تەكلىپ-پىكىر | ئىملا تەكشۈرگۈچ | خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت | باش بەت |
-
موسكىۋا خىياللىرى (2) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
مانا يەنە بىر سوۋغا __ 1995 - يىلى 9- ماي سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى ، سوۋىت تارىخىدا مۇنداق كاتتا بايرام پەقەت ئىككى قېتىم بولغان. بىرىنچىسى ، 1945- يىلى 9- ماي ، ئىككىنچىسى مانا بۇ يىل . موسكۋا كوچىسىدا قاينام - تاشقىنلىق بايرام كەيپىياتىنى موسكۋالىقلار بىلەن بىر گە سۈردۈم . بۇ كۈنى كوممۇنىستلارنىڭ ، دېموكراتلارنىڭ ئادەملىرى يول - يولدا نوتۇق سۆزلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرقى روسىيە دۆلەت تۈزۈمىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى . يەنىلا ھەممە ياقتا < ھۇررا ، ھۇررا > دىگەن سادالار ئاڭلىناتتى . بۇ بەئەينى يېڭى ئىنقىلابقا ئوخشايتتى . بۇ كۈنى كوچىلارغا ھازىر روسىيىدە مەۋجۇد بولغان ھەممە پارتىيە - گۇرۇھلار ئۆزلىرىنىڭ پىلاكاتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ ، ئۇلار ھەر خىل گىزىت ، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتاتتى ، بۇنىڭغا قاراپ روسلار سىياسىي قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى خەلق ئوخشايدۇ دىگەن ھېسسىياتقا كەلدىم . لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ، سانسىزلىغان تاماشىبىنلار سىياسەت بىلەن قىلچە كارى بولماستىن ، سەيلە قىلىشاتتى ، ئارتىسلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرەتتى . كۈلكىلىك يېرى شۇكى ، سىياسىي نۇتۇق ئاڭلاشنى خالىماي ، ئارتىسلارنىڭ سىياسىي تۈس ئالغان ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى . بۇ كۈنى قىزىل مەيداندا ۋە < ھۆرمەت بىلدۈرۈش تېغى > دا ھەيۋەتلىك پارات ئۆتكۈزۈلدى . بۇنىڭغا 40 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى . مەن يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز بايرام كەيپىنى سۈردۈم . ئويلىدىمكى ، ھېچكىممۇ مۇشۇ مىڭلىغان مېھمانلار ئارىسىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندۇ ، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىگەندۇ . بىرەرى سوراپ قالسا ئۇنىڭغا : < مەن ئۇيغۇر > دىسەم ، تايىنلىق ھەيران قالار ، بەلكى < سېنىڭ نېمەڭ قايسى فرونتتا ئۆلۈپتىكەن > دەپ ئادەتتىكىدەك سۇئال قويار ، بەلكى يەنە شۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشەندۈرۈپ قىينىلارمەن . بىراق ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتنىشىپ ، يېرىمى دىگۈدەك جەڭدە قۇربان بولغان ، ئۇيغۇر يىگىتلىرى موسكۋا ، لېنىنگراد ( سانكىت - پېتىربورك ) ، كىيېف ، ستالىنگراد ، مىنىسكىي ، ئودىسسا قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردىكى دەھشەتلىك جەڭلەردە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ، سوۋىت ئىتتىپاقىنى گېرمان فاشىستلىرىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان . ھەتتا ئۇلار بېرلىن ، كراگوۋ ، ۋارشاۋا ، بۇداپىشت ، بۇخارىست ، پىراگا قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا شەھەرلىرىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ ، تىللاردا داستان بولغىدەك مەردلىكلەرنى كۆرسەتكەن . نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ جەسەتلىرى ياۋروپا شەھەرلىرىنىڭ جەڭ خارابىلىرى ئارىسىدا تاشلىنىپ قالغان . ھازىرمۇ شۇ شەھەرلەرگە بارساڭ كۆڭلۈڭدە بىر خىل ئاجايىپ ئىللىق سەزگۈلەر پەيدا بولىدۇ . بۇ بەلكى ئەشۇ يىگىتلەرنىڭ ئاققان ئىسسىق قانلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر . بۇ ئورۇشتا ئاز نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ نەپەر سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ، بىر نەپەر پولشا جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى ۋە بىر نەپەر قازاقىستان خەلق قەھرىمانى چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا ، لېنىن ئوردېنى ، قىزىل يۇلتۇز ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردېن - مېداللارغا ئېرىشكەنلەر ناھايىتى نۇرغۇن . ھەتتا كۆپلىگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى 1945- يىلى ئاۋغۇستتا سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ تەركىبىدە شەرقىي شىمالغا كېلىپ ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالنى ياپون فاشىستلىرىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ، ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغان ئەمەسمۇ ؟ كىم بىلىدۇ ، شەرقىي شىمالنىڭ بىپايان زېمىنىدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ جەسەتلىرى تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەندۇ ؟ !
