• موسكىۋا خىياللىرى (1) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:
    موسكۋا خىياللىرى
    نەبىجان تۇرسۇن
    تۈنجى قەدەم

    ـ 1990- يىلى 23- مارت ، باش باھارنىڭ سىم - سىم يامغۇرلۇق كەچلىكى ئىدى . سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىن ئۇچقان ئىل - 86  تىپلىق ئايروپىلانى موسكۋانىڭ  شېر مېتۋا - 2  ناملىق خەلقئارا ئايرودرومىغا يېنىككىنە قوندى . ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن موسكۋا ھەققىدىكى خىياللىرىمنىڭ ، ياق ، ئانا ۋەتەنگە بولغان ھەقىقىي سېغىنىشىمنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى .
    مەن موسكۋا شەھىرىنىڭ خەرىتىسىگە قاراپ ، ئاخىرى مېنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلغان سابىق س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنى تېپىۋالدىم . تاكسىنىڭ ياردىمى بىلەن موسكۋا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە ، يەنى قىزىل مەيداندىن ئانچە يىراق بولمىغان روژدېستۋنېكا كوچىسىغا جايلاشقان ، سابىق س س س ر دىكى ئەڭ چوڭ ، شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئۆزەمنى مەلۇم قىلدىم . ئاسپرانتورا باشلىقى ۋاسىلىي كاربوۋىچ مېنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى ھەم بىر دەمدىن كېيىن مېنى ئىلمىي رەھبىرىم ، ئاتاقلىق تۈركولوگ ، ئۆمۈر بويى قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەم تارىخىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئىلىم ساھەسىدە شۆھرەت قازانغان ئالىم دىمتىرىي ۋاسلىيىف بىلەن تونۇشتۇردى . ئۇ مېنىڭ روس تىلىدا ئۆزى بىلەن بىمالال سۆزلەشكىنىمنى كۆرۈپ ، مېنى قىزغىن قۇچاقلاپ ، ھاياجان بىلەن : < يارايسىز ، ھەقىقىي يىگىت ئىكەنسىز ، ئۇلۇغ ئويغۇر مىللىتى بىلەن تىل تېپىشىش ھەر قاچان ئاسان > دىدى .
    بىز چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتۇق . پاراڭ ئارىسىدا ئىشخانىنىڭ بېزىلىشىگە دىققەت قىلدىم . مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ ، سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ ، مۇئەللىم مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن . قىزىق يېرى شۇكى ، ئىشخانىنىڭ بىر تېمىغا 19 - ئەسىردىكى ئاتاقلىق روس شەرقشۇناسى ن . بىچۇرىننىڭ سۈرىتى ئېسىلغان ، يەنە بىر تامغا تۈركىيە مەنزىرىسى چاپلانغان ئىدى . مەن شىنجاڭدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى قىزلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسسۇل سۈرەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان 1990 - يىللىق كالېندارنى مۇئەللىمگە تەقدىم قىلدىم . ئۇ ، كالېندارنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن تامغا ئېشىپ قويدى ۋە : < مانا بۇگۈندىن باشلاپ روس ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا يېڭى كۈن ، يەنى بىزنىڭ شەرقشۇناسلىق مەركىزى بولغان بۇ ئىشخانىنىڭ تېمىدا تارىختا تۈنجى قېتىم ئۇيغۇر كالېندارى ئېسىلدى > دىدى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا .
    ئىشخانىدىكى كاتىپ ، ماشىنىست ۋە باشقا خادىملارمۇ چاۋاك چېلىشتى . مەنمۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم . دېمەك ، ھاياتىمدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىدا باشلانغان تۈنجى كۈنۈم مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك ئۆتتى . مۇئەللىم مېنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە باشلاپ كىرىپ ، ئالىملارغا تونۇشتۇردى ۋە ئاخىرىدا مەن تەقسىم قىلىنغان < شەرق ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىي تەتقىقات بۆلۈمى > گە باشلاپ كىرىپ ، باشقا ئالىملارغا تونۇشتۇردى . بۇ يەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىي تېمىلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بىر قانچە ئالىم بار ئىدى . ئۇلار مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ، ھەممىسى ئەڭ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشتى . بىز كۆپ پاراڭلاشتۇق . چۈشتىن كېيىن ۋاسلىيىف مېنى پىكاپتا موسكۋا شەھىرىنى ئايلاندۇردى ...... ھە ، مانا بۇ ، <ماكسىم گوركىي باغچىسى > ، مانا بۇ ، موسكۋادىكى ئەڭ چوڭ كوچا < ماكسىم گوركىي كوچىسى > ، مانا بۇ مايا كوۋسكىي ھەيكىلى .....
