تەكلىپ-پىكىر | ئىملا تەكشۈرگۈچ | خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت | باش بەت |
-
فىرانسىيىدە ئىشلەنگەن، ئۇيغۇرلارنى تۇنۇتۇشنى مەقسەت قىلغان فىلىم «ئاتا»نى چۈشۈرۋېلىڭ - [ئىجتمائى مەسىللەر]
دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
فىلىم ئاپتورى :چاغلا زەنجىرجى خانىم تەمىنلىدى.
فىلىم ئاپتورى چاغلا زەنجىرجى خانىم بىلەن فىلىم قەھرىمانى ئەھەت ئېلى ئەپەندىنىڭ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشى.
بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، ماقالىلەر، كىتابلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغان بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقنى بايقىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭماقتا. يېقىندا فرانسىيىدە ئىشلەنگەن "ئاتا" ناملىق فىلىممۇ مانا بۇلارنىڭ بىرى.
فرانسىيىدە ياشايدىغان تۈرك سەنئەتكارى چاغلا زەنجىرجى خانىم ئىشلىگەن بۇ فىلىم فرانسىيىدىكى تۈرلۈك فېسىتىۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاغلا زەنجىرجى خانىم مەقسىتىگە ئۇلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ «مەن فرانسىيىدە بۇندىن 5 يىل ئاۋۋال ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ پارىژغا كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتۇق. چۈنكى ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە قىزىقارلىق ئادەم. شۇنىڭ بىلەن بىز كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك ئېلىپ تۇرۇپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئويلاشتۇق، ئەمما كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇلىشىشى ئۈچۈن بىر ھېكايە فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق» دەيدۇ چاغلا خانىم ۋە داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ : «ھېكايە ئەسلىدە تۈركىيىدىن پارىژغا كەلگەن بىر تۈرك قىزىنىڭ ھېكايىسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ قىز بۇرۇن ئۆزى تونۇشقان بىرىسگە ئەگىشىپ پارىژغا كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ يەردە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى دېرىزىسىنىڭ ئالدىدىكى يەردە بولۇۋاتقان قۇرۇلۇشقا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىدا قۇرۇلۇشتىكى بىر كىشىنىڭ گەرچە چىراي شەكلى ئۆزىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدەك تۈرك تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىگە 5 يىل بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فىلىمدە يات بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشاش، يات بىر دۆلەتتە ھايات مۇجادىلىسى بېرىش بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار بىر - بىرىنى تونۇمىسىمۇ، ئۇلارنى ئوخشاش بىر تىل يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ بىر - بىرىگە قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىنى تونۇشقانسېرى ھېس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ فرانسىيىگە كېلىش سەۋەبلىرى، ھاياتى بىر - بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىشى ئۇلارنى بارا - بارا دادا بىلەن قىزىغا ئوخشاش يېقىنلاشتۇرىدۇ » «مەن 5 يىل بۇرۇن فرانسىيىگە كەلگىنىمدە فرانسۇزچە بىلگىنىمگە ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىن فرانسۇزلارغا ئوخشىغانلىقىمغا قارىماي، بۇ يەرگە كۆنەلمەي جاپا تارتقان ئىدىم. ئەھەتجان ئەپەندىم بولسا فرانسۇزچىنى ياخشى بىلمەيتتى، كۆرۈنۈش جەھەتتىنمۇ فرانسۇزلاردىن پەرقلىق ئىدى، يەنى بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۆز دۆلىتىڭىزدە بولمىسىڭىز قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆنۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىسىز. مەن بۇنى دېمەكچى. فىلىمدىكى قىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى بار، ئەھەت ئەپەندىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى بار. لېكىن مەن بۇلارنى فىلىمدە بەك ئالدىغا چىقىرىۋەتمەي بەلكى ئۇلارنى فىلىمنىڭ بىر زىننىتى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتتىم. مەيلى سىز قايسى مەدەنىيەتتىن كەلگەن بولۇڭ، يات بىر دۆلەتكە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇ يەرگە كۆنۈۋالغۇچە جاپا تارتىسىز، ھەممىمىز شۇنداق. مەن كىنودا فرانسىيىدە چەتئەللىك بولۇش قانداق بىر تۇيغۇ، قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇنى قانداق قىلغاندا يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەننى ئاساس قىلدىم »
