تەكلىپ-پىكىر ئىملا تەكشۈرگۈچ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت       باش بەت 

  • موسكىۋا خىياللىرى (5) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:
    1993 - يىلى ئەتىيازدا ئۆزبېكىستانغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بارغان چېغىمدا ، تاشكەنتنىڭ < مۇستەقىللىق مەيدانى > دا كېتىۋېتىپ تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان بىر ئۆزبېك شەرقشۇناس پروفېسسور ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىپ : < دۇنيادا ئۆز مىللىتىنى ، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەمنى قانداقسىگە ئادەم دېگىلى بولسۇن ؟ ! مېنىڭ قارىشىمچە ، دۇنيادا ئۆزبېكىستانىمدەك ئۇلۇغ جاي يوق ، مەيلى ئامېرىكا ، مەيلى شىۋېتسارىيە ۋە ياكى يەنە باشقا كاتتا جايلار يەنىلا مېنىڭ قەدىردان ئۆزبېكىستانىمدەك ئەمەس ، چۈنكى ئۆزبېكىستان مېنىڭ شۇنداقلا ئەجدادلىرىمنىڭ قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس ئانا تۇپرىقىم ، بىزلەر ئىلگىرى سەمەرقەنتلىك ، بۇخارالىق ، تاشكەنتلىك ، نامەنگەنلىك دېيىشىپ ، بىر - بىرىمىزگە نەپرەت كۆزلىرىمىز بىلەن قاراشقانىكەنمىز . شۇنىڭ بەدىلىگە بىزلەر خارابلاشتۇق . مەگەركى ، ھازىر كىم سەن ئۇ يەرلىك ، مەن بۇ يەرلىك دەپ يۇرتۋازلىق قىلسا ، مەن شۇنى مىللىتىمنىڭ دۈشمىنى ھېسابلايمەن > دىگەنىدى . ئۇ يەنە غاڭزىسىنى قاتتىق بىر سورىۋېتىپ : < ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ خەلق ، بىزلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىردۇر . قاراڭ ، بىز ئىككىمىز بىر - بىرىمىزنى يۈزدە يۈز چۈشۈنەلەيمىزكەن . بۇ يەردە ھېچكىم سىزنى ئۇيغۇر دىمەس ، بەلكى مەن سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلارغا بارسام مېنى كىشىلەر ھېچ ئۆزبېك دېمەس ، قىسقىسى ، بىر - بىرىمىزنى ئۆز كۆرەرمىز ، خالاس . كەچۈرۈڭ ، دوستۇم ، بىر گەپنى سىزگە ئېيتقۇم بار . سىلەر ئۇيغۇرلار نېمانچە ئىتتىپاقسىز ، تۆت ئۇيغۇر بىر - بىرىڭلارنىڭ كۆتىڭلارنى كولايسىلەر ، شەخسىي مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن بىر - بىرىڭلارنى ساتىسىلەر . سىلەردە ھەسەتخورلۇقتىن باشقا نەرسىلەر جۈدەكەم ئىكەن . تاشكەنتتە يۈرگىنىمدە ئۇيغۇر ئورتاقلىرىم ( دوستلىرىم دېمەكچى ) قاتمۇ - قات زىددىيەتلەرگە تولغانتى . ئالما- ئاتا ، بېشكەككە بارسام ئۇ يەردىمۇ بىر - بىرى بىلەن تالىشىپ ، دۈشمەنلىشىپ يۈرۈشكەن ئۇيغۇرلارنى كۆردۇم . تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا جايلاردىمۇ ھەم شۇنداق ، مېنىڭچە ، سىلەر ئۇنداق قىلمىساڭلار بۇلار ئىدى . ئۆملۈك بولمىغان مىللەتتە قانداقمۇ ئىستىقبال بولسۇن ؟ ! .... مېنىڭچە ، بۇنىڭ بىرلا سەۋەبى باردۇر ، يەنى سىلەردە شەخسىي مەنپەئەت ئېڭى جۈدە كۈچلۈك ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى جۈدە كەم . بىز ئۆزبېكلەردىمۇ شەخسىيەتچىلىك ئېغىر ، لېكىن بىزلەر بۇنى تۈزىتىمىز ، چۈنكى ، بۇ بىزدىكى دۆلەتلىك ئىسلاھات پىلانىنىڭ بىر قىسمى ، سىلەردە بولسا ، ئۆزۈڭلەرگە خاس خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ، مەنىۋىيىتىڭلارنى ئوڭلىيالىساڭلار سىلەر روناق تاپالايسىلەر > دىگەنىدى .
