-
مۇ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش(3) - [تارىخ]
چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى مۇنداق سۈرەتلىگەن: «ھىمالايا تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۈتكۈل دائىرىسى بىر زامانلاردا تۈزلەڭلىك ئىدى ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇنبەت زېمىنلار، ئورمانلار، كۆللەر ۋە دەريالار بىلەن قاپلانغاندى. مۇكەممەل ھالەتتە ياسالغان كوچىلار ۋە سودا-كارۋان يوللىرى تۈرلۈك شەھەر ۋە يېزىلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. ناھايتى ياخشى بىنا قىلنغان شەھەرلەر، ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ تورالغۇ جايلىرى، ناھايتى كۆركەم مەخسۇس ئۆيلەر (داچىلار)، باشقۇرغۇچىلارغا ئائىت سارايلار بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا گوبى دالىسىنىڭ توپاننىڭ پۈتۈن يەرنى ئېقىتىپ مېڭىپ، ئاشۇ ئورۇنلاردا يالىڭاچ قىيالار-بارلارنىمۇ قالدۇرمىغان جايلىرىدا دەريا، قانال ۋە كۆللەرنىڭ قورغان ئىزلىرىنى ئېنىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ [45].»
ئۇيغۇر ئىمپېرىيسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مۇنىڭ تەسۋىرى يېزىقىلار بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇقەددەس ھۆججەتلىرىدىكى دىن ۋە ئىلىم-پەنگە ئائىت بىلىملىرىنى ئەتراپقا تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇ مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتىكى رولى ھەممىدىن زور بولغان. «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ناھايتى تەرەققى قىلدۇغاندى. ئاسترونومىيە، مەدەنچىلىك، توقۇمچىلىق سانائىتى، مىمارچىلىق، ماتېماتىكا، دېھقانچلىق، مائارىپ ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنى مۇكەممەل ئىگەلىگەندى. يىپەك، ياغاچ ۋە مېتال ئۈستىگە دېكراتىسىيە سەنئىتى ئىشلەشتە ماھىر ئىدى. ئالتۇن، كۈمۈش، برونزا ۋە سېغىر تۇپراقتىن ھەيكەللەرنى ياسايتى…. خەنزۇ رىۋايەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 17 مىڭ يىل ئىلگىرى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارىخ گېئولوگىيلىك ھادىسلەرگىمۇ ماس كەلمەكتە [46].» تۈرك ئالىمى ئەرگۈن ئارىكدال چېرچىۋاردنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى خاراكتېرلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇ مەدەنىيتىنىڭ ئىنسانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تاللىغان. شۇ سەۋەبلىك ياخشلىق، گۈزەللىك ۋە پەلسەپەبىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق بىلىملەرنى ئۇ يەرگە (ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە) يۆتكىگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى موڭغۇلىستان ۋە گوبى دالىسىنىڭ تاغ ئېتەكلىرىگە يېقىن يەرلەر ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، ئىلىم-پەن، ئىجىتمائىي ھايات، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئادەم بىلەن ئالەم ئوتتۇرسىدىكى تۈزلۈشلەر جەھەتتىن ئېرىشكەن بىلىملىرى ناھايتى توغرا ئىدى. بىر مۇنچە تەبىئىي ھادىسلەر سەۋەبى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر كۆچۈشلىرى ھىندىستانغا، جۇڭگوغا، ئافغانىستانغا ۋە ئىران ئارقىلىق ئاناتولىيىگە قەدەر داۋاملاشقاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆچۈشلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇ ئىلىم-پېنى ۋە ئاتلانتىس تېخنىكىسى بىلەن يېتىلگەن بۈيۈك ئىنسانىيەت كۈچلىرىمۇ، ئەقلى ۋە زېھنىمۇ كۆچتى [47].» دېمەك،مۇنىڭ قۇدرىتى ۋە شۆھرىتى ئۇيغۇرلار ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن بىرگە تارقالغاندى.