«ئەلۋەتتە تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىش تارىخى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بالدۇر. ياۋروپادىكى تۈرك نوپۇسىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىق. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا تېخى يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى . مەن مەيلى ياۋروپادىكى، مەيلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن بارغانلىكى دۆلىتىدە تۈرك جامائىتى بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. گەرچە ئىككى تۇغقان مىللەت بىر - بىرىدىن مىڭلارچە چاقىرىم ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چەتەللەردە بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى تېز چىقىشىپ ياشىماقتا. سىز بۇنى نېمىگە باغلايسىز؟ » دېگەن سوئالىمىزغا چاغلا خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭ گېپىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىپ كېتەلمىسىەممۇ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن. تەخمىنىمچە ئۈرۈمچىگە بارسام 3 ئاي ئىچىدە مەن ئۇيغۇرچىنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ چىقىمەن. مانا بۇ تىل بىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئەسلىدە مەن ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى ئارىدىن يىللار ئۆتە - ئۆتە بىز تىلىمىزنى نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئەھەت ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە بىر سەپەر قىلدىم دېسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەھەتجان ئەپەندىم ھەققىدە كىنو ئىشلەش خىيالىغا كېلىپ قېلىشىممۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشۈمگە ئائىت نەرسىلەرنى ئۆگەڭەنلىكىمدىن بولدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ماڭا ئوخشاش تۈركىيىدىن كەلگەن تۈركىيە تۈركلىرى ئۈچۈن ھەركۈن كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بىز ئۇنى پەقەت تارىخ دەرسلىرىدىلا كۆرىمىز. ئۇنى بىردىنلا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگىنىڭىزدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىسز. مەن بۇ يېقىنلىشىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تىل دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە مەدەنىيىتىمىزمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ»بۇ فىلىم ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىندى.随机文章:
ﺩﯦﻠﻮ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻛﯩﺮﺯﺳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ(2) 2008-12-03شەيتاننىڭ ئىككىنجى قۇرۇلتىيى 2008-10-15ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(4) 2008-10-12ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(3) 2008-10-12
评论
مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 408830868 رەخمەت سىزگە!
نومۇرۇم ، ئېغىر كۆرىسىڭىز خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز .رەخمەت !
ئاۋارە قىلدىم...
نومۇرۇم ، ئېغىر كۆرىسىڭىز خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز .رەخمەت !
ئاۋارە قىلدىم...
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ دىگەن يەرنى بېسىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلپ چىقىپتۇ. ئاۋۇ ئادىرستىن چۈشۈرۋېلىڭلار.
مەن كېچىكىپ قاپتىمەن،خاپا بولماي ماڭىمۇ يوللاپ بەسىڭىز بوپتىكەن. يەنە بىر ئىلتىماسىم، بولسا دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى تاپقىلى بولغان بولسا شۇنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم. ئەگەر ئېلكىتاب نۇسخىسى بولماي باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلنغىنى بولسىمۇ بولىۋېرەتتى. رەھمەت سىزگە، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت، تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق تىلەپ: ئۆمەرجاندىن
ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم!
qq.com @615519452
كىيۇكىيۇ خەت ساندۇقىڭىزغا يوللىۋەتتىم، يەنە 22 سائەت ۋاقتى قاپتۇ، تېزراق چۈشۈرۋالارسىز
ھەممىڭلار ئەۋەتىپ بەر دەيدىكەنسىلەر، ئەۋەتىدىغان ئادىرسنى يازمايدىكەنسىلەر
كىيۇكىيۇ خەت ساندۇقىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ، شۇ يەرگە يوللاپ بىرەي، بۇ كىيۇكىيۇ بوشلۇقىغا قويۇلغان فىلىم.
يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى نەرسىلەر بولسا، ........... كۆپ بوپ كەتتى دىمەيمەن. رەھمەت !!!
ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىشىقا داۋاملىق تىرىشمەن.
سىزگە قانداق ئەۋەتىپ بېرىمەن؟
33561556@qq.com
خەت ساندۇقىڭىزغا يوللىۋەتتىم