بايقال سۈيى
1990- يىلى ئىيۇلدا يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا ۋەتىنىمگە قاراپ يولغا چىقتىم . مەن بۇ سەپەردە موسكۋا - بېيجىڭ تۆمۈر يولىنى تاللىۋالدىم . 1990 - يىلى 16- ئىيۇن كەچتە موسكۋانىڭ يارۇسلاۋىسكىي ۋوگزالىدىن چىققان پويىز شەرققە قاراپ ئۆز سەپىرىنى داۋام قىلدى . بىر ئۇخلاپ ئويغانسام ، پويىز يېشىل ۋادىلارنى ئارىلاپ تېز سۈرئەت بىلەن كېتىۋېتىپتۇ . دېرىزىدىن ئەتراپقا نەزەر سالدىم ، شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ مەخمەلدەك يېشىل ۋادىلىرى ، ئورمانلىرى ، دەريالىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان بۇ پويىز دېرىزىسىدىن ئەتراپقا قاراش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى .
كۆز ئالدىمدا تېز - تېز غايىپ بولۇپ ، ئۆز - ئارا ئالمىشىپ تۇرغان سۈرەت كەبىي گۈزەل مەنزىرىلەر ، دېرىزىدىن ئۇرۇلۇپ كىرىۋاتقان ئەتتىگەنلىك نەمخۇش - ساپ ھاۋا مېنى پەپىلەپ قايتىدىن شېرىن ئۇيقۇ قوينىغا ئېلىپ كەتتى . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ، پويىزنىڭ سىلكىنىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم . قارىسام سەپەرداشلار - بىر پولەك ، بىر ھونگىر ، بىر بومبا ساقاللىق قېرى روس ( تومۇر يول خادىمى ) سىرتقا مېڭىۋېتىپتۇ . ياش ھونگىر سەپەردىشىم ماڭا ئىستانسىغا كەلگەنلىكىمىزنى ، پويىزنىڭ 15 مىنوت توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى . پويىزدىن چۈشۈپ ئۇياق - بۇياققا يۈرۈپ ، بىر دەم ھەرىكەتلەندىم . بىر دەمدىن كېيىن پويىز يەنە قوزغالدى . مەن پويىز رېستۇرانىغا كىرىپ ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلدىم ، ئاندىن ۋاگونغا كىرىپ جايىمنى تېپىپ ئولتۇردۇم . قارىسام بومباساقاللىق روس ۋوتكىسىنى تىكلەپ قويۇپ ، قارا ئارپا نېنىنى كېسىپ ، ئۇنىڭغا سېرىق ماي بىلەن ئاق ماي سۈركەپ يەپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ماڭا بىر ئىستاكانغا ۋوتكا قۇيۇپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ، رەخمەت ئېيتىپ ، ئۇنى گۈپپىدە كۆتۈرۇۋەتتىم . قېرى روس مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈپ ، ئاغزىمغا ئۆز قولى بىلەن ھېلىقى زاكۇسكىلىرىدىن سېلىپ قويدى . بىر دەمدىن كېيىن ھونگىر بىلەن پولەك پەيدا بولدى . ئۇلار بۇنى كۆرۈپ ، سومكىلىرىدىن بىردىن پوتۇلكا چىقاردى . شىرە ئۈستىدە ھەش - پەش دېگۈچە ھونگىر ۋىنوسى بىلەن پولەك ۋوتكىسى پەيدا بولدى . مەنمۇ سومكامدىن ئۈرۈمچىگە ئەكىتىپ دوستلارغا خاتىرە قىلاي ، دەپ ئېلىۋالغان روس ۋوتكىسىنى چىقاردىم . بىر دەمدىلا شىرە ھەر خىل زاكوسكىلار بىلەن توشتى .