بۇ يەردە ئەمدى شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، چېرچىۋاردنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، مۇ دىنىدا ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى مەركەز قىلىشتەك گۇمانىستىك ئەقىدە ئاساس ۋە يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەقىدە مۇ ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىدە بىردەك تەتبىقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخىدا، ئەقدە جەھەتتىن مۇ دىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئېتىقاد ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ھەتتا بۇددا، مانى، زەردۇشت، خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كىرگەندىمۇ ئۇيغۇرلار بۇ دىننىڭ تۈپ ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچمىدى. ئەكىسچە سىرتتىن كىرگەن بۇ دىنلارغا كۆك تەڭرى دىننىڭ تامغىسىنى باستى. تارىختا ھونلار، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تەرپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي چۈشەنچە مۇ ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىگە ئوخشاش بىر تەڭرىلىك (كۆك تەڭرى) دىننىڭ ئەقدىسىدىن مەنبەلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى، دەخلىسىسزلىكى، تەبئىي، پىسخىكىسى، ئارزۇسى ۋە بەختى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇلغاندى. كىلاسىك ۋەسىقىلىرىمىزدە، بولۇپمۇ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» دە ئوچۇق ئىپادە قىلىنغىندەك ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلەردە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىنىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىرقىي تىپ، ئىجىتمائىي ھالەت، دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى ھەرقانداق بىر پەرققە قارىماي، ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە، ھوقۇق ۋە ئادالەت تەكىتلەنگەن [48].
ئادەتتە تارىخشۇناسلارمۇ بىر تەڭرىلىك دىننىڭ مەنبەسىنى چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرىدىن خالىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە تۈركىي مىللەتلەرنى مەدەنىيەت مۇھىتىغا باغلايدۇ ھەمدە مىلادىدىن 5000-، 4000- يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر بۆلىكىنىڭ غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بېرىپ سۇمېر مەدەنىيتىنى تەشكىل قىلىشى نەتىجىسىدە، توپان خاتىرىسى ۋە كېيىنكى كۈندە مۇساۋىيلىك (يەھۇدى دىنى)، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلامىيەت نامى بىلەن ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئۈچ چوڭ دىننىڭ مەبەسىنىڭ غەربىي ئاسىياغا تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ [49]. تۈرلۈك دىنلارنىڭ مەنبەسى ۋە تەلىماتى ھەققىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باغان ئېرۇئارد سچۇر «ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر تەسىرى زەردۇشت، براھمان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان راما تەلىماتى ئارقىلىق مەيدانغا چىقتى [50]»دەپ كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇ نەرسىنى بىلىشكە بولىدىكى، ئالىملار قايسى يولدىن تەتقىق قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر تەڭرىلىك دىننىڭ ياكى باشقا دىنلارنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرلارغا ياكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر ۋاسىتە ئارقىلىق مۇغا تاقىلىدۇ.
چېرچىۋارد مۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي بىرلىكى (پۇلنىڭ ئورۇندا) نى چۈشەندۈرگەندە، «ئون»نى تەڭرىنىڭ سىمۋوللۇق سانى دەپ قاراپ، «توققۇز»نى بىرلىك قىلغان بىر ئۆلچەم مۇھىم ئەقىدىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. يەن «يەتتە»، «تۆت»، «ئۈچ» دېگەن سانلارنىڭمۇ مۇقەددەس مەنانى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاياتىدا بۇ سانلار مۇقەددەس ۋە سىمۋوللۇق ئۇقۇمدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئىككى دەۋرگە مەنسۇپ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىكى بۇ خىل بىردەكلىك كىشىدە تەبئىي ھالدا بۇ ئىككى مەدەنىيەتتە مەنبە ۋە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولغان، دېگەن تەسەۋۋۇرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇرنى تۆۋەندىكى بايانلار تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.