    ھەقىقەتەن بۇ ئالىملار دېگەندەك ، ساناپ كەلسەك ئاخىرى چىقمايدىغان بىزدىكى تۈگىمەس زىددىيەتۋازلىق ئىللەتلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىمىزنى قانچىلىك پاجىئەلەرگە دۇچار قىلغانلىقىنى ، بۇ پاجىئەلەردىن ئىللەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ ، گوياكى شىپاسىز كېسەللىك كەبىي مىللىتىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى خارابلاشتۇرۇپ ، ئاجىزلاشتۇرۇپ ھەم خۈنۈكلەشتۈرۈپ بېرىۋاتقىنى ھەر بىرىمىزگە بەكمۇ ئايان .
    ئالىملار مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك نامى < ئۇيغۇر > دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل يېشىپ چۈشەندۈرۈپ كۆرۈپ ، ئەڭ ئاخىرىدا < ئىتتىپاقلىق > ، < ئۇيۇشقاق > دىگەن مەنىلەرنى مۇقىملاشتۇرغاندا ، < بۇ مىللەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدە بۇ مەزمۇنلار بارمۇ - يوق ؟ > دىگەن سۇئالنى قويۇپ كۆرگەن بولغىيمىدى ؟ مېنىڭچە ، < ئىتتىپاقلىق > ، < ئۇيۇشقاق > ، < بىرلىك > دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن نام بىلەن ئاتالغان مىللەت دۇنيادا پەقەت بىرلا بىزنىڭ سۆيۈملۈك مىللىتىمىز بولسا كېرەك . ئەپسۇسلىنارلىقى ، بىز ھازىر بۇ نامغا مۇناسىپ ئەمەس !
    بىزنىڭ ئېتنىك تەركىبىمىز ئۆزىنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن بىزنى ئەقىللىق گېنېتىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك زىددىيەتلىك روھىي دۇنيايىمىزنى ۋە مىللىي پىسخىكىمىزنى شەكىللەندۈرگەن . قۇپال قىلىپ ئېيتقاندا، ساۋاتسىزلىق ، قاششاقلىق ، ھەددىدىن زىيادە نامراتلىق قاتارلىق تەرەپلەر قوشۇلۇپ ، بىزنىڭ زىددىيەتۋازلىق خاراكتېرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئەپسۇسكى ، ساۋاتسىز ئاھالىمىز بىر چەتتە قايرىلىپ قېلىپ ، مىللىتىمىزنىڭ روھىي ئىنژېنېرلىرى بولغان زىيالىيلىرىمىز ، يازغۇچىلىرىمىز ، ئالىملىرىمىز ، سەنئەتكارلىرىمىز ، مەمۇرلىرىمىزمۇ زىددىيەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتى . ( ئەلۋەتتە بۇنداق كىشىلەر يەنىلا ئازچىللىق بولۇپ ، ھەممىنى دېمەكچى ئەمەسمەن ) . يۇرتۋازلىق يەتمىگەندەك گورۇھۋازلىق قىلىشىپ ، بىر - بىرىگە ئورا كولاپ ، بىر - بىرىنى ئورىغا تىقىشنىڭ ، پۇتلاشنىڭ كويىغا چۈشتى . بۇ يولدا قوللىنىلغان بەزىبىر رەزىل ۋاستىلەرنى ئېيتىشقا ئادەم نومۇس قىلىدۇ . ئۇ ۋاستىلەر شۇنچىلىك قەبىھكى ، < ئاقنى قارا ، قارىنى ئاق > قىلىپ ، بىر - بىرىگە ئەشەددىي بەدنام چاپلايدۇ . بۇ بەدناملار ھەتتا بىر - بىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى ، شەخسىيىتى ، ئىجتىمائىي سالاھىيىتى ، سۆز - ھەرىكىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ . بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى نىمە دىگەن سۇئالنى قويغاندا : < شەخسىي مەنپەئەت > دەپ جاۋاپ بېرىش مۇمكىم . < قۇربان بېرىش روھى > بولمىغان ئادەمدىن ۋاپا ، ساداقەت ۋە ياخشىلىقمۇ كەلمەيدۇ . بۇنداق ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان مىللەتتە ئابرويمۇ بولمايدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردىكى < سۇ بېشىدىن لاي بولىدۇ > دىگەن ماقالىنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم . < ھەممە ئىشنى موللا بىلەر ، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر > دىگەندەك ، ئاڭلىق ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزى بىلگەننى قىلىشى ، كۈرمىڭلىغان