• موسكىۋا خىياللىرى (4) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    خەتكۈچ:
    ئۇيغۇرلار چىنگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ھىلاكوخاننىڭ ئىراندىكى ھۆكۈمرانلىقى ، باتۇنىڭ ئالتۇن ئوردا خاندانلىقى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرىدىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت يېزىقى ۋە مەمۇرىي تىل تەرىقىسىدە قوللىنىلدى . ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى پۈتكۈل مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە مۇھىم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رول ئوينىدى . شۇنداقلا ، مۇڭغۇل خاندانلىقلىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئىشلىرىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىدى . بۇ ھەقتە غەربىي ياۋروپالىق ساياھەتچى ۋىلگىلىم دى روبروك ، ئىرانلىق جۈۋەينى ، رەشىدىددىن قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى مەلۇمات بېرىدۇ . ئىران تارىخچىسى جۈۋەينىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، مۇڭغۇللار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراپ ، بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلىخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئىلىخانلار دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان ھەتتا ئەينى دەۋردە ئىلىم - پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان خۇراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن .
    رەشىدىددىننىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، ھىندىستان ۋە خۇراسانلاردىمۇ ئەمىر - پەرمانلار ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن چۈشۈرۈلگەنىكەن . تۈرك تارىخچىسى زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ قارىشىچە ، ھىلاكوخان ھازىرقى تۈركىيىدىكى كونىيە قاتارلىق جايلارغا تۇللۇك باقشى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشىنى ئەۋەتىپ ، بۇ جاينىڭ باش ۋالىسى قىلغان . بۇ جايلارغا ئىلىخانلاردىن مەلىكشاھ ۋالىي بولغاندا كۆپلىگەن تۇرپانلىق ئۇيغۇرلار ( ئەينى ۋاقىتتا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ) ۋە قەشقەرلىك ، كۇچالىق ، خوتەنلىكلەر ( ئەينى يىللاردا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلار ) كونىيە ۋە ئىگدى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ يەرلىكلەشكەن . ئىلىخانلاردىن ئەبۇسەئىد زامانىدا ئۇيغۇر ئەرتەنەبەگ پۈتكۈل ئاناتولىغا باش ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەن ، قىسقىسى ، ئاناتولى ، ئەزەربەيجانلاردا ئۇيغۇر تىلى كەڭ - كۆلەمدە قوللىنىلغان . ئومۇمەن ئىلىخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ تەسىرى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى . ھەتتا ئىلىخانلارنىڭ ئارغۇن خانى فرانسوز كارولى فىلىب IV كە ئەۋەتكەن دۆلەت خېتىنى مۇڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يازغانىدى . قىسقىسى ، ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دۇنيادا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان چوڭ تىل - يېزىقلارنىڭ بىرى ئىدى . ئەگەر بىز بۇ ھەقتە سۆزلەپ كەلسەك تالاي پاكىتلارنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن .
    موسكۋادىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىغا يىغىلغان بۇ ئۇيغۇرلانىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى يەنىلا ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى بىلەن سۇغۇرۇلغاچقا ، ھەممىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى . چۈنكى ئانا ۋەتەن توپىسىنىڭ ھىدى ۋۇجۇدۇم ۋە جىسمىمدىن مانا مەن دەپ پۇراپ تۇراتتى .