چېرچىۋارد ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا مۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەڭرىلىك ئېتقادى ۋە «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»گە دائىر رەسلىملىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن. چېرچىۋارد مېكىسكىنىڭ شۇچىلكالكو پىرامدالىرى ئۈستىدىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»گە ئائىت بىر مۇنچە قاپارتىما يېزىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ)، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇ ئېلىپبەسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:بۇ تەسۋىرىي يېزىقنىڭ بىرنىچى قۇردىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر»، «ئىككى»، «ئۈچ» دېگەن سانلارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان سىزىق (بەلگىلەر) ھېسابلىندۇ. بۇ يېزىقلار يەنە تىك ھالەتتىمۇ قوللىنىلغان، رىم رەقەملىرىنىڭ مۇشۇ سانلار بەلگىسىگە تاقىلدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ رەقەملەر ئاشۇ ئورنىدا «ئاساسىي سانلار» دەپ بىلىنسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا يەنە «ئىنسانلار بىر تەڭرى تەرپىدىن يارتىلىغانلىقى» سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىندىغان سىرلىق مەنىگىمۇ ئىگە ئىدى. بۇ تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئىككىنچى قۇردىكىسى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» ئاساسىدىكى «ئىنسان» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. ئىككى چىنىسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئىنسان « » شەكىلىدە ئىپادە قىلنغان. مۇقەددەس كىتابلاردا تەڭرىنىڭ ئاۋۋال ئەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئايالنى (‹تەۋرات› تا ئەرنىڭ ئىككى تال قوۋۇرغىسىدىن، ‹قۇرئان› دا ئەرنىڭ جىسىمىدىن دېيىلىدۇ) ياراتقانلىقى، بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ يارتىلىغانلىقى سۆزلىندۇ. تەسۋىرىي يېزقىنىڭ ئۈچىنچى قۇردىكى « » ھەرپى پەقەت ئەركەك جىنس چۈشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنساننى ئىپادىلىگەن.جىنسىيەت تەكىتلىنىش زۆزۈر بولمىغاندا، پەقەت ئۇيغۇرچە مۇ ھەرىپى « »قوللىنىلغان. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، ئۇيغۇرچە مۇ ھەرىپىنىڭ تەرەققىياتى تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيتىگە« »شەكىلىدە ئۆتكەن [51]. خەنزۇرلار بۇنى ئۇچلۇق ھالەتكە كەلتۈرۈپ «人 » (ئوخشاشلا ئادەم دېگەن مەنىدە) شەكىلدە قوللانغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساننىڭ ئىككى جنىسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان « » ھەرىپىمۇ خەنزۇ تىلىدىكى «民 » (خەلق) خېتىنىڭ شەكلىگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ.
بىز يېقىنقى تۆت مىڭ يىللىق تارىخىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇ دەۋرگە مەنسۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە مۇ دەۋردىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىدىغان بەلگىلەرنڭ ئىزچىل داۋاملىشى كەلگەنلىكىنى ئۇچرتىمىز. يەنى بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىدە بىر تەڭرىلىك ئېتقادتىن مەنبەلەنگەن «ئىككىلىك سىستېمىسى» تەتبىقلانغان، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبى، نامى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ھاياتىلىق چۈشەنچىسى، تۇرمۇش قارىشى، سىياسىي تەشكىلاتى ۋە پايتەخىت تەسىس قىلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئپادىلەنگەن. بۇ چۈشەنچە يەنە مۇڭغۇللار، تېبەتلەر، ئوراللىقلار، ئوتتۇرا ئافرىقلىقلار ۋە ئوكىئانىيە قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، پەقەت ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلىرىدىلا بىر خىل ئېتىقاد تۈسىدە ئوتاق ئىزچىللىققا ئىگە مىللەت ۋە دۆلەت نىزامى ھالىتىگە كۆتۈرلگەن [52]. دېمەك، كېيىنكى تارىختا كۆرۈلگەن «ئىككىلىك سىستېمىسى» نىڭ مەنبەسى مۇ دەۋرى مەدەنىيتىدىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»دىن ئىزدەشكە ۋە بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولدىغانلىقى كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئۆتىدۇ.
ئارخېئولوگ نىۋېن ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدىكى قىيا تاشلار ئۈستىدىن نۇرغۇن تەسۋىرىي يېزىقلارنى بايقىغان. چېرچىۋارد بۇنىڭ ناگا ۋە ئۇيغۇر ئارلاشما تەسۋىرىي يېزىقى بولۇپ، 70 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قىيا تاشلارغا مۇ قىتئەسى چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. چېرچىۋارد بۇ تەسۋىرىي يېزىقلارنى رەتكە تىزىپ (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ) چىققان ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ يېزىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ئېنىقلىغان [53].
