• يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇيغۇرلار - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:

    بۇنىڭدىن 60 نەچچە ئىلگىرى يەنى 1945-يىلى 4-فېۋرالدىن 11- فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئۇلۇغ برىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى يالتىغا توپلىنىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەشھۇر " يالتا يىغىنى" نى ئېچىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. دەسلەپتە مۇتلەق مەخپىيەتلىك تۈسى ئالغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن مەزكۇر يىغىن بۇنىڭدىن 60 نەچچە ئىلگىرىكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەشتىلا ئەمەس بەلكى، بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇ يالتا كېلىشىمى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە.

    تارىختىكى بەزى كەلىشىملەرنىڭ يىلى كونىرىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ئۇنچە ئاسان تۇگىمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر، پولشا، فىنلاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئارىسىدا ھەتتا 1939-يىلى، 23-ئاۋغۇستتىكى سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوۋ بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىببەنتروپ قول قويغان " سوۋېت-گېرمان ئۆزئارا ئۇرۇش تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى" ۋە باشقا شەرتنامە ھەم كېلىشىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەسىلىلەر يەنىلا تالاش تارتىش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، پولشا ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تۈردە موسكۋا دائىرىلىرىدىن 1939-1940-يىللىرىدا گېرمانىيە پولشىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كىرگەن پولشا ئارمىيىسىنىڭ جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشا چېگرىسى يېنىغا نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكەپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، پولشا ئارمىيىسىگە ئارقىدىن زەربە بەرگەنلىك قىلمىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئارخىپلارنى پولشا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشنى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلماقتا(1). دېمەككى، تارىخ ھېچقاچان قېرىمايدۇ ۋە ئۆز رولىنى يوقاتمايدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆتۈپ كەتكەن تارىخنى بىراقلا بولدى قىلىۋەتمىدى. تارىخ بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ ئەينىكى بولۇپلا قالماستىن بەلكى كېلەچىكىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەينىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولغان مىللەت ئالدى بىلەن ئەنە شۇ تارىخنى مىللىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە يەكۈنلەشكە ۋە تىكلەشكە شۇنىڭدەك ئۆز پۇقرالىرى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

     

    مېنىڭچە ئاڭلىق مىللەت ھېچقاچان ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمايدۇ ۋە تارىختىن ساۋاق ئېلىشنى ھەر قاچان ئۆزىگە ئادەت قىلىدۇ. پولشالىقلار 65 يىللار ئىلگىرى كاتىن ئورمانلىقىغا ستالىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كۆمۈۋېتىلگەن پولشا جەڭچى –ئوفىتسېرلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ سىرلارنى بىلىشنى زۆرۈر دەپ بىلگەندەك(2)، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تارىخىدىكى نۇرغۇن پاجىئەلىك سىرلارنى سوراش ۋە بىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەم ئۇنى مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىشكە تامامەن ھەقلىق بولسا كېرەك. ئۆز تارىخىنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىدىن پەخىرلىنىش بىلەن نومۇسلۇق بەتلىرىدىن نەپرەتلىنىش شۇنىڭدەك بىچارە قىسمەتلىرىدىن تەئەججۈپلىنىش ھەم ئىبرەت ئېلىش روھنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىغا ئۆز ئورنىنى سىزالىغانلاردۇر.

     

    ئۇيغۇرلامۇ ئۆزلىرىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى مۇھىم پېچكىلىق رولىنى ئۆتۈگەن خەستىلىك تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرى يېقىنقى دەۋىرلەرگە خاس كۆپلىگەن خەلقئارالىق كېلىشىملەر ۋە شەرتنامىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 19-ئەسىردىكى رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى، 20-ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يېڭى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ كۆپلىگەن تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى بىلەن باغلاش تامامەن مۇمكىن.

     

    چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەرنىڭ بۇ قىسمىدا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەلقئارالىق شەرتنامىلەر ۋە كېلىشىملەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، ئالدى بىلەن 1944-يىلى، 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئالاھىدە قىزىقىدىغان يالتا كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق ھەسابلىدىم.

     

    يالتا يىغىنىنىڭ دەۋر شارائىتى

     

    يالتا يىغىنى ئېچىلغان دەۋر گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا، ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچىلارنىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى ياپونىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق ۋەزىيەت يارىتىش ھەمدە يېڭى دۇنياۋى تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي بىر يۈزلىنىش ھەم ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان چاغ ئىدى.

