-
مۇۋاپىقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى
تۈرى:مەشھۇر شەخىسلەر | خەتكۈچ:
مۇۋەپپەقىيەت = (پۇرسەت + تەلەي) * (ئىقتىدار + تىرىشچانلىق) + تالانت + يۈكسەك قىزىقىش
بۇ يەردىكى "پۇرسەت" 0 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. "تەلەي" بولسا -1 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بەزىدە "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىقتىدار بىلەن تىرىشچانلىق ھېچ قانداق مېۋە بەرمەي، ئادەم مەغلۇپ بولىدۇ. "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولسىمۇ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ تالانتى بىلەن يۈكسەك قىزىقىشىغا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى تەڭلىمىدىكى "تالانت + يۈكسەك قىزىقىش" قا "پۇرسەت + تەلەي" كۆپەيتىلمىدى. مەن بۇ تەڭلىمىدىكى قالغان تەركىپلەرگە سانلىق قىممەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ تەرجىمىھالى (1)
تۈرى:مەشھۇر شەخىسلەر | خەتكۈچ:
كىرىش سۆز
ئىنگلىزچە "Nasa" دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىغىدا، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى "Jet Propulsion Laboratory" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ -- كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۇنئى ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇشقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستىمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئىۋەرتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.共1页 1共1页 1