شۇنداق قىلىپ ، سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى .
قېرى روس تولىمۇ قىززىق ئادەم ئىدى . ئۇ ئەسلى دون كازاكلىرىدىن بولۇپ ، ئۇلان ئۇدە شەھىرىدىكى تۆمۈر يول ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن . بۇ ئۇنىڭ ئوكرائىنىيىگە بېرىپ ، موسكۋا ئارقىلىق ئۆيىگە قايتىش سەپىرى ئىكەن . ھونگىر بۇداپىشتلىق ئىشچى بولۇپ ، ئاتپوسكا ئېلىپ مۇڭغۇلىيىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېتىۋېتىپتۇ . ئۇ ، روس تىلىدا يامان ئەمەس سۆزلەيتتى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇڭغۇلىيىدە قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ھونلار ياشاپتۇدەك . ئۇ شۇ ئانا تۇپراقنى كېچىكىدىن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ ، مانا بۇگۈن شۇ جايغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ . بولەك كىشى سودىگەر بولۇپ ، جۇڭگودىن مال ئېلىپ ، ئۇنى موسكۋا ئارقىلىق پولشاغا يوتكەپ ساتىدىكەن . بۇ ئۇنىڭ جۇڭگوغا ئونىنچى قېتىم بېرىشى ئىكەن .
بىز بىر ياقتىن ئىچكەچ پاراڭلىشىپ خېلى چىقىشىپ قالدۇق . ھاراقنىڭ كەيپى تۇتقانسېرى چىرايلىرىمىز ئېچىلىپ يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ كەتتۇق . بولۇپمۇ روس بوۋاي مېنىڭ تارىخقا قىزىقىدىغىنىمنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ كەتتى . ئۆزىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ ئەسلىدە تارىخچى بولۇش ئىكەنلىكىنى ، لېكىن ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۇرۇش پارتلاپ ، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ ، بەش يىل قانلىق جەڭدىن ساق چىققان بولسىمۇ ، لېكىن ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغاچقا ، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئۇلان ئۇدەگە كېلىپ ، تۆمۈر يول مەكتىپىدە ئوقۇپ شۇ يەردە قالغانلىقىنى ، شۇنداقتىمۇ نەگە بارسا شۇ يەرنىڭ تارىخىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان مىجەزىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ، ئۇيغۇرلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ، ماڭا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قانچە مۇھىم ۋەقە ۋە دۆلەتلەرنى ئاتاپ بەردى . بۇ مەن ئۇچراتقان ئاددى روس پۇقرالىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ ساۋادى بار تۈنجى روس كىشىسى ئىدى . مەن ئۇنى ۋاسلىي بوۋاي دەپ ئاتىدىم . ئىچىمدە بۇ ھاراقكەش بوۋايغا ھۆرمىتىم قوزغىلىپ قالدى . ئايلىنىپ - چۆرگىلەپ ، گېپىمىز يەنىلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بولۇپ قالدى . ۋاسلىي بوۋاي تاماكىسىنى قاتتىق بىر سورىۋېتىپ :
__ بىلەمسەن ھونگىر ، يېنىڭدىكى بۇ يىگىت كىم ؟ سەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەنسەن ، _ دىدى روس بوۋاي مەسخىرە قىلغاندەك ۋە ئىشەنچ بىلەن ، __ بۇ سېنىڭ تۇغقىنىڭغۇ ، شۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟ تارىخىي مەنبەلەرنى ئوبدان ۋاراقلاپ باق ، ھونلار دېمەك ، قەدىمكى ئۇگۇر دېمەكتۇر . ئالىملار بۇ ئۇيغۇر دىگەن سوز بىلەن باغلىنىشى بار ، دېيىشىدۇ . قىسقىسى ، كۆپلىگەن ئالىملار ھونگىرلار قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بولسا ، ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئەشۇ ھونلارنىڭ ئەۋلادى ، دېيىشىدۇ . دېمەك ، سىلەر تۇغقان خەلقسىلەر .
ھونگىرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ بېشىنى لىڭشىتتى . بۇ راستمۇ ؟ دېگەندەك قىلىپ ماڭا سۇئال نەزەرى بىلەن قاراپ قويدى ۋە مەندىن :
__ سىلەر قاراچاچلىق ، قارا كۆزلۈك ، بىز سېرىق چاچلىق ، كۆك كۆزلۈك ، بىزنىڭ قىياپەتلىرىمىز تامامەن باشقىچە تۇرسا ، قانداقسىگە تۇغقان بولىمىز ؟ _ دەپ سورىدى . بۇ سۇئالغا يەنىلا ۋاسلىي بوۋاي جاۋاپ بەردى :
__ ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارىلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقىلىق خەلق ئىدى ، ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ، سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق خەلق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقىي ۋە باشقا ھىندى - ياۋروپا خەلقلىرى بىلەن ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكى بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇدقۇ دەيمەن ؟ دىدى .
بېشىمنى لىڭشىتتىم ، بوۋاينىڭ بىلىمىنىڭ كۆپلۇكىگە قايىل بولدۇم . بىز ئۇنىڭدىن كەلگەنلىكى شەھەرلەرنى سورىساق ، ئۇ ، بۇ شەھەرنىڭ تارىخىي توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرەتتى . مەن مۇشۇنداق قىزغىن سەپەرداشلىرىمنىڭ ھەمراھلىقىدا زېرىكىشنى ئۇنتۇپ ، پويىز ئۈستىدە ھەش - پەش دېگۈچە ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتىم . چەكسىز تايگا ئورمانلىقىنى ئارىلاپ يۈرۈپ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بايقال كۆلى بويىغا يېتىپ كەلدۇق . پويىز بايقال بويىدىلا 6 سائەت يۈردى .
بوۋاي دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىپايان بايقال سۈيىگە قاراپ ، ئولتۇرۇپ كۆتۈرەڭگۈ ، بوم ئاۋازدا بايقال توغرىسىدىكى كازاك ناخشىلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئېيتىشقا باشلىدى . پويىز ئاخىرى بايقال بويىدىكى بىر ئىستانسىدا توختىدى . پويىزنىڭ بۇ يەردە توختاش ۋاقتى 10 مىنوت بولغاچقا ، ئادەملەر گۈزەل بايقال مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن پويىزدىن يۈگۈرۈشۈپ ، قىستىلىشىپ دېگۈدەك چۈشۈشتى . بۇ يەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپمۇ ئۈلگۈردى . بوۋاي ھايت - ھۇيت دېگۈچە يوغان بىر باكقا بايقال سۈيىنى قاچىلاپ پويىزغا چىقتى . پويىز يەنە قوزغالدى . بوۋاي ھەممىمىزگە بايقال سۈيىدىن قويۇپ بېرىپ :
ئىچىڭلار ئاغىنىلەر ، بۇ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكىز ، تاتلىق كۆل سۈيى ، تەنگە داۋا ، قانغۇچە ئىچىۋېلىڭلار ، _ دىدى . ئۇ يەنە ماڭا ۋە ھونگىرگە قاراپ ، _ سىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىچىڭلار .چۈنكى ، سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مۇشۇ سۇدا ئاتلىرىنى سۇغارغان ۋە ئۆزلىرىمۇ ئىچىپ مۇشۇنداق باتۇر ئوغلان بولۇپ يېتىشكەن ! _ دىدى .
بىز سۇدىن قانغۇچە ئىچىشتۇق ، ھاراققا زاكۇسكا قىلدۇق . بۇ سۇ بىلەن ھاراق ئىچسەم ئۆزۈمنى پەقەت مەست بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم . بەدىنىمگە يېڭى كۈچ - قۇۋۋەت كىرگەندەك بولدى . پويىز ئالغا يۈرمەكتە ، بەزىدە ئەتراپتىكى پاكار تاغلار ئارىسىدا شۇڭغۇپ كىرىپ ، بۇ تاغلار ئارىسىدىكى ئايلانما يوللاردا يۈگۈرسە ، يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆل مەنزىرىسى غايىپ بولاتتى . مەن كۆز ئالدىمدىن توختاۋسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ تاغلار مەنزىرىسىگە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم . بۇ تاغلار قارىماققا ئانچە ئىگىز - ھەيۋەتلىك ئەمەس ئىدى . لېكىن زىچ ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، كىشىگە سىرلىق تىلسىماتقا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى . قانچىلىك ۋاقىت مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا بوۋاينىڭ يوغان قوللىرى مۇرەمگە چۈشكەندە خۇددى ئويقىدىن ئويغانغاندەك ئەندىكىپ بوۋايغا قارىدىم .