ساۋاتسىز خەلقنىڭ روھىيىتىدىكى كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى . فرانسۇزلار ، ئېنگلىزلار ، ياپونلار ، روسلار ، تۈركلەر ۋە گېرمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلىش روھى ھازىرچە بىزگە تېخى تولۇق ئايان بولمىسىمۇ ، ئۇلارنىڭ شانلىق ئىجادچانلىق ، ئەركسۆيەر ، ئۆزىنى قۇربان بېرىش روھى بىزگە ناتونۇش ئەمەس . بىز ھەر ۋاقىت ، ھەر مىنوت ئۆزىمىزنى ئاشۇ كۈچلۈك ، قۇدرەت تاپقان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرىشىمىز كېرەك . مەن بەزىدە شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن :
    مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىم _ مىللىتىمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئۆز كېلەچىكىگە گۆر قېزىۋاتقان ئاشۇ ئىتتىپاقسىزلىق ، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق مىللەتلەر بىراقلا يوقالسا ، مىللىتىم دۇنيادا قايتىدىن بىر تۆرەلگەن بولسا - ھە !لېكىن مەن نىمە ئۈچۈندۇر يەنە بۇ كېسەلچان مىللىتىمنى بەك ئەيىبلەشنى خالاپ كەتمەيمەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا يەنىلا ئالىيجاناپلىقنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن ، ئۇنىڭ ۋوجۇدىغا ئاجايىپ ئەقىل - ئىدراكنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . بەزىدە ئۇنىڭدىكى شەخسىي رىقابەت ئىجابىي رولمۇ ئويناپ قالىدۇ . ئۇ يەنىلا قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ ئىقىتىسادىي ، مەدەنىي رىقابەت روھىنى چىڭ ساقلىغانىدى .
    تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى تارىخنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ : قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئوينىغان ئۇلۇغ رولىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسى سۈپىتىدە 20 - ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا بىزنىڭ ساۋاتسىز تىجارەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ < ئېرسىيەت خاراكتېرلىك سودا تالانتى > نى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى . بىزنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىز ئاغزىدىن قوپال ئىبارىلەرنى ياغدۇرۇپ تۇرۇپ ، ھەتتا بىر - بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ يۇرۇپ ، بىر مەھەل موسكۋانىڭ مەركىزىي پوچتىخانىسى ۋە مۇسكۋادىكى < ئۆزبېكىستان > ، < باكۇ > غا ئوخشاش ئاساسلىق رىستۇرانلارنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى بولۇپ قالدى . كىيىۋسكىي ، قازانسكىي ، سانكىت - پېتربورگ پويىز ۋوگزاللىرىنى ، شېرمىتىۋا ، دامادېدوۋا ، ۋنوكوۋا قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە ئىچكى ئايروپورتلارنى كونترول قىلدى . < ئوزبېكىستان > رېستۇرانىنىڭ ئالدىدىكى < گۈلزارلىق كوچا > نىڭ چىرايلىق تۆمۈر رېشاتكىلىرى ئۈستىدە خۈددى دۆڭگۆۋرۇكتە ئولتۇرۇشقاندەك تاماكىلىرىنى پۇرۇلدىتىشىپ چېكىشىپ ، توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى . < ئۆزبېكىستان > رېستۇرانىدا ئۇيغۇر مۇقام - كۈيلىرى ياڭرىدى . رېستۇراننى ئۇيغۇرچە پاراڭلار قاپلىدى . بۇ جاي بىراقلا پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ( ئاساسلىقى تۈركىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار) نىڭ ئۇچرىشىدىغان مەركىزىگە ، شۇنداقلا پۇتكۈل چېچەن ، گورزىدىن ، ئەزەربەيجان ، ئۆزبېك ، روس مافىيلىرىنىڭ < تىجارەت تەقدىرى > نى پىچىدىغان