评论

  • مەنزىلى: ئورخۇن تور خاتىرسى http://orxun.blogbus.com دىمەڭچى بولغۇنۇم، تور ئادىرىستىكى orxun دىكى "X" ھەرىپى روس تىلىدى "خ" ھەرىپى. بۇ ئىپلاسلارنىڭ "x" ھەرىپىنىڭ ئورنىغا ئېنگىلىر تىلىدىكى "h" ئىشىلتىلسە ياخشاراق بولغان بولاتتى. بۇ ئەبلەخلەرنىڭ تەسىرى ھازىرغىچىمۇ بار ئوخشايدۇ.
    ئۇيغۇرىيە回复سايرام说:
    سىز دىگەندەك قىلسا «ھ» ھەرىپىنى نىمە بىلەن ئىپادىلەيدۇ؟
    2009-02-23 16:28:46
  • نەبىجان تۇرسۇنغا سۇئال :
    سالام نەبىجان ئەپەندىم مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى شۇنداقلا تارىخ ساھەسىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپتىم بىلەن سىزدىن بىر نەچچە سۇئال سورىغىم بار .
    بىرىنچى : ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىلىخان تۆرە نىمە ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ كىتىلگەن ؟ سەۋەبى نىمە؟ بۇنىڭدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بار دەپ قاراشقا بولامدۇ ؟

    ئىككىنچى : ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىجىڭ سۆھبىتىگە نىمە ئۈچۈن سوۋىت تىرىتورىيسىگە تەۋە تەرەپ بىلەن يولغا چىقىدۇ ؟ بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بارىدىغان قاتناش يولى بارغۇ؟

    بۇ سۇئاللار مىنى تولىمۇ گاڭگىراتتى مومكىن بولسا جاۋاب بەرسىڭىز .
    رەھمەت !
    ئۇيغۇرىيە回复تارىم说:
    مەن نەبىجان تۇرسۇن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ كۆز قارىشىمنى دەپ باقاي
    ئىككىنچى مەسلىگە نىسبەتەن مېنىڭ قارىشىم مۇنداق
    «ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ قوللىشىسىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان»
    «مانا بۇ يالتا كېلىشىمى تۈزۈلگەن فېۋرال ئېيىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى فېۋرالدا ستالىننىڭ غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەردىن ۋە موسكۋاغا ئىشەنگەن ساددا خەلقتىن خۇپىيانە تۇتۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت ئۈزۈل- كېسىل قارار بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئەنە شۇ قارار ماۋزېدۇڭغا بىلدۈرۈلۈپ، تەخمىنەن سەككىز ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ستالىن باشلىق كرېمىل رەھبەرلىرى مەخسۇس تەمىنلىگەن ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ (بەلكى شۇنداقتۇ؟) سوۋېت ئىتتىپاقى تېرىتورىيىسىدىكى چىتا شەھىرى يېنىدا ھادىسىگە ئۇچرىدى.»
    شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەردىن ئېلىندى
    نەبىجان تۇرسۇننىڭ يەنە بىر ئەسىرىدە شۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنى موسكىۋادا كۆرگەن سوۋېت جاسۇسىنىڭ سۆزى يېزىلغان
    2009-02-07 11:36:15
  • نەبىجان تۇرسۇننىڭ ۋەتەندە ئىلان قىلغان <مۇسكىۋا خىياللىرى> ،يىقىندىن بىرى ئىلان تورلاردا ئىلان قىلىنىۋاتقان <ئاق ساراي خياللىرى > ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدىكى ۋە مىللىۋارد قاتارلىق ئامىرىكىلق تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن بىر قانچە كىتابلىىر ھەققىدە خىلى كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ۋە تەتقىىقات ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالماي پىقىر تولىمۇ تەشنالىق بىلەن چاڭقاپ كەتتى. ...............
    ئاكىجان ئۆزلىرى بامۇ يا !

    ھاھاھاھاھا.......
    ئۇيغۇرىيە回复تارىم说:
    شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر چوڭ ھەجىملىك كىتاپ ئوخشايدۇ
    يەنە بىر تەتقىقاتچى بىلەن بىرلىشىپ يازغان جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار چېگىرسى دىگەن كىتابى ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان ئوخشايدۇ.
    مېنىڭ بىلدىغنىم شۇنچىلىك ئىكەن.
    نەبىجان دوكتۇر ھەققىدە باشقا مەلۇماتلار بولسا مۇشۇ يەردىن ياكى ئۆزىنىڭ بىلوگىدىن بىلەلەيسىز.
    2009-02-06 19:50:19
  • تارىخ پەنلىرى ساھەسىدە كۆكرەكنى كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇر يىقىنىقى زامان تارىخى ۋە ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پاجىئەلىرى ھەققىدە ئەتىراپلىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر پەرزەنتى نەبىجان ئەپەندىنىڭ تەتىققات ئىشلىرنىڭ نەتىجىلىك ، تنىنىڭ سالامەت ، ئائىلىسنىڭ بەختىلىك، ئارزۇ ئارمانلىرنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئىشىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن . شۇنداقلا بۇ مىللەت سۆيەر ئاكىمىزنى ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان ئەزىز ۋەتەننىڭ خۇشال كۈنلىرنىڭ كىلىشىنى ، بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىسنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاللادىن خاتىرجەملىك تىلەيمەن .
  • دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئەركىن سىدىقتەك ئوتكۇر پىكىرلىك ،مىللەت ھەققىدە بىزنى ئويغاندۇردىغان كشلىرىمزنىڭ ماقاللىرىنى بىزگە كۇرۇشكە مۇيەسسەر قىلغىنڭىزدىن بەك خۇرسەن بۇلدۇم ، قۇلىڭىزغا دەرد بەرمىسىۇن ، داۋاملىق ئىزدىنىپ ھارمىغايسىز !
  • <<ئاقساراي خىياللىرى>>نىڭ تولۇق تىكىستى بولغان بولسا كۆرسەك بولار ئىدى! ئەزىزىم.
  • ساراڭلارغا زېھنىڭىزنى ئۇپراتماي ئۇيغۇر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
  • بەكمۇ ياخشى بوپتۇ، نەبىجاننىڭ نۇرغۇن يازمىلىرىنى تېخى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدىم، داۋاملىق يېغىپ ساقلاڭ.
    ھارمىغايسىز!
  • بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ مۇبارەك بولسۇن.
    ياخشى ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي
  • بۇ قانداق بىلوگ، تازىمۇ بىر.......
    قۇيىلىدىغان ناخشىلارنى نىمىشقا ئاپتۇماتىك قۇيىدىغان قلىپ قويدىڭىز... كومپىيڭۇتىرىمنى 3 نۆۋەت قاتۇرۇپ قويدى.....
    بە ئۆز بولدۇم بۇ بلوگ قا.






    بىر گەپنى سورىۋالاي.، ئۇ بلوگ نەبىجان تۇرسۇننىڭ خاس بىلوگىمۇ ياكى باشقىلار ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللامدۇ؟
    ئۈزى يازامدۇ دىمەكچى.
    ئۇيغۇرىيە回复sarang说:
    ناخشا قويسا قېتىۋالدىغان كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكۈچە، ئەخلەتخانىغا چۆرۈۋەتسىڭىز بولمامدۇ. ئاتالمىسا ئوقىدىن كۆرۈپتۇ دىگەندەك، كومپىيۇتېرىڭىز قېتىۋالسا بىلوگدىن كۆرەمسىز؟!
    ئۇ بىلوگ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۆزىنىڭ بىلوگى، ئەسەرلىرىنى ئۆزى يوللايدۇ.
    2008-12-15 11:52:10