    ئەينى ۋاقىتتا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىتتىپاقچى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ھەم ياپونىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مۇددىئاسى بىر بولسىمۇ لېكىن، ئۇلار ئارىسىدا خەلقئارا سىياسىي شۇنىڭدەك ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردە مۇئەييەن پەرقلەر ۋە توقۇنۇشلار مەۋجۇد ئىدى.

    يالتا يىغىنىغا ئائىت يېزىلغان ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە؛ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ نەزىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە قايىل قىلىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، بۇ خىل يادرو قورالىنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرىرەك سوۋېتنىڭ قولىدا بولۇشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارايتتى(3).

    يىغىندا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەل قىلىندى ھەم ياۋروپا-ئاسىيادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

     

    پولشا مەسىلىسى

     

    ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىلنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىسى ياۋروپا فاشىزىمدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى ۋە پولشا مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ پولشا مۇستەقىل يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇردى. لېكىن، ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلماي، پولشا مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 30 يىل ئىچىدە پولشانىڭ ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ كارىدورى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋانىڭ مۇنداق باشقىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا كارىدور بولىدىغان جاينى توسۇۋېتىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. چېرچىل150 مىڭدىن ئارتۇق پولشا پىداكارلىرىنىڭ ئىتتىپاقچىلار تەرىپىدە تۇرۇپ، گېرمانىيىگە قارشى جەڭ قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئادالەتكە بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى(4). ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلت بولسا، ئۇكرائىنىيە تەۋەسىدىكى لىۋوفنى پولشاغا قوشۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئەمما، ئاخىرى تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق بۇ ئىتتىپاقداشلار پولشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش قارارىغا كەلدى. ئەسلى ستالىننىڭ ئىدىيىسى بويىچە پولشا مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇد بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

     

    گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى

     

    ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى 1941-يىلىدا برىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ دۆلەتنى بىر قانچە دۆلەتلەرگە پارچىلىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىدى. مەزكۇر نۇقتا يالتا يىغىنىدا يەنە ئاساسىي مۇزاكىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى پارچىلاش قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش دائىرىلىرى بېكىتىلدى(5).

    يالتا يىغىنىدا يەنە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت مارشال تىتونىڭ دەرھال فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى قارار قىلدى(6).

     

    يالتا يىغىنىدا يەنە باشقا مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىندى.

     

    ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە يەنە ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن گېرمانىيىدىن 20 مىليارد دوللار تۆلەم ئېلىش، بۇنىڭ يېرىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، موسكۋا پۇل ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن يەنە ئەمگەك كۈچى، سانائەت ئەسلىھەلىرى، پاراخوت ۋە باشقىلارغا ئىگە بولۇش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى(كوئول.

    يالتا يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەتىجىسى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ، بدت نىڭ تەسىس قىلىنىش يىغىننىڭ 1945-يىلى 25-ئاپرېلدا ئامېرىكىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىشى بېكىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق ئىككى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنى بدت نىڭ ئەزاسى قىلىشنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا يەنە جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە بدت نىڭ تەسىس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىش قارار قىلىندى. بەزى بىر مەلۇماتلاردا خىتاينى بدت غا كىرگۈزۈشكە ستالىن قارشى چىققان ئىكەن(9).

    يالتا كېلىشىمى ئەينى ۋاقىتتا مەخپىي كېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭغا جۇڭگو رەھبىرى جاڭ كەيشى، فرانسىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى گېنېرال دېگول قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرى قوزغالغان. ئەمما دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ يەنىلا رۇزۋېلت، چېرچىل ۋە ستالىن قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ۋەزىيىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، زاتەن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەل تۆلەپ، دۇنيانىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئۈچ ئىتتىپاقچى دۆلەت رەھبەرلىرى پۈتۈشكىنىدەك ئورنىتىلىدۇ خالاس.

     

    يالتا كېلىشىمى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

     

     

    يالتا يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىنلار ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشقا يەنە ئاسىياغا جۈملىدىن سوۋېت –جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى ھەم ياپونىيىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. يالتا كېلىشىمىنىڭ سوۋېت –جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت قىسىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلىلار داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە ھەم تۈرلۈك ئانالىزلار ۋە كۆز قاراشلار مەيدانغا چىقماقتا.

    بىر قىسىم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرىدىكى سىياسىي تەقدىرى مەزكۇر يالتا كېلىشىمى بىلەن مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا باغلىنىشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىنى ئەنە شۇ ستالىن، چېرچىل ۋە رۇزۋېت قاتارلىق رەھبەرلەر ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يالتا كېلىشىمىنىڭ جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيىگە ئائىت ماددىلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشنىڭ رىيال ئاساسىي بار.

    ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللىۋارد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ يالتا يىغىنىغا گەرچە جاڭ كەيشى قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايغا ئائىت قارارلار قوبۇل قىلىندى. يىغىندىن كېيىن،1945-يىلى 8-ئايدا ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى. نەتىجىدە، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى"مۇ ئۇرۇش توختىتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئاشۇ يالتا يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك(10).

    كۆپىنچە تارىخشۇناسلارنىڭ ۋە تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئورتاق يەكۇنىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشىنى توختىتىپ، تىنچلىق بېتىم تۈزۈشى ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە ئىشلەتكەن بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ستالىن شۇ كېلىشىمدىن كېيىن، ئىلى مەسىلىسىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى تەرىقىسىدە ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدى.(11)

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 2003-يىلى، نويابىر ئەيىدا تېلېفون ئارقىلىق مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورىغا مۇنداق دېگەن ئىدى؛

    "بېتىم دېگەننى بىز چىقارغان ئەمەس، ئۇنى ستالىن چىقارغان، بىز ئۇنىڭغا قارشى چىققان، شۇنچىۋالا غەلىبە قىلىۋاتقان بىز قانداقسىگە يېڭىلىۋاتقان دۈشمەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز؟ سۆھبەت قىلىمىز دېگەن بىز ئەمەس ئالدى بىلەن ئاشۇ خىتاي ھەم سوۋېت. ستالىن بىزگە بېسىم ئىشلەتتى، بىزنىڭ ئۇنى ئاڭلىماسللىققا نېمە ھەددىمىز؟ بىز خىتايدىن قۇتۇلساقلا مەيلى دەپ، ئاشۇ ستالىنغا ئىشەنگەن ئىدۇق، ئاشۇ گېنېراللارنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىدۇق، ھەربىي ھوقۇق شۇلارنىڭ قولىدا، پۈتۈن قوماندانلار شۇلاردىن تۇرسا، لېكىن ستالىن دېگەن بۇ بەدبەخنىڭ ئەسلى مەقسىتى بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ قېنى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇش ئىكەن".(12)

     

    ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاشكارىلانغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىرى قول تىققان بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ دەسلىۋىدىلا تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ھەم تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئەلىخان تۆرە، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى " ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ تەسىس قىلىنىشىغا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلللىرى داباشىن ۋە بورىسوپ قاتارلىقلار ئارىلاشقان. جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن سوۋېت كونسۇللىرى (داباشىن ۋە بورىسوپ قاتارلىقلار) ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ خۇددى تاشقى موڭغۇلىيىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاغزاكى كېلىشىم بولغان(13). غۇلجىنىڭ بىر قىسمى ئازاد بولۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن موسكۋا ئەۋەتكەن گېنېرال ئەگناروۋ ۋە گېنەرال لانفاڭ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەكىللەر ئۆمىكى غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، 1-ۋە 2-نومۇرلۇق ئۆينى تەسىس قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا دېگۈدەك مەسلىھەتچىلىك قىلغاندىمۇ جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بىلەن ئاشۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سوۋېت ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(14). سوۋېت نكۋد ئالاھىدە خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ئەگناروپ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە مەسلىھەتچىلىك قىلغان بولۇپ، گەنەرلا لانفاڭ ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. بۇلار ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ستالىن، مولوتوۋ ۋە بېرىياغا ئىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات يوللاپ تۇرغان.(15) ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە پائالىيەتلىرى ستالىن قاتارلىقلارغا ئايدىڭ بولۇپ، ستالىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپلا قالماستىن بەلكى بەرىيا ۋە مولوتوۋلار ئارقىلىق ھەم بەلگىلىمە بېرىپ تۇرغان ئىدى.

     