    ئوستاز يول بويى ھەر بىر كوچا ھەتتا ھەر بىر ھەيۋەتلىك بىناغىچە تونۇشتۇرۇپ ماڭدى . موسكۋا كوچىلىرى ھەقىقەتەن رەتلىك ، ھەممە ئورۇن ئۆز رېتى بويىچە ئورۇنلاشقان ، ماگىزىنلار ئاز بولۇپ ، ئادەملەر رەتلىك ، پاكىز كىيىنىشىپ ، تېز - تېز قەدەملەر بىلەن مەغرۇر يۈرۈشەتتى . كوچىدا ماشىنىلارنىڭ گۈركىرەشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ۋاڭ - چۇڭلار يوق ، قىسقىسى كاۋاپچىلار ، تاڭجاڭلار ، زاسۈيپەزلەر ، پىچاق چاقلىغۇچىلارنىڭ ئالىتاغىل ۋارقىراشلىرى ، ماشىنىلارنىڭ قالايمىقان سىگناللىرى بۇ يەردە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى . بۇ يەردە مەززىلىك تاماق پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان قاتار - قاتار ئاشخانىلاردىن قىلچە ئەسىر يوق بولۇپ ، قورسىقىڭ ئاچسا ئۆيۈڭگە قايتىشتىن باشقا ئامال يوق ، روسلارنىڭ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يوق بولسا كېرەك ، قىسقىسى ، ئۇلار قورساق تويغۇزۇدىغان جايلارنى كۆپلەپ قۇرۇشتى ئويلاشمىغانىدى . ئەكسىچە ، بىز جۇڭگولۇقلار قورساقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغىنىمىز ، قورساق ئۈچۈن ياشاپ ، يەنىلا شۇ قۇرساق غېمىدە بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، بىرىنچى بولۇپ شەھەرلەرنى ئاشخانىلاشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولساق كېرەك . دېمىسىمۇ ، موسكۋاغا كەلگەن ئۈچ كۈندىن بۇيان قىززىق بىر پىيالە چاي ، ئىسسىق بىر تەخسە لەڭمەن ، تۆت زىق كاۋاپ ، ياكى بولمىسا تونۇردىن يېڭى سويۇلغان شىرمان نان بىلەن شورپىلىرى ئېقىپ تۇرغان سامسىلارنى بەك سېغىندىم ، ئاشۇ تائاملىرىمىزغا زار بولدۇم . مەن بىلەن بېيجىڭدىن بىرگە چىققان ھەمراھلىرىممۇ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ، ماڭا ئەپسۇسلۇق بىلەن قاراشماقتا ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، جاۋغايلىرى يېرىلىپ ، گەز باغلاپ كەتكەن بولۇپ ، توختىماي < تۆت تەخسە قورۇما > نىڭ گېپىنى قىلىشىپ ، ئۆيلىرىنى ئەسلەشمەكتە ئىدى .
    ئۇستازىم چىرايىمغا قاراپ بىر نەرسىنى سەزدى بولغاي :
    __ ساقلىقىڭىز يوقمۇ - نىمە ؟ _ دەپ سورىدى .
    __ ھە ، __ دىدىم مەن ، __ ئۈچ كۈن بولدى ، بېشىم قېيىپ ، كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ .
    __ بەلكىم ھاۋا ماشلاشمىدى بولغاي ، كۈنۈپ قالىسىز ، __ دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاچ پىكاپىنى بۇراپ _ بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن كونا بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە : _ ئۆيگە مەرھەمەت ، سىزنى چايغا تەكلىپ قىلىمەن ، _ دىدى .
    بىز ئۆيگە كىردۇق . بۇ ، ھاياتىمدا كۆرگەن تۈنجى روس كىشىنىڭ ئۆيى ئىدى . روس ئۆيلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن چوڭ پەرق قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ۋاسلىيىف كۈلۈپ تۇرۇپ :
    _ ئۆيۈمدە قورۇنماي چاي ئىچىشىڭىز ۋە تاماق يېيىشىڭىزنى سورايمەن ، چۈنكى بىز توڭگۇز گوشى ئىشلەتمەيمىز ، _ دىدى ئەسكەرتىپ .
    شۇنداق قىلىپ ، موسكۋاغا كېلىپ تۈنجى قېتىملىق ئىسسىق چاي بىلەن ئىسسىق تاماق ( كالا گوشى بىلەن ياڭيۇ ) نى مۇئەللىمىمنىڭ ئۆيىدە يېيىشكە مۇيەسسەر بولدۇم . جىسمىمغا قايتىدىن كۈچ كىرگەندەك بولدى . قورساق تويغۇرغاندىن كېيىن بىز يەنە سىرتنى ئايلىنىش قارارىغا كەلدۇق . مانا ئەمدى شەھەر مەنزىرىسى باشقىچىرەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، خېلىلا روھلىنىپ قالدىم .