__ نىمىگە بۇنچىۋالا ھاڭۋېقىپ قالدىڭ ؟ _ دەپ سورىدى بوۋاي . ئۇ خېلىدىن بېرى مېنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان بولسا كېرەك ، _ سەن نېمانچىۋالا خىيالچان بالىسەن ، كۆزلىرىڭدە ئوي - خىيالدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ . ئېيتقىنچۇ ، بۇ تاغلاردىن سەن زادى نىمە ئىزدەيسەن ؟ بىرەر گۈزەل قىز ئىزدەمسەن يا ؟ قىز دىگەن موسكۋادا قالدى ! _ چاقچاق قىلدى بوۋاي .
__ ۋاسلىي ئىۋانوۋىي ، _ دىدىم جاۋابەن ئۇنىڭغا ، _ قەدىرلىك ۋالىي بوۋا ، بولدى ، چاقچىقىڭىزنى قويۇڭ ، مەن بۇ تاغلارغا خېلىدىن بېرى سۇئال قويىۋاتىمەن ، ئۇلار ھېچ جاۋاپ بەرمەيدۇ ، كۆڭلۈمدە شۇ تاپتا زور بىر ئېچىنىش ۋە ماتەم تۇيغۇسى بار . بوۋا .
__ نىمە ئىش ، دېگىنچۇ ئوغلۇم ؟ مەن ساڭا ياردەم قىلارمەن . ھېچ بولمىغاندا بۇ تاغنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەرمەن ، _ دەپ كۈلدى بوۋاي يەنىلا چاقچاق ئارىلاش .
__ تامامەن ئەكسىچە ۋاسلىي ئىۋانوۋىچ ، _ دىدىم ئۇنىڭغا جىددىيلىك بىلەن ، _ ئەكسىچە ، مەن بۇ تاغنىڭ ھېكايىسىنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي . بىلەمسىز ، بۇ تاغنى پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ . چۈنكى مۇشۇ تاغلار 1949 - يىلى 28 - سىنتەبىردە بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ باشلامچىسى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي ئەھمەتجان قاسىمى قاتارلىق سۆيۈملۈك ئوغلانلىرىمىزنى يۇتۇپ كەتكەن . ئاشۇ ئورمانلار ئارىسىدا ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ روھلىرى كېزىپ يۈرگەندۇ ....
مەن بوۋايغا ئەھمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئاشۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پاجىئەسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم . ھېكايەمنى ھونگىرمۇ ، پولەكمۇ قىزىقىش ۋە زور ئىچىنىش بىلەن ئاڭلىدى ھەم ئۆزلىرىمۇ ئىختىيارسىز ئاشۇ تاغلارغا قارىشىپ سۆزسىز ئولتۇرۇشتى . ئاخىرى يەنىلا بوۋاي سۈكۈناتنى بۇزدى :
__ يىگىتلەر ، بولدى قىلىڭلار ، قېنى ، ئاشۇ تارىخ ئۈچۈن بىر رومكىدىن قېقىۋېتەيلى ، ئال رومكىنى نەبىجان ، _ دىدى ئۇ . ئارقىدىنلا گۇپپىدە ئىستاكاننى كۆتۈرۈۋەتتى .
سەپىرىمىز داۋاملىشىۋەردى . پويىز ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى . يېرىم كېچە بولغاندا ۋاسلىي بوۋاي مېنى ئويغاتتى ، ئۇ ماڭا يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن پويىز ئۇلان ئۇدە شەھىرىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىمەك ۋاسلىي بوۋايدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنىدى . ئۇ ، يېنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن سىنچىلاپ قاراپ ، بىر بوتۇلكىنى سۇندى .
