-
ئۇيغۇرلار راستىنلا يوقۇلامدۇ؟ - [ئىجتىمائى مەسىللەر]
يېقىندىن بىرى ئۇيغۇرلار يوقىلىدۇ دېگەن گەپلەر ئەۋج ئىلىپ كەتتى . مەن يوقالسا قانداق يوقىلار دەپ ئويلىدىم لېكىن ئەندىشە قىلمىدىم . مىنىڭ نەزىرىمدە مىللەت يوقالمايدۇ . باشقىلار بۇ مەسىلىنى قايسى نوقتىدىن دەيدۇ بىلمىدىم . بەلكىم تىلى يوق بۇلۇپ ئۆزى بار لېكىن بارلىق نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ باشقا بىر مىللەت بۇلۇپ قىلىش ئارقىلىق يوق بولىدۇ دېمەكچىمۇ ئىش قىلىپ ئۇيغۇرلار يوق بولىدۇ دېگەن ھۆكۈم خاراكتېرىنى ئالغان بىر تالاي تارتىش كاللامغا كىرىۋالدى . مانجۇلار ھازىر بار . بىراق ئۇلار مەدەنىيەت جەھەتتىن يوق بولدى . موڭغۇللار بار لېكىن ئۇلارنىڭ تىلى يوق بولدى دىگەندەك مىساللار تالاي . لېكىن ھېچقانداق بىر مىللەت يەر شارىدىن غايىپ بولغىنى يوق . غايىپ بولىدىغىنى ئۇنىڭ ئىدىيىسى . مەدەنىيىتى . ئۆرپ ئادىتى بۇلىشى مۇمكىن . دەۋرنىڭ سىناقلاردىن ئۆتۈش تارىخىغا ئىگە مەدەنىيەتنى بىز مەدەنىيەت دەيمىز . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تارىخ . شۇڭا مەدەنىيەت بىلەن تارىخنىڭ چوڭ جەھەتتىن قىلىپ ئېيتقاندا باغلىنىشى بار . ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەندىمۇ ئۇيغۇر يەنە مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى . تالاي ئازاب كۈلپەتلەرنى تارتىپ يەنە ئۆزلۈك ھەققىدە داۋاملىق ئوي پىكىر ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۈمىدۋار ئەۋلادلىرى بار بىر مىللەت نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىدۇ ؟ يوقاپ كېتىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ئاساسى نېمە ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ بىر مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمتتىمەن . مەن يوقاپ كېتىدۇ دېگۈچىلەر بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ئىككى خىل مەيداندىكى كۆز قاراشلىرىنى ھېس قىلغىنىمچە يېزىپ باقاي . لېكىن بەزى كاللىسىنىڭ سۇيى تېشىپ كېتەي دەپ قالغان تورداشلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ پىكىر قىلىشنى ياكى بولمىسا سۈكۈتتە تۇرۇش ئەۋزەللىگدىن پايدىلىنىپ پىكىر قىلۋاتقانلارغا يول بېرىشنى سورايمەن. بۇ تېمىدا مىللەت يوق بولىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ گېپى ئاساسلىق بولغاچقا بۇ تىما بارلىققا كەلدى . شۇڭا مەن ئاۋال ئۇلارنىڭ سۆزىنى باشقا يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم
مىللەت يوق بولىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ بىر قىسىم زاكۇنلىرى
1- ئەخلاق چىرىكلەشتى مىللەت يوقىلىدۇ
2- ئەرلەر ئاياللىششقا . ئاياللار ئەرلەردەك بۇلۇپ قالدى . مىللەت يوق بولىدۇ .
3- ئەرلەر ئاياللىرىغا ئىگە بولالماس بۇلۇپ قالدى . مىللەت يوق بولىدۇ
4- ئاياللارنىڭ ئورنى يوقىرى بۇلۇپ كەتتى مىللەت يوق بولىدۇ
5- تارىخ ئۇنتۇلدى مىللەت يوق بولىدۇ
6- ئىمان سۇسلاشتى مىللەت يوق بولىدۇ
7- ئۆرپ ئادەت ئۇنتۇلدى مىللەت يوق بولىدۇ
8- قوش تىل ئۆگەندۇق . مىللەت يوق بولىدۇ
9 - ئۇيغۇرلاردا ئىقتىساد ئېڭى يوق مىللەت يوق بولىدۇ .