    ۋاسىلىيىف موسكۋا شەھىرىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەچ قوشۇمچە قىلىپ :
    __ قەشقەرنىڭ تارىخىي موسكۋانىڭ تارىخىدىن 1000 يىللار ئۇزۇن ، بىز روسلار ياكى سىلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ، ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، سىلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا سىلەر ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدىڭلار ، __ دىدى ، ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ : _ مەشھۇر كلاسسىك روس تۈركولوگلىرىدىن ۋ . رادلوف : < ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى ، كۆپ سانلىق تۈركىي خەلق ئىدى > دىگەن . مەشھۇر روس ئالىمى س . مالوفمۇ : < ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى > دىسە ، ئامېرىكىلىق مەشھۇر روس شەرقشۇناس گ . ۋېرسادسكىي : < ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى رولى سىياسىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانىدى . ئۇلار جۇڭگودىن تاكىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردىكى سودا يولىنى كونترول قىلىپ ، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى - ياۋروپا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەردە ۋاستىچىلىق رول ئوينىدى > دەپ ھۆكۈم قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى ۋە رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . ئەگەر ھازىر دۇنيادىكى 40 نەچچە دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خۇلاسىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ ئولتۇرساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ . قىسقىسى ، سىلەر ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇلۇغ خەلق . بۇ ، تارىخىي ۋە ئىلمىي يەكۈن - ئەلۋەتتە . بۇگۈنكى ھالىتىڭلارنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . قىسقىسى ، سىلەر يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقىڭلارغا تايىنىپ ياشاۋاتىسىلەر . كېلەچەكنىڭ سىلەردە بولۇش - بولماسلىقى پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا باغلىق ، _ دىدى .
    كەچكى ۋاننا ماڭا شۇنچىلىك ياقتىكى ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇئەۋزەل شارائىتىدىن بەھۇزور ھوزۇرلاندىم . شۇنى قوشۇمچە قىلماي بولمايدۇكى ،يەنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ياشىغان كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئۆزگىچىلىكلىرىنى كۆردۇم . قىسقىسى ، ھەر قانداق ئۆيدە ، مەيلى چەت يېزا - قىشلاق بولسۇن ياكى شەھەردە بولسۇن ، كېچە - كۈندۈز ئىسسىق سۇ تەييار تۇرىدۇ . ئېلېكتر ، گاز ، ئىسسىق سۇ بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ۋاستىلىرى ھېسابلىنىدۇ . تۇرمۇش ۋاستىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېلېكترلەشتۈرۈلگەن ۋە ماتورلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ شەخسىي پىكاپى ياكى موتسېكلىتى بار . توڭلاتقۇ ، كىر ئالغۇ ، رەڭلىك تېلېۋىزور ۋە باشقا ئېلېكتر بۇيۇملىرى ئەڭ چەت يېزا - قىشلاقلارغىچە ئومۇملىشىپ بولغان . كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئۆز ئۆيىدىكى ۋاننىلىرىدا نەچچە ۋاق يۇيۇنۇپ ، پاكىز دەزماللانغان كىيىملەرنى كىيىشىپ ، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چېچىشىپ يۇرۇشىدۇ . كەچلىرى ئەڭ ياخشى كيىملىرىنى - ئەرلىرى چوقۇم كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىنى ، ئاياللىرى ئۆزى خالىغان يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ تىياتىرخانىلاردا ئولتۇرۇشلىرىغا قارىسىڭىز شۇنچىلىك مەستلىكىڭىز كېلىدۇ . ئۇلار قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ ، ئۆز ئارا كۇسۇلداشمايدۇ ، ھەممە كىشى جىمجىت ئولتۇرۇپ ، دىققەت بىلەن كونسىرتلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ . زۆرۈر تېپىلغاندا چاۋاك چالىدۇ ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خالىغان ئارتىسقا گۈل تەقدىم قىلىدۇ ( ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ تەقدىم قىلىدىغىنى بىزنىڭكىدەك سۈنئىي گۈل ئەمەس ) . ئۇلارنىڭ كىنو - تىياتىرخانىلىرىنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، ئەگەر قىش كۈنلىرى بولسا ، سىز تاشقىرىقى ئىشىكتىن كىرىپلا بىرىنچى بولۇپ پەلتۇيىڭىزنى سېلىپ ، باش كىيىمىڭىزنى ئېلىپ گاردىروپكا ( كىيىم ساقلايدىغان جاي ) غا تاپشۇرىسىز - دە ، پوپايكا ياكى كاستۇم - بۇرۇلكىڭىز بىلەنلا ئولتۇرۇپ تىياتىر كۆرىسىز . بىز تەرەپتە بولسا تامامەن باشقىچە ، تىياتىرغا بارغاندا ياسىنىشقا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ . تىياتىرخانىدا ئەرلەر ئاشۇ سىرتتا كىيىپ يۇرىيدىغان شىلەپىلىرى بىلەن ، ھەتتا قۇلاقچىلىرىنى كيىپ ، پەلتۇلىرىغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇشىدۇ . ئەلۋەتتە مەن بۇنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . چۈنكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىلىرى . رېستۇرانلىرى ، جامائەت سورۇنلىرى ، ھەتتا ئىدارە - ئورگانلار ، مەكتەپلەردە بىردەك ھالدا گاردىروپكا تەسىس قىلىنمىغان . يېڭىلىشمىسام ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40 - 50 - يىللىرىدا بىزدە بۇ مەدەنىيەت بار ئىدى . ئۇيغۇرلىرىمىز ياۋروپا يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ ( سوۋىت ئىتتىپاقى ، تۈركىيە ۋە باشقىلار ئارقىلىق ) تەسىرىنى ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ ، ئاياللىرىمىز ئىگىز پاشنىلىق توپلىيلارنى كىيىپ ، چاچلىرىنى بانتىلاپ ، ئەرلىرىمىز كاستۇم - بۇرۇلكىلارنى كىيىپ ، چاچلىرىنى مايلاپ ياكى دوپپىلىرىنى ياراشتۇرۇپ كىيىشىپ لېرىك ۋالىس كۈيىگە پىرقىرىشاتتى . دېمەكچىمەنكى ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك قەدەمكىي ۋە يېقىنقى زامان شۇنداقلا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلق بولغاچقا ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر قانداق مەدەنىيەت شاماللىرىغا يەنىلا ئېرەنسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا كېرەك . يەنە بىر ياقتىن ، بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ۋە مىللىي پىسخىكىمىزغا باغلىق بولۇپ ، ياۋروپالىقلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇيغۇرلار غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىمېنتلىرىنى ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلالايدىكەن ھەم شۇنىڭغا پىسخىكا جەھەتتىن يېقىنلىقى بار خەلق ئىكەن . دېمىسىمۇ ، 80 - يىللاردا جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى بىلەن ئۆز ئارا بېرىپ - كېلىش باشلانغاندىن كېيىن ، ياۋروپا مەدەنىيىتى ( ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە نوقۇل ھالدا مەدەنىيەتنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆزدە تۇتىمەن ) ئالدى بىلەن غۇلجا، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قايتا نامايەن بولدى . ئۇيغۇر بوۋاي - مومايلىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ياۋروپا مودىسىدىكى كىيىملىرىنى بىراقلا 70 - ، 80 - يىللارنىڭ ياۋروپا پاسونىغا ئۆزگەرتتى . ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرى ، ئوتتۇرا ياشلىقلىرى سوۋىت پەلتۇلىرى ، ئۆتۈكلىرى ، كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىنى كىيىشىپ ، بىر مەھەل كىيىم - كېچەكتە ياۋروپالىشىش دولقۇنى قوزغىدى . ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ماگىزىنلىرى سوۋىت ماللىرى بىلەن تولدى . ھەممە ياقتا ئۆزبېكچە ، تۈركچە ، روسچە ، ھەتتا ئېنگلىزچە ناخشىلار ياڭرىدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئاتالمىش سوۋىت ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا گېرمانىيە ، فرانسىيە ، چېخ ، رومىنىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ماللىرى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى - يېڭى پاسونلىرى ئىدى .
    ئوخلىماقچى بولۇپ يېشىندىم ، لېكىن مېڭەمدىن خىياللار ھېچ كەتمەيتتى . ئەكسىچە ، خىياللار تېخىمۇ كۆپىيىشكە ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشكە باشلىدى ....

    ئاڭلانماس ئاۋازلار

    ھەر بىر مىنوتنى ساناپ يۈرۈپ دېگۈدەك بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىنى تۈگەتتىم . ئەمدى موسكۋا مەن ئۈچۈن تونۇشلۇق بىر شەھەرگە ئايلاندى . مۇئەللىم مېنى پىكاپ بىلەن ئايلاندۇرغان ئاشۇ كوچىلارنى ئۆز ئاياغلىرىم بىلەن تەنھا ئارىلىدىم . بۇ يەرگە خاس ياشاش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم . ئۇزۇن ئۆچىرەتلەردە سەۋىرچانلىق بىلەن كىتاب ئوقۇغاچ نۆۋەت كۈتۈشكىمۇ كۆنۈپ قالدىم . بەلكىم روسلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۆز نۆۋىتىنى كۈتۈش سەۋرچانلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەلق بولسا كېرەك . روسلارنىڭ تەشكىلچانلىقى يۇقىرى خەلق ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك . سىز موسكۋا كوچىلىرى ، ماگىزىنلىرى ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئۇزۇن - ئۇزۇن ئۆچىرەتلەر توپىنى ئۇچرىتىسىز . ئۆچىرەتتە تۇرغاندا ئەگەر كىمىكى ئۆز نۆۋىتىنى باشقىلارغا دەپ قويماي كېتىپ قېلىپ ، كېيىن قېتىلىۋالىمەن دىسە ۋە ياكى خالىغانچە قىستىلىپ كىرىمەن دىسە دۈپدۈگلەك ، سېمىز روس مومايلىرىنىڭ تىل - ھاقارىتىگە ئۇچرايدۇ ، شۇڭا ھەممە ئۆز نۆۋىتىنى چىڭ قوغدايدۇ . ئۇلارنى تەشكىللەش كەتمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت قارىشى شۇنچىلىك كۈچلۈككى ، پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتقا چوقۇم بىر مىنوتمۇ كېچىكمەي ئۈلگۈرۈشى شەرت . بىزلەردەك < سائەت مانچىدە > دەپ پۈتۈشسە < ئانچىدە > سۆرۈلۈپ كېلىدىغان ، قىسقىسى ، كېلىشىۋالغان پەيتكە كېچىكىدىغان ئىشلار ئۇلاردا مەۋجۇت ئەمەس . بىزدە تەشكىلچانلىقمۇ يوق . ئىختىيارىي تەشكىلچانلىقىمىز پەقەت ھەر ھېيت نامىزى كۈنىلا تولۇق ئايان بولىدۇ . ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر ئادەتتىكى كۈنلىرىمۇ ئاشۇ ھېيت نامىزى ، بولۇپمۇ قۇربان ھېيت نامىزى كۈنى نامازغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ۋە ئالدىرىغان چاغدىكىدەك ھېسسىياتتا بولسا ئىدى كاشكى ، بىزدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق تۈگىگەن بولار ئىدى . ئەگەر ئاشۇ ھەر ھېيت نامىزىدىن يانغان چاغدىكىدەك ئۆز ئارا تونۇشمايدىغانلارمۇ بىر - بىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، ئۆز ئارا ئاللادىن خاتىرجەملىك تىلەشكەندەك باشقا كۈنلەردىمۇ بىر - بىرىمىزگە شۇنداق دوستانە ، سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلەشسەكمۇ كاشكى ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولار ئىدى . قىسقىسى ، بىز چېچىلاڭغۇلۇقىمىز ، ئىتتىپاقسىزلىقىمىز ، ھەسەتخورلۇقىمىز تۈپەيلى ھەر قاچان ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈش ، دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر ئىدىيە ، بىر مەقسەت ئۈچۈن تەشكىللىنەلمىدۇق . مېنىڭچە ، تەشكىلچانلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقى يوق خەلقتە ئىستىقبالمۇ بولمايدۇ . بۇگۈن ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، تۇرپان ، ئاقسۇ ، خوتەن كوچىلىرىدا چىرايىمىزدىن توپا ياغقان ، ئوبرازىمىز خۈنۈقلەشكەن ، قاتۇرۇپ كىيىۋالغان كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىمىزدىن يەنىلا ئەسكى جەندە پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان شۇ ئېتىبارسىز ھالەتلىرىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنە شۇ قەيت قىلىنغان تەرەپلەردىن بولغان بولسا كېرەك .
    روسىيىدە ئاسپرانتورا تۇرمۇشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئاسپرانتلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا يېقىن دوستلۇق ، مېھرىبانلىق ئالاھىدە گەۋدىلىك ئەھۋال . ھەر كۈنى كەچتە ھەممە ئاسپرانت كۈتۈپخانىلار ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ چاي ئىچكەچ پاراڭ سوقۇشىدۇ . بەزىدە بۇ سۆھبەتلەر قىزغىن ئىلمىي مۇنازىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ . بولۇپمۇ قىز ئاسپرانتلار مۇنازىرىگە تېخىمۇ ئامراق كېلىدۇ . ئۇلار گۈزەل - لاتاپەتلىك ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق ، شۇنداقلا جەلپ قىلارلىق بولۇپ ، سانمۇ كۆپ ، ئىلمىي سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى . ئۇلار ھامان دادىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىنى ، نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . لېكىن ئۇلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ، ئايال كىشىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئىشلىرى ، يەنى ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ( بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرمايمەن ) ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ . قىسقىسى ، ئۇلار ياخشى بىر ئالىم ، ياخشى بىر ئانا ھەم ياخشى بىر رەپىقە بولۇشقا تىرىشىدۇ . ئۇلار كۆپ ئوقۇيدۇ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىق روھى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن . شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ . ئەلۋەتتە ، مەن بۇ يەردە قىزلىرىمىزنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ مەيلى ئەقىل - پاراسەت ، گۈزەللىك ۋە ئەخلاق - پەزىلەتتە بولسۇن ، دۇنيادىكى ھېچقانداق قىزلاردىن قېلىشمايدۇ .
    ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆتكەنلىكى كوچىلار ، ئۇلار دەسسىگەنلىكى تۇپراق ، ھوزۇرلانغان مەنزىرىلەر ۋە چاچلىرىنى يۇيۇپ - تارىغان دەريا - كۆللەر ، قىسقىسى ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قەدىمى تەگكەن ھەر قانداق يەردىن مەڭگۈ مۇھەببەت ۋە باھار ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ ، شۇڭا مەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە مۇنداق خاسىيەتلىك قىزلىرىمىزنى ئاسراشنى ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ، ھالىغا يېتىشنى ، ئۇلارنىڭ قەددىنى ، ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈشكە ھەر قاچان تەييار تۇرۇشىنى تىلەيمەن ، ئۇيغۇر قىزلىرى بىزنىڭ سىڭىللىرىمىز ، ھەدىلىرىمىز ۋە ئانىمىز . ئۇلارنىڭ ھاياتتا خورلىنىپ ، بىزلەرگە نەپرەت ، سەسكىنىش ، يىرگىنچ بىلەن قارىشىنى كۆرۈپ تۇرۇش نېمىدىگەن ئازابلىق ئىش - ھە ؟ شۇڭا مەن دوستلىرىمغا مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    گېپىمىزگە كەلسەك ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياتاقخانىلىرىدىكى ئاسپرانتلار ئارىسىدىكى بۇ قىزغىن مۇنازىرىلەر دائىم دېگۈدەك كۈلكە - چاقچاقلارغا ئايلىنىپ ، نەچچىلىگەن شامپانىسكى - ۋىنولارنىڭ قۇرۇقدىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . ئارقىدىن ئۇدارلىرى كۈچلۈك دېسكو مۇزىكىسىنىڭ دولقۇنلىرىغا جۆر بولۇپ ، ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن دېسكوغا چۈشىدۇ . چارچىغاندىن كېيىن بولسا رومانتىك ، يېنىك مۇزىكىلار قويۇلۇپ ، تىنچ تانسا ئوينىلىدۇ . قىسقىسى ، بىزدىكىدەك سېسىق ، ئاچچىق 60 گرادۇسلۇق ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ ، بىرى چاقچاق قىلسا كۈلدۈم دەپ تۈكىنى تارتقان ئۆچكىدەك سەت مەرەيدىغان ، ئارقىدىن ھۆ - ھۆدەپ قۇسىدىغان ، ھاراقنى زورلايدىغان قىلىقلار بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەس . سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ ئالىي ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى بولغان بۇ ئاكادېمىيىنىڭ ئىشىكى ھەممە مىللەت ئۈچۈن داغدام ئېچىۋېتىلگەن ، بۇ يەردە ھەر قايسى سابىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن ئاسپرانتلار ، بىلىم ئاشۇرغۇچىلار شۇ يەرنىڭ يەرلىك مىللىتىنى ئاساس قىلىپ كۆپلەپ ئەۋەتىلىدۇ ياكى ئۆز ئىختىيارلىرى بويىچە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ .بۇ يەردە قازاق - قىرغىزلارنى ، ئەزەربەيجان ، تاجىك ، مۇڭغۇل ، تۇركمەن ۋە ئۆزبېكلەرنى كۆرىسىز . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان نۇرغۇنلىغان دوكتور ۋە كاندىدات دوكتورلار ئۆز جۇمھىرىيەتلىرىدە ھەتتا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ . بەزىبىر تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا سانى ئاز ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 249 مىڭ بولۇپ ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە پۈتكۈل ئىتتىپاقتىكى 130 دەك مىللەتنىڭ ئىچىدە 60 - ئۇرۇندا تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرغىچە 500 دەك دوكتور ۋە كاندىدات دوكتور يېتىشىپ چىققان . ئەگەر بۇنى نوپۇس بويىچە سۇندۇرساق ھەر بەش - ئالتە يۈز ئۇيغۇرغا بىر دوكتۇر ۋە ياكى بىر كاندىدات دوكتور توغرا كېلىدۇ . پەقەت موسكۋا ۋە سانكىت - پېتربورگنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەخمىنەن 80 گە يېقىن ئۇيغۇر ئالىمى ( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر ، پروفېسسور ۋە دونسېنت ) ئىشلەيدۇ . مەسىلەن : موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ، موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتى ئاتوم - يادرو تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ، دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئالېكساندىر رەخىموف ، روسىيە فېدىراتسىيىسى ( سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ) ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى ، تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى ، ئالەم كېمىلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنىسى مۇتەخەسسىسى ، ئاتاقلىق ئالىم تېلىمان كەرىمبايىف ، سانكىت - پېتربورگلىق مەشھۇر ئالىم ، پروفېسسور ، دوكتور دەمىر ئىسمائىلۇف ، جەمئىيەتشۇناس پروفېسسور ، دوكتور ئابلەھەت قاھارۇف ، موسكۋا دۆلەتلىك كونسېرۋاتورىيىسىنىڭ پروفېسسورى ، ئاتاقلىق دىرىژور ئەزىز دۇگاشىف ۋە باشقىلار ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىر كۈنى دەل ئەنە شۇنداق چايلارنىڭ بىرىدە مەپتۇن قىلارلىق قارا كۆزلىرى ھەممىگە قىزىقىش ۋە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ، ئىقتىسادشۇناس ،ئۆزبېك قىزى X X ماڭا :
    __ روسلار مەرد خەلق ، سەن ئۇلار بىلەن چىقىشىشنى بىلسەڭ سەندىن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدۇ ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىچى تارلىق قىلمايدۇ . ئىچىدە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ . ئەگەر سېنىڭ قابىلىيىتىڭ بولسا سىنى ھېچنىمىدىن چەكلىمەيدۇ . لېكىن چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ئۇتتۇرمايدۇ . ئۆزبېكىستاندا ھەر 1000 ئادەم ئىچىدە 860 ئادەم ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن . قىرغىزىستان ، قاراقىستان ، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستاندىمۇ بۇ سانلار ئانچە پەرق قىلمايدۇ . دېمەكچىمەنكى ، بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان . ئىلىم - پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاكادېمىك ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلىرى بار . ھازىر تېخىمۇ كۆپەيمەكتە . بىر ئۆزبېكىستاندىن ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم موسكۋادىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ، _ دىدى . ئۇ ، بۇغداي ئۆڭ چىرايىدىن مەغرۇرانە ئالامەتلەرنى ياغدۇرۇپ سۇئال نەزەرى بىلەن ماڭا قادالدى ، _ ئۈنىڭىز ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىغۇ ؟ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ ئاكادېمىك ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلارمۇ بەك جىققۇ دەيمەن ؟ ! سىلەر ئۇيغۇرلارمۇ بېيجىڭ ، شاڭخەيلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ۋە ئالىي تەتقىقات مەركەزلىرىدە كۆپلەپ تەربىيە ئالامسىلەر ، ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى خېلى كۆپمۇ ؟ _ دىدى .
    مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەنىدى . مەن نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەي بويۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ ، ئۆز - ئۆزەمگە ئۆكۈندۈم ..... قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدىن كۆرگەن سانلىق مەلۇمات ئېسىمگە كەچتى ، بىزدە ھەر 10 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر تۆت - بەش ئەتراپىدا . خەلقىمىزدە ساۋاتسىزلار كۈرمىڭ . قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردا ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچرىتالايسىز . يېزىلاردىكى ئادەملىرىمىز دۇنيادىن بىخەۋەر ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تېخىچىلا ئاشۇ ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن ياشىماقتا ..... مەن : < بىزدە ھازىر ئاز بولسىمۇ دوكتوردىن بىر نەچچىسى چىقتى . بېيجىڭ ، شاڭخەيلەردە ئوقۇۋاتقانلار بولسا ، كۈنسايىن كۆپيىىۋاتىدۇ . ھەقىقەتەن شۇ ئۆزبىكىڭىزنىڭ بەختى بار ئىكەن . ئاللا سىزلەرنى تېخىمۇ بەختلىك قىلغاي >دىمەكچى بولدۇميۇ ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم ۋە گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرۇۋەتتىم . ئومۇ مېنىڭ نىيىتىمنى چۈشەندى بولغاي ، مېنى ئارتۇقچە قىستىمىدى .
    مەن موسكۋاغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە مۇئەللىم مېنى ئىنىستىتوتتىكى ئالىملارغا تونۇشتۇرغاندا : < ئۇيغۇر ئاسپرانت > دىگەن ئىزاھەتنى بەرمەي قالمايتتى . مەن تونۇشقان بۇ ئالىملار مۇئەللىمنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئاڭلاپ ، ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىپ ، مېنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مېنى < ئۇلۇغ مىللەتنىڭ پەرزەنتى > دەپ سۈپەتلىگەندە ، مەن روسلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارانى ياخشى بىلسە كېرەك ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . ئەپسۇسكى ، ئىش مەن ئويلىغاندەك چىقمىدى . كېيىن مەن ھەر خىل سورۇنلاردا تونۇشۇپ قالغان ھەر خىل كەسپ ۋە ھەر خىل تەبىقىگە تەۋە روسلارغا ئۆزۈمنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ دىگەن جايىدىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتسام ، ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن : < سىز جۇڭگولۇقلارغا ھېچ ئوخشىمايدىكەنسىز ، ئاتا - بوۋاڭلار جۇڭگوغا قاچان بېرىپ قالغانىكەن ؟ > دىگەندەك بىمەنە سۇئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى . مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سۇئاللارنى قويۇشتى . قىسقىسى ، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ئادەملەرنى بەكلا ئاز ئۇچراتتىم . بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى يىراق شەرق ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ياكى خىزمەت قىلغانلار ئىدى . ئەگەر ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ يەر يۈزىدە بارلىقىنى بىلىدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتسام ، قەۋەتلا ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم . بولۇپمۇ بۇ يەردىكى ياشلار < ئۇيغۇر > دىگەن مىللەتنىڭ يەر شارىدا بار - يوقلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى < ئۇيغۇر دىگەن نىمە ئۇ ؟ > دىگەندەك سۇئاللارنى بېرىپمۇ قوياتتى . ھەتتا مەن بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقان ئاسپرانتلار ئىچىدە مۇڭغۇل ۋە ئافغانلاردىن باشقىلىرى < ئۇيغۇر > دىگەن مىللەت ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىكەن . كېيىنكى كۈنلەردە مەن ياتىقىمغا دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئېسىپ قويدۇم ۋە ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرغا ئائىت ھەر خىل رەسىملىك ماتېرىياللارنى ئەكەلدۈردۈم . خىيالىمدا ، ياتىقىمغا بىرەر مېھمان كىرىپ قالسا ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ساۋاتقا ئىگە بولسۇن ، ھېچبولمىغاندا نوپۇسى 8 مىليون ، دۇنيادىكى 2000 مىللەت ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتە 94 - ئورۇندا تۇرىدىغان ، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت ھېسابلانغان بۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ قالسۇن ، ئەڭ بولمىغاندا بۇ مىللەتنىڭ نامىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ قالسۇن ، دىگەن ئويغا كەلدىم . 