپ ئەجىر قىپسىز،اللاھ بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادەقىلغاي.(ئامىن)
قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت.
مەنمۇ مۇشۇ دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا خىلى قىزىقىمەن ھەم بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باققۇم بار.
مۇمكىن بولسا بىر يىتەكچىلىك قىلسىڭىز.............