10 - ئۇيغۇرلار ناخشا ئۇسۇلغا بېرىلدى مىللەت يوق بولىدۇ .
مىللەت يوقالمايدۇ دېگۈچىلەرنىڭ زاكۇنلىرى
1- ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىشى مىللەتنىڭ يوق بۇلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . چىرىكلەشكەن يالغۇز بىز ئەمەس ھەممە مىللەت چىرىكلەشتى . ئۇلار يوقاپ كەتمەي يالغۇز ئۇيغۇر يوقاپ كىتەمدىكەن؟
2- ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى نامايەن قىلىدىغان مەيدان بولمىسا خوتۇن ئىلىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلسۇن ؟
3- قايسى ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئىگە بولالماپتۇ ؟ بىر ئەر پۈتۈن ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىغا ئىگە بولسا ئاندىن ئىگە بولغان بۇلامتى ؟ بۇنى مىللەتكە چېتىۋالماق .
4-ئاياللارنى ئېزىش ئارقىلىق قايسى مىللەت تەرەققى قىلىپتىكەن . ھېلىمۇ ئەرلەر زوراۋانلىقى تالاي ئەسىرلەردىن بىر داۋاملاشتى . ئەجىبا ئۇلارنى داۋاملىق ھايۋان قاتارىدا كۆرۈش ئارقىلىق مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلامدۇ ؟
5-قايسى تارىخ نەدە ئۇنتۇلۇپتۇ ؟ بىز بىلىشكە تىگىشلىك تارىخنى بىلدۇق . لېكىن تارىخنى كىمنىڭ يېزىشىنى بەلگىلىيەلمىدۇق .
6- ئۇيغۇرنىڭ ئىمانى سۇسلاشقىنى يوق . بىز ئەزەلدىن دىنغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن مىللەت . بىزنىڭ بۇ دەۋىردە سۇسلاشقان بولسا ئىسلام دۇنياسىغا ئۈلگە بولغىدەك پەزىلەتلىك زاتلار قانداق ئىش ئىزلىرى بىلەن دۇنيا خەلقىگە ئىمانىنىڭ مەھكەملىگى ھەققىدە تەسىر بەرگەن ئىكەن .
7- دەۋرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئۇنداق ئۆرپ ئادەتنىڭ تىزراق يوقالغىنى ياخشى .
8- نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئالىملىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تىل ئۆگەنگەن ئىكەن . ئۇلار نېمىشقا باشقا مىلەت بۇلۇپ قالمايدۇ . تالاي ئەسىرلەردىن بىرى نامازنى ئەرەبچە دۇئانى ئۇيغۇرچە قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئەمدى تىل ئۆگىنىش داۋرىڭى قوزغالغاندا يوق بۇلۇپ كېتەرمۇ ؟
9- قايسى مىللەت ناخشا ئوقۇغانچە يوق بۇلۇپ كېتىپتىكەن . مىساللار بولسا دەپ بېرەمسىز .
10 - ھېچكىمنىڭ دۇنيادا نامرات . قالاق ھالەتتە ياشىغۇسى يوق . لېكىن ئۆيدىن سىرىتقا چىقىش شارائىتى بولمىغان بىر ئادەم تامنى كولاپ باي بۇلامتى ؟
يوقارقىلار ئىزدىنىش مۇنبىردىكى ئۆزھالنىڭ يازغانلىرى. مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىز. تىلىمىز يوقالمىسا مىللىتمىز يوقالمايدۇ. تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشمىز كېرەك؟ بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە كېلىدۇ؟1-ھەقىقى ئۇيغۇر خوتۇن ئېلىڭ . (ئۇيغۇرغا تىگىڭ)
2-ئۇيغۇر خوتۇندىن تۇغۇلغان بالىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇڭ. باشقىلار ئۇيغۇرچە ئۆگەنسە چوڭ بولغاندا چوشقا بولۇپ كېتىدۇ ،خىزمەت تاپالمايدۇ ،...... قورقاتسىمۇ ئانا تىلىنى ئۆگىتىڭ ، ئۆيدە ئۇيغۇرچە پىروگرامما ،ئۇيغۇرچە دۋد،مۇقام لېنتىلىرى دىگەندەك ئۇيغۇر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تاراتقۇ ۋاستىلىرى بىلەن كىچىك بالىلاردا ئۆزلۈڭ ئېڭى تۇرغۇزۇشنى كىچىكىدىنلا باشلاڭ . ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئېيتىپ بېرىڭ .. شۇندا تۆۋەندىكلەرگە يول ئېچىلىدۇ ..
