يىللارنىڭ سوۋغىسى
يىللار ئىنسانىيەتكە ھەممىنى سوۋغا قىلىدۇ ، ئىنسانىيەت يىللار بىلەن قېرىيدۇ ۋە ياشىرىدۇ . خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك : < يىللار سېخىي ، قۇرۇق كەلمەيدۇ ، ئەكىلىپ بېرىدۇ قىزلارغا قورۇق ، ئەرلەرگە ساقال ! >
يىللارنىڭ ماڭا مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد ، شۇنداقلا ئىرادە سوۋغىسىنى ئاتا قىلغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا ، مەن يىللارغا چىن قەلبىمدىن چەكسىز تەشەككۇر ئېيتقۇم كېلىدۇ .
1995 - يىلى 17 - مارت ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك كۈن ئىدى . چۈنكى مەن شۇ كۈنى موسكۋادىكى جاپالىق بەش يىللىق ئەجرىم بەدىلىگە ئىلىم - پەن مۇنبىرىدە قەد كۆتۈرگەن تۈنجى كۈنۈم ئىدى . ئاشۇ 17 - مارتتىكى ئونتۇلماس مەنزىرىلەر ، پاساھەتلىك نۇتۇقلار ، ئىلمىي باھا ۋە تەنقىدلەر دائىم قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلايدۇ .
17 - مارت ئەتتىگەن سائەت توققۇز يېرىمدا روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ( سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ) شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كېڭەش زالىدا روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مەخسۇس دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سۈرلۈك ، ئەمما ئېغىر - بېسىق تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇشلىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ، پروفېسسور بۇنگارت لىۋىننىڭ رىياسەتچىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ ، دىسسېرتاتسىيەمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم . زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى ، ھەر خىل رەڭدىكى كۆزلەر ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ، بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان دىسسېرتاتسىيە ياقىلاشتا ، دىسسېرتاتسىيىنى كۆرۈپ بېكىتكۈچى ئالىملاردىن مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ، پروفېسسور چىۋىرخانىم ، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ، مەشھۇر ئېتنوگراف ، پروفېسسور باسلىيف ، شەرقشۇناسلاردىن پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى قاھاروف ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتورى ژوتوف ، دويروۋىسكايا ، كابىلوف ، كېلياشتورنىي قاتارلىق كاتتا ئالىملار دىسسېرتاتسىيەم توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى . قىزغىن پىكىر بايان قىلىش ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشلەردىن كېيىن ، ئىلمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەخپىي چەك تاشلىشى ئۆتكۈزۈلدى . ئەڭ ئاخىرىدا ئىلمىي كېڭەش رەسمىي نەتىجىنى ئېلان قىلدى .
ئاكادېمىك بۇنگارت لىۋىن بۇگۈنكى دىسسېرتاتسىيىنى باھالاش ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرىپ :
__ بۈگۈن يېڭى ئۇيغۇر ئالىمى دۇنياغا كەلدى __ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا تۈنجى قېتىم دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ ، ئالىملىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن ياش ئالىم مەيدانغا كەلدى . بۇ بىزنىڭ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتلىك ۋەقە . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قىزىقارلىق ۋەقە شۇكى ، مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تالاي قېتىم دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ ھېچ كۆرمىگەن بىر ئىش ، بىزنىڭ 23 كىشىلىك ئىلمىي كېڭەش ئەزالىرى نەبىجاننىڭ دىسسېرتاتسىيىسىگە 25 بىلەت تاشلىغان . بۇنىڭ ئۆزىلا دىسسېرتاتسىيە ئاپتورىغا بېرىلگەن يۇقىرى باھا . مەن نەبىجان تۇرسۇنغا ، جۈملىدىن نەبىجان تۇرسۇننىڭ دۆلىتىگە ھەم بۇ ئالىمنى تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانىسىغا زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت - سائادەت تىلەيمەن .
رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىش بىلەن زال ئىچىدە قىزغىن چاۋاكلار ، < ھۇررا ! > سادالىرى ياڭرىدى . ئاخىرىدا مۇنبەرگە ئىلمىي رەھبىرىم دىمترىي ۋاسلىيف تەكلىپ قىلىندى .