چېرچىۋاردنىڭ بايان قىلىشچە، مۇ قىتئەسىدە بارلىققا كەلگەن ۋە مۇ مەدەنىيتىدىن مەنبەلىنىپ، ئاسىيا-ياۋروپادا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئورنىنى تىكلىگەن. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە يەر شارىدا بۈيۈك بىر «مەدەنىيەت دەۋرى»نى ياراتقان.
چېرچىۋارد تېكىستىنى ئېلان قىلغان بىر ھۆججەتتە مانا مۇشۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ھالاكىتىدىن سۆز ئېچىلىپ مۇنداق دېيلىدۇ:«ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى بارلىق ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمپېرىيتىنىڭ شەرقىي تەرپىگە تولۇق تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھەرقانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان توپان تەرپىدىن يوقىتىلىدى [54].» چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ شەرقىي تەرەپلىرنىڭ توپان بالاسى تۈپەيلىدىن يوقالغان ۋاقتىنىڭ مۇ قىتئەسىنىڭ شۇغا چۆكۈپ كەتكەن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاپەتتە ئىمپېرىيىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىنىڭ ھېچبىر تەسىرگە ئۇچۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ پۈتكۈل شەرق رىۋايەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى چۆللۈك ۋە بوزقىر بىلەن قاپلانغان جايىلىرىنىڭ توپان بالاسىدىن ئىلگىرى مۇنبەت ۋە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇ دەۋرىدە كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيىگە مەركەز بولالىغىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ تۇپراقلار توپان بالاسى تۈپەيلىدىن، دېڭىزدىن كەلگەن ھەيۋەتلىك دولقۇننىڭ ئاستىدا قېلىپ چۆللىشىپ كەتكەن. گوبى چۆللۈكىنىڭ ئاستىدا زور مىقداردا تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ بارلىقى بىر زامانلاردا بۇ يەرنىڭ مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىندۇ [55] .
ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ شەرقىي تەرپى ۋەيران بولۇپ، ئارلىقتىن نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىدا تاغ كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەبۇب تەرەپلىرىدىكى جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىقنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان. ئامان قالغان كىشلەرنىڭ بىر قىسىمى بۇ ھادىسىدە زەربىگە ئۇچۇرمىغان رايۇنلاردا پاناھلىق تاپقان. يەنە بىر قىسىمى بولسا ھىندىستان ۋە ئىران تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. ئۇلار ھىندى ئارىئانلىرى ۋە فارىسلار-مىدلەر سۈپىتىدە تۇنۇلغان.
راھىب رىشى چېرچىۋاردقا ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ھالاكىتى ۋە شۇ دەۋرى تارىخ بايان قىلىنغان تابلېتلارنىڭ تېبەتكە يۆتكىلىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگەن. «شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا توپان تەرپىدىن ۋەيران بولۇپ تۈزلىنىپ كەتكەندە، ئۇيغۇر پايتەختىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولغان. خەلقىنىڭ ھەممىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇ ۋاقىتتا نائاكاللار تەرپىدىن ئانا دىيار مۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن چوڭ بىر كۈتۈپخانىمۇ توپنىڭ ئاسىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، توپان يېتىپ بارالمىغان غەربىي تەرەپلەردىكى نائاكاللار پايتەختىنىڭ خارابىسىغا بېرىپ تابلېتلارنى قېزىپ چىقارغان ۋە ئۇلارنى غەربتىكى بىر ئىبادەتخانىغا يۆتكىگەن. تاغلار كۆتۈرلۈپ ئىبادەتخانىدىكى تابلېتلار قايتىدىن توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئاشۇ ئىبادەتخانىدا ساقلانغان. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەن. تاغلار كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامان قالغان نائاكاللارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ تابلېتلارنى قېزىپ چىقارغان ۋە ھازىرقى ئىستىراھەتگاھى بولغان ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەن [56].»