    يالتا يىغىنىدا ستالىن ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى پاش قىلىپ، خىتاي ۋە موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، تېخى جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈلمىگەنلىكى ھەمدە يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى رەسمىي يوسۇندا كاپالەتكە ئىگە بولدى دەپ ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا تۇتقان پوزىتىسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتمىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ 1945-يىلى 8-ئاپرەلدا مىللىي ئارمىيە تەسىس قىلىش ۋە مۇنتىزىم ھالدا داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە ھەمدە جەنۇبىي يۆلۈنىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ھەربىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىدى شۇنىڭدەك مۇستەقىللىق شوئارىنىڭ كەڭ ئەۋجى ئېلىشىنى قوللاپ، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئېيتقاندەك جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خەلقنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈردى. يالتا يىغىنىدىن ۋە موسكۋانىڭ ئەسلى مەقسىتى ھەم سىياسىي ئىستراتېگىيىسىدىن خەۋەرسىز قالغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى پەقەت جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى رەسمىي سۆھبەت باشلاپ، موسكۋادا ئىككى تەرەپ رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ستالىن جاڭ كەيشىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق بېتىمگە قىستىغاندىلا ئاندىن ستالىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ستالىن ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىنقىلابچىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى بېتىمگە قىستىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدا ستالىننىڭ يالتا كېلىشىمىدە قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئىمتىيازلىرىنىڭ جاڭ كەيشى تەرىپىدىن جۇڭو-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، ئەمدى بۇ ئىنقىلابنىڭ ستالىن ئۈچۈن كېرەك ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت خەلقئارا سىياسىي ۋە دىپلوماتىيىلىك ئامىللاردىن ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا ئەربابلارنىڭ قانچىلىك خەۋەر تاپقانلىقى نامەلۇم. چۈنكى، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ماتېرىياللاردا يالتا يىغىنى ۋە كېيىنكى سوۋېت- خىتاي شەرتنامىسىدىن ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى خەۋەر تاپقان ياكى تاپمىغانلىقى، تاپقان بولسىمۇ قانچىلىك دەرىجە ۋە سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

     




    يالتا يىغىنى جەريانىدا "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقى ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق پاكىت يوقلۇقىنى، ئەمما مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاشۇ يالتا يىغىنىدىن كېيىن ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ئوتتۇرىسىدىكى سوۋېت –جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن رۇسىيىدىكى بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، ئىلى ئىنقىلابىغا ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلغان دوكتور ۋالېرىي بارمىن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئەنە شۇ يالتا يىغىندىن كېيىن ستالىن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، قوزغىلاڭچىلارغا قورال ياراق بەرمەسلىككە ۋە ياردەم قىلماسلىققا قارار قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزىۋېلىشىنى خالىمايتتى، قىسقىسى " باشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاخىرى ئۇنى قۇربان قىلىۋېتىشتەك ناھايىتى مەينەت بىر ئويۇننى ئوينىدى"(16)

    بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چۈشىنىشىچە، يالتا يىغىنىدا ستالىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ، يالتا يىغىنىدىكى كېلىشىملەرگە ئاساسەن جۇڭگو بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنى جۇمھۇرىيەت نامىنى ئىشلەتمەسلىككە قىستىغان.

    يالتا كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىغا جۈملىدىن غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئائىت ھېچقانداق ماددا يوق. بۇ نۇقتا كېلىشىم تەركىبىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتا دەل يالتا كېلىشىمىنىڭ سوۋېت –جۇڭگو-ياپونىيە ماددىلىرى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

    ئامېرىكا ئالىمى يازغان، سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان "رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ناملىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىندا ستالىن موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش، مانجۇرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى مۇنقەرز قىلغان. سىدىق ھاجى رۇزىنىڭ پىكرىچە، يالتا يىغىنىدا پۈتۈشۈلگەن جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.(17) لېكىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى، مەرھۇم ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى "يالتىدا پۈتۈشۈلگەن كېلىشىم بويىچە ستالىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوقاتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قۇربان قىلدى دېگەن پىكىرگە قوشۇلمايمەن. بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى پەقەت يالتا يىغىنىغا باغلاش ناتوغرا، مېنىڭچە بىزنىڭ تەقدىرىمىز ستالىننىڭ قولىدا ئاللىقاچان بەلگىلەنگەن بولۇپ، ستالىننىڭ ئەسلى نىيىتىدە بىزنى مۇستەقىل قىلىش يوق. ئۇ، ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بەرىبىر بىزنى قۇربان قىلار ئىدى. ئۇ، پەقەت ئۆز كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈنلا بىزنى قوللىغان ئىكەن. ستالىننىڭ نىيىتىدە ئادەمىيلىك يوق، ئۇنىڭ بىزگە قىلغىنى، بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ مېيىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورىدى، ئاخىرىدا بىزنى ئالداپ، خىتاي كوممۇنستلىرىغا تۇتۇپ بەردى خالاس، مانا بۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغىنى" دەيدۇ(1كوئول. دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتىلىۋاتقان سۆز ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىشىدىن تارتىپ تاكى جۇمھۇرىيەتنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىشىگىچە بولغان مەزگىلدە مەخسۇس دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ھەم پىلانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرى ۋە كونسوللىرى بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشلىرىغا ئاساسەن دېگۈدەك ئىشتىراك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.

    مەنبەسى: ئورخۇن تور خاتىرسى

    داۋامىنى نەبىجان دوكتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ تور خاتىرسىدىن كۆرۈڭ. ئورخۇن تور خاتىرسى