مەركىزىگە ئايلاندى . بىزنىڭ ئاشۇ ئۆز ئات - جۇنىنىمۇ تۈزۈك يازالمايدىغان تىجارەتچىلىرىمىز ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچنى تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ ، ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالغان چالا - پۇلا روسچە گەپلەر بىلەن ھەر خىل ئىما - ئاشارەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ روس تىللىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتى ياكى يەرلىك سوۋىت ئۇيغۇرلىرى ۋە ياكى ئۆزبېك بالىلىرىنى تەرجىمانلىققا ياللاپ ئىشلەتتى . موسكۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ، ئۆزبېكلەر ، تۈركمەنلەر ھەتتا قازاقلارمۇ موسكۋاغا كېلىشىپ ، بۇ رېستۇرانلارنىڭ ئالدىغا توپلىشىشقا باشلىدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ سودا تورى تېخىمۇ كېڭىيىشكە يۈزلەندى . بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدى . قىززىق يېرى شۈكى ، ۋوگزالغا ياكى ئايروپورتقا بارسىڭىز ، ئۇ يەردىكى خادىملار ، ھەتتا ساقچىلارمۇ بىر قاراپلا ئۇلارنى تونۇۋېلىپ ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىدىغان بولدى . بۇ تىجارەتچىلەر ماللىرىنى دەسلەپ شەرقتە - بېيجىڭغا ماڭدۇردى . بۇ يول ئېتىلسە غەربكە - ۋارشاۋا ، سوفىيە ، بۇداپىشت ، پىراگالارغا ماڭدۇرۇشتى . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تەگمىگەن جايلار يوق دىيەرلىك ئىدى . ياۋروپا شەھەرلىرى ۋە يول ئۈستىدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى شەھەرلىرىدە ، رومىنىيىنىڭ چۆللىرىدە ، ئوكرائىنىيىنىڭ پاتقاقلىق سازلىقلىرىدا ، بلوروسىيىنىڭ ئورمانلىرىدا ، ۋارشاۋانىڭ ئەتىرگۈللۈك كوچىلىرىدا ، سوفىيىنىڭ ۋوگزاللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالدى .
    بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، بىر كۈنى بىر تونۇش تىجارەتچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ، بۇ ئۆيگە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن چىققان يەتتە - سەككىز ئادەم يىغىلىپ قاپتۇ . قىزغىن پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇشتۇق . قەشقەرلىك بىر ھاجىم بازار ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ ، يېڭى بازار ئېچىشنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ياشانغانراق ھاجىم سومكىسىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن دۇنيا خەرىتىسىنى چىقىرىپ ئۈستەل ئۈستىگە يايدى - دە ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەرنى ، ئۇلار بىلەن تۇتۇشىدىغان يوللارنى ئىزدەشكە باشلىدى ۋە تۆمۈر يول بولماي قالسا ، تاشيول بىلەن مال يۆتكەيدىغانلىقىنى ، ئۇمۇ بولمىسا دېڭىز ئارقىلىق يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىمەكچىمەنكى ، بۇ بۇۋاي خەرىتىدىكى خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى ، ئەمما شۇ خەرىتىدىكى بەلگىلەر ئارقىلىق تۆمۈر يول ، تاشيوللارنى پەرق ئېتەلەيتتى ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە يول تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىزدىنىش روھى ھەر قانداق ئادەمنى قايىل قىلاتتى . دېمىسىمۇ شۇ كۈنلەردە بۇ ئادەملەر ستېخىيىلىك تۈردە بولسىمۇ موسكۋانى مەركەز قىلىپ ، ئۇنى شەرقتە سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيە ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ، غەربتە شەرقىي ياۋروپا بىلەن ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەپ يېرىم ئارىلى ، جەنۇبىي ئاسىيا شۇنداقلا سىنگاپور ئارقىلىق شياڭگاڭ ، ياپونىيە ، تايلاد ، مالايسىيا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چوڭ بىر سودا چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغانىدى . ئۇيغۇرلار ھەر خىل سودىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھازىرقى زامان < يېپەك يولى > بىلەن ياۋروپا - ئاسىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقى ، قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي ، تېنچ ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ، كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزلاردا ئۇزدى . بۇگۈنكى كۈندە بۇ ئۇيغۇرلار گەرچە ئاللىقاچان موسكۋانى تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرى خېلى ئادەملەرنىڭ ئېڭىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
    ئۆزبېك ئالىمنىڭ سۆزى مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇرسا، تىجارەتچىلىرىمىزدىكى سودا ماھارىتى مەندە يېڭى ئۈمىدلەرنى پەيدە قىلاتتى . ھەقىقەتەنمۇ تارىختىن بۇيان ئىتتىپاقسىزلىق ئاساسلىق ئامىل سۈپىتىدە تەقدىرىمىزنى خانىۋەيران قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولمىش پاكىت . نادانلىق ، شەخسىيەتچىلىك ، چىرىكلىك ، ساتقىنلىق خاراكتېرى بىلەن ئىتتىپاقسىزلىق ئىللىتى بىرلىشىپ بىر - بىرىمىزگە ئۆز - ئارا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان مىجەزلەر شەكىللەندى . بۇ ، بىز ئۈچۈن چوڭ بەختسىزلىك بولدى . بۇ بەختسىزلىكىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول ، نادانلىقنى تۈگىتىپ ، 20 - ئەسىرگە خاس ئاڭلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىلغار تەپەككۇرلۇق ، مىللەت - خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ، دۇنياغا يۈزلەنگەن ، سىرتقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار ئۇيغۇر بولۇپ شەكىللىنىش ئىدى .
    يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ، ئەگەر ئاشۇ تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ئىلغار تەرىپى بولغان جاندىن كېچىپ رىقابەتلىشىدىغان ، ھامان يېڭى يول ئىزدەيدىغان روھى مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مىللىي پىسخىكىسى بولسا ۋە ياكى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتۇش خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى ، خوتەن خەلقىنىڭ ئىرادىلىك ، سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان روھى ، ئىلىلىقلارنىڭ مەدەنىيەتپەرۋەر ، يېڭىلىقپەرۋەر روھى ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ھۇشيار ، تاكتىكىچانلىق مىجەزى ، ئاقسۇلۇقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يەكەنلىكلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختا مىجەزى ، قومۇل - تۇرپانلىقلارنىڭ ئوچۇق - يورۇق ، جەڭگىۋار روھى بىلەن كەلپىنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق - ئۆملۈكى ، ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ، ئالتاي - چۆچەكلىكلەرنىڭ ئەركىن ، مەرد مىجەزى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىمىز ۋە يەرلىك پىسخىكىلىرىمىز قوشۇلۇپ ، يوغۇرۇلۇپ ، بىر ئورتاق مىللىي پىسخىكىغا ئايلانسا ، ئۇيغۇر خەلقى چوقۇم قايتا گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ .
    كىرىمېل تېمى يېنىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن >
    لېنىن مۇزېي يېنىدىكى كىرىمېل سارىيى تېمىنى بويلاپ ئارقا ئىشىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا مەشھۇر ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسى جايلاشقان . موسكۋا شەھىرىنىڭ ئەڭ مەركىزىدىكى بۇ باغچا ئانچە چوڭ ، ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ داڭقى پۈتكۈل دۇنياغا پۈر كەتكەن . ھەر يىلى باش يازدا بۇ باغچىدا خىلمۇ - خىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ ، بۇلبۇللار سايرىشىدۇ ، ئۇ ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن تاماشىبىنلارنى ئۆز قوينىغا تارتىدۇ . گۈللۈكنى چۆرىدەپ ياسالغان ئورۇندۇقلاردا ئادەملەر گۈللەرنى تاماشا قىلغاچ دەم ئېلىشىدۇ ياكى جۈپ - جۈپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ گۈلدەك ھايات ۋە گۈزەل ئەسلىمە لەززىتىگە چۆمۈلىشىدۇ . ئادەملەرگە مۇھەببەت ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان بۇ باغچا توغرىسىدا كۆپلىگەن شائىرلار يارقىن مىسرالارنى ، مۇزىكانتلار ئەڭ لىرىك مۇزىكىلارنى قالدۇرۇشقان . قىز - يىگىتلەرنىڭ ئورتاق ھاياتقا بولغان تۈنجى قەدىمى مۇشۇ باغچىدا بېسىلىدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ . چۈنكى ، بۇ باغچىدا ، يەنى كىرىمېل تېمىنىڭ يېنىدا مەرمەر تاشتىن ياسالغان سۇپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى < يۇلتۇز > دىن ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئوت يالقۇنلاپ تۇرىدۇ . بۇ ئوت ئادەملەردە ھاياتقا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەت ئويغىتىدۇ . مانا بۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرىسى ئۈچۈن يېقىلغان دۇنياغا مەشھۇر < مەڭگۈلۈك يالقۇن > دۇر . ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسىغا كىرگەن كىشى مۇشۇ ئوتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا بىر پەس ئېغىر سۈكۈتتە قاراپ تۇرماي قالمايدۇ . بەزىلەر دەستە - دەستە گۈللەرنى قويۇپ ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆككەن ھالدا ئۈن - تۈنسىز ماتەمگە چۆمىدۇ .
    بۇ يەردە كۈنىگە سانسىزلىغان خاتىرە سۈرەتلەر تارتىلىدۇ .
    ئورتاق ھاياتقا قەدەم قويغان قىز - يىگىتلەر توي كۈنىنىڭ بىرىنچى سائىتىدە بۇ يەرگە كېلىپ گۈل قويىدۇ ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ . بۇنداق رەسمىيەت پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى خاراكتېرلىك بولۇپ ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇشۇنداق قەھرىمانلار خاتىرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بولۇپمۇ ھەر يىلى 9 - ماي < غالىبىيەت بايرىمى > كۈنى بۇ خاتىرە سۇپىسى گۈللەرگە پۈركىنىدۇ . كۆپىنچە ھاللاردا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا ياكى روسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى بۇ يالقۇن يېنىغا كېلىپ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرۈپ ، گۈل تەقدىم قىلماي كەتمەيدۇ . بۇ خىل ئادەت خەلقئارالىق دىپلوماتىيە رەسمىيەتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان . 1990 - يىلى لى پىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسكۋاغا كەلگەندە < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ماتەم بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۈپىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەتمۇ قاتناشقان ۋە موسكۋا ئاخبارات ساھەسى بۇ ھەقتە بەس - بەستە خەۋەر بەرگەنىدى . ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا لى پىڭ زۇڭلى بىلەن تۆمۈر داۋامەتنىڭ نامى ۋە سالاھىيەتلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى . چۈنكى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ، 1950 - يىلى ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈنجى قېتىملىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ( ئۆمەك تەركىبىدە سەيپىدىن ئەزىزىمۇ موسكۋاغا كېلىپ ، ماۋزېدۇڭ بىلەن بىرگە <مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا بېشىنى ئېگىپ ماتەن بىلدۈرگەن ) دىن كېيىن 2 - قېتىم بۇ ئوت ئالدىدا باش ئىگىپ تۇرۇشى ئىدى . 1990 - يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو - سوۋىت مۇناسىۋىتى نورماللىشىپ ، تۈنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا سەمىمىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق قايتىدىن تەكىتلىنىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى جاكارلاندى . شۇنداق قىلىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن باشلىنىپ ، سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو - سوۋىت دېپلوماتىيە تارىخىدا تۈنجى قېتىم ستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ ، تېگىشلىك ھۆججەتلەرگە قول قويغان بولسا ، تۆمۈر داۋامەت س س س ر نىڭ ئاخىرقى ۋە تۈنجى زۇڭتۇڭى بولغان گورباچېفنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن تۈنجى ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قالدى . جۇڭگو - سوۋىت دىپلوماتىيە تارىخىدىكى بۇ ئىككى قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك سىياسىي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەنلىكى ، سوۋىت مەتبۇئاتلىرىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشتىكى يىزىق تېمىلىرىغا ئايلانغانىدى . ئەلۋەتتە ، جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ تەركىبىدە ،بولۇپمۇ لى پىڭ زۇڭلىنىڭ يېنىدا بېشىغا دۇپپا ، ئۇچىسىغا يارىشىملىق ئاق كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيگەن ، قاپقارا قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى چوڭ - چوڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان بۇ 2 - دەرىجىلىك ھوقۇقلۇق جۇڭگو ئەربابى مانا مەن دەپلا گەۋدىلىنىپ ، ھەممىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغانىدى . ھەتتە مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا لى پىڭ زۇڭلىغا ۋاكالىتەن جاۋاپ بېرىپ ، پارتىيىمىز مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى يورۇتۇپ بەرگەنىدى . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللار ئىچىدە دۆلەت ئىشلىرى كوممىسسارى ، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مۇسكۋادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى موسكۋا < ماياك > رادىئوسىدىن ئاڭلىغانىدىم .