__ئال بۇنى ، بۇ بايقال سۈيى ، _ دىدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ، _ بۇنى قانغۇچە ئىچ ، بۇ سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىچكەن سۇ . سېنىڭ ئەجدارلىرىڭ مۇشۇ سۇنى ئىچىپ باتۇر بولغان ، ئاتلىرىمۇ مۇشۇ سۇنى ئىچكەنلىكى ئۈچۈن بولىشىچە چېپىپ ئاسىيادىن ياۋروپاغا بېسىپ ئۆتكەن . بۇ ، خاسىيەتلىك سۇ . بۇ سۇنى ئىچكىنىڭدە قەھرىمان ئەجدادلىرىڭنىڭ قانلىرى تومۇرلىرىڭدا قايتىدىن دولقۇنلايدۇ . شۇ چاغدا مەن تارىختىكى سېنىڭ بوۋىلىرىڭ - باتۇر تەڭرىقۇتنى ، ئۇغۇزخاننى ، مۇيۇنچۇرنى ، سولتان سۇتۇقنى كۆرگەندەك بولىمەن ! ...
بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق . ھونگىرمۇ ، پولەكمۇ ئويغاندى . بوۋاي يېرىمداپ قالغان پوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، ئۇنى تۆتكە بۆلۈپ تەڭ قىلىپ قۇيدى . بىز بوۋاي بىلەن خوشلىشىش ھارىقىنى ئىچىشتۇق . كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن ئاخىر پويىزنىڭ ئۇلان ئۇدەگە يېتىپ كەلگىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇق .
بىز بوۋايغا ياردەملىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن پويىزدىن چۈشۈپ بىردەم پاراڭ سوقۇشتۇق . ئاخىرى گۈدۈك چېلىندى . بوۋاي ئۇچىمىزنى بىر - بىرلەپ سۆيۈپ چىقتى ۋە ھەر بىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە تېخى مۇشتلىرى بىلەن نۇقۇدى . شۇنداق قىلىپ ، ئاخىرى بىلىملىك ، چىقىشقاق ۋاسلىي بوۋاي بىز بىلەن كۆز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى .
ئۈچىمىز بىر - بىرىمىزە قارىشىپ ئۈن - تىنسىز كارىۋاتلىرىمىزغا چىقىپ يېتىشتۇق . قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئويغانسام تاڭ يورۇپ ، ۋاگوندا يولۇچىلارنىڭ پاراڭلىرى ، رادىئودىن ناخشىلار ياڭراپ كېتىپتۇ . ئورنۇمتىن تۇردۇم - دە ، دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر سالدىم . پاھ ! پويىز كاتتا بىر دەريانى بويلاپ كېتىۋېتىپتۇ . دەرھال يېنىمدا ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرىيدىغان كىچىك خەرىتىلەر توپلىمىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭدىن بۇ دەريانىڭ ئىسمىنى تاپتىم . بۇ دەل ئاشۇ مەشھۇر ئانا دەريا - ئۇرخۇن دەرياسى ، كىتاپلاردىن تولا ئوقۇپ قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورنىشىپ كەتكەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن ياۋروپا - ئاسىيانىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل رول ئوينىغان ئۇيغۇر - تۈرك قەبىلىلىرىنى ھاياتلىق ۋە مەردلىك سۈيى بىلەن سۇغارغان ئۇلۇغ ئانا دەريا ئىدى ! مانا بۈگۈن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم . قىرغاقلىرى قويۇق ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار بىلەن پۈركەلگەن دەريا ، سۈيىنىڭ شۇنچىلىك ئۇلۇغ بولۇشىغا باقماي تولىمۇ تېز ئاقاتتى . بەزى جايلىرى خېلى كەڭرى بولۇپ ، بەزى جايلىرى چوڭقۇر قايناملارنى شەكىللەندۈرگەنىدى . ئادەتتە بۇنداق جايلارنىڭ كەڭلىكى سەل تارراق بولسىمۇ ، لېكىن بىر خىل سىرلىق ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى . پويىز ئۇرخۇن بويىدا ئالاھەزەل ئىككى سائەتچە ماڭدى . پويىز خەنۇپقا قاراپ يۈرگەنسېرى دەريانىڭ ئېقىش دائىرىسىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى ، شۇنداقلا ئېقىش تېزلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن ئىدى . بارا - بارا ئورمانلار ۋە سۇ يۈزىگە ساڭگىلاپ چىلىشىپ تۇرغان چاتقاللار ئازىيىپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىز ، قويۇق ئۆسكەن ئوت - چوپلەر ئىگىلىدى . دېمەك ، دەريا ئەمدى بىپايان يايلاقنى ئىككىگە بۆلگەن ھالدا ئاقماقتا ئىدى . يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن توپ - توپ قوي پادىلىرى ، يوغان سېيىرلار ۋە يىلقىلارنىڭ دەريانىڭ بىر قانچە ئاراللارغا بۆلۈنگەن كەڭرى بىر جايىدا سۇ ئىچىۋاتقان مەنزىرىسى نامايەن بولدى . پاكار ئاتلار ئۈستىدىكى مۇڭغۇل مالچىلار قامچىلىرىنى ئاسمانغا شىلتىپ ، بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىشاتتى . بۇ يەردە ھېچقانداق بىر ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا ئائىت نەرسىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇ تاپتا بۇ مەنزىرىلەر كىشىنى يىراق قەدىمكى چاغلارغا ئېلىپ كېتەتتى .