3- ئۆيىڭىزدە مىللى مەدەنىيىتىمىز كۆزگە چېلىقسۇن-ئۆيۈڭىزنى بېزىسىڭىز مىللى نەقىشلەر بولۇشى مەنچە ئېنىق ،ئۇندىن سىرىت 3 سومغا بېرىدىغان "ئىز " قاتارلىق ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىمىز بار ..شۇلارنى تامنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بولسىمۇ چاپلاپ قويۇڭ ..شېكەرنىڭ تېز ئېرىتىپ تەمىنى تارىتىشقا قىززىق سۇ بولغىنى ياخشى ،بىراق سوغاق سۇ بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ ،يامىنى شۇنىمۇ قىلماسلىق ! ..4- ھەمىشە تىلىڭىزغا كېلىپ تۇردىغان خەنزۇچە گەپلەرنى چۆرۈۋېتىڭ. ئۇيغۇرغا گەپ قىلغاندا ئامال بار ئۇيغۇرچە گەپ قىلىڭ. ياۋ سەن با... ، دىيەنشى، ۋاڭبا، لازا... دىگەندەك خەنزۇچە گەپنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچىسنى دىسىڭىز تىلىڭىزغا بىر نەرسە چىقىپ قالمايدۇ.
5-كىتاپخانىلارنى ھەر ئايدا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر قېتىم يوقلاپ قويۇڭ ،ھەر ئايدا قولىڭىز شۇنچە قىسقا بولسىمۇ بىر پارچە ئۇيغۇرچە كىتاپ ئېلىڭ .بۇ توغرىسىدا سېلىشتۇرما قىلىپ قايناپ كەتمەيلى .ناۋادا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلماي يەنە مىللەت ئاقچى كۆكچى دەپ قاقشاپ يۈرسىڭىز سىزگە ئۆلۈم تىلەيمەن ..
评论
ھازىر شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن بىر يەرگە بېرىپ بولدى . مەن بۇنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم . ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسە يات تىلدا سۆزلىشىۋىرىدىغان ، جەنۇپلۇق ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنى كۆرسە خەنزۇ بىلەن پاراڭدىشىپ يۇرۇيدىغان ئىشلا ساماندەكلا باركەن . مانا بۇ يوقالغانلىقنىڭ بەلگىسى ئۇلارنىڭ باللىرى { خوش تىل } ياكى خەن تىلىدا ئۇقۇسا . ئائىلىگە قايتقاندا ئاتا - ئانىسى بىلەن خەن تىلىدا سۆزلەشسە . خەنلەر بۇنى كۈرۈپ بۇلار خەن تىلىنى پىششىق بىلىدۇ دەپ ئۇيغۇر ئىشلىتىدىغان خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا خەنلەرنى ئىشلەتسە ..... ئاي ھاييييييييي بۇ كارامەتنى كۈرۈڭ
. مانا بۇ مىللەتنىڭ يوقۇلىشى . ياكى باشقا مىللەت ئالدىدا قەدىر قىمىتىنىڭ يوقۇلۇشى
. ھازىر جەنۇپتىمۇ شۇنداق بۇلۇشقا باشلىدى .
لىكىن ئۇيغۇر دېھقىنى مەجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ئۇيغۇر يوقالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار جاھاننىڭ چوڭ -چوڭ ئىشلىرى بىلەن كارى يوق . ئۈزىنى قەتئى ئۇنتۇپ قالمايدىغان . باشقىلارغا خوشامەت قىلىشنى ئۆچ كۈرۈدىغان سۈيۈملۈك بىر توپتۇر .
دېھقانلىرىمىز دېھقان بولماي . پەرزەنتلىرى خەن تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ كەتسە ئىش ئاندىن چاتاق .
يوقايمىز .
جوڭگودىكى ئىشلىتىلىش نوپۇسى جەھەتتە 98 دەپ تۇرىدۇ . بولمىسا مەن يەنە تەپسىلىي ئىزدىنىپ باقاي.