    1994 - يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىل ئەھمەد لى پىڭ زۇڭلى بىلەن بىرگە يەنە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولدى . لى پىڭ زۇڭلىنىڭ زور سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ستراتېگىيىلىك زىيارىتىدە ئىسمائىل ئەھمەدمۇ خۇددى تۆمۈر داۋامەتكە ئوخشاشلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ، شۇنداقلا روسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغانىدى . ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە بەلگىلىك دەرىجە سىمۋوللۇق رول ئويناش بىلەن بىرگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى ۋە مىللەتلەر باراۋارلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشتا كاتتا رول ئوينىدى . بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىسمائىل ئەھمەد ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن > خاتىرىسى ئالدىدا ماتەم بىلدۈرۈپ ، گۈل تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى .
    پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى ، بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان تۆمۈر داۋامەت ، ئىسمائىل ئەھمەدكە ئوخشاش پېشىۋالىرىمىز دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا قەھرىمانلارغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ تەزىيە گۈلى تەقدىم قىلغان بولسا ، مەنمۇ ئۇخشاشلا جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاسپرانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەھرىمانلار خاتىرىسىگە ئاتاپ گۈل قويغانىدىم .
    مەن ھەر قېتىم ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسىغا كىرگىنىمدە ، كىرىمېل سارىيىنىڭ يېنىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىغا كېلىپ ، لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنغا بىردەم قاراپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن . < مەڭگۈلۈك يالقۇن > خاتىرە سۇپىسى يېنىدىكى موسكۋا ، لېنىنگراد ( سانكىت - پېتربورگ ) ستالىنگراد ، ئۇدىسسا ، مىنىسكىي ...... قاتارلىق ئون < قەھرىمان شەھەر > نىڭ ئازاد قىلىنغان ۋە قوغداپ قېلىنغانلىق خاتىرىسى ئۈچۈن قويۇلغان ئون كىچىك مەرمەردىن ياسالغان خاتىرە تاشقا قايتا - قايتا قارايمەن . قەھرىمان سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇندەك ئوتلۇق يۈرىكى ۋە ئوتتەك ئىسسىق قانلىرى ، شۇنداقلا لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇن كەبىي ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر ، ئەركىنلىك سۆيەر روھى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنى فاشستلارنىڭ تاجاۋۇزى ، زوراۋانلىقى ، قۇل قىلىشىدىن ساقلاپ قالغانىدى . بەش يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلار ، سوۋىت جەڭچىلىرىنىڭ ، سوۋىت خەلقىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش ، قۇربان قىلىشتەك پىداكارانە روھىي پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، بۇ روھ دۇنيا خاراكتېرلىك رىۋايەت ، داستانلارغا ، ناخشىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى . مەن ھەر قېتىم ئاشۇ يالقۇن ئالدىغا كەلگىنىمدە سانسىز قەھرىمانلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىدۇ ، تومۇرلىرىمدا قانلار ئۇرغۇيدۇ . بۇ نېمىدىگەن مۇقەددەس روھ -ھە ! ھەر قانداق بىر مىللەت ، ھەر قانداق بىر خەلق ئوغلانى ۋەتەننى سۆيسە ئەنە شۇنداق سۆيۈش كېرەك ، ئەركىنلىكنى سۆيسە ئەنە شۇنداق سۆيۈش كېرەك !





发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我