مەن دېرىزە يېنىدىكى قاتلىما ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ھاياجان بىلەن ئۇرخۇن ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتىمەن . پويىز تېز سۈرئەتتە ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە . پويىز چاقلىرىنىڭ رېلىسقا ئۇرۇلۇپ قاتتىق گۈپۈلدەشلىرىمۇ ھېچ قۇلىقۇمغا ئاڭلانمايتتى .
تۇيۇقسىز يادىمغا بىر ئۆي كېلىپ قالدى ، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ ئانا سۈتىدەك پاك ئۇرخۇن سۈيىدىن بىر پۇتۇلكا قاچىلاپ ، ۋاسلىي بوۋاي بەرگەن بايقال سۈيى بىلەن بىرگە ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىش ئىدى . پويىزنىڭ ئۇرخۇن بويىدىكى بىرەر بېكەتتە توختىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىم . لېكىن ئۇرخۇن بويىدا بىرەرمۇ ۋوگزال يوق ئىكەن . دېمەك ئالدىمىزدىكى چوڭ ۋوگزال مۇڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرى ئىدى . لېكىن ، يەنىلا ئەپسۇسلانمىدىم . چۈنكى ئۇرخۇن سۈيى ئاخىرقى ھېسابتا بەرىبىر بايقال كۆلىگە قۇيۇلاتتى . دېمەك بايقال سۈيى چوقۇم ئاشۇ ئۇرخۇن سۈيىدىن كۆپەيگەن ، بايقال سۈيى مەردلىك قەتىرلىرىنىڭ توپلىنىشى ئىدى .
پويىز ئۇلانباتۇر شەھىرىگە كېلىپ توختىدى . سوۋىت پاسۇنىدا سېلىنغان بىنالار بىلەن بېزىلىپ ، سوۋىت شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن دۇنيا بويىھە ئەڭ چوڭ يايلاق شەھىرىنىڭ بۇ ۋوگزالى كۆزگە تولىمۇ سۆرۈن كۆرۈنەتتى .
بۇ شەھەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن بىر خىل چۈشكۈنلۈك بىلەن غايىۋى مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . بۇ يەردە يېرىم سەئەتتىن ئوشۇق توختىغاندىن كېيىن پويىز قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ ، بىپايان يايلاقلارنى ، ئىگىز تاغلارنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ، ئىككىنچى كۈنى چۈشتە بېيجىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، مەن ۋاسلىي بوۋاينىڭ بۇ يادىكار سۈيىنى بېيجىڭغىچە ، ئۈرۈمچىگىچە ئېلىپ كەلدىم ھەم دوستلىرىمغا ، ۋەتەنداشلىرىمغا ئىچكۈزدۈم . شانلىق تارىخنى ئەسلەپ ، قەھرىمان ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ بۇ سۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىن ئۇچتۇرپانغىچە بولغان سەپىرىمدە يوللارغا ، بىپايان ئېتىز - دالىلارغا ، تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاقسۇ ، توشقان دەريالىرىغا چېچىۋەتتىم随机文章:
موسكىۋا خىياللىرى (10) 2008-09-10موسكىۋا خىياللىرى (9) 2008-09-10موسكىۋا خىياللىرى (5) 2008-09-09