مەنمۇ ئوخشاشلا نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بىر يۇرتلۇق ،ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ يۇرتى بىلەن ئارىمىزدا پەقەت توشقان دەرياسىلا ئايرىپ تۇرىدۇ.
ئەمدى ماۋۇ يەردىكى [توغرا ئۇيغۇرتىلى بۇ دۆلەتتىكى ئىشلىتىلىش نوپۇسى جەھەتتە 98 ئورۇندا . ئويلاپ بېقىڭ بارى-يوقى 56 مىللەت تۇرسا قانداق بولۇپ 98 بولۇپ قالدى .] 98 دىگەن نېمە سان؟ ھېچ بىلەلمىدىمما؟ نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە 94-ئورۇندا تۇردۇ دەپ بار ئىدى.
سېرىق ئۇيغۇر ، خۇيزۇلار ئەسلى ئايرىم بىر مىللەت ئەمەستى ، ئۇلارنى تارىخىي شارائىت پەيدا قىلدى .
ھازىرمۇ دۆلەت ياكى ئاپتونۇم رايوندىن مىنكاۋخەن دەپ مىللەت نامىنى ئاتىمىسا كىشلەر ئۆزلىكىدىن ئۆزتىلىنى ئىشلەتمىگەن ئايرىم بىر قىسىملارنى مىنكاۋخەن دەپ ئاتىدى ،ئەمدى ۋاقىت ئۆتسە بۇخىل تىپتىكى كىشلەرنىڭ نوپۇسى نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتسە ،
ئۇچاغدا ئۇلار يەنىلا ئۇيغۇر بولامدۇ ياكى ئەبجەش مىللەت مىنكاۋخەن بولامدۇ ،دىققەت قىلىڭ ، خۇيزۇلار بىر قىسىمى دىنغا ئىتقات قىلىدۇ ، بېشىدىكى شاپاق دوپىسىدىن باشقا بارلىق ئادەتلىرى خەنزۇغا ئوخشايدۇ ، ئەمدى مىنكاۋخەنلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشىمايدۇ ، پەقەت چىراي تۇرۇقىلا ئوخشاش ، ئايرىم بىر قىسىمى دىنغا ئىتداق قىلىدۇ . پەقەت ۋەقىت ۋە تارىخ ئاخىر ئىسپاتلايدۇ .
سىلەر جەنۇبىي تارىمغا بارساڭلار ھەممە يەردە چىرايىنى توپا باسسىمۇ ئەڭ تىپىك ئەسلىي ئۇيغۇرلارنى كۆرەلەيسىز ، دەرھال كالىڭىزغا كىلىدۇ ئۇيغۇرلار يوقالمايدىكەن . ئەمما سىز شەرىقتىن غەرىبكە قاتناۋاتقان پويىزغا چىقىپ بېقىڭ ياكى كىچىلىرى پويىز ۋوگزالىدا كۆزىتىپ بېقىڭ . نىمىنى ھېس قىلىسىز . تارىم بوستانلىقىدا ياشاۋەرمەي ، چوڭ قۇرۇقلۇققا ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونغا بېرىپ بېقىڭ .
توغرا ئۇيغۇرتىلى بۇ دۆلەتتىكى ئىشلىتىلىش نوپۇسى جەھەتتە 98 ئورۇندا . ئويلاپ بېقىڭ بارى-يوقى 56 مىللەت تۇرسا قانداق بولۇپ 98 بولۇپ قالدى . ئەجىبا ئاۋۇ 42+++ خىل تىلدىكى كىشلەر ئەينى يىللىرى 50 يىل ئىلگىرى ئۇلار كىم بولغىيىتى .
مانجۇلار ھاكىمىيەت سۇرگەندە
مىللەتلەر ئىمتىياز رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولمىغان ، نوپۇسى ئانچە جىق بولمىغان بىر مىللەت ئۇمۇمىي نوپۇسى 1949 -يىلى زادى قانداق قىلىپ 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى . نىمە ئۈچۈن سىتالىن 'پۈتۈن سوۋىت خەلىقى بىر مىللەت ' دەيدۇ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ....؟
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ ئۇكا سوتسىيالىستلار 'جۇڭخۇا مىللىتى ' دەيدۇ ؟........ بۇمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈنمۇ ....
مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن .....
ئويلاپ بېقىڭلار
؟؟؟؟؟؟؟؟
شۇڭا بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تىل-يېزىق ئىكەن.