    __ سىزنى يەنە بىر سۆيۈپ قوياي ، _ دىدى پروفېسسور ، دوكتور تېلمان كەرىمبايىف ئاكا ، _ سىزنى سۆيسەم ئەشۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمنى سۆيگەندەك بولىمەن . چۈنكى سىز شۇلارنىڭ ۋەكىلىسىز . مەن ئەنجان شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . دادام شۇ ئۇلۇغ قەشقەردىن چىققان . ۋەتەن تۈپرىقىنى كۆرگىنىم يوق ، لېكىن قان - قېتىمدا بىرلا نەرسە يەنى دادامنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ، مۇھىمى ئۇنى بىر كۆرۈش ، شۇ مۇقەددەس تۇپراقنى تۇتىيادىنمۇ ئەزىز بىلىپ كۆزۈمگە بىر سۈرتۈش ئارزۇسى بار . مېنى تەتقىقات ئىنىستىتوتىمىزدىكى ۋە پۈتكۈل ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ھەممە ئالىملىرىمىز ياخشى بىلىدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنى مەن ئارقىلىق تونۇيدۇ . 40 يىل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە ئۈچۈن ئىشلىدىم . 20 نەپەردىن ئارتۇق دوكتور ۋە كاندىدات دوكتۇر تەربىيىلىدىم ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن روسلار . نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشتىم ، ھازىرمۇ قول ئاستىمدا 200 نەپەردىن ئارتۇق ئالىم ئىشلەيدۇ ، مۇنداقچە ئېيتساق ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ، روسىيىنىڭ ئالەم كېمىسى مەنسىز ئاسمانغا چىقمىغان ، ئامېرىكا ، فرانسىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەت مېنى يۇقىرى مائاش بىلەن ھەمكارلىققا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ . لېكىن بىرلا نەرسىگە ئېچىنىمەن ، تا ھازىرغىچە ئانا ۋەتەن ئۈچۈن بىرەر ئۇيغۇر بالىسىنى تەربىيىلەپ ، ئۇنى ئالەم تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى قىلىپ يېتىشتۈرەلمىدىم . ئەلۋەتتە ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىمۇ بۇنداق تېخنىكىغا ئوبدان ئىشلەيدۇ . ھازىرغىچە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ كەسپى بويىچە ئونغا يېقىن ئۇيغۇر ئالىمى تەربىيىلىنىپ چىقتى . ھازىر مەن بىلەن بىرگە دوكتور كامىلجان كەرىمبايىف ، يەنى مېنىڭ چوڭ ئىنىم بىرگە ئىشلەيدۇ ، ئىنىم بىلەن ئىككىمىز - موسكۋادىكى بىر مەركەزدە ئىككى ئۇيغۇر ئالىم ئىشلەۋاتىمىز . ھەي ئېسىت ، تارىخچى بولماي تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىسى بولغان بولسىڭىز ، سىزنى مەن ئۆزەملا تەربىيىلىگەن بولاتتىم ، _ دىدى .
    نارىمان مۇھەممەت ئوغلى قائىدە بويىچە مېھمانلارنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ چىقتى ۋە بۇ سورۇننى < چۈشلۈك چاي زىياپىتى > دەپ ئاتىدى . تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا ، ئۇ ، بۇ يەرگە موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان ۋە دائىملىق مۇناسىۋەت قىلىدىغانلاردىنلا ئاشۇ 15 كە يېقىن ئادەمنى يىغقانلىقىنى ئېيتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىملار بولۇپ ، ھەر قايسىسى ئۆز تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوكتور ۋە كاندىدات دوكتورلار بولۇپ ، بىر قانچىسى پروفىسسور ۋە دوتسېنت ئىدى . نارىمان يەنە بۈگۈنكى چايغا موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتى ئاتوم يادرو تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مودىرى ، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ئالېكساندىر رەخىموفنى ۋە باشقا يەنە موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان ئىككى ئۇيغۇر پروفېسسورنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقىنى ، ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ بەك ئالدىراش ئىشى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى .
    سۆھبەتلەر ئارىسىدا نارىمان مۇھەممەتنىڭ ئايالى گۈلبەھرەم ئۆيدە تەييارلىغان لەغمەن ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ داستىخان راسلىدى . توققۇز ياشلىق قىزى ئىسكىرىپكا بىلەن بىر قانچە ئۇيغۇرچە مۇزىكا ئورۇنداپ بەردى . ئۇماققىنە كەلگەن بۇ قاراقۇمچاق قىز موسكۋا شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ رويال چېلىش مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىشلىگەن مۇزىكىسىنى ئورۇنداپ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى . موسكۋا تېلېۋىزىيىسى بۇ قىز ۋە بىر قانچە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مەخسۇس كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان ھەم بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بەرگەن . شۇنداق قىلىپ ، < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > دىكى بۇ چۈشلۈك چاي ئاخىرىدا مەشرەپ تۈسىگە ئايلىنىپ ، بىر قانچە بوتۇلكىلارمۇ بىكار بولدى ، كەيپىيات تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى . ئاخىرىدا ھەر بىر ئادەم بىر قەدەھتىن كۆتۈرۈپ قىزىقچىلىق ۋە ياكى بىرەر شىئېر دېكلاماتسىيە قىلىشتى . جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ، پروفېسسور ئابلەھەت قاھاروف قەدەھ سۆزى سۆزلەپ ، موسكۋادىكى ئويغۇرلارغا ۋەكالىتەن شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىغا ، شۇنداقلا ماڭا بەخت ۋە ئۇتۇق تىلىدى ، ئاندىن ئۇ شۇنداق دىدى :
    __ موسكۋادا ياشايدىغان ، ھازىرچە ئېنىق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسەن مىڭ ئائىلە دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان بۇ يەرگە كېلىپ ، مۇشۇ يەردە ئوقۇپ ، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلىرى ، قىسقىسى ، تاللانغان - سەرخىللىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل ، يەنى ئاتاقلىق يازغۇچىلار ، رەسساملار ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرى ، ئارتىسلار ، شۇنداقلا زۇۋۇت - كارخانا باشلىقلىرى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي - مەمۇرىي ئورگانلىرى خادىملىرى ، شەخسىي شىركەت ئىگىلىرى ۋە تېخنىك ئىشچىلار ، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا ، موسكۋا ، سانكىت - پېتربورگنىڭ ھەر قايسى ئىلىم ئورونلىرىدا 80 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئالىم ( پروفېسسور ، دوتسېنت ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلار ) ئىشلەيدۇ . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ھەتتا خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار . بۇلاردىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئالىم نوبېل مۇكاپاتى لائۇرىياتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن . ئەزىز دۇگاشىف ، مۇرات ناسىروف قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز ، سەنئەتكەرلىرىمىز موسكۋا ، مانكىت - پېتربورگ جۈملىدىن پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى سەنئەت مۇخلىسلىرىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى . مۇرات ناسىروف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە بويىچە بىر قانچە قېتىم 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا سازاۋەر بولدى . ھازىر ئۇنىڭ ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى - < يېڭى پورت > موسكۋادا خېلى داڭ چىقارغان بولۇپ ، مۇرات ناسىروف ئالدىنقى قاتاردىكى ناخشىلار سېپىگە ئۆتتى . سپارتاك ئەخمىتوف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى موسكۋا ئوقۇرمەنلىرىگە يېقىندىن تونۇشلۇق . قىسقىسى ، موسكۋا ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن جامائەتنى قايىل قىلدى . ئەپسۇسكى سانسىزلىغان روسلار بىز ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدۇ . ئاز ساندىكى بىلگەنلىرى بولسا بىزنى ئىنتايىن ئۇلۇغ ، ئىلغار ، ئەقىل - پاراسەتلىك مىللەت دەپ چۈشىنىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى موسكۋادا ياشىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز غورۇرى ۋە ئابرويىنى قاتتىق قوغدىغانلىقىدا بولسا كېرەك .....
    پروفېسسور ئابلەھەت قاھاروف سۆزىنى ئەمدىلا توختىتىشىغا ئىشىك چېكىلدى .
    نارىمان مۇھەممەت ئوغلى بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى ، < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دېگىنىچە ئاۋىئاتسىيە خادىمى فورمىسىنى كىيگەن بىر كىشى كىرىپ كەلدى .
    __ مانا ، مانا ، ئاخىرى كەلدى ، __ دىدى نارىمان خوشاللىق بىلەن ، _ سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ ياق ئابلىكىم بولىدۇ . قازاقىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ داڭلىق ئۇچقۇچىسى ، يەنى ئايروپىلان باشلىقى .