ئۇ ، چوڭقۇر ھاياجان بىلەن :
__ نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ بەش يىللىق جاپالىق ئەجرى ، تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى . مەن ئۇنىڭ پۈتكۈل جاپا - مۇشەققەتلىك ئۆگىنىش جەريانىنىڭ گۇۋاھچىسىمەن . مەن ۋە بىزنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىمىزدىكىلەر ئۇنى سۆيىمىز ، چۈنكى ئۇ ئەقىل - ئىدراكى ، ئېسىل ئەخلاقىي - پەزىلىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ھەممىمىزنى قايىل قىلدى . مەن ئۈرۈمچىگە بارغان ، ئۇ يەردە مەن نەبىجاننىڭ مىللىتىنىڭ ھاياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇر مىللىتىنى سۆيگەنلىكىمدىن پەخىرلەنگەنىدىم . ئۇيغۇرلار ئېسىل ، ئاق كۆڭۈل مىللەت ، سېخىي مىللەت ، بۇ مىللەتكە نەبىجاندەك ئالىملار تولىمۇ زۆرۈر . نەبىجان خەنزۇ ، پارس ، تۈرك ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مەنبەلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار تارىخىي ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا باھا بەردى ۋە بۇ تەتقىقاتنى سىستېمىلاشتۇرۇشقا قارىتا ئۆز نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئىشىنىمىزكى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن زور نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىدۇ . نەبىجاننىڭ نامى دۇنيا شەرقشۇناسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئاخىرىدا مەن بۇ پەخىرلىك ئوقۇغۇچۈمنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ، ئۇنى تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانىسىغا سالامەتلىك تىلەيمەن .
ئاكادېمىك پۇنگارت لىۋىن ئاخىرىدا خۇلاسە نۇتقى سۆزلەپ ، ئىلمىي كېڭەشنىڭ بىردەك ھالدا ماڭا تارىخ ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىنى بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ھەم مېنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كېڭىشىنىڭ قارارىنى ۋە مېنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىم ( خاراكتىرىسكا ، دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى ، ئىلمىي كېڭەشنىڭ پىكرى ، ئىنىستىتۇتنىڭ پىكىرى ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىكىرى ، ئالىملارنىڭ باھا سۆزلىرى ، شۇنداقلا باشقا ماتېرىياللار ) نى روسىيە فېدېراتسىيىسى ئالىي ئۇنۋان بېرىش كومىتېتىغا يوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئىلمىي رەھبىرىم ، تەتقىقات بۆلۈمى شۇنداقلا دوستلىرىم مېنى تەبرىكلەپ گۈللەرنى تەقدىم قىلدى .
شۇنى قوشۇمچە قىلماي بولمايدۇكى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئومۇملاشقان بىر ئادەت ، بىرەر كىشى دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغاندا ، دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك كۈنىنى خاتىرىلەپ ، ئۇستازلىرى ۋە ئىلمىي ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە دوستلىرىنى ئالاھىدە چايغا تەكىپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ ، شۇنداقلا ئۇستازلىرى ۋە دوستلىرىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئىختىيارىي ھالدا ساھىبخانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي ئىشلىرىغا زور ئۇتۇق ۋە تۇرمۇشىغا بەخت تىلىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ سورۇن ناخشا - ساز ، ئۇسسۇلسىز بولمايدۇ .
روسىيە زىيالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك خاتىرە پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بىزدە بۇنداق چاي پائالىيىتى تېخى شەكىللەنمىگەن ، چۈشىنىشىمچە ، بۇ ئەنە شۇنداق مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈن ، ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان مىللەتكە خاس پائالىيەت بولۇپ ، بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپالىقلارنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ھەر خىل شەكىلدىكى چايلىرىمىزغا يېتىشىپ بولالماي ئۆزىمىزدىن ۋە دۇنيادىن زارلىنىپ يۈرىمىز ئەمەسمۇ ؟
مەن شۇ كۈنى چۈشتە ئىنىستىتۇتنىڭ كىچىك زالىدا چاي تەييارلىدىم ، دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى . مەن تەكلىپ قىلغان ئالىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك زاتلار ، شۇنداقلا موسكۋادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ چايغا ۋاقتىدا كېلىپ قاتناشتى . موسكۋادا ياشىغىنىغا 40 يىل بولغان ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كان مىنىستىرلىكى كان چېرتيوژلىرىنى لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ، كان ئىشلىرى بويىچە كاتتا مۇتەخەسىس ، ئالىي ئىنژېنېر شېرىپجان ئەھمىدى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئارزۇگۈل ھەدە ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسەتتى . ئارزۇگۈل ھەدە چىۋەر قوللىرىدا تەييارلىغان پولو ، مانتا ۋە باشقا سوغۇق سەيلەر سورۇن ئەھلىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىۋەتتى . ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپ ، تېخى ئۇنىڭ تامىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان روس ئالىملىرى ئۇيغۇر مۇقام ساداسىدىن ھوزۇرلىنىپ ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئولتۇردى . تائاملارنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى . بۇ سورۇنغا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناسلاردىن تاجىكىستان ۋە ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئاكادېمىكى ، پروفېسسور لىتۋىنىسكىي ، تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى د . ۋاسىلىيف ، ھىندىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى ، پروفېسسور ل . ئالايىف ، يەنە پروفېسسور باسىلىيف ۋە باشقا ئۈچتەك ئۇيغۇرشۇناس ، تۈركشۇناس قاتناشتى . چاي ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ، كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتتى .
تۈگىدى