مۇ ۋە ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى ھەم 70 مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق دەۋر سۈرگەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يەر شارىدا يۇقىرى دەرجىدىكى مەدەنىيەتلىك بىر دەۋر ئاخىرلاشتى. ئاشۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەت-تەرەققىياتىنى ياراتقان ئىنسانلارمۇ بىراقلا تۈگەشتى. ئامان قالغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم تۈركۈم ئىنسانلار، جۈملىدىن كېيىكى ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدىكى ھاياتلىق بۆشۈكى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىدىن ئايرىلىىپ قالغاچقا، ناھايتى ئاددىي (ئىپتىدائىي) ئۇسۇل بىلەن ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. مۇشۇ ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمىغان بابىل، مىسىر، ھىندىستان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەللەر بولسا، ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئاينىش يولىنى تۇتتى. نەتىجىدە بۇ يەرلەردىكى مەدەنىيەتمۇ ئاستا-ئاستا خارابىلىشىشقا يۈزلەندى …
ئىزاھاتلار:
[1] سىكوگنامىل گېئوۋان: «دۇنيايىمىزنىڭ سىرلىق ئىگىلىرى»، تۈركچە، 38-بەت، 1973-يىلى، ئىستانبۇل.
[2][9][11][18][21][55] جىھانگىر گەنەر: «سىرلىق تەلىماتلار ـــ باتىنىي نەزەرىيىلەر تارىخى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
[3][14] سانتېسون ھانس ستېپان:«چۆكۈپ كەتكەن مەمىلكەت مۇ مەدەنىيتى»، تۈركچە، 2-،19-بەتلەر، 1989-يىلى، ئىستانبۇل.
[4] ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى يازغان «مۇ، تارىختىن بۇرۇنقى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت»، تۈركچە، 15-بەت، 1978-يىلى، ئىستانبۇل.
[5][7][8][13][17][19][20][43][46] جامېس چېرچىۋارد: «غايىب قىتئە مۇ»، تۈركچە، 22-، 32-، 37-، 39-، 121-، 123-، 127-، 128-، 151-، 153-، 347- بەتلەر، 2000-يىلى، ئىزمىر.
[6][10][12][22][23][25][28][29]][30][31][32][33][34][35][36][37][42][54][56] جامېس چېرچىۋارد: «چۆكۈپ كەتكەن قىتئە مۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، تۈركچە، 17-، 21-، 23-، 24-، 25-، 26-، 66-، 108-، 117-، 125-، 157-، 176-، 220-، 221-، 222-، 226-، 227-، 229-، 232-بەتلەر، 2002-يىلى، ئىزمىر.
[15] «مۇ مەدەنىيتى ۋە دىنى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
[16][24][40][41][44][51][53] جامېس چېرچىۋارد: «مۇنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرى»، تۈركچە، 33-، 34-، 98-، 102-، 103-، 154-، 156-، 158-، 191- بەتلەر، 2001-يىلى، ئىزمىر.
[26] «ئاتلانتىسنىڭ ئىشەنگۈسىز ھېكايىسى»، تۈركچە، ئىنتېرنىتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
[27] شىرلېي ئاندرېس: «ئاتلانتىس» (غايىب بولغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ماھىيىتى)، تۈركچە، 29-بەت، 2002-يىلى، ئىزمىر.
[37][50] ئېدۇئارد سچۇر: «بۈيۈك ئىنسىيىلەر ـــ سىرلىق تەلىمات ئىگىلىرى»، تۈركچە، 41-، 541-بەتلەر، 1989-يىلى، ئىستانبۇل.
[38] ئا. زەكىي ۋەلىدىتوغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 149-بەت، 1981-يىلى، ئىستانبۇل.
[39] پولات قايا: «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۆچۈرۈلگەن ئۆتمۈشى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
[48][52] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 12-توم، 2-قىسىم، 233-، 268-بەتلەر، 1988-يىلى، ئىستانبۇل.
[49] «قەدىمكى دىنلارنىڭ كۈنىمىزدىكى تەسىرى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
«تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 2-ساندىن ئېلىندىــــــــــــــــــــــــــــــــــئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئاساستا باشقا يەرگە كۆچۈرسەڭلار بولىدۇ..
<< مۇ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش(2) | باش بەت | فىرانسىيىدە ئىشلەنگەن، ئۇيغۇرلارنى تۇنۇتۇشنى مەقسەت قىلغان فىلىم «ئاتا»نى چۈشۈرۋېلىڭ >>