    ئوتتۇرا بويلۇق بۇ ئادەم يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭغا قەدەھ سۆزى بېرىلدى . ئۇ ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ، ھازىرلا ئالما - ئاتادىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكى ، بۇگۈن بىر كۈن دەم ئېلىپ ، ئەتە يەنە ئۇچىدىغانلىقى ، ئۆزىنىڭ بۇ سورۇنغا ئۈلگۈرۈپ كەلگىنىگە ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدى .
    ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدۇق . ئۇ ، پاراڭ ئارىلىقىدا ماڭا قازاقىستان ئاۋىئاتسىيىسىدە ئون نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ، 20 دەك كۈتكۈچى قىزنىڭ بارلىقىنى ، ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئايروپىلان باشلىقى ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى سوۋىت ئارمىيىسىدە قىرغۇچى ئايروپىلان ھەيدەپ ، كېيىن كەسپ ئالماشقانلىقىنى ، ھازىر ئىل _ 86 ، تۇ _ 154 تىپلىق ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدىغانلىقىنى ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيىسىدىمۇ ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ۋە كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ، شۇنداقلا تېخنىك خادىملارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى . مەن ئويلىنىپ قالدىم . پروفېسسور ، دوكتور ئالېكساندىر رەخىموف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە بۈگۈنكى روسىيىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاتوم يادرو تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ، موسكۋا ئونۋېرسىتېتى ئاتوم يادرو تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى بوپتۇ . ئۇ ، قول ئاستىدىكى نەچچە يۈزلىگەن كۈچلۈك ئالىملارغا ، روسىيە ئاتوم يادرو تەتقىقات ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ . پروفېسسور ، دوكتور تېلىمان كەرىمبايىف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ( ھەم بۈگۈنكى روسىيە ) ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ، 200 دەك ئالىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، ئالەم كېمىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ ، پروفېسسور ، دوكتور دەمىر ساتتاروف سانكىت - پېتىربورگدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئوپتىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ، بۇ ساھەدە پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەت بولۇپتۇ . دوتسېنت ، دوكتور قەھرىمان نامېشىف موسكۋادىكى روسىيە ئوپتىكا تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا بۆلۈم باشلىقى ھەم لابۇرانت بولۇپ ئىشلەپ ، بۇ ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋا قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتور م . روزىن ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ماتېماتىكا تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ، پىروفېسسور ، دوكتور ناتالىيە تۇرسۇن قىزى ، ئېلېكترونلۇق مېڭە تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ، پروفېسسور پولات ئاخمېتوف ، تېمريازىف نامىدىكى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي خادىملىرى _ دوتسېنت ، دوكتورلار ، ئاكا - سىڭىل شۆھرەت مۇتەللىپوف بىلەن مارىيە مۇتەللىپ قىزى ھەم ئاكادېمىيىنىڭ يەنە بىر ئالىمى ، دوكتور شەۋكەت ۋە مېدىتسىنا پەنلەر دوكتورى ، پروفېسسور بۇرھان شۇنداقلا باشقا نۇرغۇنلىغان ئىستېداتلىق ئالىملار يېتىشىپ چىقىپتۇ . ئاتاقلىق دىرىژور ، پروفېسسور ئەزىز دۇگاشىف دۇنياغا داڭلىق ئاشۇ < بالىشۈي تىياتىر > ( چوڭ تىياتىر ) دا ئىشلەپ ، بۇ تىياتىر سەھنىسىدە ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىلىرىغا ، سىمفونىيىلىرىگە دىرىژورلۇق قىلىپ ، پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقىنى قايىل قىلىپ ، بەش ئىتتىپاقداش جۇمھۈرىيەتنىڭ < خەلق ئارتىسى > دىگەن نامغا سازاۋەر بولۇپتۇ . مۇرات ناسىروف پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە داڭقى كەتكەن ناخشىچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ . سانكىت - پېتىربورگدا ياش رەسسام ئازات مۇھەممىدوف سەنئەت مۇخلىسلىرىنى قايىل قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىنى يىراق - يىراقلارغا تونۇتالاپتۇ . قىرغىزىستانلىق ئايتۇرغان تۆمۈر قىزى پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن كىنو چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ ، 20 دىن ئارتۇق فىلىمدە باش رول ئېلىپ ، دۆلەتنىڭ كىنو مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولۇپتۇ . مەشھۇر كومپۇزىتور ، پروفېسسور قۇددۇس غۇجاميارۇف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنياغا داڭلىق كومپوزىتور بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ ھەمدە < سوۋىت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى > نامىغا سازاۋەر بولۇپتۇ . ھەتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت موسكۋادىكى چوڭ تىياتىردا مەخسۇس ئۇنىڭ مۇزىكا -سىمفونىيىلىرىنى ئورۇندىتىپ تەبرىكلەپتۇ . ئەگەر بىز ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نەقىل كەلتۈرسەك ، مەخسۇس توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ يەردە پەقەت سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن بىر قانچە ئالىملارنىلا مىسال قىلدۇق ، خالاس . پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئالىمى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بويىچە ئاكادېمىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن . مەسىلەن ، قىرغىزىستانلىق ئەزىز نارىنبايىف ، قازاقىستانلىق خوجائەخمەت سەيدىۋاققاسوف ۋە مۇرات ھەمرايوف ؛ تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىمۇ ئۈچ نەپەر ئالىم شۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن . بۇلاردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن پروفېسسورلار ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە سابىق س س س ر دا زور ئابرويغا ئېرىشكەن . 60 نەپەردىن ئارتۇق ئارتىس ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ < خەلق ئارتىسى > ، < خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس > نامىغا سازاۋەر بولغان . 20 نەپەردىن ئارتۇق رەسسام بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلىرىغا ۋە پەخرىي ناملىرىغا سازاۋەر بولغان . سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىدىن سوۋىت ئارمىيىسى ھاۋا ، تانكا ، قۇرۇقلۇق ، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرى بويىچە گېنېرال ، پولكوۋنىك ، پودپولكوۋنىك ، مايۇر قاتارلىق يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى ئوفېتسېرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان . ئەلۋەتتە ، بۇ يەردە تۈركىيە ، گېرمانىيە ، ئامېرىكا ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىستېداتلىق ئۇيغۇر كىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بولالمايمىز .....
    پەقەت ئۆز - ئۆزەمگە سۇئال قويغۇم كېلىدۇ : بىز ئۇيغۇرلار راستىنلا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالمامدۇق ؟ قالاقلىق ، قاششاقلىق بىزگە ئاللا تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەنمۇ ؟ شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى ، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلغار ئىنسانلار توپىدىن قېلىشمايدۇ . ئۇلار باشقا ئىنسانلارغا تامامەن ئوخشاش . ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆتمۈش زاماندىكىدەكلا ھەسسە قوشۇش ۋە يېڭىدىن يېڭى شانلىق تارىخ يارىتىشقا ھەقلىق ، بۇ تامامەن ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئۆزىنى تەرەققىياتقا ئالغا كەتكەن ئىلغار مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇش روھىلا كېرەك ، خالاس . ئادەم ھەممىگە قادىر ، دېمەك ئادەم شارائىتنى يارىتىدۇ . ئۆزى نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانىڭ ساپ بولۇش - بولماسلىقى يەنىلا ئادەمگە باغلىق ، ئىرادىسىز - قۇرقۇنچاق ئادەملەرگە ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىرادىسىز خەلققە ھېچقاچان بەخت يار بولمايدۇ .
    < ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي > مەن ئۈچۈن قانچىلىك زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يېزىپ ئولتۇرمايمەن . مېنىڭچە ، بۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە ئايان ، دېمەكچىمەنكى ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرقى زامان ئىلىم - پەنىنىڭ ئەڭ ئىلغار ، ئەڭ يېڭى تەپەككۇرىنىڭ ئىگىلىرى بار بولسىمۇ ، ئەمما تالايلىغان ئەدەملىرىمىز تېخىچە قالاق تەپەككۇر دۇنياسىدا ياشاۋاتىدۇ . ئوتتۇرا ئەسىر ئېڭى ۋە ياشاش ئۇسۇلى تېخىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا . بۇ نىمىدىگەن زور پەرق - ھە ؟ ! بىزگە ئوخشاش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىدىن كۆپ ئارقىدا قالغان باشقا مىللەتلەر قانچىلىك ؟ ...
    نىمە سەۋەپتىن موسكۋا ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنچە زور تۆھپىلەرنى يارىتالايدۇيۇ ، بىز شۇلاردەك بولالمايمىز ؟ شۇلارنىڭ قېنىدا ئاشۇ ئەقىللىق ، بېجىرىم ئەجدادلارنىڭ گېنى تۈگىمىگەن ، بىراق بىزدىچۇ ؟ ....... بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدە ؟ ..... ئىچكىرىلەپ ئويلىغانسېرى خىياللىرىم چىگىشلىشىدۇ . بولدى بەس !
    < ئۇيغۇر چايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي > مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى . بۇ < چاي > مېنىڭ مۇسكۋانى تېخىمۇ چۈشىنىش ، ئاشۇ ئۇيغۇر مىللىتىمنى تېخىمۇ سۆيۈش ئىستىكىمنى ئاشۇردى .
    كەچ سائەت ئونلاردا < چاي > تارقاپ ، ھەممە تەرەپ - تەرەپلەرگە ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى . يەر ئاستى پويىزنىڭ تېز سۈرئەتتە يېنىك سىلكىشىگە ئەگىشىپ ئولتۇرۇپ ، نارىمان مۇھەممەت ئوغلىنىڭ < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > دا بولۇپ ئۆتكەن بۇگۈنكى < چاي > زىياپىتى ۋە ئانا ۋەتەندىكى ئۈستى چەللە بىلەن يېپىلغان سانسىزلىغان قاپقاراڭغۇ ناۋايخانىلار ، چايخانىلار ، ناۋايلارنىڭ دوزاققا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچ ئۆتنىڭ تەپتىدىن قىزارغان قىپقىزىل يۈزلىرى ، توختىماي شۇرۇلداپ قۇيۇلىۋاتقان مۇنچاق - مۇنچاق تەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىرلىشپ كەتكەن ئۈستىباشلىرى ، ئىشلەتكەن قاپقارا لۆڭگىلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى . ھەممىسى ئوخشاش بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ روھى ، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە پەرق ھەقىقەتەن زور ئىدى .
    ئۈزۈلمەس مۇقام ساداسى
    مەركىزىي پوچتىخانىنىڭ تېلېگراف بىناسىدا 1991 - يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە گەپ - سۆزلەر ياڭرىدى ، تېلېفون كۈتۈش زالىدا تېلېفونىستلارنىڭ : < ئۈرۈمچى ! > ، < ئۈرۈمچى ! ؟ دەپ چاقىرغان ئاۋازلىرى باشقا دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ نامىنى چاقىرغان ئاۋازلىرىدىن ئېشىپ كەتتى . پوچتىخانا خادىملىرىنىڭ تىلى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئاتۇش ، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىمىزنىڭ نامىغا خېلىلا كۆنۈپ قالدى . روس تېلېفونىست قىزلار بۇ ئىبارىلەرنى ئانچە قىينالمايلا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا ئىشلەتكەچكە دەرھاللا ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇيغۇر قىزلىرى كېلەتتى . سۆزلىشىش نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ھەر دۆلەت ، ھەر ئىرقتىكى ئادەملەر بۇ ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە قىزىقسىنىپ قارىشاتتى .
    تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا تىجارەت بىلەن بۇ شەھەرگە كېلىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ۋە سۆيگۈسى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم كۈچلۈك كېلىدۇ . ئۇلار كۈندە دېگۈدەك مانا مۇشۇ پوچتىخانىغا كېلىپ ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاتا - ئانىلىرى ، خوتۇن - بالىلىرىغا تېلېفون بېرىپ ئۇلارنىڭ ۋە يۈرتىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشنى ئادەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار بەس - بەستە سودا ئۇچۇرى ئىگىلەيدۇ . ئۇلار ئادىتى بويىچە بىر - بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئانچە - مۇنچە تىللاپ تورۇشقىنى بىلەن ، بىر يەرگە جەم بولسا ، بولۇپمۇ بۇ پوچتىخانىدا ئۇچراشقاندا ئۆز ئارا ئەھۋال سورىشىپ ، قۇچاقلىشىپ يېقىن ئاغىنىلەردەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ . شۇنداقتىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلۈللىرىگە يەنىلا ئۆزلىرى بىلىدىغان < دەردى > يوشۇرۇنغان بولىدۇ . بۇ دەرتلەرنىڭ تۈپ ئاساسى يەنىلا ئۆز ئارا كۆرەلمەسلىك ۋە ھەسەتخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، لېكىن ئۇلار بۇنى ھەرگىزمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىدۇ . ئۇلار سودىدىن سىرت پاراڭلىرىدا دۇنيانىڭ كۈندىلىك سىياسى ۋەزىيىتى ، مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا ئىقتىسادىي ، دىنىي پەرقى ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا ئۆزى بىلگىنىچە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ . ئايلىنىپ ، چۆرگىلەپ ، دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك ئۇلۇغ مىللەت ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدەك ياخشى ئۆرپ - ئادەت يوق . ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنيا بويىچە ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ، مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار كىتاپ يازغان چاغلاردا روسلار تېخى ئىشتان كىيىشنى بىلمەيتتى . بىز ھازىر قالاق مەدەنىيەتسىز ، ئىتتىپاقسىز ، پەقەت ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزگىلا كۈچىمىز يېتىدۇ ، دېگەندەك خۇلاسىگە كېلىشىدۇ . قەشقەرلىك قەشقەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىدىن پەخىرلەنسە، ئاتۇشلۇق ئۆز يۇرتىنىڭ تارىختىكى ئورنىدىن ھەمدە ھازىرقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن چىققان < يەھۇدىي > ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىپ ، ئۆزلىرىنى ئۇچۇرسا ، غۇلجىلىق يېقىنقى زامان تارىخىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىدىن ماختىنىدۇ . ئۇنداق تالىشىپ ، مۇنداق تالىشىپ ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشلا ھەممە يەردە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىدىن ، چېچىلاڭغۇلۇقىدىن بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ خۇيىنى تاشلىمايدۇ ، ئۇنى ئۆزگەرتمەيدۇ . بىر كۈنى مەلۇم بىر مەشھۇر روس ئۇيغۇرشۇناسى ئۇيغۇر تارىخىي ۋە تىلى ئۈستىدىكى ئىلمىي مۇزاكىرىدە ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىنى بايان قىلىۋېتىپ دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ : < ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ، مۇستەھكەم يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا ، باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە ئېغىر . ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى ھەر قاچان ئۇلارنىڭ ئورتاق روناق تېپىشى ، ئورتاق گۈللىنىشىگە ۋە باشقا نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىرىغا توسقۇن بولغان . ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق پىسخىكا ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن ھەددىدىن زىيادە پەخىرلىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇد ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆزىنى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار خەلق ھېسابلاش روھىنىڭ ھەر بىر قانائەتچان ئۇيغۇرنىڭ قەلب قېتىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىدە ، ئەگەر زامانىۋىي ئەقىل - پاراسەت بىلەن مۇشۇنداق روھ بىرلەشسە ، ئىتتىپاقلىق ، ئۇيۇشقاقلىق روھى بىلەن ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تەشكىللىيەلىسە ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ روھىيىتىدىكى بارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ، پارلاق كېلەچەككە قاراپ ماڭغان بولغان بولاتتى ! ..... >