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رومىنيە ، بولغارىيە ، يوگۇسلاۋىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلاندىم ، ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئويغۇر دىگەننى پەقەتلا بىلمەيدىكەن . دېمەك ، غەربىي ياۋروپا ، ئافرىقا ، ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلارغا بارساڭ بىزنى بىلمەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپ . مەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ ، بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسام ، مەنمۇ ئەشۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلاردەك : < بىز ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ ، دۇنيادا بىزدەك ئۇلۇغ خەلق يوق > دەپ مەيدەمگە مۇشتلاپ ، كېرىلىپ يۈرۈۋەرگەن بولاتتىم . ھازىر شۇنداق ئويلايمەنكى ، بىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغ خەلق ، پەخىرلەنگۈچىلىكىمىز بار . لېكىن بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن مۇزىكا گۈرۈپپىسى بولغان < 12 مۇقام > نى بولۇشىچە ياڭرىتىپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەدىمكى گۈزەل سەنئەت غارلىرى بولغان مىڭئۆيلىرىمىزگە كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا كۆپ ئادەم ئوينايدىغان < ساما > ئۇسۇلىمىزنى قەشقەر ھېيتكاھىمىزنىڭ ئالدىدا تازا كۈچەپ ، ئەسەبىيلەرچە ئوينىساقمۇ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى < ئىدىقۇت شەھىرى > نىڭ ئەڭ ئىگىز خارابە مۇنارىسى ئۈستىگە چىقىپ ، ئۈزۈملىرىمىزنى يىگەچ يىراقلارغا كېرىلىپ نەزەر سالساقمۇ ، ئۇرۇمچىدىكى < قىزىلتاغ > مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ، يىراقلارغا : < مەن پالانچى ، بىزنىڭ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپىمىز ، پەخىرلەنگۈدەك پالانى ، پۇكۇنىلىرىمىز بار ..... > دەپ جار سالساقمۇ ، جاھان ئەھلى بىزگە : < سەن كىم ؟ > دىگەن سۇئالنى بېرىۋېرىدۇ .....
    كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە مانا موسكۋادا بەش يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم . ئەمدى ماڭا موسكۋانىڭ ھېچنىمىسى يات ئەمەس . بۇ يىللاردا ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولدۇم . لېنىننىڭ قاتۇرۇلغان دىدارىنى كۆردۈم . قىزىل مەيداندا تۇرۇپ ، كرېمىل سارىيىنىڭ ئەڭ ئىگىز مۇنارىسى ئۈستىدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل بايرىقىنىڭ بىر پاي ئۇقسىز قانداق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇم . س س س ر نىڭ تۈنجى ۋە ئاخىرقى زۇڭتۇڭى مىخائىل گورباچېفنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخىرقى نۇتقىنى ئاڭلىدىم . قىسقىسى ، مەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا كېلىپ ، ئۆزگەرگەن روسىيە فېدېراتسىيىسىدە قالدىم . ئۆز - ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم : قېنى ، تارىختىكى چىنگىزخاننىڭ مۇڭغۇل ئېمپېرىيىسى ؟ قېنى ، ئەجدادلىرىمىز قۇرغان ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى ؟ قېنى ، شۇ ئالېكساندىر ماكىدۇنىسكىينىڭ قۇرغان ئىمپېرىيىسى ؟ قېنى شۇ قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسى ؟ .... دېمەك ، تارىخ چوقۇم ئۆز تەرەققىيات يولى بويىچە ماڭىدۇ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ ، ئەمما ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلىشى مۇمكىن ، خالاس . مەن كۆرگەن شۇنچە قۇدرەتلىك سوۋىت ئىتتىپاقى ھېچبىر شەپىسىزلا دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى . بۇنى كىم قىلدى ، بۇنىڭغا كىم ئەيىبلىك ؟ مېنىڭچە ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئەيىبلىك ئەمەس ، بەلكى بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئادىل ھۆكمى ، بۇنداق ھۆكۈمدىن ھېچقانداق كۈچ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . چۈنكى ، تارىخ رەھىمسىز ۋە ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر . مەن بۇ قىممەتلىك بەش يىلدا 2 - قېتىملىق ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم . گەرچە 1917- يىلىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ قىشلىق سارايغا قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن بولساممۇ ، لېكىن 1993- يىلى 4- ئۆكتەبىردە توپ ئوقلىرىنىڭ ئاق سارايغا قانداق تەگكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ، ئادەملەرنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ۋە كۆردۇم . بۇ ، ھەقىقەتەن بىر دەھشەتلىك مەنزىرە ئىدى .