• ئانا تىلدىن ئايرىلسام - [ئانا تىل]

    خەتكۈچ:

    ئانا تىلدىن ئايرىلسام

      مۇمىنجان ھەمرايېۋ

    (قازاقستان )

    مەيلى مۈلكۈم ھەم مېلىمدىن ئايرىلسام،
    مەيلى بارار مەنزىلىمدىن ئايرىلسام،
    مەيلى تۇندە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام،'
    ياق !ئۆلىمەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

    رازىمەنكى كىچىشكە ئۆز بەختىمدىن،
    مەنسەپ-ئابرۇي،تاجۇ-تەختىمدىن،
    ئۆرتىنىپ كۈل بوپ كىتىمەن تەكتىمدىن،
    ئانام بەرگەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

    تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇر ئەگەردە،
    كۆمىۋەتسە مىنى تىللا يۇ - ھەم زەرگە،
    ئانام بەرگەن سۈت ئايلىنار زەھەرگە،
    قازا يىتەر ئانا تىلدىن ئايرىسام.

    ئانا تىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك،
    تىلىمنى دۇشمەن يۇلۇپ ئالغاندەك
    تۇيۇلىمەن ئۆزەمگە بىر ھايۋاندەك،
    <ئادەملىكىم ئاناتىل> دىن ئايرىلسام!

    ئۇنۇتسام گەر ئانا تىلنى بىرزامان
    چايان بولوپ چاققاي مىنى پاك ۋىجدان.
    ئاچ-زار قالغان كەبى كۆرمەي ئاپئاق نان،
    كۈنۈم پۇتەر ئانا تىلدىن ئايرىلسام