• كىرىش سۆز

    ئىنگلىزچە "Nasa" دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىغىدا، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى "Jet Propulsion Laboratory" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ -- كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۇنئى ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇشقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستىمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئىۋەرتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.